ۋاقىتنى ھەممە ئادەملەگە تەڭ ئاتا قىلغان،بىرىگە ئارتۇق بىرىگە كەم بىرىلگەن ئەمەس.لېكىن ھەر-بىر ئادەمنىڭ ۋاقىتقا ئاتا قىلغىنى ئوخشاش بولمايدۇ،بەزىلەر ۋاقىتنى ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك دەپ قارايدۇ.ۋاقىت ئۇلارغا ھاياتى كۈچ ۋە ئىجادىيەت ئاتا قىلىدۇ.
بەزىلەر ۋاقىتنى قىلچىمۇ قەدىرلىمەيدۇ،ۋاقىت ئۇلارنىڭ تېنىدىن ياشلىق باھارىنى ۋە ھاياتىنى تۇيدۇرماستىن ئوغۇرلاپ قاچىدۇ.
ۋاقىت مىھرىۋان ھەم شەپقەتسىز،بارلىق پىكىر-خىياللار،ئىزدىنىشلەر ۋاقىتنىڭ مىھرىگە ئېرىشىدۇ.
ۋاقىت ئىلىم قىممىتىنىڭ سىناقدىشى.ۋاقىت دۇنيادىكى ھەممە شەيىلەرنىڭ ئۇلۇق تەنقىتدىشىدۇر .
مەنبە؛ ئىجايىتىم