باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1011 قېتىم كۆرۈلدى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 438
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 318
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە318دانە
ئۆسۈش: 5204 %
مۇنبەر پۇلى: 6317 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-27
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-30 10:54

تويلۇق..

  • ئىسلام دىنى ئەر كىشىگە ئۆيلىنىىش ۋاقتىدا ئايالغا تويلۇق بىرىشنى ۋاجىپ قىلدى ، تويلۇقنى ئاللاھ تائالا <<سەدىقە >>دەپ ئاتىدى ،.ئاللاھ تائالا ئېيتتى :<<ئاياللارغا ئۇلارنىڭ تويلۇقلىرىنى خوشاللىق بىلەن سوۋغا قىلىپ بىرىڭلار ، ئەگەر ئاياللار تويلۇقتىن بىر قىسىمنى سىلەرگە كۆڭلىدىن چىقىرىپ ئۆتۆنۆپ بەرسە ، ئۇنى مىزىلىك ،سىڭىلىك  پاك ھالال بىلىپ يەڭلا !>>سۈرە نىسا 4-ئايەت.
  • .
  • جاھىليەت دەۋرىدەئاياللارنىڭ ئۆزى تويلىقىغا ئۆزى ئىگدارچىلىق قىلىش ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلىنمايىتتى .دىمەك ، ئايالغا ئېگدارچىلىق قىلدىغان كىشى ئايالنىڭ تويلۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالسا ، ئايالغا بەرميىتتى ، ئەگەر بەرسە ئايالنىڭ ئېرى ئۇنى ئايالدىن سورىماي سەرىپ قىلىپ كىتەتتى . ئىسلام بۇ ئادەتنى يوقاتتى ،ئاياللارنىڭ تويلۇقىن ئۆز قولىغا بىرىشكە بۇيرىدى .
  • .
  • بۇ ئۇلۇغ ئايەت ئەر كىشىنىڭ ئايالنىڭ تويلۇقىنى ئايالنىڭ ھەققى دەپ تونو پ كۆڭلى بىلەن رازى بولغان ھالدا بىرىشنى تەكىتلەپ دىدى. ئايال كىشى چىن كۆڭلى بىلەن رازى بولوپ ئۆزى قايتۇرۇپ بەرمىگەن تەقدىردە ،تويلۇق ئايالنىڭ ئېرىگىمۇ ، ۋەلىسىگىمۇ ھالال ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈردى .ھەر قانداق مال ئىگىسنىڭ ھەققى شۇنداق ھۆرمەت قىلىندۇ مەزكۇر ھۆكۆملەر بىلەن قۇرئان كەرىم ئاياللارغا ، ئەرنىڭ كۈزتىشى ئاستىدا بولمىغان توغرا ئېگىلىك ھوقوقى بارلىقىنى مۇقەررەر قىلىدۇ.
  • .
  • ياۋرۇپادا ئۆرۈپ-ئادەتنىڭ ھۆكۈمى بىلەن ئايال كىشى ئۆزىگە خىرىدار بولغان ئەرگە كەلگۈسىدە  ئىككىسىدىن بارلىققا كىلىدىغان ئائىلە ئۈچۈن بىر ئۆي جابدۇق تەييارلىشى لازىم .  بۇ ئۆينى ئۇلار <دوتە>دەپ ئاتىشىدۇ .
  • خوتون كىشى ھايات كەچۈرۈشكە كۈچى يىتىشتە ئەر كىشىدىن تۆۋەن تۇرۇپ ئائىلىۋى ئۆينى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئىلىشى تەبئى ھالەتنى ئۆزگەرتكەنلىك ئادالەتسىزلىكتۇر .
  • ئىسلام ئەرگە ۋاجىپ قىلغاب تۇيلۇقنىڭ قىممىتىگە چەكلىمە توختاتمىدى .تويلۇقنىڭ مىقدارى ئەرنىڭ  ئىقدىسادى ئىقتىدارىغا قاراپ ياكى ئەر-ئايالنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە ، ئوخشاش بولمايدۇ .شۇ قەدەر پەرىقلىقكى بىر كەمبەغەل ئادەم رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسەلامغا ئادەت بويىچە تويلۇق بىرىشكە كۈچۈ يەتمىگەنىكىنى توغىرسىدا ئەھۋال قىلىدى . رەسۇلۇللاھ ئۇ كىشىگە : <<بىر دانە تۆمۆر ئۈزۈك بولسىمۇ ئىزدەپ تىپىپ كەلگىن >>دىدى.
  • .
  • :قارارلاشقان تويلۇقنىڭ ھەممىنى نىكاھ قىلىش ۋاقتىدا نەق تاپشۇرۇش شەرىت ئەمەس ، بەلىكى تويلۇقنىڭ ھەممىنى ياكى بەزى قىسمىنى قارارلىق نىسى قالدۇرۇشقىمۇ بولىدۇ . ياكى ئەر-ئايال كىلىشىپ پارچە-پارچە تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ . ئايال ئاڭلق ،ئاقىل بولسا نىكاھتىن كىيىن تويلۇقنىڭ ھەممىنى ياكى بەزى قىسمىنى ئەردىن كىچىرىم قىلسىمۇ بولىدۇ ، چۈنكى تويلۇق ئايالنىڭ ھەققى .
  • .
  • ئەمما ھازىرقى بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز قىزلىرغا بەك ئېغىر تويلۇق شەرىت قىلىشى سەۋەبىدىن كىرمى چەكلىك بولغان ياش ئوغوللار بۇنداق ئېغىر تويلۇقنى ئورونداشقا كۈچى يەتمىگەنلىكتىن ئۆيلىنىشتىن ۋاز كىچىشتىن ئىبارەت كىڭەيگەن ئادەت قۇرئان كەرىمنىڭ روھىغا خىلاپتۇر . قۇرئاندا :<، ئەگەر ئەرلەر كەمبەغەل بولسا ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن باي قىلدۇ  >>دەپ ئەمىر كەلدى. ھەم رەسۇلۇلاھ ئەلەيھىسسەلام: <<قاچان سىزلەر ئۇنىڭ دىيانىتىگە ۋە ئەخلاقىغا رازى بولدىغان كىشى خىرىدار بولوپ كەلسە ، قىزلىرىڭلارنى توي قىلىپ بىرىڭلار ،كەمبەغەل كۆرمەڭلار ،قاچان ئۇنداق قىلمىساڭلار ،شۇ يەردە چوڭ خاپىلىق ۋە بۇزۇق ئىشلار يۈز بىردۇ >>دېدى.
  • .
  • پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلام كۈي ئوغولنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقىنىڭ گىپىنى قىلدى ، پۇل مىلىنىڭ گىپىنى قىلمىدى ،ۋە بىزنى شۇنداق ئاگاھلاندۇردىكى : << ئەگەر قىزلىرىمىزنى دىيانەتلىك ،ئەخلاقلىق ، يىگىتلەرگە دەرھال بەرمىسەك شۇ يەردە ئېغىر ھادىسە ۋە چوڭ پاساد يۈز بىردىكەن . بۇنداق پاساد ئەھۋالنى بىز بۈگۈن جەمىيەتنىڭ ئىسلام روھىغا خىلاپ بولغان ئېغىر تويلۇق ،شەرىت قىلىش ئادەتلىرنى ئورونداشقا كۈچى يەتمىگەن سەۋەبىدىن ھارام ئىشلارغا  كۆنۆپ كەتكەن ياشلار ئارىسىدا كۆزىمىز بىلەن كۆرىۋاتىمىز.
  • .
  • ھازىر توي مەسىلىسى بىزدە  خەنزولارنىڭ   شىركەت قۇرۇش ئىشىغا تەييارلىق قىلغىنىدەك  تەييارلىقلار بىلەن داۋاملىشىۋاتىدۇ ..ئۇلار پۇل تىپىپ جان جەھلى بىلەن بازار ئېچىپ خەلىقئاراغا يۈزلىنىۋاتسا بىز جان جەھلىمىز بىلەن تىررشىپ تىرمىشىپ تاپقان پۇلىمىزنى توي ئۈچۈن سەرىپ قىلىېاتىمىز...باشقىلار بىرلىشىپ شىركەت قۇرسا بىز بىرلىشىپ سورون قۇرۋاتىمىز. ..بايلارغۇ پۇلى بار قىلالايدىكەن يىتىشمىگەنلىرىمىز يىتىشمىسىمۇ بولدى قىلماي شۇلارغا بوي تاتىشىپ تالاي پۇلغا قەرىز بولوپ شۇ بىردەملىك مىنۇتلارنى يالغان خوشاللىق بىلەن ئۆتكۈزۋالدىكەنمىز..كۆڭلىمىزدە ئالەمچە غەم .شۇڭا تويدىن كىيىن قەرىز تۆلەش بىلەن ھەلەك بولوپ يا ئۆي ئۆي بولمىغان ،24 سائەتنىڭ ئىچىدە 1-2 سائەت خوتوننىڭ پەيزى بىلەن بولوپلا ئازىراق ئۇنتۇلغان بۇ غەم ..يەنە سىزنىڭ بىىڭىزدا چۆرگىلەيدۇ .شۇڭا 80% ئائىلىنىڭ  تۇرمۇشى بۇزۇلۇقلۇق ....ئاللاھ تائالا مۇشۇنداق مەنمەنچى بولوپ كەتكەن مىللەتكە تەكەببۇر بايلىرىنى نىسىپ قىلىپ گادايلىرىنى قاقشاتقۇچە بىراقلا ھەممىسىنى ئوخشاشلا گاداي قىلىپ قويسىمۇ بوپتىكەن ..باشلامچى بولغان ئېسىلزادىلىرىمىز ئادىيلىقنى باشلاپ بەرگەن بولسا ئۆزگۈرۈش بولار ئىدى .   ھە.....
  • مەن ئالدىنقى قىتىممۇ دىدىم ..بىزگە يوغانچىىلق ياراشمايدۇ ..داپ چىلىپ ئۇسۇل ئويناۋەرگەن بىلەن ئۇنۇڭغا ئەمدى قوساق تويمايدۇ ..شۇڭا ئېلانغا بازالىق بولوپ كەتتۇققۇ ....ھىلىمۇ تەجىربىلىك كىشىلىرمىز تىرشىپ -تىرمىشىپ تىجارەت قىلىپ شىركەت ئېچىپ  يەيدىغاننى بولسىمۇ چىقىرپتۇقكەن بولمىغان بولسا چىقىدىغا ئېلان يوق بىكارچىلىقتا نىمە قىلار ئىدۇق .. مەن ئەمدى ئۆزىمىزنى تا كەچكىچە تىللايمەن ،ئۇيغانغۇچە تىللايمەن .. تىللاۋىرمەن ..سىنىڭ ماختىغۇدەك يىرىڭنى تاپالمىدىم ، تاپساممۇ ئۇ قولغا چىقمىدى ،..ھەممە ئادەم بىزنى ماختىسا مەن يەنە تىللايمەن ..ماختىسا نىمە دەپ ماختايدۇ . تاڭسىدابىرىنچى بولدى دەپ ماختايدۇ . مەن بۇنى ماختامدىم...؟؟؟؟؟؟؟\
  • .
  • قىزىڭنى ماختايدۇ ...مەن ماختامدىم ..؟؟؟  ئۇزۇن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ كىتىپ بارغان مەغرۇر ئۇيغۇرۇمنىڭ قەلبىدە بانىكىنڭ قەرزىنى قاچان بىرەرمەن دىگەن ئوي بار ...مەن بىز ئۇزۇن ماشىنلارغا چۈشىۋاتىمىز دەپ ئۆزىمىزنى ماختامدىم>>؟؟؟؟؟؟ ئۆزىنىڭ ئۆرپە-ئادىتىنى ياراتماي ياۋرۇپنىڭ يىرىمى ئوچوق كىيمى بىلەن توڭلاپ تىترەپ يۈرگەن قىزنى بازادا چۆرگىلتىپ  سازايى قىلىۋاتقان مىللىتىمنى ماختامدىم.؟؟؟؟؟ سىلەردىن ئۆتىنەي  بايلار ئاۋال سىلەر باشلامچى بولوپ توي-تۆكۆننى ئاددى قىلىڭلار چۈنكى بىز مايمۇن سۈپەت بولغاچقا سىلەردەك بايلارنىڭ قىلىقىنى دوراپ بىزدەك گادايلار بەكلا قىينىلىپ كەتتۇق ...مانا بۇ ئىچىدە بار ئەمما دىيەلمىگەن يۈرەك سۆز ...ھازىر يىزىلاردا 30000دىن 40000مىڭغىچە شەھەرلەردە 100000مىڭ 150000......توي چىقىمى ..تېخى ..باشقىلارچۇ.....؟   جەنۇپلاردا 2-3مىڭ خەجلەپ خوتون ئالىسەنكەن دەپ زاڭلىق قىلىشلىرىمىز بار ..  ئۇلار ئەسكى چاپان كىيگەن بىلەن سىز بىلەن بىزدىن ياخشى ....بىزدە ھازىر بالامنىنىڭ تويىنى قىلۋالسام  ئۆي ئىلىۋالسام دىن باشقا غەم يوق ...باشقىلاردا بالامنى قايسى دۆلەتتە ئوقۇتساق بولا دىگەن پىلان بار ....بىز مۇشۇنداق ئۆزىمىزنى ئالداپ يەنە نەگە بارمىزكىن قىنى مەن كۆرەي ........ئابدۇكىرىم ئابلىز ئاكا سىز  قايسى ئىتۇتنى ئوينساق بولا دىمەي توينىڭ غىمى دىگەن ئېتۇتنى ئويناڭ بۇ مىنىڭ تەلىپىم ...جەمىيەتنى سۆكىۋىرىڭ ...ماختاشقا ھەرگىز بولمايدۇ ...يەنە داۋاملىق سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ....
 بۇ ئەسەرنى تور تاقاق ۋاقتىدا ..كەڭ سايدا كۆرگەن .غەيرەت ئەپەندىمنىڭ يازمىلىرى
ماقالە ئەسلى مەنبەسى : كەڭ ساي تور بىكىتى 
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7487
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 152
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە152دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 1812 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-20
ئاخىرقى: 2011-09-25

ئۆزمىزنىڭ تويلۇق ئادىتى يوقكەندە  
دوستلىشىش
نەزىرە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7503
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 248
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە248دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 2759 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-21
ئاخىرقى: 2012-03-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-30 13:03

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى yoktiros نىڭ 2011-06-30 12:59 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۆزمىزنىڭ تويلۇق ئادىتى يوقكەندە  

ئۆزىمىزنىڭ تويلۇق ئادىتى دىگىنىڭىز نىمىسى، بىزنىڭ تويلۇق ئادىتىمىز ئىسلام دىنى كۆرسىتىپ بەرگىنى شۇغۇ
ھايا ئىمان جۈملىسىدىندۇر
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1140
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1140دانە
ئۆسۈش: 580 %
مۇنبەر پۇلى: 12203 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-03-30
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-30 13:37

دىمىسمۇ توي قىلغانغا تويغۇزۋىتىدۇ بۇ قائىدىلەر ئادەمنى .
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2355
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2355دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 29036 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-30 18:04

مۇشۇنداق ياخشى يازمىدىنمۇ گەپ تاپىدۇ پىتنىچىلەر ..... ئۈستىدىكى يەرنى ئوقۇپلا يازدى ھەقىچان ئىنكاسنى ...
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ