يىغلايدۇ ۋىجدان
[تامچە0909]
تىنىق بولغاش كۆرەركەنمەن تا ئۆلگۈچە،
بىلمىگەننى بىلەركەنمەن ئادەم بولغىچە.
بىلگىنىمدىن بىلمىگىنىم ئارتۇق ئالەمچە،
بىلمەي ئۆتەي بىلىپ قىلىپ ئوتتا كۆيگىچە.
ئاتىلاردىن قالغان ئىكەن ۋىجدان، ساداقەت،
ئىزدەپ باقتىم ئۆزۈمدىن ھەم بولۇپ خىجالەت.
سۆزۈم ئۇيان ئۆزۈم بۇيان بولغاشقا ھامان،
ۋىجدان يىغلاپ ساداقەتمۇ بولدى خىجالەت.
مەندىن كىيىن قالار نىمە بىلمىدىم ئۆزەم،
ئويلىساملا نومۇستىن ھەم ياشلاندى كۈزەم.
ئىسمىم يەتسە نەۋرەمگە بولاتتىم خوشال،
لۇغەت ئىچىپ تەمتىرەپ ھەم يۈرمىسە چەۋرەم.
مەنبە: ئۆزەمنىڭ