يىتىمەنىڭ زارى
ئاھ ئانا نەدىسەن، نەدىسەن
قىچقىرىپ پۈتتى ئۈن-ئاۋازىم
يەتسىدى سېغىنىش، ھىجرانىم
يەتسىدى ساڭا دەرت-ئازابىم
تۈنلەردە يۇلتۇزلار سىردىشىم
ئاي -دالا ئۇستىدە باقىمەن
سەبىيلىك ئەسلىمەم بىر دەريا
دولقۇنى مەۋجىدە ئاقىمەن
تەۋەللۇت ئەيلىگەن سەن مىنى
تىنىڭدىن قىزىق تەن ئاجرىتىپ
كۆكسۈڭنى شورىغان قانغۇچە
يۇمران تاڭلايدا ئاغرىتىپ
قۇش ئىدىڭ، بەرگەنتىڭ دان-ئۇزۇق
گېلىڭدىن ياندۇرۇپ كۈن-كېچە
ئىنتىلدىم تىلىكىڭ، تلىكىم
گۈلزارى مېۋىگە كىرگۈچە
پاك مېھرىڭ بۇلۇپ قان تېنىمدە
ئايلانغان جاپايىڭ شادلىققا
بەختىمگە كۆپ بەدەل تۆلىدىڭ
خاتىمە بەرگۈچە ياشلىققا
دەيدىكەن: بالىنىڭ قەلبىدە
بار كۈچلۈك سۇلاسە-سۇلتانلىق
خانىشى-ئانا، شاھ-ئاتىدۇر
ئۇنىڭسىز سەبىي تەن ئۇلتانلىق
ئىدىڭغۇ سەن مىنىڭ خانىشىم
قەلبىمنىڭ تەختىدە ئىززەتلىك
ياياتتىڭ مېھرىڭنى كۈنلۈكتەك
قىلچىلىك مىننەتسىز، ھىممەتلىك
دەيتىڭغۇ: قىزلارنىڭ شادلىغى
بۇلۇشتۇر "ئانا " دەپ گاھىدا
قاتارغا قوشقۇچە سەن مىنى
ياشىدىڭ زور چىدام غايىدا
بولاتتىم مەنمۇ كۆپ يىل ئۆتمەي
سەن كەبى شەپقەتلىك بىر ئانا
سوزغاچقا قول ساڭا شۈم ئەجەل
بولدۇم قۇرۇغان گۈل مانا
ئايرىلىپ جان كۆيەر خانىشتىن
بولدى دىل سۇلاسەم ماتەملىك
نىسىۋەم بار ئىدى"سۆيگۈ" دىن
بولمىدى قەدرىم ھېچ ئادەملىك
زورلىدى ئاتام كۆپ ئۆتمەيلا
ئەللىكتىن ھالقىغان"يىگىت" كە
نە ئامال پادىشاھ ئالدىدا
مەجبۇر بولدۇم باش ئېگىشكە
قەپەسكە چۈشكەن بىر كەكلىكتەك
سېتىلدىم مال-دۇنيا ئورنىدا
بارغۇ قىز ئاتىلىق چوڭ پەرق
مەن بىلەن ئۇ يىگىت ئوتتۇردا
خورلىنىپ ياسىداق ئۆيۈمدە
سۆيگۈنى يۇشۇرۇن ساقلىدىم
ھىجراننىڭ چاقىنى چۆرگىلىتىپ
ئارزۇلار بىسنى چاقلىدىم
ئارزۇمغا ئەل مەدەت، ئەل قانات
تۈگەيدۇ پات يېقىن نالىشىم
خاتىرجەم بول يىتىم قىزىڭدىن
ئەي ئانا رەھمەتلىك خانىشىم
مەنبە: بىر شىئېر كىتابتىن ئوقۇپ خاتىرەمگە كۆچۈرۈۋالغانتىم، ئاپتورنىڭ ئىسمىنى خاتىرلىۋالماپتىكەنمەن.