باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 442 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تۇمارىس ھەققىدە رىۋايەت
دوستلىشىش
天山的野花
بىلمەسلىكتىن قورقىما،تىرىشماسلىقتىن قورق!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6963
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 269
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە269دانە
ئۆسۈش: 1010 %
مۇنبەر پۇلى: 3545 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-08
ئاخىرقى: 2012-03-24
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-20 10:07

تۇمارىس ھەققىدە رىۋايەت

ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە قەھرىمانلىقتىن ئىبارەت يۈكسەك غايىنى ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ۋەقەلەر ئاساسىدا جانلىق ۋە ئوبرازلىق يورۇتۇپ بەرگەن تۇمارىس (تومرىس) رىۋايىتى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى قەدىمقى قەبىلە ۋە مىللەتلەر ھەم ئۇيغۇرلار ئەدىبىيار تارىخىدا تا بۇگۈنكى كۈنگىچە سالماق ئورۇن تۇتىدۇ . ئەپسۇسكى ، بۇ رىۋايەتنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ساقلاپ قېلىنمىغان . بىزگە يېتىپ كەلگىنى قەدىمقى يۇنان تارىخچىسى ھىرادۇت ئىرامىزدىن ئاۋالقى 5- ئەسىردە يازغان "تارىخ" سەرلەۋھىلىك كىتاۋىدا بايان قىلىنغان مەزمۇندىن ئىبارەت . ھىرادۇت بۇ كىتاۋىدا ئاساسلىقى قەدىمقى يۇنان بىلەن ئىران ئوتتۇرسىدىكى جەڭلەرنى يازغان بولسىمۇ ، ئەمما باسقۇنچىلىق ئۇرۇشلىرىغا قارشى قوزغالغان نارازىلىغىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان تۇمارىس ھەققىدىكى رىۋايەتنى ئاتايىن ئۆز ئەسىرى ئىچىگە سىغداپ ئەكىرگەن .
  ئەنە شۇ ھىرادۇتنىڭ ۋاستىسى بىلەن تۇمارىس ھەققىدىكى رىۋايەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئىچىدە بۇگۈنكى كۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە . بۇ رىۋايەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق:مىلادىدىن بۇرۇنقى 6- ئەسىردە ئۆتكەن ئىران پادىشاسى كەيخۇسرو بىرنەچچە مەملىكەتنى بېسىۋېلىپ بۇلاپ - تالىغاندىن كېيىن ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ماسساگىتلار (ئىسكىتلار) قەبىلىسىگە قارشى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغايدۇ . ئۇ دەۋرلەردە ماسساگىتلارغا تۇمارىس دېگەن ئەقىللىق ، باتۇر ئايال خاقان ئىكەن . ئۇ تاجاۋۇزچى كەيخۇسروغا قارشى ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ مەردانە ئۇرۇش قىلىدۇ . زالىم كەيخۇسرو ماسساگىتلار خاقانى تۇمارىسنىڭ ئېرى ئۆلۈپ كېتىپ ، تۇل قالغان ئايال ئىكەنلىكىنى بىلىپ ، تۇمارىسقا ئۆيلىنىش چارىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق ماسساگىتلار زېمىنىنى ئىگەللىۋېلىش غەرىزىدە بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۇمارىسنىڭ ئۆزىگە خوتۇن بولىشىنى تەلەپ قىلىپ ئەلچىلەرنى ماڭغۇزىدۇ . ھۇشيار تۇمارىس باسقۇنچى كەيخۇسرونىڭ يامان غەرىزىنى ئېنىق سېزىۋېلىپ ، ئەلچىلەرنىڭ تەلىۋىنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلىپ قايتۇرۋېتىدۇ . ئۆزىنىڭ بۇ خىل قۇۋلۇق - شۇملىقىنىڭ تۇمارىس تەرىپىدىن بىتچىت قىلىۋىتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان كەيخۇسرو ئاشكارا ھۇجۇم قىلىش يولىغا ئۆتۈپ ، ماسساگىتلارغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن دەريادىن ئۆتۈشكە تەييارلىنىدۇ . بۇ ئەھۋاللاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرغان تۇمارىس كەيخۇسروغا دەرھال ئەلچى ئەۋەتىپ ، دۈشمەندىن مەرتلىك بىلەن جەڭ قىلىشنى ، ھىيلە - مىكىر ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئەي تەكەببۇر پادىشا ..... بىز بىلىمىزكى ، سەن تىنچلىقنى خالىمايسەن ، شۇ سەۋەپتىن ئەگەر مەسلەھەتىمىزگە كۆنمەي ، ماسساگىتلار بىلەن توقۇنۇشۇشنى ئىستىسەڭ ، كۆۋرۈك ياسايمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمە . بىزگە ئېيتساڭ ، بىز ساڭا دەخلى يەتكۈزمەي دەريادىن ئۈچ كۈنلۈك يىراق يولغا كۆچۈپ كېتىمىز ، بىمالال دەريادىن ئۆتسەڭ ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈزمۇ - يۈز تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىمىز . ئەگەر بىز بىلەن دەريانىڭ سەن تۇرغان قىرغىقىدا ئۇرۇشماقچى بولساڭ ، ئۇنىمۇ بىزگە ئېيت ! بۇنىڭغىمۇ بىز رازى بولىمىز ، ئەمما ، نامەرتلىك قىلما !...." بۇ كەسكىن ۋە قەتئىي تەلەپنى ئاڭلىغان كەيخۇسرو قاتتىق ئىزتىراپقا چۈشۈپ ، ئۆز سەردارلىرىنى يېغىپ كېڭىشىدۇ . ماسساگىتلارنىڭ مەردانە جەڭگە ئاتلىنىش ئىرادىسىنى ۋە ئۇلارغا تۇمارىستەك ماھىر ئايال قەھرىماننىڭ لەشكەر بېشى بولغانلىقىنى كۆرگەن كەيخۇسرو ھىيلە - نەيرەڭ بىلەن غەلىبە قازىنىش خام خىيالىدا بولىدۇ . ھىيلە - مىكىر بىلەن تۇمارىسنىڭ ئوغلى سپەرگىنىز باشچىلىقىدىكى بىر بۆلۈك ماسساگىتلارنى مەس قىلىپ ئەسىرگە ئېلىۋالىدۇ . دۈشمەننىڭ نامەرتلىك قىلىپ ھىيلە - مىكىر ئىشلەتكەنلىكى تۇمارىس باشچىلىقىدىكى پۈتكۈل ماسساگىتلارنى غەزەپلەندۈرىدۇ . تۇمارىس دەرھال كەيخۇسروغا ئەلچى ئەۋەتىپ : "ئەي قانخور كەيخۇسرو ، قىلغان ئىشىڭ بىلەن ماختانمايلا قوي ! سەن مېنىڭ ئوغلۇمنى يۈزمۇ - يۈز جەڭ قىلىپ يەڭگىنىڭ يوق ! ئۇنى مەككارلىق بىلەن ھاراق ئىچۈرۈپ (مەس قىلىپ) ئەسىر ئالدىڭ . ئەمدى مېنىڭ مەسلەھەتىمگە كىر . ئوغلۇمنى ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىپ ، كەلگەن يېرىڭگە زىيان - زەخمەتسىز قايتىپ كەت ! ئەگەر سۆزۈمگە كىرمىسەڭ ماسساگىتلارنىڭ تەڭرىسى قۇياش نامى بىلەن قەسەميات قىلىمەنكى ، مەن سەندەك ئاچكۆز يۇھانى قان بىلەن سۇغىرىمەن ...." دېگەن سۆزلەرنى يەتكۈزىدۇ .
  كەيخۇسرو بۇ سۆزلەرنى قىلچە پىسەنتىگە ئالمايدۇ ، تۇمارىسنىڭ ئوغلى سپەرگىنىز ئاخىرى ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ . باسقۇنچى كەيخۇسروغا يۇقۇرقىدەك قەتئىي ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ تەسىر قىلمىغانلىقىنى كۆرگەن قەھرىمان ئايال تۇمارىس كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىپ ، كەيخۇسروغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىدۇ . ئىرامىزدىن بۇرۇنقى 530 - يىلى ئامۇ دەرياسى بويلىرىدا بولغان دەھشەتلىك جەڭدە تۇمارىس باشچىلىقىدىكى قەھرىمان ماسساگىتلار ئىران قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ ، باسقۇنچى كەيخۇسرونى ئۆلتۈرىدۇ . جەڭ ئاياقلاشقاندىن كېيىن ، تۇمارىس كەيخۇسرونىڭ بېشىنى قان بىلەن تولغان تۇلۇمغا سېلىۋېتىپ شۇنداق دەيدۇ: " ئەي نامەرت ! سېنى جەڭدە ھالاللىق بىلەن يېڭىپ چىققان مەندەك بىر ئايالنى مەككارلىق بىلەن ئوغلىدىن جۇدا قىلىپ ، پەرزەنت داغىدا كۆيدۈردۈڭ ، سەن ئۆمرىڭ بويى قانغا تويمىدىڭ . مەن ئۆز قەسىمىمگە ئەمەل قىلىپ سېنى (بېشىڭنى) قان بىلەن سۇغاردىم ، بىراۋنىڭ يۇرتىغا زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇپ كىرگەنلەرنىڭ جازاسى ئەنە شۇنداق بولىدۇ...." دېمەك، تۇمارىس رىۋايىتىنىڭ باش قەھرىمانى تۇمارىس باتۇر ، ۋەتەنپەرۋەر ، غالىپ قەھرىماننىڭ ئۆلمەس سىماسى بولۇپ ، ئۇ كىشىگە سۆيۈنۈش ۋە قىزغىن ھاياجان بەخش ئېتىدۇ . بىز ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئادالەت يولىدا بولغان يۈكسەك قەھرىمانلىقىنى ، پاك ۋىجدان ، ھەقىقى مەرتلىك ۋە ئالىيجاناپ خىسلەتلەرنى كۆرەلەيمىز . تۇمارىس تۇغۇلغان يۇرتىغا ، ئۆز خەلقىگە قىزغىن مۇھەببەت ۋە ئەقىدە تۇرغۇزۇپ ، باسقۇنچى كەيخۇسروغا ئوخشاش شەرمەندە تاجاۋۇزچىلارنى ئۈزىل - كېسىل تارمار قىلىدۇ . ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى نامايەن قىلىدۇ .
  رىۋايەتتە سپەرگىنىزنىڭ ئىچىملىككە بېرىلىپ ، ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىقى ئەيىپلىنىدۇ . بىراق ، ئۇنىڭ ئار - نومۇسىنى ساقلاش ئۈچۈن دۈشمەن قولىدا ئەسىر بولۇشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرگەنلىكى ۋە ئۆز خاتالىقىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۆزىنى ھالاك قىلغانلىقى سۆزلىنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ نومۇسلۇق ، ۋىجدانلىق ، مەرت يىگىتلەرنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالىدۇ .
  رىۋايەتتە سۆزلەنگىنى كەيخۇسرو ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىنى ھالاكەت گىرداۋىغا ئىتتىرىشنى كۆزلەيدىغان زالىم باسقۇنچى پادىشالارنىڭ ئوبرازىدۇر . رىۋايەتتە تۇمارىسنىڭ بۇ زالىم كەيخۇسرونىڭ كېسىلگەن بېشىنى قان بىلان تولغان تۇلۇمغا سېلىۋاتقانلىق كۆرۈنۈشى ئاجايىپ تەسىرلىك كۆرسىتىلگەن بولۇپ ، بۇ كىچىككىنە تەپسىلاتتىن ئادالەتنىڭ زۇلمەت ئۈستىدىم غەلىبە قىلغانلىقى ، ھەققانىيەتنىڭ زوراۋانلىقنى ئۈزىل - كېسىل تارمار كەلتۈرگەنلىگى روشەن ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ
مەنبە؛http://www.dil.cc/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=276