باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 829 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: توي قىلغانغا تويدۇم
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1142
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1142دانە
ئۆسۈش: 580 %
مۇنبەر پۇلى: 12223 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-03-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-30 14:14

توي قىلغانغا تويدۇم

توي قىلغانغا تويدۇم
بۈگۈن ئەزىزجاننىڭ تويى. مەنچە بولغاندا ئەسلى ئادەم توي قىلسا خۇشال بولسا بۇلاتتى، لېكىن ئەزىزجان قارماققىلا ناھايتىمۇ سۇلغۇن كۆرۈنەتتى. ئەزىزجان ئەسلى مەريەمخان ئانىنىڭ ئوغلى بۇلۇپ، كىچىكىدىن دادىسىدىن يىتىم قالغان. مەريەمخان ئانا ھەم ئاتىلىق ھەم ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئەزىزجاننى تولىمۇ ئەدەپلىك، ۋاپادار قىلىپ تەربىيلەپ چوڭ قىلغان. بىر كۆرگەن كىشىنىڭ ئۇنىڭغا كۆزى چۈشمەي قالمايتتى. ئەزىزجان مەلۇم بىر شىركەتتنىڭ ئاددى خىزمەتچىسى، مەريەمخان ئانا بولسا يار يۈلەكسىز ئاجىز دىھقان ئايال، شۇ سەۋەب ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس، ئىشقىلىپ ئاللاغا شۈكرى يامانمۇ ئەمەس.

يىراقتىن بىر قاتار ماشىنا يىتىپ كەلدى، بۇ ماشىنىلار 20دىن ئاز ئەمەسقۇ دەيمەن. مەن تېخى بۇ ئۆمرۈمدە بۇنداق ھەيۋەتلىك توينى كۆرمىگەنتىم. كىشلەر بۇ ماشىنىلاردىن چۈشۈپ كىلىشتى ۋە تىگىشلىك قائىدىلەردىن كېيىن يىگىت قىزنى ئالغىلى ماڭدى. قىزنىڭ بۇنچىلىك پۇزۇر ياسىنىۋىلىشىنى كۆرمەمسىلەر. يىگىت قىزنى يىتلەپ ماڭغاندا تويۇقسىز قىزنىڭ ئارقىسدا تۇرغان بىرى ئۇنى چاقىردى: زىلالە... كىلە بۇياققا، ئۇ قىزنىڭ كىچىك ئاپىسى بۇلۇپ، زىلالەنى چاقىرىپ مۇنداق ئىچكىرىگە ئەكىرىپ كەتتى. قىز ئۇزۇنغىچە چىقمىدى. ئۇرۇق-تۇغقانلار ۋە باشقا مىھمانلار ئۇنى ساقلاپ قالدى. يىگىت ئاخىرى بولماي كىرىپ باقماقچى بۇلۇپ، ئىشىك تۈۋىگە بېرىشىغا قىزنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ماۋۇ قۇپال گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدى:

_ ھۇيت خانقىز، سىزنى بىز ئاسان بىقىپ چوڭ قىلدۇقما، شۇ ئازغىنە نەچچە ئون مىڭ يۈەنگىلە ئىپ كىتەمدىكەن سىزنى؟ ۋىيەي، ئۇنىڭچۇ سىزنى ئىپ كەتكۈسى بولسا، ئاۋال بىزنى بىر رازى قىلسۇن. ئەزىزجان شۇ تەرىقىدە زىلالەنىڭ بىر قانچە كىچىك ئاپىسىنىڭ ماڭا ئالتۇن بىلەيزۈك ئىپ بەرسۇن دىسە، ماڭا ئالتۇن ھالقا ئىپ بەرسۇن، ماڭا ئالتۇن ئۈزۈك ئىپ بەرسۇن دەپ بىر-بىرىدىن قىلىشماي تەما قىلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ قاپتۇ. زىلالەمۇ رازى بولماي يەنە ھە دىسە ھە دەپ چوقۇم ئالغۇزۇپ بېرىمەن، ھازىرلا دەپ ۋەدە بېرىپ كىتۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان بىچارە ئەزىزجاننىڭ بىشىدىن بىر چىلەك سۇ قويغاندەك بۇپتۇ. يىگىت بۇلار شۇنچە بۇلار، ئۇ كەينىگىمۇ قارىماي ئۆز تەرەپتىن كەلگەن بارلىق مىھمانلارنى ماشىنىغا سېلىپ رېستۇرانغا قاراپ مېڭىتۇ.

ھەي كاچ پەلەك، ئەسلى زىلالەنىڭ ئاپىسى ئاسقان ئالتۇن جابدۇقلار شۇ ئەزىزجاننىڭ قۇلىدىن چىققان ئەمەسمۇ، زىلالەنىڭ پۇزۇر ياسىنىشىنى يەنىلا ئەزىزجان تەمىن ئەتكەن ئەمەسمۇ، نادان قىز بۇنى بىلمىدى. ئەجىبا بۇ جاھاندا ئەزىزجانغا قىز چىقماي قالارمىدى. يەنىلا بىچارە مەريەمخان ئانا ئوغلىنىڭ كۆڭلىنى قالمىسۇن دەپ بىرمۇنچە قەرزگە بۇغۇلۇپ قىلغان توي ئىدى.

مەريەمخان ئانا نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەي ئوغلىدىن سورىدى، ئەزىزجان ئانىسىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى ۋە يەنە ئۆزىنى تۇتىۋالالماي كۆككە قاراپ تۇرۇپ :« ئاھ ئاللا، توي قىلغانغا تويدۇم» دەۋەتتى.

 

بۇ ھىكايىنى مەن بۇرۇن تۇرپان گىزىتىدىن ئوقۇغان. بەك ئۇزۇن بۇپ كەتكەچكە پەقەت ۋەقەلىكىلا ئىسىمدە قاپتۇ. شۇڭا دىگەندىكىدەك مۇكەممەل بولماسلىقى مۇمكىن، توغرا چۈشەنگەيسىزلەر.


دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دوستلىشىش
xapkat0999
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5100
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 170
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە170دانە
ئۆسۈش: 20 %
مۇنبەر پۇلى: 1877 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2012-03-30

بۇنداق ئىشلار  جىقلاپ  كەتى ،  باقان  ئاتا-ئانىسىغۇ   بىر تەرەپتە  قالدۇ .