باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 600 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئانا مىنى سېغىندىڭمۇ؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8045
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 78
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە78دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 880 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-27
ئاخىرقى: 2012-01-02
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-30 16:29

ئانا مىنى سېغىندىڭمۇ؟

 
ئانامخان گەپنى يەنىلا سىنى خاپا قىلغان كىچىك ۋاقىتىمىدىن باشلاي .مەن ھېلقى بازارغا بارىمەن  دەپ تۇرۋالغان كۈنى ئىسىڭدە بارمىكى .سەندىن سەندىن خېلى ۋاقىتتىن بۇيان خاپا بولغان ئىدىم ،چۇنكى مەن بىلەن تەڭ   باشقا بالىلار بىزنىڭ ھەپتىدە بىر بولدىغان يىزا بازىرىغا مەكتەپتىن  قېچىپ بولسىمۇ باراتتى،مەن شۇنداق  يىغلاپ تۇرۇپ سەن مىنى پەقەت بازارغا    ئاپارمايسەن .خەق  با لىسىغا ئانداق قىلدىكەن ماندا قىلدىكەن دەپ غەلۋە قىلىۋرسەم مىنى بازارغا  ئاپىرىشقا قۇشۇلدۇڭ،سەن كۆزلىرىمگە قاراپ بىر نىملەرنى دىمەكچى، شۇ كەپسىز بالاڭغا چۈشەندۇرمەكچى بولساڭ كىرەك بالاڭ ئالدىدا غىجل بولغاندەك بىر قىسما بوپكەتكەن  قىياپىتىڭنى مانا ئەمدى ھىس قىلدىم ..سەن شۇچاغدا ئوينىڭ ئارقىسىغا  چىقىپ كىتىپ كىرمىدىڭ.مەن ئالدىراڭغۇ بالاڭ نىماندا كىرمەيدۇ  ما ئانام مىنى بازارغا ئاپىرىمەن دەپ قۇيۇپ ئۆزى يوققۇ .باغ تەرەپكە ئۆتسەم ئانام كۆزلىرىنى ياغلىقتا سۇرتىۋاتاتتى ..
 ئانا ماڭمامسە ! .بۇگۇن مىنى بازارغا ئاپىرمەن دەپ قۇيۇپ ئۈزۈڭ يوققۇ...؟ نىمە كۇزۈڭڭگە پاشا كىرىرىپ كەتتمۇ؟ ..
-ھە بالام پۇۋلەپ قويغىنە ...  
 ئەمدى ئويلىسام ماڭا ئوخشايدىغان بىر پاشا ئانامنىڭ كۆزىگە كىرىپ كىتىپتىكەن ...شۇ كۈنى  بازارغا باردۇق ..ئانام  كىپەزگە سۇلياۋ يۇپۇق ئاندىن  ئازراق كۆكتاتمۇ ئاپتۇ  ..ماڭا قىزرىپ پىشىپقان سامسىلارنى ئېلىپ بەردى .شۇنداق ھۇزۇرلىنىپ يىدىم ....ئانا سەنمۇ يىگىنە بىرنى ...
-ياق بالام يىگۇم يوق ،ئالدىرماي  يىگىن كۈيۈپ قالمىسۇن .....
بازاردىن قايتىدىغان ۋاقتتا يامغۇر خېلى ياققان بولسىمۇ بارىشىدا ئانام ھەيدىگەن ئىشەك  ھارۋىنى كىلەشىدە مەن   ھەيدىدىم ...خېلى ھارۋۇلارنى يانداپ ئۈتۈپمۇ كەتتىم تېخى...
بىر كۈنى مەكتەپتىن كىلىپلا سومكامنى ۋىڭڭىدە بىر چۆرۇپ ‹كۆرۈك بېشىغا ›ئۇينىغىلى قاچىتىم ..سەن   توۋلاپ بىر بوپكەتسەڭ مانا ھازىر دەپ قۇيۇپ يەنە ئۇيۇننى باشلايتىم ....قۇرساق ئېچىپ ئويگە كىرسەم  ئانامنىڭ قۇلىدا سۇپۇرگە ....... -ئىم  ئىش چاتاق . ..
قۇرساق ئېچىپ تۇرغاندا تاياق يەيدىغان بولدۇم دەپ تۇرسام  ،ئانام دىدى:-
بالام ما كۆك چامغۇرنى سەن ئەكىردىڭمۇ ؟   .
-ياق مەن ئەكىرمىدىم ....راس  ... يا مەن ئوغرى بولمىسام ....
- بالام راس گەپ قىل ...
ئەمدى قاچاي دەپ تۇرسام ئانام كاپپىدە قۇلۇمنى تۇتىۋالدى ،سۇپۇرگە بىلەن كاسامغا تازا قويدى ....سۇپۇرگىمۇ خېلى   بوپ قۇيدىكەن ..بەك ئاغرىدى ..شۇنىڭ بىلەن تاياققا چىدىماي مەن ئوغۇرلىمىغان چامغۇرنى   ئوغۇرلىغان دەپ تاياقىتىن قۇتۇلدۇم ..ئانام.بىرمۇنچە نەسىھەتلارنى قىلىپ ماڭا ئەمدى تاماق بىرەي دەپ تۇرسا خوشنىمىز سۇ ئالغىلى  كىرىپتۇ مىنىڭ يىغلاۋاتلىقىنى كورۇپ نىمە بولغانلىقىنى سورىدى .ئانام بولغان ئەھۋالنى دىگەندىن كىيىن خوشنىمىز كۈلۈپ كەتتى سەۋەبى  خوشنىمىز چامغۇر تېرىپتىكەن بەك ئوخشاپ كەتكەچچكە بىزنىمىۇ ئېغىز تەگسۇن دەپ بىر قولتۇق ئىلىپ ئويگە كىر سە ،ئۆيدە ئادەم يوق شۇنىڭ بىلەن ئايۋانغا تاشلاپ قۇيۇپ چىقىپ كەتكەن ئىكەن ،دىمەك مەن ناھەق تاياق يگەن بولدۇم ئانام گەپ قىلسا  قورىقماي  ئككى ئۈچ كۈن  ۋاقىرۋالدىم ،تازا جىق ئوينىۋالدىم ....كۈنلەر شۇنداق ئوتتى .تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىمۇ باردىم .مەكتەپتە يىېتىپ ئۇقۇيدىغان بولغاچقا ئاندىن ئۆينىڭ قەدىرى ئۆتەلدى بىر ھەپتە قاچان تۇشار دەپ كىتەتتىم جۇمە كۈنى شۇندا ئويگە بارسام  يايراپ كىتەتتىم .ماشىنىدىن چۇشۇپلا .سومكامنى يۈدۇم ئىتىزلىق نىڭ يولى بىلەن ماڭاتتىم ،..قىززىق دىسە ،پەقەت ئويدىن 60كىلومىتىريىراق كىلدىغان مەكتەپكە كىتىپ قايتپ كەلسەم  ھەجەپ مەھەللەم كوزۇمگە     ئىللىق كۆرنۇپ كەتتىيا ...ئۆيگە كەلگۈچە ئېتىزلىققتا   ئىشلەۋاتقان خۇلۇم-خوشنىللىرىم بىلەن چوڭلار بىلەن كۈرۇشۇپ ئۆتىمەن ...ئۇلانىڭ ھەممىسى دىيشۋالغاندەك..بالام ياخشى ئۇقۇ دەيتى ......
ئانام ئەنە..... يەنە شۇ  بۇرۇنقى مىنى ساقلاپ تۇردىغان يەردە …..
داۋامى بار..
پۇرسەت غەنىمەت ....