باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2464 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مارادونا شىنلاڭ ۋە جيۇچىڭ تورىنى ئەرز قىلدى (گېنېرال)
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 852
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە852دانە
ئۆسۈش: 2390 %
مۇنبەر پۇلى: 10590 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-03-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-21 13:28

مارادونا شىنلاڭ ۋە جيۇچىڭ تورىنى ئەرز قىلدى (گېنېرال)

مارادونا 20مىليون يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلدى

پۇتبول ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخس مارادونا بېيجىڭ <<شىنلاڭ>> ئالاقە ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى بىلەن شاڭخەي <<جيۇ چىڭ>> ئۇچۇر-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى ئىسىم ھوقۇقۇم ۋە سۈرەت ھوقۇقۇمغا دەخلى-تەرۈز قىلدى دەپ ئەيىپلەپ،20مىليون خەلق پۇلى تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە،بېيجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى رەسمىي قوبۇل قىلغان.
2010-يىلى 6-ئاينىڭ بېشىدا بۇ ئىككى جاۋابكار ئورۇن ئۆزلىرىنىڭ تور بېكىتىدە داۋاگەر مارادونانى ۋاكالەتچى بولدى دەپ <<قىزغىن پۇتبول>> ئويۇنى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلغان.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئىككى جاۋابكار ئورۇن ئۆزلىرىنىڭ تور بېكىتىدە<<قىزغىن پۇتبول>> تور ئويۇنى قانىلى تەسىس قىلىپ،ئويۇن قانىلى ۋە ئويۇننىڭ كۆپ قىسىم كۆرۈنمە يۈزىگە داۋاگەرنىڭ سۈرىتى ۋە<<مارادونا>> دېگەن خەتنى ئىشلەتكەن.
مارادونا مۇنداق دېگەن:<< مەن <قىزغىن پۇتبول>دىن ئىبارەت بۇ تور ئويۇنىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولمىدىم شۇنداقلا بۇ ئىككى جاۋابكار ئورۇننىڭ ئىسمىمنى ۋە سۈرىتىمنى ئىشلىتىشىگە قوشۇلمىدىم.شۇڭا بۇ ئىككى جاۋابكار ئورۇن مېنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىمگە دەخلى-تەرۈز قىلغاچقا،سوت مەھكىمىسىدىن بۇ ئىككى جاۋابكار ئورۇننىڭ دەخلى-تەرۈزنى دەرھال توختىتىپ،مەندىن كەچۈرۈم سوراپ،20مىليون يۈەن تۆلەم بېرىشكە بۇيرىشىنى ئۆتۈنىمەن>>.

مەنبە: ئىلى كەچلىك گېزىتى 2011-يىل 16-ئىيۇن خەۋىرى
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7740
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 58
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە58دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 890 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-05
ئاخىرقى: 2011-06-21
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-21 14:54

ئابدىكىرىم ئابلىزمۇ تور بېكەتلەر ئۈستىدىن ئەرىز قىلىشى مۈمكىن، چۈنكى بەزى تور بېكەتلەر ساپاسىز تېما ئىنكاسلارغا مەسئۇل بولۇشنى ئۈگىنىشى كىرەك .