باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1086 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھىجرىيە يىلنامىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 1825
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1825دانە
ئۆسۈش: 4460 %
مۇنبەر پۇلى: 22056 سوم
تۆھپىسى: 171 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-22 03:06

ھىجرىيە يىلنامىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ھىجرىيە يىلنامىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
1498. سوئال: ھىجرىيە يىلنامىسى دېگەن قانداق يىلنامە؟

          جاۋاب: ھىجرىيە يىلنامىسى ئەرەبلەرنىڭ يىل، ئاي ۋە كۈنلەرنى ئاينىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان قەمەرىيە يىلنامىسى ئاساسىدا بارلىققا كېلىپ، ھىجرەت ( مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە كۆچ قىلغان) يىلىنى باش يىل قىلغان ئىسلام يىلنامىسىدۇر. ھىجرىيە يىلنامىسى ئىسلام دىنى ئارقىلىق دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان.



1499. سوئال: ئىسلامدىن بۇرۇن ئەرەبلەرنىڭ قانداق يىلنامىلىرى بار ئىدى؟

          جاۋاب: ئىسلام دىنى كېلىشتىن ئىلگىرى، ئەرەبلەرنىڭ ئىككى خىل يىلنامىسى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى، دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا قوللىنىدىغان، ۋاقىتنى قۇياشنىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان شەمسىيە يىلنامىسى، يەنە بىرى، دىنىي پائالىيەتلەر ۋە تارىخىي ۋەقەلىكلەرنىڭ ۋاقتىنى ھېسابلاشتا قوللىنىدىغان، ۋاقىتنى ئاينىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان قەمەرىيە يىلنامىسى بار ئىدى.


1500. سوئال: ئىسلام يىلنامىسىنى قوللىنىش پىكىرى قاچان مەيدانغا چىققان؟

          جاۋاب: ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئىسلام نۇرى پارلاشقا باشلاپ، ئىسلام دەۋىتى ۋە ئىسلام ھاكىمىيىتى مۇستەھكەملەنگەن ھەمدە ئىسلام دەۋىتى چەت دۆلەتلەرگىچە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۈچىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، دۇنيادا ئەڭ زور نوپۇزغا ئىگە بولغان ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزىگە خاس رامىزان، ھەج ۋە باشقىمۇ ئىبادەتلەرنىڭ، دىنيى پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقىتلىرىنى ھېسابلايدىغان، ۋەقەلىكلەرنى خاتىرىلەيدىغان، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئورتاق قوللىنىدىغان مەخسۇس ئىسلامىي يىلنامىسى بولۇشى لازىملىقى ھېس قىلىنغان ۋە بۇ پىكىر رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ھىجرىيە يىلنامىسىنىڭ تاللىنىشى

1501. سوئال: ھىجرىيە يىلنامىسى قانداق تاللانغان؟

          جاۋاب: ئىسلام يىلنامىسىدا قايسى ۋاقىتنى يىل بېشى قىلىش مەسىلىسىدە تۈرلۈك لايىھەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بەزىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 571- يىلنى ئىسلام يىلنامىسىنىڭ باش يىلى قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، بەزىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولغان 610- يىلنى يىل بېشى قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان 622- يىلنى ئىسلام يىلنامىسىنىڭ باش يىلى قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

1502. سوئال: نېمە ئۈچۈن ھىجرەت يىلى ئىسلامىي يىلنامىسى بولۇشقا تاللانغان؟

          جاۋاب: پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلىق ۋەقەسى ئىسلام دىنى تارىخىدا ھەل قىلغۇچ بۇرۇلۇشنى ھاسىل قىلغان ئۇلۇغ ۋەقە ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغان يىلىنى ئىسلام يىلنامىسىنىڭ باش يىلى قىلىش ۋە بۇ يىلنامىنىڭ نامىنى ” ھىجرىيە“ دەپ ئاتاش پۈتۈن مۇسۇلمان ئۆلىمالارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن بەلگىلىگەن.


1503. سوئال: ھىجرىيە يىلنامىسى قاچاندىن بىرى قوللىنىلىشقا ئۆتكەن؟

          جاۋاب: ھىجرىيە يىلنامىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپلا قوللىنىلغان ئەمەس، بەلكى ئىسلام دىنى ئەرەب قەبىلىلەر ئارىسىدا دەۋەت قىلىنىپ 30 يىلدەك ۋاقىتقىچە يەنىلا ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى يىلنامىسى قوللىنىپ كېلىنگەن ئىدى. 639- يىلىدىن ئېتىبارەن مۇسۇلمانلار دىن ۋە دۇنيالىق پۈتۈن ئىشلىرىدا ھىجرىيە يىلنامىسىنى قوللىنىشقا ئۆتكەن.


ھىجرىيە يىلنامىسىنىڭ دىيارىمىزغا كىرىشى

1504. سوئال: ھىجرىيە يىلنامىسى ئۇيغۇر ئېلىگە قاچان كىرگەن؟
          جاۋاب: ئۇيغۇر ئېلىدە ھىجرىيە يىلنامىسىنى قوللىنىشقا ئۆتۈش تارىخى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان دەسلەپكى چاغلىرىغا بېرىپ يېتىدۇ. 9- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەت تەۋەلىكىنى ئىسلاملاشتۇرۇپ ۋە كېيىنچە ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىنىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، ھىجرىيە يىلنامىسى پۈتۈن سىستېمىسى بويىچە ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى يىلنامىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، دىنىي پائالىيەتلەر ھەم دىنغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ئىشلار، شۇنداقلا تۇرمۇش ساھەلىرىدىمۇ بۇ ھىجرىيە يىلنامىسى قوللىنىلىدىغان بولغان. ئۇيغۇرلاردىن چىققان نۇرغۇن ئالىملار – تارىخچىلار، تىلشۇناسلار، ئەدىبلەر، پەيلاسوپلار، تىۋىپلار، نەغمە – سەنئەتچىلەرمۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ۋاقىتنى ھىجرىيە يىلنامىسى بويىچە بايان قىلىدىغان بولغان. پەقەت يېقىنقى زامانغا كەلگەندىلا، مىلادىيە يىلنامىسى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا تارقىلىپ، ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، دىنىي ساھەلەردە، بولۇپمۇ رامىزان ۋە ھېيت – ئايەملەرنىڭ ۋاقتىنى ھېسابلاشتا، يەنىلا ھىجرىيە يىلنامىسى قوللىنىلماقتا



1505. سوئال: ھازىر ھىجرىيە يىلنامىسىنى ئەڭ كۆپ قوللىنىۋاتقانلار كىملەر؟

          جاۋاب: ھازىر ئىسلام ئەللىرى، بولۇپمۇ ئەرەب ئەللىرىنىڭ كۆپىنچىسى دىنىي ساھەلەردىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ھاياتلىق ساھەلەردە، ھەتتا ئادەتتىكى تۇرمۇشتىمۇ ھىجرىيە يىلنامىسىنى قوللانماقتا.

1506. سوئال: ھىجرىيە يىلىنى مىلادىيە يىلىغا قانداق ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟

          جاۋاب: ھىجرىيە يىلىنى مىلادىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
    
(1) مىلادىيىگە ئايلاندۇرماقچى بولغان ھىجرىيە يىلىنى 33 كە بۆلۈمىز.
    
 (2) مىلادىيىگە ئايلاندۇرماقچى بولغان ھىجرىيە يىلىغا 622نى قوشىمىز.
    
 (3) 622 نى قوشقاندا چىققان ساندىن 33 كە بۆلگەندە چىققان ساننى ئېلىۋېتىمىز.
     شۇنىڭ بىلەن مىلادىيە يىلى چىقىدۇ.
    
 مەسىلەن: ھىجرىيە 1429 ÷ 33= 43
     1429+ 622= 2051
     2051- 43= 2008

1507. سوئال: مىلادىيە يىلىنى ھىجرىيە يىلىغا قانداق ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟

          جاۋاب: مىلادىيە يىلىنى ھىجرىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

     (1) مىلادىيە يىلىدىن 622 نى ئالىمىز.

     (2) ئالغاندا چىققان ساننى 33 كە بۆلۈمىز.

     (3) يۇقىرىقى ئىككىسىنىڭ نەتىجىسىنى بىر- بىرىگە قوشىمىز.

     شۇنىڭ بىلەن ھىجرىيە يىلى چىقىدۇ.

     مەسىلەن: مىلادىيە 2008 – 622- = 1386

     1386÷33 = 42

     1386 + 42= 1428

     بۆلۈنگەندە چىققان نەتىجە 42 يېرىمدىن كۆپرەك بولسا، ئۇنى 43 دەپ سانايمىز، ئەگەر 41 يېرىمدىن ئازراق بولسا، ئۇنى 41 سانايمىز.

1508. سوئال: قەمەرىيە ئايلىرى قايسىلار؟

          جاۋاب: قەمەرىيە ئايلىرى تۆۋەندىكىچە:

     مۇھەررەم 1- ئاي.

     سەفەر 2 - ئاي.

     رەبىئۇل ئەۋۋەل 3- ئاي.

     رەبىئۇل ئاخىر 4- ئاي.

     جامادىيەل ئەۋۋەل5- ئاي.

     جامادىيەل ئاخىر 6- ئاي.

     رەجەب 7- ئاي.

     شەئبان 8- ئاي.

     رامىزان 9- ئاي.

     (10) شەۋۋال 10- ئاي.

     (11) زۇلقئدە 11- ئاي.

     (12) زۇلھىججە 12- ئاي



مەنبە: توردۇنياسى 


ھىجىريە1432_يىل رەجەپ ئېينىڭ 19_كۈنى كەڭساي مۇنبىرگە يوللاندى
[ بۇ يازمىنىتاھىر 2011-06-22 03:34قايتا تەھرىرلىدى ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
اللەنىڭ نەزىرىدىكى مەن ھەقىقى مەن!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7794
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 91
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە91دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 950 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-09
ئاخىرقى: 2011-08-12

اللە   مەن   تىخى   6-   ئاينى   رەجەپ   ئېيى    دەپ    يۈرۈپتىمەن  .  بىرسىدىن   مۇشۇ   ئاينىڭ    3-    كۈنى   رەجەپ   ئېيى   كىرىپتۇ    دەپ   ئاڭلىغانتىم    شۇڭا ..........
سەن ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا سەبىر قىل ، اللە كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
شۈكرى.اللە
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 740
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە740دانە
ئۆسۈش: 980 %
مۇنبەر پۇلى: 8112 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2011-10-19
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-22 14:06

ئاللا رەھمەت قىلسۇن بۇ توغرۇلق تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىپ باقمىغانىدىم تىمىڭىزدىن بىلىۋالدىم رەھمەت سىزگە
ئەركەكلەر قەسەم قىلمايدۇ ، ئەركەكنىڭ قىلغان ھەر سۆزى قەسەمدۇر .
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 825
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە825دانە
ئۆسۈش: 3240 %
مۇنبەر پۇلى: 10547 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-10-19
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-22 14:37

ئىسرا ۋە مىراج توغرىسىدىكى تەپسىلى مەلۇمات لازىمتى يىل نامىسى بىلەن،بىلىدىغانلار بولسا مۇشۇ مۇنبەرەگ يوللاپ قويساڭلا.
دوستلىشىش
نەزىرە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7503
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 216
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە216دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 2396 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-21
ئاخىرقى: 2011-10-19
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-22 17:23

بۇ توغۇرلۇق تەپسىلى بىلىمگە ئىگە قىلدىڭىز  رەھمەت سىزگە!!!
ھايا ئىمان جۈملىسىدىندۇر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7992
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 15
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە15دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 150 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-21
ئاخىرقى: 2011-10-13
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-23 10:24

ھىجىرىيە يىلىنى مىلادى يىلىغا ئايلاندۇرۇشنى بىلمەيتىم ، تېمىڭىزدا بۇ ھەقتە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپسىز . تېما يوللىغان قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ! داۋاملىق نادىر تېمىلىرىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنامەن .