ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي بىلەن خەلق تورىدا سۆھبەت
خەلق تورى تور تىلىۋىزىيىسى قانىلى «مېھمانلار بىلەن سۆھبەت» پروگراممىسى 2011-يىل 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 17:30 دا مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى، تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ دوكتور يېتەكچىسى، ئۇيغۇر 12مۇقامى تېكىستتى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى ، پروفىسسور ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانى ئەپەندى بىلەن تور سۆھبىتى ئېلىپ باردى، تورداشلارنىڭ بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى كۆرۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، سۆھبەت خاتىرىسى ئۇلانما قىلىندى.
سۆھبەت ئەھۋالىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
ئابدۇرەئوپ پولات (ئەدەبىي تەخەللۇسى تەكلىماكانىي)،1950-يىل11-ئاينىڭ1-كۈنى، قەشقەر شەھىرى يۇمۇلاقشەكۆلبېشى مەھەللىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1966-يىل قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1972- يىل بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1975-يىل ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئۆز فاكۇلتېتىگە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئېلىپ قېلىنغان.ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور تەسىرلەرنى قوزغىغان.
مەنبە: ئۇيغۇرچە خەلق گېزىتى تورى