ئۇزۇن مۇددەتلىك روھىي جىددىيلىكتىن ساقلىنىش كېرەك . تەشۋىشلىنىش ياكى روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىش چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتى ئارقىلىق نېرۋا سېستىمىسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسىنى پەيدا قىلىدۇ.
زىيادە چارچاپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك . ئادەم زىيادە چارچاپ كەتسە ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە قان يېتىشمەي، ھەرخىل ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
يېمەكلىكلەرنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقىدىن ساقلىنىش كېرەك . قورساق ئاچ ۋاقىتتا ، ئاشقازان شىللىق پەردىسى ئاجىرتىپ چىقارغان ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە پېپسىن ئاشقازان دىۋارىنى غىدىقلاش رولىنى ئوينايدۇ. تاماقنى بەك كۆپ يىگەندە، ئاشقازان دىۋارى زىيادە كېڭىيىپ ، يىمەكلىكنىڭ ئاشقازاندا تۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىپ ، ئاشقازانغا زىيان يېتىدۇ.
ھاراقنى كۆپ ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك . ئىسپىرت ئاشقازان شىللىق پەردىسىدىكى قاننى كۆپەيتىپ، سۇلۇق ئىششىق، ئاشقازان قاناش ۋە ئاشقازان يارىسىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ھاراق ئىچكەندە جىگەر، ئاشقازان ئاستى بېزى زەخمىگە ئۇچراپ، ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىش خارەكتىرلىك جىگەر قېتىشىش كېسەللىكى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.
تاماكىنى كۆپ چېكىشتىن ساقلىنىش كېرەك . تاماكا ئاشقازان شىللىق پەردىسىدىكى قان تومۇرلارنى تارايتىپ ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ . شۇڭا تاماكىنى كۆپ چېكىش ھەر خىل ئاشقازان كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەپ .
قېنىق چاي ۋە قەھۋەنى كۆپ ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك. قېنىق چاي ۋە قەھۋە نېرۋا رېفلىكىسى ئارقىلىق ئاشقازان شىللىق پەردە ئاجرالمىلىرىنى تەڭپۇڭسىزلاشتۇرۇپ، ئاشقازان يارىسىنى پەيدا قىلىدۇ.
تاماقنى تېز يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك. تاماقنى بەكرەك چايناپ ئاستا يۇتقاندا ، شۆلگەي كۆپ ئاجىرلىپ چىقىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغدايدۇ. تاماقنى چاينىماي يۇتقاندا ۋە تېز يىگەندە ھەزىم قىلىش تەسىرگە ئۈچراپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ.
ئۇخلاشتىن ئىلگىرى تاماق يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك . ئۇخلاشتىن ئىلگىرى تاماق يېگەندە، ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يېتىپلا قالماستىن ، ئاشقازان كىسلاتاسى كۆپ ئاجىرلىپ چىقىپ ، ئاشقازان يارىسى پەيدا بولىدۇ.
باشقىلارنىڭ قاچا–قۇچىسىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك . تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە ، ئاشقازاننىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى تولغانما تاياقچە باكتىرىيىسى ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى ۋە ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . بۇ قاچا– قۇچا، چىش چوتكىسى ئارقىلىق يۇقۇدىكەن. شۇڭا تازلىققا دىققەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ قاچا–قۇچا، چىش چوتكىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك . نۇرغۇن دورىلار ئاشقازاننى غىدىقلايدۇ . بۇنداق دورىلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىچكەندە، ئاشقازان شىللىق پەردىسى زەخمىلىنىپ، شەلۋەرەش، قاناش خاراكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسى پەيدا بولىدۇ. قىزىتما قايتۇرۇپ ئاغرىق توختىتىش تۈرىدىكى بەزى ئاسپىرىن ، ھورمون تۈرىدىكى دورىلار ، باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك
مەنبە:_ شىنجاڭ گېزىتى