سۆزىڭىزنى كىم ئەستە ساقلىدى
ئاپتورى: 轻 木
تەرجىمان: گېنېرال
بۇ چەتئەلنىڭ كىنوسى.بىر تاغلىق رايوندا بىر ئەما قىز بار ئىكەن،ئۇ ئەزەلدىن دېڭىزنى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن.بىر كۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيى ئالدىدا بىر گېئولوگ بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ.گېئولوگ كېلىشكەن يىگىت ئىكەن، زامانىۋى شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ بۇلغىنىشىغا ئۇچرىمىغان قىزنىڭ ساپ،بىغۇبارلىقىدىن يىگىتنىڭ يۈرىگى تىترەپتۇ،شۇنداق قىلىپ ئۇلار مۇھەببەتلىشىپ قاپتۇ.بۇ بەكمۇ ساپ مۇھەببەت ئىكەن،مەلۇم تاما ياكى ۋەدىلەردىن مۇستەستا بولۇپ،قىزنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسى دېڭىزنى كۆرۈش،ھېچبولمىغاندا دېڭىز دولقۇنىنىڭ شاۋقۇنىنى ئاڭلاپ بېقىش ئىكەن.بىراق قىزنىڭ بۇ چۈشى ئەمەلگە ئاشماپتۇ.ئۇزۇن ئۆتمەي يىگىت كېسەل بولۇپ قاپتۇ ۋە داۋالىنىش ئۈچۈن شەھەرگە كېتىپتۇ.قىزنىڭ قەلبىدىكى يالقۇنلاۋاتقان ئارزۇ ئاستا-ئاستا ئۆچۈشكە باشلاپتۇ،ئۇ يىگىتنىڭ نېمە سەۋەبتىن كېتىپ قالغانلىقىنى بىلمەيدىكەن.نەچچە يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ.بىر كۈنى قىزنىڭ ئۆيى ئالدىغا ئىككى ناتونۇش كىشى كەپتۇ،ئۇلار يىگىتنىڭ ئاغىنىلىرى بولۇپ،قىزنى دېڭىزغا ئاپىرىش ئۈچۈن كەپتۇ.ئەسلى يىگىتمۇ كەلمەكچى بولغانىكەن،ئۇ ئۆزىنىڭ كېسىلى تېزراق ياخشى بولۇپ كەتسە،قىزنى دېڭىزنى كۆرسىتىشكە ئاپىرىشنى ساقلاپ كەلگەن ئىكەن،ئەمدى ئۇ كېلەلمەيدىكەن،ئۇ قىز بارماقچى بولغان دېڭىزدا ئۇنى ساقلاۋېتىپتۇ.ئىككى ناتونۇش كىشىنىڭ بىرى:__ ئۇ سىزنىڭ سۆزىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ،_ دەپتۇ،__ ئۇ سىزنىڭ كۆزلىرىڭىز ئۇنىڭ روھىنى كۆرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.ئۇ سېنىڭ سۆزۈڭنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ.سېنىڭ پەقەت بىر ئېغىز سۆزۈڭنى ئۇ يۈرىگىنىڭ تەكتىدە ساقلاپ كەپتۇ.يۈز كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان بىر ساۋاقدىشىم بىزنىڭ خوشنا شەھەرگە كاماندىروپكىغا كەلگەنىكەن،ئارىلىقتا ۋاقىت چىقىرىپ مېنى ئىزلەپ كېلىپ كۆرۈشتى.كونا بۇرادەرلەر كۆرۈشكەندىن كېيىنكى خوشاللىقتا،ئادەتتە ئىچىملىككە ئۆزۈمنى ئۇرۇپ كەتمەيدىغان مەنمۇ كۆپ ئىچىپ قويدۇم.ئىككىلىمىز تازا ئىچىپ قىزىغان ۋاقتىمىزدا ئۇ توساتتىن سوراپ قالدى:__ سېنىڭ كىتاۋىڭ نەشىردىن چىقتىمۇ؟__ نېمە؟ كىتاب؟!مەن تېخى كۆپ ئىچىپ قويۇپ،مەستلىكتە خاتا ئاڭلاپ قالغان چېغىم دەپتىمەن،شۇڭا ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەي ئۇنىڭغا ئەجەبلىنىپ قارىدىم.__ ھەئە،سېنىڭ ھېلىقى رومانىڭنى دەۋاتىمەن،سەن رومان يازىمەن دېگەنغۇ،ئېسىڭدە يوقمۇ؟ئەمەلىيەتتە شۇنداق ئىش بولغانلىقى راست.كەچقۇرۇن،ئالىي مەكتەپ ھويلىسىدىكى چىملىقتا،قۇياش پېتىۋاتقان مەنزىرىگە قاراپ، بىر قىزىققان ياش ئۆزىنى بېسىۋالالماي،يەنە بىر قىزىققان ياشقا:__ مەن چوقۇم بىر رومان يازىمەن،__ دېدى.__ ياخشىغۇ،__ دېدى يېنىدىكى ياش يىگىت،__ مەن ئۇنى ئوقۇشنى ساقلايمەن.ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى.گەپنى قىلغان ئادەم ئۇ گېپىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بىلەن،ئاڭلىغان ئادەم ئۇ گەپنى ئېسىدە ساقلاپ كەلدى.خىجىللىق،تەسىرلىنىش...ھاراقنى كۆپ ئىچىۋەتكەچ تۈپەيلىمىكىن كۆزلىرىمدىن ياشلار سىرغىپ كەتتى...بىز ھەر كۈنى سۆزلەيمىز،باشقىلارغا سۆزلەيمىز،ئۆزىمىزگە سۆزلەيمىز.بەزى گەپلەر دەپ بولۇپلا ئېسىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ.ئەگەر سىزنىڭ ئېيتقان مەلۇم بىر ئېغىز گېپىڭىز نۇرغۇن يىللاردىن كېيىنمۇ مەلۇم بىرىنىڭ ئېسىدە ئېنىق ساقلانغان بولسا،ئۆزىڭىزنى بەختلىك ھېسابلاڭ.چۈنكى سىزنىڭ سۆزىڭىزنى ئېسىدە مەھكەم ساقلىغان ئادەم سىزنىڭ قەلبىڭىزگە،روھىڭىزغا ئەڭ يېقىن كىشىدۇر،سىز بۇ دۇنيادا مەڭگۈ غېرىبسىنمايسىز. مەنبە: گېنېرال بىلوگى