باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 816 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىنسان ياشاش قانۇنىغا موھتاج
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8059
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-28
ئاخىرقى: 2011-06-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-28 19:13

ئىنسان ياشاش قانۇنىغا موھتاج

            جىمى ھەمدۇسانە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اللاھقا خاستۇر  
ھەرقانداق بىر ئادەم تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىپ تاكى قەبرىگە قويۇلغۇچە مۇھىم بولغان ياشاش قانۇنىنى بىلمىسە ئۇنداق ئادەم ياشاش يولىدا داغدام يول ئېلىپ ماڭالمايلا قالماي بۇدۇنيا ھەم ئۇ دۇنيادا ئازابقا قالىدۇ. شۇڭا مىھرىبان ئاللاھ بىز ئېنسانلارنى يارتىپ قويۇپلا قالماي يەنەبىزگە ئۇ دۇنيا بۇدۇنيانىڭ بەخىت سائادىتى بولغان  ياشاش قانۇنى -ئىسلام قانۇنىنى پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھسالام ئارقىلىق بىزگە بىلدۈردى.كىمكى قۇرئان بويىچە ئۆزىگە ياشاش قانۇنىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۋالدىكەن ئۇ ئادەم بۇ دۇنيادىمۇ ئېززەتلىك ھەم ئۇ دۇنيادىمۇ بەخىت-سائادەتنىڭ ماكانىغا كىردۇ.                    مىسال؛
بىر ئادەم ماشىنا ھەيدىمەكچى بولسا ئالدى بىلەن چوقۇم شۇ جايدىكى قاتناش قانۇنىنى بىلۋېلىشى كېرەك ،بولمىسا ماڭىدىغان يول شۇنداق چوڭ بولغان بىلەن توخرا ھەيدىيەلمەي تولا جەرىمانە تۆلەيدىغان ،ياكى باشقا ماشىنىلارغا ئۈسسۈپ زەخمىنىلىدىغان ،جەرىمانىلىرى[يەنى جازالىرى]يىل ئاخىرىدا بىرلا پۇل تۆلەيدىغان ئىشلار كېلىپ چىقىدۇ.ئەگەر توخرا مېڭىپ ئۆزىنى ھەم ماشىنىسىنى ياخشى كونتورول قىلالىسا چوڭ زىياندىن ساقلىنىپ كىچىك زىياننى تۆلەش ئاسانغا توختايدۇ.
شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرقانداق بىر ئادەم  چوقۇم ئۆزۇمىز نىڭ ياشاش قانۇنى بولغان قۇرئاننى ئۆزىمىزگە ياخشى تەدبىقلەپ ،قۇرئان كۆرسىتىپ بەرگەن يول بىلەن ماڭساق كۈندىلىك ئىبادىتىمىز بولغان 5ۋاق نامازنى ۋاقتىدا رىياكەشلىكتىن ئۆزىمىز نى ساقلىغان ھالدا ئوقۇساق،يىللىق ئىبادىتىمىز بولغان رامىزان روزىسىنى تۇتساق ،بۇنىڭدىن سىرىت قۇرئاندىكى نۇرغۇنلىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلساق ئاللاھ گۇناھلىرىمىز نى مەغپىرەت قىلىپ بەخىت ئسائادەت ماكانى -جەننەتكە كىر گۈزدۇ.
ئۇنداق قىلماي قۇرئاندىن چەتنەپ گەدەنكەشلىك قىلساق كىردىغان جايىمىز -دوزاخ
قاتناش قانۇنىغا رىئايە قىلمىساق جەرىمانە ئالىدىغانلىقىنى بىلىمىز يۇ؟ نىمىشقا قۇرئاندىن ئىبارەت قانۇندىن چەتنەپكەتسەك جازاغا تارتلدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمىز-گاھىلىرىمىز. بۇ دۇنيادىكى ئىنسان تۈزگەن قانۇنلار دىن بەزىلىرىمىز ئارقا ھويلىدىن ئۆتۈپ كەتكىنىمىز بىلەن ،ئاللاھ نىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلمىساق ،ئىنسانلار  ئۇ گۇناھلىرىمىزنى قانۇننىڭ مانچىنچى ماددىسىغا سالغانغا ئوخشاش،ئاللاھ  قىيامەتتە بىرمۇ -بىر قۇرئاننىڭ قانچىنچى ئاياتلىرىگە خىلاپلىق قىلغىنىمىزنى ئېيتىپ تۇرۇپ، ئۆزى قىلغان گۇناھلىرىمىز نى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا  گۇۋاھچىلارنى كەلتۈرۈپ ئۆزىمىزگە بىلدۈردۇ.ئۇ كۈندە دۇنيادىكى چاغدا  قۇرئان ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ خىلاپلىق قىلغانلارغا ۋاي؛
چۈنكى ئۇ كۈندە قاچىدىغان جاي يوق،ئاللاھ دىن باشقا مەدەتكارمۇ يوق.   يەنە بىر مىسال؛
بىر ئادەم ماشىنىسىنى ھەيدەپ يولدا كېتىۋاتسا تۇيۇقسىز يول بويىدىكى چوڭقۇر ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپ تۇ ئادەم ساق ماشىنا ئازراق دەزكەتكۈنى ھېساپقا ئالمىغاندا ساق ،ئۇ ئادەم ئازگالدىن ماشىنىسىنى ئۆزى چىقىرالمايدىكەن. بىر ئەسنادە بىر چوڭ بىر ماشىنىنى ھەيدىگەن ئادەم ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ قاپتۇ،ۋە-  ماشىنىڭېزنى مەن چوڭ ماشىنامغا تايىنىپ چىقىرىپ بېرەيمۇ ؟   دەپتۇ
لىكىن كۈتۈلمىگەن يەردىن ئۇ ئادەمنىڭ ياخشى نىيىتى رەت قىلنىپتۇ يەنە تېخى خېلى كۆپ تىلغا قاپتۇ ،ئاندىن كېتىپ قاپتۇ
شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلىرىمىز باركى ،ئۆزىنىڭ ئىمانىنىڭ قانداق بىر ئازگاللارغاچۈشىپ كەتكەن، ياخشى نىيەتلىك مۇمىنلىرىمىز نەسىھەت قىلىپ ئۇ ئازگالدىن چىقىرۋالاي مەن بىلەن بىللە جەننەتنىڭ يولىغا ماڭىلى دىسە ،كەسكىن رەت قىلنىپ،تىللارغا ئۇچراپ كېلىنىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس؟
خۇددى ماشىنا ئازگالغا چۈشىپ كەتكىنىنى سەزگىنى بىلگنىگە ئوخشاش ،بەزىلەر ئۆزىنىڭ ھاراق،تاماكا،زىنا،ئوغۇرلۇق،بۇلاڭچىلىق.......ئىشلىرىنىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ يەنە شۇ ئازگالدىن چىقىۋېلىشىنى ئۇمۇد قىلمايدۇ.ئەگەر ئۆلۈم كەلگۈچە شۇ ئازگالدىن چىقىۋالمىسا كىردىغان يېرى-دوزاخ
ئۇنداق قىلمايلى .قۇرئاندىن ئىبارەت ئىنسانلارنىڭ ياشاش قانۇنىدىن ھالقىپ كەتمەيلى
ئاللاھ ھەممىمىز نى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن  

                                                              مەنبە؛ ئۆزۈم