باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1649 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئالدىراش يېزىلغان بىر پارچە خەت
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 137
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە137دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-24 14:10

ئالدىراش يېزىلغان بىر پارچە خەت

     قىممەتلىگىم راھىلە،سالامەتمۇ سەن؟

  مەن بۇ خەتنى ساڭا ئالدىراش يېزىۋاتىمەن،19-ئاۋغۇس كۈنى ئېلى دەرياسىدا بىرى ئېقىپ ئۆلدى.ئۇ كىم؟

  ئۇ ھەممىمىزنىڭ قەدىردان قىزى،سىنىڭ سىرداش دوستۇڭ زاھىدە.

ۋەقە مۇنداق بولغان،19-ئاۋغۇس يەكشەنبە كۈنى بولغانلىغى ئۈچۈن بىر توپ قىزلار سەيلىگە چىققان،چۈشكە يىقىن دەريا بويىغا كېلىپ سۇغا چۆمۈلگەن،زاھىدە سۇغا ئككى قىتىم چۈشۈپ چىققان،3-قىتىم چۈشكەندە تۇيۇقسىز كۈشلىك سۇ ئېقىم تەرەپكە كېتىپ قالغان،ھەم قوللىرىنى بىرلا قېتىم(گويا قىرغاقتىكى دوسلار بىلەن مەڭگۈ خوشلاشقاندەك) پۇلاڭلاتقاندە سۇغا چۆكۈپ كەتكەن،قىزلار چېقىرشىپلا قالغان.

  ماڭا خەۋەر كېچىكىپ يىتىپ كەلدى،مەن ئىنتايىن قايغۇردۇم.

       زاھىدە قانداق ياخشى قىز ئىدى ھە؟ ئۇ بىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوستىمىز،ئۇ ھەممىمىزنىڭ يۈرىگىنى كۆيدۈرۈپ ئارىمىزدىن ئايرىلىپ كەتتى.مەن دەششەتلىك قايغۇرماي قانداق تۇراي.

  كۆپ ئويلىدىم ھەم قايغۇردۇم،ئويلىغانسىرى كاللامدا (زاھىدە كۈشلىك ئېقىم تەرپىدىن ئۇشتۇم-تۇت ئېقىپ كەتكەن ئەمەس،ئۇ ئۆزىنى ئەتەي سۇنۇڭ چوڭقۇر ئېقىمىغا ئۆزىنى ئاتقان،ئۆلۇم ھەققىدە ئويلىغان) دەپ پىكىر كېلەتتى.

  مىنىڭ ئويۇمنى ئىسپاتلايدىغان پولاتتەك پاكىت بار.زاھىدە شۇ كۈنى بەك مەيۈس ھالدا بولغان،زاھىدە بىلەن بىرگە بولغان قىزلارمۇ ناھايىتى شوق قىزلار ئىدى، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ ھالىنى سېزىشكەن ھەم ھەيران بولۇشقان.دەرياغا قىزلار ئىككى قىتىم چۈشكەن،لېكىن زاھىدە ئاخىرقىسىنى ئوشۇق چۈشكەن.

  زاھىدەنى دەپنىن قىلغان كۈندىن بىر كۈن ئاۋال،مەن زاھىدە بىلەن بىر ئىشخانىدە ئىشلىگەن ھەم رىزىۋان دىگەن قىزلار بىلەن ئۇچۇراشقان،(بۇ قىزلار بىلەن زاھىدە ئارقىلىق تونۇشقان) بىز زاھىدە توغۇرلۇق ئۇزۇن پاراڭلاشقان،ئۇ ماڭا زاھىدە يېزىپ تۈگىتەلمىگەن بىر پارچە خەتنى بەردى،.مەرھۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھايات كۈنلىرى يېزىپ قالدۇرغان بۇ خەتنىڭ پوشتىدا تەسسادىبى يوقاپ كېتىشىدىن قورقۇپ ئۇ خەتنى تولۇق كۆچۇرۋالدىم.

   مەرھۇمنىڭ يازغان خېتى مۇنداق.

  «زۇردۇن سېنىڭ ھىلىقى كىشىدىن ئەۋەتكەن خېتىڭنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ۋە سېنىڭ قىلىپ قويغان خاتالىغىڭ توغۇرسىدا ئۇ كىشىدىن ئاڭلىدىم،خەۋەر مىنى ئىنتاتىن ئېچىندۇردى.

  ئەپسۇسكى بىر-بىرى بىلەن تېپىشىش تەس،مەن سېنى كۈتتىم لېكىن سەن مېنى كۈتەلمىدىڭ.قانچە قېتىملاپ قىلىشقان ۋەدىلىرىمىزنىڭ ھۆدىسىدىن چىقالمىدىڭ،مەن چىقتىم،سەن چىقالىدىڭمۇ؟ شۇ مۇھەبەت قاينىمىدا مەن قىلالىدىم تاقەت،سەن قىلالمىدىڭ ساداقەتنى.

  زۇردۇن ھىلىمۇ مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن،ساڭا بولغان مۇھەبەتىم بىلەن سىنىڭ قىلغان خاتالىغىڭغا ئېچىنىمەن.بۇ يولسۇزلۇغىڭنىڭ چىقىش يولى پەقەت شۇ قىز بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش بولسا، مىنىڭ شۇ ئوتلۇق مۇھەبىتىم توزغاقتەك توزۇپ كەتسىمۇ سىنىڭ ئازاپتىن قۇتۇلۇشىڭ ئۈچۈن ھەممىنى قۇربان قىلىمەن.مەن سېنىڭ شۇ قىزنى ئېلىشىڭنى خالايمەن. سەن بەخەتلىك بولغانلىغىڭ ماڭا نامەلۇم.قىزنىڭ قوسۇغىدىكى شۇ بىگۇنا بالىمۇ ئاتىسىز قالمىسۇن،ئۇ بولسىمۇ بەخىتلىك بولسۇن.

   مەن سېنىڭ ۋە ئاشۇ قىزنىڭ شۇنۇڭدەك تېخى تۇغۇلمىغان بالىنىڭ بەختى ئۈچۈن جىنىمنى قۇربان قىلىدىغانلىغىمغا پەخىرلىنىمەن.

  مەن سېنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك ئېغىر كۇنلەرنى باشتىن كەچۈردۈم،ئەمما بۇنىڭغىمۇ ئېچىنمايمەن ،مەن ساڭا ئېتىشقا پېتىنالماي تارتقان ئازاپلىرىمنى كىيىن ئاڭلاپ قالارسەن.

   زۇردۇن،سىلەر بەخىتلىك ئۆتۈڭلار،مىنى دەپ ئازاپلانما.ئەمدى بىز تۇرمۇش قۇرغان بىلەنمۇ بىزنىڭ قۇرغان تۇرمۇشىمىز مەن ئويلىغاندەك بەخىتلىك بولۇپ چىقالمايدۇ،چۈنكى مۇھەبەتنىڭ ساپ-شېرىن مىنۇتلىرى ئۆتۈپ كەتتى.مەن بۇنى زادىلا سەزمەپتىمەن،مانا بۇنى قايتۇرۇپ كېلىش...

   مانا خەت مۇشۇ يەرگە كەلگەنگە ئۈزۈلگەن،خەتنىڭ داۋامىدا يەنە ئېتىدىغان دەرتلىك گەپلەرنى زاھىدە ئۆز قەلبىدە ئېلىپ كەتكەن.

    قانداق راھىلە مىنىڭ گۇمانىم توغرىما؟ ئىشەنگەنسەن ئېھتىمال مىنىڭ پەرىزىم خاتادۇر،

  چۈنكى زاھىدە ھاياتىدىن پاتلا كېچىدىغان ئۆلۈك بوش مىجەز قىز ئەمەس،لېكىن ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن زەربە ياخشى قىزغا تەسىر قىلمامدۇ دەپ كىممۇ ئېتالىسۇن؟

زاھىدە زۇردۇننىڭ خېتىنى ئېلىشتىن بۇرۇن ئۆزىنى ھەقىقى بەخىتلىك دەپ ئويلىغان.زاھىدە ئۆلۈشنى قارار قىلغان،ئۇ ئۆلۈشتىن ئىلگىرى زۇردۇنغا پۈتۈن دەرت-ئەلىمىنى ئۆز مۇھەبىتى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدىكى پىكىرىنى بىلدۇرىشنى ئويلىغان.18- ئاۋغۇسدىكى سايائەت ئۇنىڭغا ئۆلۇم سائىتىنى يىقىنلاشتۇرغان،قىز مۇشۇنداق پەيىتنى قولدىن بەرمىگەن.شۇنداقتىمۇ ئۆز ھاياتىدىن تەستە ئۈمۈت ئۈزگەن، ئۇنداق بولمىغان بولسا بىرىنچى قىتىم سۇغا چۈشكەندە ئۆلگەن بولاتتى.

ئۇ ئۆلگەن،خەت تېخى ئاخىرلىشىپ بولالمىغان.راھىلە،سەنمۇ ئۆز پىكىرىڭنى يازارسەن .

مەن ئەمدى زۇردۇن ھەقىدە سۆزلەيمەن.

  بىز زۇردۇننى ئوبدان بۈلىمىز،زۇردۇن ياخشى دوس ئىدى،زاھىدە بىلەن زۇردۇننىڭ خۇسۇسيەتلىرى ئوخشاپ كېتەتتى،ئۇ ئوغۇللار ئىچىدە چوڭ ھۆرمەتكە ئەگە ئىدى،بىز زاھىدە بىلەن زۇردۇننىڭ مۇھەبىتى ھەققىدە ئويلىغىنىمىزدا ھېشقانداق ئەجەپلەنمىگەن ئىدۇق،خۇددى بىزگە شۇنداق بولۇش كېرەكتەك تۇيۇلغان ئىدى.خۇددى زاھىدە زۇردۇن ئۈچۈن،زۇردۇن زاھىدە ئۈچۈن تۇغۇلغاندەك ئىدى.

لېكىن مۇھەبەت مەسىلىسىدە زۇردۇن ئۆزىنى تۇتۇشتا بوش كەلدى،ئاقىۋەتتە ياخشى بىر قىزنىڭ بېشىغا چىقتى.ھازىر مەن بۇنى ئويلىسام نەپىرەتلىنىمەن،ۋەقەنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى بۈلىدىغان ئاز بىر قىسىم كىشىلەردىن باشقىلار قىزنى ئۆزى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆلدى دەپ قارايدۇ.بىزمۇ ئۇنى ئۇنداق ئەمەس دەپ دارۋاڭ سالالمايمىز.چۈنكى تولۇق ئىسپات يوق.

شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا قانۇن تەرەپتىن ھېشقانداق جازا يوق،ئۇنىڭ ئېغىر جىناھىتى يېپىق قالدى،ئەمدى ۋىژدان جازاسى بار.

شۇ ھېش ئىشنى بىلمەيدىغان قىز ھەم تېخى تۇغۇلمىغان بالا ئۈچۈن بولسىمۇ يىپىق قازان يىپىقچە تۇرۇپ تۇرسۇن.

كىيىن ۋىژدان ئازاۋى ئارقىلىق ئۆز جىنايىتىنى ئۆزى ئۆلگۈچە تارتىدۇ.

مەرھۇم دوستىمىز ياتقان يېرىڭ جىننەتتە بولغاي.

 

  مەنبە؛خاتىىرەمدىن.

ئەسكەرتىش:بۇ بىر پارچە خەت،70.80-يىللاردا بىر مەزگىل مۇنازىر قوزغىغان بولۇپ،خاتىرەمگە قالدۇرۇپ قويغان ئىدىم.ئاپتۇرنىڭ كىملىگىنى بۈلەلمىدىم.

 ئەسلى تېمىسى:
ئېلى دەريا ۋادىسىدىن قايغۇلۇق سالام
[ بۇ يازمىنىكوكتالالىق 2011-06-24 21:38قايتا تەھرىرل ]
كۈلىۋەر دۈشمەنلىرىم!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 835
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە835دانە
ئۆسۈش: 1400 %
مۇنبەر پۇلى: 9453 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-03-28

سەللە يۇغان ئىمان يوق ،
خۇرجۇن يۇغان بىرنان يوق  

دىگەندەك گەپ بوپتۇ !  تېما ئىسمى كەينىگە ئەسكەرتىپ قۇيايلى -ھە!
سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7628
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 56
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە56دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 570 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-28
ئاخىرقى: 2011-10-24
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-24 20:55

ئۈلۈۋىلىشقا قەتئى ئەرزىمەيدۇ.بۇ قىزنىڭ ھەركىتىنى ياختۇرمىدىم.
ئاللاغا مىڭ شۈكرى!
ھايات مەقسەت ئەمەس، بىر جەريان.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4750
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 188
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە188دانە
ئۆسۈش: 450 %
مۇنبەر پۇلى: 2223 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-03-19
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-24 20:56

مىنىڭچىمۇ ماۋزۇ ماس قويۇلمىغاندەك~~~
ئەلبەھرە تورى   www.elbehre.com
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6925
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 111
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە111دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 2539 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-06
ئاخىرقى: 2012-03-04
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-24 21:06

راست گەپنى دېسەم، ماۋۇ ماۋزۇنى كۆرۈپ، يۈرىكىم «قارتتىدە»  قىلىپ قالدى جۇمۇ.
ماۋزۇنى تەھرىرلەپ قويۇشقا بولامدۇ يوق، ئويلىشىپ باقساڭلار.
ئەلبەھرە تورى
www.elbehre.com
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 137
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە137دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-24 21:28

بۇنۇڭدا ئەسكەرتىش بېرىلگەن ئىدى.ئاپتۇر بېلەن ئالاقىلىشىش مۈمكۈن بولمىغاندىن كىيىن ئەينەن كۆچۈرۈپ مۇنبەرگە يوللىغان.
قالپاق چوڭ ،ئۆزى كىچىك بولۇپ قىلىشى بەلكىم ئاپتۇرنىڭ جەلىپ كىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەخسەت قىلغان بولىشى مۈمكۈن دەپ قارايمەن.
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1172
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1172دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 15629 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-03-27
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-24 21:34

مەن تېخى ئېلى خەلقىنىڭ بېشىغا يەنە نىمە قىسمەتلەر كەلدىكىن دەپ ئەنسىرەپتىمەن ............
hudayim bar himim yuk
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 783
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە783دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 8182 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2012-03-21
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-24 23:01

بۇ بۇلغان ۋەقەمۇ ياكى ھىكايەمۇ.
نىملا بۇلسۇن تىراگدىيە بىلەن ئاخىرلىشىپتۇ.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7728
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 68
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە68دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 859 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-04
ئاخىرقى: 2012-03-18
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-25 21:32

ۋۇ ۋىزدانسىز مەلئۇن !!! .  ( مەن شۇ تاپتا زۇردۇننى تىللىدىممۇ  ئۆزۇمنىمۇ بىلمەيمەن) .....................
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1533
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1533دانە
ئۆسۈش: 5080 %
مۇنبەر پۇلى: 19086 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-03-26
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-26 21:10

ئىلى دەرياسى داۋاملىق ئادەم يەۋاتىدۇ،،،،،،ئالدىنقى كۇنى بىر بالىنى يەپ كىتىپتۇ،،،،،باشقىلارنى قۇتقۇزىمەن دەپ ئۇزى ئىقىپ كىتىپتۇ،،،،،،،،،،،