پۇرلاشقان سەھرا
سىرتماق سالغان بوينۇڭغا
يېنڭدىكى تۇرخۇننىڭ قارا چاڭگىلى ،
گۈل ھۆسنۈڭنىڭ
جۇلاسى ئۆچكەن ،
بەجايىكى قېلىن بىر قەۋەت
كەر بالانىڭ توپىسى باسقاندەك .
قارىدىم مىڭلاپ تەئەججۇپ
گۈزىلىڭنىڭ بوستان چېچىدەك
ئىرغاڭلىغان رەيھانلىرىڭ
تۇزۇپ كەتكەندەك ،
ئېرىقلاردا بېلىقى بىلەن
ئويناقشىغان سۇلىرىڭ
قۇرۇپ كەتكەندەك ،
كۇي ناۋاسى قوشاقلار قاتقان
قۇشقاچلىرىڭ ئۇچۇپ كەتكەندەك ،
تال چىۋىقنى ئات قىپ سەكرىگەن
سەبىلىرىڭ چوڭ بۇپ كەتكەندەك .
قارىدىم مىڭلاپ تەئەججۈپ
گۈل سېۋىتىم ھېلىھەم قۇرۇق
گۈللىرىڭنى كۆرەلمىگەندەك ،
توقايلىرىڭ قالغان تۈزلىنىپ
ئۇلاغلىرىدىن
چىمەنلىرىدىن
خەيرلەشكەندەك ،
كوچىلىرىڭ گويا بىدەرمان
نىمجان قەددىنى رۇسلالمىغاندەك ،
مەۋجۈدلىغىڭنىڭ تۈگەل ئىزناسى
مومىيىڭنىڭ سۇلغۇن چىھرىدە
ئوچاق بېشىدا قالغاندەك .
توپىرەڭ بوۋاينىڭ يۈزىدە
كۈمۈشرەڭ كۈلكە ،
ياق يىغا
يىغلالمىغاندەك
كۈلەلمىگەندەك ،
چېكەدىكى ئايالنىڭ كۆكسى ئۇچۇق
ئېيتارغا سۆز ھىچ يوق
قالمىغاندەك ئەجەپ بىر ئەركەك .
ئېھ . . . . . سەھرام
قاپسەن مۇڭلىنىپ ،
ئارىسىدا
يۇچۇن بىنانىڭ
مۇزرەڭ يوللارنىڭ
چىقالمايۋاتقاندەك ،
تۇمانلىق گۈگۈم ھەتتا
سەگەك سامانىمۇ
يۇتۇپ كەتكەندەك . . .
مەنبە : قەلىمىم