باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1543 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىلىمنىڭ پەزىلىتى ۋە جاھىللىقنىڭ قاباھىتى
دوستلىشىش
samanyoli
ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ  كەينىدە بىر ئاسانچىل ..
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1229
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1229دانە
ئۆسۈش: 5590 %
مۇنبەر پۇلى: 16274 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-26 20:04

ئىلىمنىڭ پەزىلىتى ۋە جاھىللىقنىڭ قاباھىتى



دۇنيادا ئۆلىمالارنىڭ خوشامەتكۇيلىقى بولمىغىنىدا ، زالىملار زۇلۇمغا جۈرئەت قىلالماس ئىدى.
                 ــ ئابدۇلفەتتاھ شاھىن
كىشى ئىلىم ئۆگىنىشتە داۋام ئېتىۋاتقان پەللىدە ئالىمدۇر .«ئالىم بولدۇم ، ئەمدى يېتەرلىك » دەپ خۇلاسە چىقارغان چېغىندىن باشلاپ جاھىلدۇر.
       ــ ئابدۇللاھ ئىبىن مۇبارەك
ئاللاھ تائالا ھەر زاماندا ئۆلىمالارنى ئۇشبۇ زامان خەلقىنىڭ ئەمەللىرىگە مۇناسىپ سۆزلەر بىلەن سۆزلىتىدۇ.
_ ئەبۇ تارۇب نەخشابىي
كىشىنىڭ ئالىم بولىشىغا ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ، ئىلىمسىز قېلىشىغا بولسا ئىلىمىگە مەغرۇرلىنىش كۇپايە.
_ مەسرۇق
ئىلىم ئېلىڭلار. ئىلىم بىلەن بىرگە خاتىرجەملىك ھەم مۇلايىملىقنىمۇ ئۆگىنىڭلار . سىلەرگە تەلىم بېرىۋاتقان كىشىگە ئىززەتتە بولۇڭلار. سىلەردىن تەلىم ئېلىۋاتقان كىشىلەر ھەم ھۆرمەتتە بولۇشسۇن. جەبىر قىلغۇچى ئالىملاردىن بولماڭلار ، ئىلىمىڭلار جاھىللىقىڭلار ئۈستىگە قۇرۇلغان بولمىسۇن.
_ئەلى ئىبىن ئەبۇ تالىب
ئىلىمنى پۇرسەت بولسىلا ئۆگىنىۋېرىش كېرەك ، چۈنكى ئىلىم زۆرۈر بولغان پەيىتتە پۇرسەت تېپىلمايدۇ.
_ئابدۇللاھ ئىبىن مەسئۇد
ئىلىمنىڭ ھەممىسى دۇنيادۇر ، ئاخىرەت بولسا ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتۇر . ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ئەمەلدىن باشقا ھەممە ئەمەل بىھۇدىدۇر.
_ سەھىل ئىبىن ئابدۇللاھ تۇستەرىي
ئىزدەنمەي ئۆگىنىدىغان شاگىرت قاناتسىز قۇش.
_ سەئىدى شىرازى
گۇناھ قىلىش ئىلىمنىڭ بەرىكىتىنى كەتكۈزۈپ ، ئىلىمنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
_ ئابدۇللاھ ئىبىن مەسئۇد
بارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكلىكى ئىلىم بىلەن  قوشۇلۇپ كەلگىنىدۇر.
                  ــ ئەبۇ ئىسھاق زوھرۇرىي
سىلەر خالىغانچە ئىلىم ئۆگىنىۋېرىڭلار .ئاللاھقا قەسەمكى ئەمەل قىلمىغۇچە ئاللاھ سىلەرگە ئۆگەنگىنىڭلار ئۈچۈن ئەجىر بەرمەيدۇ . ئەخمەقلەر ھىممىتى رىۋايەت قىلىش ، ئۆلىمالار ھىممىتى رىئايە قىلىشتۇر.
              ــ ھەسەن بەسرىي
ئىلمگە ئەمەل قىلمىغان ئالىم باشقىنى كىيىندۈرگەن ھالدا ئۆزى يالىڭاچ قالغان زىققا(پوفايكا ،كىيىم كىچەك توقۇيدىغان زىق،ئەسۋاپ) ئوخشايدۇ.
               ـــ ئەبۇ ھامىد ئەل غەززالى
كىم قۇرئاننى ياد ئالسا قەدرى ياخشى بولىدۇ ، كىم ئۇنىڭ مەنالىرىنى ئاڭلىسا دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ ، كىم ھەدىسنى يادلىسا دەرىجىسى كۆتۈرۈلىدۇ، كىم ئەرەبچىنى ۋە شەرىئەتنى ئۆگەنسە تەبئىتى تىرەنلىشىدۇ . كىم نەپسىنى ساقلىمىسا ئۇنىڭغا ئىلىم پايدا بەرمەيدۇ .
             ــ ئىمام شافىي
ئىلىمنى ئەمەل ئۈچۈن ئۆگىنىڭلار .كۆپ ساندىكى ئادەملەر ئىلىملىرى تاغدەك ، ئەمەللىرى زەررىدەك بولۇپ قېلىپ خاتالىشىدۇ.
              ــ ئىبراھىم ئەدھەم
سىز ئىلىمگە بار – يوقىڭىزنى بەرمىگۈچە ئۇ سىزگە بىرەر نەرسە بەرمەيدۇ.
           ــ ئەبۇ ھامىد ئەل غەززالىي
بۇ دۇنيادا ئىلىمگە ئەمەل قىلمىغان ئالىملار ئەڭ كۆپ پۇشايمان يەيدىغان كىشىلەردۇر.
            ــ ئىبراھىم ئىبىن ئۇيەينا
جاھىل كىشى بورانغا ئوخشايدۇ ، ئاۋازى قاتتىق كۈچلۈك ، ئەمما ئىچى بوشتۇر.
            ــ سەئىدي شىرازىي
ئالىملارنىڭ جازاسى – قەلىبلىرىنىڭ ئۆلگىنىدۇر ، قەلبىنىڭ ئۆلىشى بولسا ئىلىمى ۋە قىلغان ئەمەللىرى بالا تۇرۇپ  دۇنياۋى نىيەتلەر كويىدا يۈرگىنىدۇر.
       __ھەسەن بەسرىي
بىلىم بارچە كۈلپەتلەرگە قالقاندۇر.
              ــ ئەبۇ ئابدۇللاھ رۆداكىي
تىرىكلىك ئىلىم بىلەن بولۇر ، راھەت مەرىفەتتە بولۇر ، لەززەت ئاللاھنىڭ زىكرىدە بولۇر.
            ــ ئەبۇ يەزىد بەستامىي
ھازىر ئوقۇ ، چۈنكى قەبرىدە ئوقۇيالمايسەن.
          ــ زۇبەرىي كۇندۇزەلىپ
ئىلىم تەلەپ قىلىڭلار ، پەقەت ئىلىمنىلا مۇلايىملىق بىلەن يۇشۇرۇڭلار .
         ــ ھەسەن بەسرىي
ئىككى كىشى چىقارغان پىتنىنى ھەتتا شەيتانمۇ چىقىرالمايدۇ ، ئۇلار - دۇنيا ھىرسىگە بېرىلگەن ئالىم ۋە ئىلىمسىز سوپى .
         ــ   ئەبۇل ھەسەن خاراقانىي
ئەفلاتۇندىن سورىدى :«ئوقۇش – ئۆگىنىش ئۇزارغانسىرى ئىززەت ۋە ھۆرمەتتە بولامدۇ؟»
ئەفلاتۇن جاۋابەن دېدى :«جاھىللىق نوقسان دەپ ھېسابلانغا قەدەر .»
           ــ جالالىدىن دەۋۋاني
ئەمەلدە قوللىنىلمايدىغان بىلىم جانسىز تەنگە ئوخشايدۇ.  بىلىم دەرەختۇر ، ئەمەل بولسا ئۇنىڭ مىۋىسى ….مىۋە بەرمەيدىغان شاخ كىسەلدۇر .
                ــ ھۈسەنىي ۋايىز كاشىفىي
كىشى تۆت تۈرلۈك ئىش بىلەن ئىسلامدىن چىكىتىدۇ:
بىلگىنىگە ئەمەل قىلمىسا ؛ بىلمىگىنىگە ئەمەل قىلسا ؛ بىلمىگىنىنى ئىزلىمىسە ؛ بىلىش ۋە ئۆگىنىشكە ئىنتىلگەن ئادەملەرگە زەربە بەرسە (يەنى ئۆزى بىلمەيدۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلىشكە يول قويمايدۇ)
              ــ ئەبۇ مۇھەممەد فەزل
كىچىنىڭ بىر قىسمىدا ئىلىم مۇزاكىرسى بىلەن مەشغۇل بولۇش مىڭ كىچىنى پۈتۈنلەي ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەندىن ئەۋزەلراقتۇر.
            ــ ئابدۇللا ئىبىن ئابباس
كىشىلەر ئازغىنە ئالغان ئىلمىگە خۇرسەن بولۇشى ئىلىمدىن نىسىۋىدۇر ،  بىرەر نەرسىنى ئۇنۇتقىنىدا خاپا بولۇشى ئىلىمنىڭ شاراپىتىگە يىتەرلىك دەلىللدۇر.
              ــ ئىمام شافىي
ئالىملار ھۆرمەتكە لايىق بۈيۈك ئىنسانلاردۇر . ئىلىم بىلەن مۇستەھكەملەنمىگەن ھەر قانداق ئۇلۇغلۇقنىڭ ئاقىۋىتى خارلىقتۇر.
          ــ ئەخناف ئىبىن قەيىس
مېنى بىر ئۇلۇغ زات ئۈچ يۈز دىھرامغا سېتىۋېلىپ قۇللۇقتىن ئازات ئەتتى ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئىلىم ئۆگىنىشنى قارار قىلدىم . ھىچ قانچە ۋاقىت ئۆتمەستىن شەھەر ئەمرى زىيارەتكە كەلدى ، مەن ھوزۇرۇمغا كىرشىگە رۇخسەت قىلمىدىم.
             ــ ھەلىم ئىبىن ئەبۇل جەد
ئىلىم مەردلىكتۇر ، ئۇنى پەقەت مەرد ئەركەكلەرلا سۆيىدۇ.
               ــ زۇھرىي
«شەرق ھەقنى تاپتى»ناملىق كىتابتىن
كىمكى ئىلمىنى يازمىسا ئۇنىڭ ئىلىمىنى ئىلىم ھىسابلىمايمەن.
                 ــ مۇئاۋىي
ئىلىم مال – دۇنيادىن ياخشىدۇر ، ئۇ سېنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ ، مال – دۇنيانى بولسا سەن قوغدايسەن . ئىلىم ھاكىم ، مال مەھكۇمدۇر . مال دۇنيا سەدىقە قىلىش بىلەن كېمىيىدۇ ، ئەمما ئىلىم كۆپىيىدۇ.
                      ــ ئەلى ئىبىن ئەبۇ تالىب
كىسەلگە ئۈچ كۈن تائام بەرمىسە ئۆلگىنىگە ئوخشاش قەلىبگە ھەم ئۈچ كۈن ئىلىم بېرىلمىسە ئۆلىدۇ.
             ــ فاتىخ مۇسەللىي
ئالىملار قەلەملىرىنىڭ سىياھى شەھىدلەر قېنى بىلەن ئۆلچىنىدۇ ، شۇندا ئالىملار قەلەملىرىنىڭ سىياھى شەھىدلەر قېنىدىن ئېغىر توختايدۇ.
             ــ ھەسەن بەسرىي
ئەي ئوغلۇم ، سەن ئالىملار بىلەن ئولتۇر ، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىر ، چۈنكى ئاللاھ تائالا يەرنى ئاسمان  سۈيى بىلەن تىرىلدۈرگەنگە ئوخشاش قەلىبلەرنى ھىكمەت نۇرى بىلەن تىرىلدۈرىدۇ .
                ــ لوقمان ھەكىم
ئىلىم ئۆگەنمەي تۇرۇپ ئۇلۇغلۇققا ئىنتىلگەن كىشىگە ھەيرانمەن.
                ــ ئابدۇللاھ ئىبىن مۇبارەك
كۈندۈزلىرى روزىدار ، كىچىلىرى قىيامدا بولغان مىڭ راھىبنىڭ ئۆلىمى ، ھالال – ھارامنى ئاجىرتىپ ئالغۇچى بىر ئالىمنىڭ ئۆلىمىدىن يەڭگىلراقتۇر.
             ــ ئۈمەر ئىبىن خەتتاب
كىمكى ئىلىم ئۆگىنىشكە چىقىش جىھاد ئەمەس دىسە ئۇنىڭ ئەقلى ۋە پىكرىدە كىسەل باردۇر.
              ــ ئەتا ئىبىن ئەبۇ رەھاب
مەن سەئىد ئىبىن مۇسەييەبنىڭ ئالدىغا كىرسەم ، يىغلاپ ئولتۇرغان ئىكەن ، سەۋەبىنى سورىسام :«مەندىن ھىچكىم ھىچ نەرسە سورىمايۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.
             ــ ئەتا ئىبىن ئەبۇ رەباھ


مەنبە-ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 1825
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1825دانە
ئۆسۈش: 4460 %
مۇنبەر پۇلى: 22056 سوم
تۆھپىسى: 171 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2011-10-19

ئىسىل
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
hudayim bar himim yuk
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 669
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە669دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 7012 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2011-10-12
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-27 17:35

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ياخشى تىمىڭىز ئۇزۇلمسۇن . تەربىۋيى ئەھمىيىتى بار ئىكەن
دوستلىشىش
天山的野花
بىلمەسلىكتىن قورقىما،تىرىشماسلىقتىن قورق!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6963
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 262
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە262دانە
ئۆسۈش: 980 %
مۇنبەر پۇلى: 3455 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-08
ئاخىرقى: 2011-10-17
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-27 19:06

ساقىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ئىكەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8025
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 82
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 820 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-25
ئاخىرقى: 2011-08-15
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-27 19:08

ئېسىل تېمما ئىكەن، ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5723
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 246
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە246دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2525 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-10-18
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-27 20:00

ياخشى ھىكمەتلەركەن رەخمەت>>>
mp3
دوستلىشىش
نەزىرە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7503
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 215
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە215دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 2386 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-21
ئاخىرقى: 2011-10-19
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-27 20:20

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، راستىنلا ئەھمىيەتلىك تېمىكەن             ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: كىمكى ئىلىم ئېلىش يولىدا ماڭىدىكەن ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسان قىلىپ بېرىدۇ.               مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھايا ئىمان جۈملىسىدىندۇر
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1276
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1276دانە
ئۆسۈش: 4410 %
مۇنبەر پۇلى: 16016 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2011-10-08
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-27 20:20

ناھايىتى ئىسىل سۇزلەر ئىكەن،،،،،ئۇز پىتى كۇچۇرۇپ كەلگىچە ئانچە مۇنچە ئەسەرنى بىزەپ قۇيساڭ تىخمۇ پەيزى چىقاتتى،،ئەمەسمۇ ؟؟
--