باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1897 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھىدايەتنامە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8041
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 9
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-26
ئاخىرقى: 2011-07-26
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-26 17:54

ھىدايەتنامە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ھىدايەتنامە   


ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر





ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزدىدىم مەن ھەقىقەتنى،
تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى،
تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنا يەنە جانلىق پاساھەتنى،
دىلىم ئىستەيىتتى ئىزھارگە ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى،
كېلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى.

سۆزۇمنىڭ بېشى بسمىللاھ، بۇ مۆئمىنلىك ۋەزىپەمدۇر،
سانا يۇ ھەمدىلەر ئېيتسام تۇمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر ،
قۇرۇق ،تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل ،ئەقىدەمدۇر،
بۇ دەۋايىمغا بورھانىم مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر،
تىلەيمەن رەببىم ئاللاھتىن قۇلۇمغا كۇچ ۋە قۇۋۋەتنى

تەئەجۇپ ئەيلىشەر بەلكىم بىراۋلەر بۇقەسىدەمدىن،
ئەجەپلەنمەس ئىدى ئىچسە ئەگەر بىر قەترە چەشمەمدىن،
ئېزىقتىم مەنمۇ بىر چاغلار ناگاھ تەۋرەپ ئەقىدەمدىن،
شۈكرىكىم رەھنامە تاپتى كۇڭۈل سۇلتانى تەۋبەمدىن،
ئىلاھا ئەيلىگىل مەقبۇل ماڭا بۇ بەختۇ-ئامەتنى.

تۇغۇلغاچ ئىككى مۆئمىندىن ئۈتۇپ ئەللىكتە سەككىز يىل،
يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئۆمۇرنى ئەمدى ئەستايىدىل،
نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يۇلۇمغا بولمايىن غاپىل،
ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بۇلۇپ ئىرىتىش ۋە ياكى نىل،
جاھاندا چەكمىگەي ھېچكىم مىنىڭدەك كۆپ نادامەتنى.

سەھەردە ھەمدىلەر ئېيتار ئۇچار قۇشلارمۇ ھەر دەمدە،
نىمىشقا بولمىسۇن بىر ھىس تىرىك پەرزەنتى ئادەمدە،
ۋاھالەنكى ئادا بولماي ھىساپسىز قەرز بۇ زىممەمدە،
ھامان قاينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمانلار بۇ قەلبىمدە،
ئۆمۇرنى زايە قىلماڭلار ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى.

باھار يامغۇرلىرى ھەرتاڭ يۇيار ھەم ياشنىتار تاغنى،
ئېرىقلار بىرلە كەلگەن سۇمۇ ھەتتا گۈللىتەر باغنى،
مۇيەسسەر قىلسا مەقسىدىم مۇراتقا يولنى ئاچماقنى،
ئېرىتسە ھېچ ئەجەپمەسكىم كۆزۈمنىڭ ياشلىرى داغنى،
ئاتا قىلسا ئىلاھىم خەزىنەسىدىن قەترە رەھمەتنى.

سىراتەل مۇستەقىم تاپماق ئەگەر بولسا نەسىبەمدە،
نادامەت داغلىرى قالماس ئىدى مەھزۇن بۇ سىنەمدە،
ئۆمۈدۈم بىر بېقىپ ئىقبال كۈلۈپ تەلەي پىشانەمدە،
جاراڭلاپ كەتسە قەلبىمنىڭ ساداسى بۇ قەسىدەمدە،
نىسىپ ئەيلەپ ياراتقان زات ماڭا بەختۇ- سائادەتنى.

خىيالىم دېڭىزى تىنماي چايقىلىپ ھەمىشە قايناق،
كىچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق،
قۇلۇم يەتمەيدىغان شاخقا ئېسىلدىم شۇنچىلىك مۇشتاق،
ئىلاھىم ئۆزى يار بولغاي ئۆمۈدۈمگە يەنە جىقراق،
ئاسان ئەيلەپ بۇ مەنزىلدە ماڭا ئۇچرار مۇشەققەتنى.

پىكىر دەرياسىغا قانچە تېرەن چۆمگەنسىرى ھەر تۈن،
كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى ،تارقىدى ئەپسۇن،
ھاياتىم گەرچە پۇشمانلىق، دىلىمدۇر ناتىۋان مەھزۇن،
ۋە لېكىن جان كىتابىگە قۇشۇلدى تۇمەن مىڭ مەزمۇن،
يېقىن كەلتۈرمە ئې رەببىم! كۆڭۈلگە ئەمدى غەپلەتنى.

تەپەككۇر كۆز بىلەن باقسا كىشى ئالەمگە بىر مەررە،
ئەمەستۇر خالىي ھېكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە،
ئادىمىزات يۇكسىلىپ گەرچە ئاتومدىن تاپتى مول زەررە،
ۋە لېكىن بىپايان سىر دېڭىزىدىن بۇ تېخى ئازغىنە قەترە،
ئىلاھا قىل كەرەم كۆپرەك بىلەيلى سىرۇ-ھېكمەتنى.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك،
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق،
مىسال: قارىغۇ نىچۈك بىلسۇن، قۇياش قانداغۇ ئاي قانداق،
بىلۈر ئەمما گۈدەك ھەتتا نىچۈكدۇر گۈل، نىچۈك ياپراق،
دېمەككى مەئرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلى -پاراسەتنى.

تۈمەن مىڭ يىل داۋامىدا ئۆتۈپ سانسىز ئاقىل -دانىش،
ھايات سىرىنى بىلمەكنى قىلىشتى ئارزۇ ھەم خاھىش،
بىراۋلەر قىلسىمۇ كۈچەپ خۇداسىزلىقنى پەرمايىش،
ۋە لېكىن ئەكسىرى مۇتلەق ئېلىپ مەيداندا ئەزمايىش،
ئاخىرى ئۇ ئېتىراپ قىلدى ئۇلۇغ بىر روھى قۇدرەتنى.

مىسال: بىر قەترىدىن ئادەم بىنا بولغاننى ئويلاپ باق،
ئانا قارنىدا بۇ جانغا ھاۋا بولغاننى ئويلاپ باق،
تۇغۇلماق سائىتى يەتسە ئانا بولغاننى ئويلاپ باق،
مۇنۇ مۈشكۈلگە نە قانۇن پاناھ بولغاننى ئويلاپ باق،
شۇ چاغدا تاپقۇسى قەلبىڭ بىرەر مەنتىقى-پىكرەتنى.

بۈگۈن پەن يۈكسىلىپ شۇنچە قىلۇر پەرۋازىنى ئەركىن،
ۋە ھەتتا ئاي ۋە يۇلتۇزدا يەر ئوغلى ياققۇسى يالقۇن،
بۇڭا ئەۋلادى ئادىمىزات ئۇقۇر مىڭ مەدھىيە، تەلقىن،
لېكىن ئادەم بىنا قىلماق بۇ ئادەمگە نىچۈك مۇمكىن،
ياراتقان تەڭرىدىن باشقا كىشى تاپماس بۇ قۇدرەتنى

نېمىشقا ئاياغ ئىككى، كۆز ئىككى، ئېغىز بىردۇر،
يەنە كۆزلەرگە قاش كىرپىك بىنا قىلغان قايسى تەھرىردۇر،
نىمىشقا مىڭ كىشى چىھرى يەنە مىڭ خىلدا تەسۋىردۇر،
قېنى ئېيتىڭچۇ؟ بۇ سىرغا نىچۈك سۆز توغرا تەئبىردۇر،
تەپەككۇر ئاچقۇسى كەڭ يول چۈشەنمەككە بۇ سۈرەتنى.

ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەر كىم بىلۈر ئۆز زاتىنى ئاندىن،
تۇغۇلماق سۆڭرە ئۆلمەكلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن،
لېكىن نەدە، قاچان، قانداق ئۈلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن،
ئېچىلماس سىر بۇلۇپ كەلدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى-دەۋراندىن،
ھەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ھەممە دىققەتنى.

ئۈلۈمگە بىر داۋا ئىزلەپ جاھاندىن كەتتى كۆپ دەنا،
ۋە لېكىن تاپمىدى ھىچكىم بۇ ئىشتىن زەررىچە مەنا،
ئارىستو ياكى لوقماندەك ھەكىملەرمۇ بىمۇستەسنا،
دىيىشتى ئاخىرى مۇتلەق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئامەننا،
دېمەك مۆئمىن ئەمەس بۇزماق بۇ قانۇنى زۆرۈرەتنى.

قۇياش،ئاي ۋە يۇلتۇزلار سامادا سەيىر ئېتىپ ھەر كۈن،
مۇئەييەن يول ۋە تەرتىپتە خاتاسىز دەۋر ئېتەر ھەر كۈن،
بۇڭا ھاكىم ئىكەن مۇتلەق ئەجەپ بىر مۇنتەزىم قانۇن،
بۇ چەكسىز كائىنات تاپمىش ئەشۇ خىلدا تولا مەزمۇن،
يورۇپ نۇرلانغۇسى قەلبىڭ چۈشەنگەنچە بۇھالەتنى.

ۋە بەلكى بەزىلەر ئېيتار تۈزەلمەكلىك تەبىئەتتۇر،
ۋەھالەنكى تەبىئەت ھەم ئەجەپ بىر خىلدا ھەيئەتتۇر،
بۇ ئالەم سىرلىرى بىزگە ھۇنۇن بىر ياخشى ئىبىرەتتۇر،
شېغىل تاش ھەر زامان تاشتۇر، زۇمرەتلەر - زۇمرەتتۇر،
تەپەككۇر تاشقىنى يۈتسۇن كۆرەڭ باتىل-جاھالتنى.

مىسال: پەن -ھۈنەر ئەسىرى قۇرۇپ ھېكمەت دۇكانىنى،
ياراتتى ئىپتىخارلىق بۇمۇ ئىجازەتلەر زامانىنى،
يەنە ھەم ئاشقۇسىى كۆپلەپ بۈيۈك ھىممەت داۋانىنى،
لېكىن ئادەم تۈگۈل ھەتتا ئۇنىڭ بىر قەترە قانىنى،
ياسالماس ھەر نىچۈك ئالىم قىلىپ تەقلىد بۇ قۇدرەتنى.

ھاياتلىق سىرىغا تەكرار تۇخۇمنى كەلتۈرەي بۇرھان،
تۇخۇسىز ئالۇر ھەر كىم تۇخّۇمدىن چۈجىنى ئاسان،
ئەگەرچە يەنە مىڭ ھەسسە تەرەققى قىلسىمۇ دەۋران،
تۇخۇمنىڭ ئۆزىنى لېكىن ياسالماس بەلكى بۇ ئىنسان،
دېمەك مەخلۇق ھامان مەخلۇق، بىلۇر خالىقلا خەلقەتنى.

نەزەر سالساق ئەگەر بۇغداي ۋە ياكى باشقا بىر دانغا،
تېرىپ ئۆستۈرمىسە دېھقان ھوسۇل تولمايدۇ خامانغا،
ئەگەرچە دان ياساش مۇمكىن بۇلۇپ قالسىدى ئىنسانغا،
زاۋۇتلاردا ياساپ ھەر كۈن پۇلى توختايتتى ئەرزانغا،
دېمەك مەخلۇق ئەمەس قادىر ياراتماققا تەبىئەتنى.

ھاياتلىق سىرلىرى شۇنداق ئاجايىپ كەڭرى دۇنيادۇر،
بىلىپ يەتكىنىمىز تامچە، ئەگەر ئۇ بەھرى دەريادۇر،
كىمكى مەۋجۇدات زاتەن ئۇلۇغ ھېكمەتلەر ئەھيادۇر،
كى تۇپراق بولمىدى كىميا مەگەر بولسا ئۇ خۇليادۇر،
ھايات قانۇنى ھەردەمدە قىلۇر تەكرار بۇ ئىبىرەتنى.

مىسالنى يەنە يۈز-يۈزلەپ تېپىش مۈشكۈل ئەمەس ھەر ئان،
ۋە لېكىن ھەممىدىن ئەئلا ئۇلۇغ مۆجىزىدۇر قۇرئان،
خۇسۇسەن بولسا تەپسىرى يېتىپ ئاشار ‹‹ سۈرە رەھمان ››،
كۇپايە قىلمىسا كاشكى ئاشۇنچە ‹‹ ما تۇكەززىبان ››،
قۇلۇپلۇق بولمىسا قەلبىڭ قۇبۇل ئەيلەر بۇ نېئمەتنى.

تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەئىشلەر بولمىدى سادىر،
نېمىكى دېسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر،
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نىچۈك مەخلۇق بولۇر قادىر،
ئۇنىڭ تەئرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىپ، شائىر،
نېسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەرتىلغا بالاغەتنى.

ئۈتۈپ بىر مىڭدا تۆت يۈز يىل ھاۋادىسىلەر بىلەن بىر-بىر،
بىرەر ئىش قالمىدى شەكلەن ۋە مەئنەن بولمىغاي تەغيىر،
بىراۋلار قەسىت بىلەن ھەرئان قۇرئان بېتى قىلسىمۇ تەھرىر،
لېكىن ئۆزگەرمىدى بىر ھەرپ، بىرەر ساكىن ۋەياكى زىر،
چۈشەنمەكلىك نە مۈشكۈلدۇر بۇ مۆجىزە-كارامەتنى.

پۈتۈن ئۆمرىدە يا مەكتەپ يا ئۇستاز كۆرمىگەن بىر زات،
پۈتۈن ئىنسانغا يول باشچى بولۇپ يېتىشتىغۇ ھەيھات،
تېپىپ قۇددۇسى قۇدرەتنىڭ ئۇلۇغ ئەنۋارىدىن ئىرشات،
، نەبۇۋەت ئەسىرىنىڭ شانلىق تۇغىنى ئەيلىسە بۇ نىيات،
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس ئەقىل مۇنداق ھەقىقەتنى.

ئۇقۇپ كۆرسەك بۇتارىخنى ئەجەپ بىر ئەسرى ھېكمەتتۇر،
مۇبارەك تەرجىمىھالى تامامى پەزلى-خىسلەتتۇر،
رەقىپلەر ئېتىراپىمۇ بۇڭا ئەلۋەتتە ھۆججەتتۇر،
بۇ زاتنىڭ ئسمى شەرىپى رەسۇل ئەكرەم مۇھەممەددۇر،
ياراتتى مەڭگۈ ئۆلمەس بىر ئۇلۇغ ئەسرى سائادەتنى.

نەبۇۋەت تاڭى ئاتماستا ئەرەپنىىڭ ھالىنى ئەسلەڭ،
جاھالەت دەستىدىن ئەلنىڭ ئايانىچ ئەھۋالىنى ئەسلەڭ،
زالالەت ھەم رەزىللىكنىڭ ياۋۇز ئىمسالىنى ئەسلەڭ،
مىسال: بىر قىز تۇغۇلسا گەر زەبۇن ئىقبالىنى ئەسلەڭ،
يىمىردى نەبۇۋۋەتلا ئەرەپتىن بارچە زۇلمەتنى.

ۋەھىنى بەزىلەر ئىلھام دىيىشتى بىر زامان ھۆكمەن،
ۋەھالەنكى ئۇلۇغ قۇرئان ئەمەستۇر قىسسە يا رومان،
ئۇنى ئىلھام بىلەن ئىجاد قىلىشقا بولسا گەر ئىمكان،
نىمىشقا يازمىدى بىر كىم يەنە ئىككىنجى بىر قۇرئان،
نىچۈكمۇ ئېتىراپ قىلماس كىشى مۇنداق ھەقىقەتنى.

بىراۋلار قىلدىلەر دەئۋا، نەبىلىك ئۈستىدە ھەتتا،
تېپىپ مىڭ ھېلە -نەيرەڭلەر، ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەقۋا،
يېزىپ ئايەتكە تەقلىدلەر، ۋەھەتتا قىلسىمۇ غەۋغا،
جاھاندىن كەتتلەر لېكىن، بولۇپ ئالەمگە مىڭ رەسۋا،
تاپالماس چۈنكى باتىللىق، ھەقىقى شانۇ-شۆھرەتنى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى جانلىق ئۇلۇغ مۆجىزە ئەلۋەتتە،
يەنە قانداق دەلىل لازىم بايان قىلماققا بۇ ھەقتە،
ئەقىل ساھىپلىرى جاندىن ئۆتەر تەستىق، قانائەتتە،
ئەگەرچە ياق دېسە بەزى مۇخالىپلار جاھالەتتە،
ئۆزىگە رەھنامە قىلسۇن ئەدىل، مەردانە پىكرەتنى.


خاتىمە


بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر ئەمما،
نامايەندۇر قوياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ھەتتا،
قەسىدەم ئەلگە يەتكۈزسە ھېدايەتتىن بىرەر مەئنا،
مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن، ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا،
كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راھەتنى.


ئەقىدەم ھەققە باغلانغان، بۇ يولدا ئەتىمادىم بار،
شۈكرىكىم، ھەق ئاتا قىلغان ئىرادە، ئېتىقادىم بار،
ئەقىدە ساھىبى بولغاچ دىلىمدا پەخرۇ -يادىم بار،
دېمەيمەن مۇنچە گۇستاھلىق، قىلىشقا نېمە ھەددىم بار،
پىسەنت قىلماس كۆڭۈل چۈنكى قۇرۇق تەئنە -مالامەتنى.

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر رومى ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ۋەھشى چىڭگىزخان،
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بىھېساپ كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران،
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

باھار بولدى پۈتۈن دۇنيا يۈزىدە ئىلمىلىك ئەلگە،
ئىشەنگەن ھەم چۈشەنگەن ئەمەلدە ئىشلىگەنلەرگە،
قۇلاق سالماي ئۇلۇغ تەڭرىم سۆزىگە ئەمەل قىلماي،
قۇرۇق دەۋادا بولغانلار تويۇنماس بىر قوناق نانگە،
بۈيۈك ئىسلام ئۈگەتكەن بىزگە بىلمەك ھەم تىرىشماقنى.

چاقىرغان ئۈستۈن بولماققا، ئىگىلمەي ئەجنەبى خانگە،
ئۇلۇغ تەڭرىم ئېچىلدۇرساڭ دىلىم باغىدا گۈل-ئەترە،
تېمىتساڭ رەھمېتىڭ دەرياسىدىن قەلبىمگە بىر قەترە،
ئۆچۈرسەڭ چوڭ -كىچىك قىلمىشلىرىم قىلماي مېنى رەسۋا،
قىيامەت دەشتىدە ياپساڭ، گۇناھىم ئەيلىسەڭ سەترە،
ھاياتىم دۇنيادا قۇربانىڭ، گەر ئۆلسەم مەقسىدىم رىزۋان،
رەسۇلىللاھ يولىچۈن ئۆمرۈم بارىنى ئەيلىسەم نەزرە!...
    قېرىندىشىم، مەيلى سىز ھەقنى چىن مەنىسىدىن تونىغان ئۇيغۇر بولۇڭ، ياكى نوقۇل ھالدا مىللەتنىلا سۆيىدىغان ئۇيغۇر بولۇڭ مانا  سىز ئۇقۇغان بۇ شېئىر ــ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەممە ئېتراپ قىلغان ھازىرقى زامان ئالىمى، جامائەت ئەربابى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر( مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!)نىڭ ھەققە تەسلىم بولۇپ يازغان ھىدايەتنامىسى، توغرىسى ــ قەسەمنامىسىدۇر. دېمەك،  سىز كىم بولىشىڭىزدىن قەتئىي نەزەر، ۋىجدانىڭىز بارلىكى ئۇيغۇرلا بولىدىكەنسىز مەرھۇمنىڭ ئىلىم-ئىستىداتىغا، ئادىمىيلىك پەزىلىتىگە چىن دىلىڭىزدىن قايىل بولماي تۇرالمايسىز!... ئۇنداقتا، سىز يەنە نېمىنى ساقلاپ تۇرىسىز؟ سىز قايىل بولغان، سىز چەكسىز ھۆرمەتلەيدىغان ئالىمىڭىز تاللىغان يولغا ماڭماي يەنە قايسى يولغا ماڭماقچى سىز؟!... بۇ ئەسەرنى نوقۇل شېئىر ئوقۇغاندەك مۇنداقلا ئوقۇپ قويماي، بولسا مۇقىم ساقلىۋېلىپ، ھەربىر مىسرا، ھەربىر كوپلېتىنى تەپەككۇر قىلىپ ھەزىم قىلىڭ! اللە ئالىمغا بەرگەن ھىدايەتنى سىزگىمۇ بېرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!...



قالدى، نى-نى ئارىسلانلار دەشتى چۆلدە قەۋرىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1233
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1233دانە
ئۆسۈش: 2520 %
مۇنبەر پۇلى: 14077 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-03-26

ئۇيغۇرنىڭ غۇرۇرى ئۇ

تۇغماس توخۇ ياتىدۇ ئۇۋۇلۇقنى ئىگەللەپ،
يۈرەر سەرسان كوچىدا تۈخۇم تۇققان ھەسسىلەپ.
تۇغماس تۇخۇ كاتەكتە تاللاپ ئېسىل دان يەيدۇ،
تۇغمايدۇ يا كاتەكنى تۇققانلارغا بەرايدۇ.
دوستلىشىش
جەڭچى
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1540
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1540دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 16058 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-03-25
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-26 19:09

يەنە بىرقىتىم قايىل بولدۇم.              ئىسىل  
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن ،قىرىنداشلىرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.
hudayim bar himim yuk
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 783
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە783دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 8182 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2012-03-21
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-26 21:36

ئېسىلنىڭ ئېسىلىدۇر
ئارسىلان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5312
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 49
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە49دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 600 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2011-12-22
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-26 22:22

3-قەۋەت (asanat) نىڭ يازمىسىغا

ئىسىلنىڭ ئەسلىمۇ ۋەسلىمۇ ئىسىل
قىشى-ياز ئوخشاشلا پەسلىمۇ ئىسىل
ئېسىلساڭ ئاشۇنداق ئىسىلغا ئېسىل
پاك ۋىجدان غۇرۇرى نەسلىمۇ ئىسىل
بىلىمنى بۈيۈك بىل ئوقۇشنى ئۇلۇغ، بۇ ئىككى يۈكسەل ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5984
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 96
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە96دانە
ئۆسۈش: 880 %
مۇنبەر پۇلى: 1651 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-30
ئاخىرقى: 2012-03-25
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-27 13:31

MP3نۇسخىسنى بۇ يەرنى بىسىپ چۈشرۈۋلېڭ

ئىنسان نىمنى ئويلىسا شۇ بولامدۇ
دوستلىشىش
baxmaltak
baxmaltak
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3281
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 212
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە212دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2155 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-03-25
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-27 14:11

مۇشۇنداق تىمىلارنى نادىرلىساڭلا بولمامدا.........؟؟؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8044
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-26
ئاخىرقى: 2011-07-13
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-27 17:19

مەرھۇمنىڭ نۇرغۇن شىېر لىرى ئادمنى ئويغا سالىىدۇ ،دائىم كىتاپتىن كورۇپ تۇراتتىم ،مەنمۇ مەرھۇمنىڭ يازمىللىرىنى بەكلا ياقتۇرىمەن . ( مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن، ئامىن)........

تېمىڭىزغا كوپ تەشەككۇر،
ئاتا-ئانىغا بولغان ۋاپادارلىق ئۇلارنىڭ قېرىشى بىلەن تۇگەپ كەتمىسۇن..!!!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8058
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-28
ئاخىرقى: 2011-07-01
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-28 15:46

بۇ ئەسەرنى نوقۇل شېئىر ئوقۇغاندەك مۇنداقلا ئوقۇپ قويماي، بولسا مۇقىم ساقلىۋېلىپ، ھەربىر مىسرا، ھەربىر كوپلېتىنى تەپەككۇر قىلىپ ھەزىم قىلىايلى قېرىنداشلار! اللە ئالىمغا بەرگەن ھىدايەتنى بىزگىمۇ بېرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!...
ئالىم ماڭغان ھىدايەت يولىغا بىزنىمۇ باشلىغىن ،ئۇلۇغ اللاھ!امىن!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8041
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 9
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-26
ئاخىرقى: 2011-07-26
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-01 12:22

مەرھۇمنىڭ نۇرغۇن شىېر لىرى ئادمنى ئويغا سالىىدۇ ،دائىم كىتاپتىن كورۇپ تۇراتتىم ،مەنمۇ مەرھۇمنىڭ يازمىللىرىنى بەكلا ياقتۇرىمەن . ( مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن، ئامىن)........