مارادونا 20مىليون يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلدى
پۇتبول ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخس مارادونا بېيجىڭ <<شىنلاڭ>> ئالاقە ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى بىلەن شاڭخەي <<جيۇ چىڭ>> ئۇچۇر-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى ئىسىم ھوقۇقۇم ۋە سۈرەت ھوقۇقۇمغا دەخلى-تەرۈز قىلدى دەپ ئەيىپلەپ،20مىليون خەلق پۇلى تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى.ئىگىلىنىشىچە،بېيجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى رەسمىي قوبۇل قىلغان.2010-يىلى 6-ئاينىڭ بېشىدا بۇ ئىككى جاۋابكار ئورۇن ئۆزلىرىنىڭ تور بېكىتىدە داۋاگەر مارادونانى ۋاكالەتچى بولدى دەپ <<قىزغىن پۇتبول>> ئويۇنى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلغان.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئىككى جاۋابكار ئورۇن ئۆزلىرىنىڭ تور بېكىتىدە<<قىزغىن پۇتبول>> تور ئويۇنى قانىلى تەسىس قىلىپ،ئويۇن قانىلى ۋە ئويۇننىڭ كۆپ قىسىم كۆرۈنمە يۈزىگە داۋاگەرنىڭ سۈرىتى ۋە<<مارادونا>> دېگەن خەتنى ئىشلەتكەن.مارادونا مۇنداق دېگەن:<< مەن <قىزغىن پۇتبول>دىن ئىبارەت بۇ تور ئويۇنىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولمىدىم شۇنداقلا بۇ ئىككى جاۋابكار ئورۇننىڭ ئىسمىمنى ۋە سۈرىتىمنى ئىشلىتىشىگە قوشۇلمىدىم.شۇڭا بۇ ئىككى جاۋابكار ئورۇن مېنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىمگە دەخلى-تەرۈز قىلغاچقا،سوت مەھكىمىسىدىن بۇ ئىككى جاۋابكار ئورۇننىڭ دەخلى-تەرۈزنى دەرھال توختىتىپ،مەندىن كەچۈرۈم سوراپ،20مىليون يۈەن تۆلەم بېرىشكە بۇيرىشىنى ئۆتۈنىمەن>>.مەنبە: ئىلى كەچلىك گېزىتى 2011-يىل 16-ئىيۇن خەۋىرى