باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 934 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بىر ئادەمنىڭ ئۆزگەرتەلەيدىغىنى...(گېنېرال)
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 705
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە705دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 8920 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-19 22:31

بىر ئادەمنىڭ ئۆزگەرتەلەيدىغىنى...(گېنېرال)

تەسۋىرلەش:ھېلىن.كېللېر
رەسىم:
بىر ئادەمنىڭ ئۆزگەرتەلەيدىغىنى...
تەرجىمان: گېنېرال
The Almshouse in Tewksbury, Massachusetts. Annie spent five years of her childhood here
.
Annie Sullivan's graduation picture from Perkins School for the Blind 1886

فرانك مانفىلد دوكتۇر ئۇزاق تارىخقا ئىگە تەۋكىسبۇريTewksbury پاراۋانلىق ئورنى(ساناتورىيە)نى كۆزدىن كەچۈردى.ئۇ قايتىدىغان چاغدا ئىشىكتىن چىقىۋېتىپ بىخەستەلىكتىن، تازىلىق ئىشچىسىغا __ ياشانغان ئايالغا سوقۇلۇپ كەتتى.ئوڭايسىزلانغانلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن دوكتۇر ئايالدىن:
__ سىز بۇ يەردە ئىشلىگىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟__ دەپ سورىدى.
__ بۇ يەر قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغدىلا كەلگەن ئىدىم،__ دېدى ئايال.
__ ھە؟ئۇنداقتا سىز بۇ يەرنىڭ تارىخى ھەققىدە ئازراق سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟،__ يەنە سورىدى دوكتۇر.
__ مەن سۆزلەشنى بىلمەيمەن،لېكىن سىزنى باشلاپ بۇ يەرنى كۆرسىتەي.
تازىلىق ئىشچىسى ئايال سۆزلىگەچ دوكتۇرنى باشلاپ بۇ قەدىمىي قۇرۇلۇشنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە ___ قاراڭغۇ ھەم زەي يەر ئاستى ئۆيىگە كەلدى.بۇ يەردە خۇددى قاماقخانىغا ئوخشاش بىر نەچچە كامىر بار ئىدى.تۆمۈر رىشاتكىلىرى داتلىشىپ كەتكەنىدى.
ئايال بىر كامىرنى كۆرسىتىپ:
__ بۇ يەر ئۇلار ئىلگىرى ئاننىنى قامىغان يەر،__ دېدى.
__ ئاننى دېگەن كىم؟__ دەپ سورىدى دوكتۇر.
__ ئاننى بىر كىچىك قىز،ئۇنى قۇتقۇزىۋېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا بۇ يەرگە قاماپ قويغان.ئۇ ۋارقىراپ، چىشلەپ ھەم  تاتىلاپ،ھەتتا ئالدىدىكى يېمەكلىكنى ئادەمگە ئېتىپ... دېگەندەك قىلغاچقا،دوختۇر - سىستېرالار ئۇنى تەكشۈرۈشكە ئامالسىز قالغان ئىدى.ئۇ چاغدا مەن ئۇنىڭدىن پەقەت نەچچە ياشلا كىچىك ئىدىم.مەن دائىم: ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولسام،ئوخشاشلا بۇ قەپەزگە سولىنىپ قېلىشنى خالىمايتتىم،دەپ ئويلايتتىم.ئۇنىڭغا ياردەم قىلغۇم بار ئىدى،بىراق قانداق ياردەم قىلىشنى بىلمەيتتىم.دوختۇر-سىستېرالارنىڭمۇ قولىدىن كەلمەيۋاتسا ماڭا ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ قولىدىن نېمە كېلەتتى؟
مەن باشقا ئامال تاپالماي،پەقەت ياخشىراق نەرسە پىشۇرۇپ،ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈشنى ئويلىدىم.ئۇ كۈنى كەچتەمەن شاكىلاتلىق تورت تەييارلاپ،ئەتىسى ئاننى سولانغان كامىر ئالدىغا ئاستاغىنە كەلدىم ۋە:
__ ئاننى،مەن سەن ئۈچۈن ئالايىتەن تورت پىشۇرغان ئىدىم،مۇشۇ يەرگە قويۇپ قوياي.خالىساڭ ئېلىپ يېگىن،__ دېدىم-دە،دەرھال كېتىپ قالدىم،چۈنكى ئۇنىڭ تورتنى ئېلىپ ماڭا ئېتىشىدىن قورقتۇم.ئەمما ئۇ ئۇنداق قىلمىدى.دەل ئەكسىچە،تورتنى ئېلىپ ئىشتىھا بىلەن يېگىلى تۇردى.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ماڭا باشقىلارغا قارىغاندا ئىللىقراق مۇئامىلىدە بولدى.تېخى بىر قېتىم ئىككىمىز قاقاقلاپ كۈلۈشۈپمۇ كەتتۇق.بىر سىستېرا بۇ ئىشلارنى بايقاپ قېلىپ دوختۇرغا ئىنكاس قىپتۇ.دوختۇرلار مەندىن  ئاننىنى بىرلىكتە داۋالاشقا ياردەم بېرىشنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقىمنى سورىدى.مەن ئەلۋەتتە قوشۇلدۇم.ئاننىنى تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويىدىغان چاغلاردا مەن ئاۋال كامىرغا كىرىپ،ئاننىنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ،تەسەللى بېرىپ،كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇراتتىم.نەتىجىدە دوختۇرلار شۇنى بايقىدىكى،ئاننا ئەما بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قاپتۇ!
ئاننى ساناتورىيەدە بىر يىل__ ئۇنىڭغا نىسبەتەن تولىمۇ جاپالىق كۈنلەر__ داۋالاندى،كېيىن پېركىنىس(Perkins)ئەمالار ئىنىستېتۇتىنىڭ ئىشىكى ئۇنىڭغا ئېچىلدى،ئۇ داۋاملىق ئوقۇپ،ئاخىرى ئوقۇتقۇچى بولدى.
بىر قانچە يىلدىن كېيىن،ئاننى بۇرۇن تۇرغان ساناتورىيەنىڭ باشلىقىغا ئۆزىنىڭ  قانداق ياردەمدە بولسا بولىدىغانلىقىنى سورىغىنىدا،ساناتورىيە باشلىقى دەسلەپتە،ھېچنېمە دېمەپتۇ،كېيىن تۇيۇقسىز ئېسىگە يېقىندىلا تاپشۇرىۋالغان بىر پارچە خەت كەپتۇ.
 بىر كىشى ئۆزىنىڭ قىزى ھەققىدە خەت يازغان بولۇپ،ئۇنىڭ قىزى ھەم گاس ھەم ئەما ئىكەن،يەنە تېخى بىر ئاز روھىي كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ باركەن.بۇ دادا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەپتۇ،قىزىنى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قويۇشقا قىيمىغاچقا،خەت يېزىپ ياردەم سوراپتۇ.
شۇنداق قىلىپ ئاننى سەلۋېن (Anne sullevan )  دۇنياغا مەشھۇر ھېلىن.كىللېر     Helen Keller 1880.6.27-1968.6.1   نىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى بولۇپ قالدى.                      
ھېلىن نوبىل مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەندە،ئۇنىڭغا ئەڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئادەم توغرىسىدا توختالغاندا ئۇ:<<ئاننا سەلۋىن>>دەپ جاۋاب بەردى.ئاننا:
__ ياق ھېلىن،سىز ۋە ماڭا ئەڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئادەم تەۋكىسبۇري ساناتورىيەسىدىكى بىر ئايال تازىلىق ئىشچىسى،__ دېدى.
بىر ئادەم ئۆزىدىن:<< ماڭا ئوخشاش ئادەمنىڭ قولىدىن نېمە كېلەتتى>>دەپ سورىغان ۋاقتىدا،تارىخ شۇ سەۋەبلىك ئۆزگىرىدۇ.
__________________________
گېنېرالنىڭ ئىزاھاتى:
ھېلىن.كىللېر     Helen Keller 1880.6.27-1968.6.1  19-ئەسىردە ئامېرىكىدا ياشىغان گاس،ئەما ئايال يازغۇچى،پىداگوك،خەير-ساخاۋەتچى،ئىجتىمائىي پائالىيەتچى.ئۇ قەيسەر ئىرادىسى بىلەن ئاننا سەلۋىن ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكلىشىدە ئېنگلىزچە،فىرانسۇزچە،نېمىسچە...قاتارلىق بەش خىل تىلنى ئىگىلىگەن.
<<كۆزۈم ئۈچ كۈنلا ئېچىلسا ئىدى>>(بۇ كىتاب ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان،ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ).
<<مېنىڭ تۇرمۇشۇم>>،<<مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇم>> قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرى بار.

ئاننى سەلۋىن 1936.10.19- 1866.4.14. كۆرۈش قۇۋۋىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن،ئېشىر دەرىجىدە يېقىننى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ،ئەما بولۇشقا تاسلا قالغان ئايال.ئۆزىنىڭ مۇھەببىتى ۋە قەتئىي بوشاشماس روھى بىلەن بىر گاس،ئەما قىزغا ئەركىنلىك بەخش ئەتكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە توختىماي ئالغا باسىدىغان دۇنياۋىي مۆجىزە ياراتقان.
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 1828
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1828دانە
ئۆسۈش: 4490 %
مۇنبەر پۇلى: 22106 سوم
تۆھپىسى: 171 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2011-10-19

بىرزاتكامنىڭ <80 خالتا>سىدىن كۆچۈرۈپ كەلدىم   ، راستىنلا بىر ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ 




قارىغۇ ، گاس ، گاچا ھالەتتە ياشىسىمۇ ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بەخت - سائادىتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىپ مول نەتىجىلەرنى يارىتىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان ئامرىكىلىق خېلىن كېللېرنىڭ << كۆزۈم ئۈچ كۈنلا ئېچىلسا ئىدى Three Days to See >> ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدىكى پاك ، سەمىمىي تىلەكلەرنى ئۇقۇيدىغان بولسىڭىز ئىنسان ئۈچۈن كۆزنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ۋە ئاتا - ئانا ، ئۇرۇق - تۇققان ، دوست يارەنلەرنىڭ جامالىنى كۆرۈش ،تەبىئەت گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىشنىڭ تەسىۋىرلىگۈسىز لەززەت ئىكەنلىكىنى، كۆز رۇشەنلىكىنىڭ ئىنسان ئۈچۈن زور بەخت ئىكەنلىكىنى ھەم ياراتقۇچى تەرىپىدىن ئىنسانغا بېرىلگەن كاتتا نېئمەت ئىكەنلىكىنى تۇلۇق ھېس قىلىپ يىتەلەيسىز .
ئۇ تاسادىپىي مۆجىزە يۈز بېرىپ كۆزى پەقەتلا ئۈچ كۈن ئېچىلسا قىلىدىغان ئىشلىرىنى تولىمۇ تەپسىلىي بايان قىلغان بولۇپ ، سىز - بىزنىڭ يۈرەك تارىمىزنى چىكىپ ھاياتنى سۆيۈشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھەر قاچان سەمىمىزگە سېلىپ تۇرىدۇ . خوش ، ئۇنداقتا نۇرلۇق كۆزلىرىڭىز 80خالتا بلوگىمىزغا يوللانغان تۆۋەندىكى قۇرلارغا مۇبارەك نۇرلىرىنى چاچقاي :

كۆزۈم ئۈچ كۈنلا ئېچىلسا ئىدى


&t=1&h=160&w=120&usg=__R2ZBYNmHMRny5DFJR7xJuqYe_h4=[/img]


خېلىن كېللېر ( Helen Keller )




بىرىنچى كۈنى


كۆزۈم ئېچىلىپ بىرىنچى كۈنى ، مەن ئادەملەرگە قارايمەن . چۈنىك ، ئۇلارنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكى ، ئىللىق مىھرى ۋە دوستلۇقى تۇرمۇشۇمنى مەنىگە ئىگە قىلدى . ئالدى بىلەن قەدىرلىك مۇئەللىمىم ئاننېي سۇللىۋان ماتسى خېنىمنىڭ يۈزىگە ئۇزۇندىن - ئۇزۇن قارىۋالسام دەيمەن . چۈنكى ، ئۇ مەن تېخى كىچىككىنە بالا ۋاقتىمدىلا ئالدىمدا پەيدا بولۇپ ، ماڭا تاشقىرىدىكى دۇنيا ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى . خاتىرەمدە ئەتىۋارلاپ ساقلاش ئۈچۈن پەقەت ئۇنىڭ يۈزىنىڭ كىپتىنىلا(ئىسكەتى) كۆرۈش بىلەن بولدى قىلمايمەن . يەنە ئۇنىڭ چىھرىدىن ھېسداشلىقتىن پەيدا بولغان مۇلايىملىق ۋە سەۋرچانلىقنىڭ ئىزنالىرىنى تېپىپ تەتقىق قىلىمەن . چۈنكى ، ئۇ مانا شۇلار بىلەن مېنى تەربىيەلەشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئادا قىلغان . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئۇنى قىيىنچىلىق ئالدىدا مەزمۇت تۇرغۇزغان قەيسەر مىجەز - خارەكتىرىنى كۆرۈشنى ، شۇنداقلا دائىم ماڭا ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قىلغان خەيرخاھلىقىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن .

مەن <<قەلب ئەينىكى >> ، يەنى دوستىنىڭ كۆزىدىن قەلبىنى كۆرۈش دىگەننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمەن . مەن پەقەت بارماقلىرىم ئارقىلىقلا بىر يۈزنىڭ كىپتىنىلا كۆرەلەيمەن ، قاقاقلاپ كۈلۈش ، قاتتىق قايغۇرۇش ۋە باشقا نۇرغۇن روشەن ھېسسىياتنى سېزىۋالالايمەن . مەن دوستلىرىمنىڭ يۈزىنى سىلاش ئارقىلىق ئۇلار بىلەن تۇنۇشقان ، ئەمما سىلاش بىلەنلا ئۇلارنىڭ خارەكتىرىنى ھەقىقىي يۇسۇندا سۈرەتلەپ بىرەلمەيمەن . ئەلۋەتتە ، ئۇلارنىڭ خارەكتىرىنى باشقا يوللار ئارقىلىق ، يەنى ئۇلار ماڭا ئىپادىلىگەن ئوي - پىكىر ، ماڭا نامايان قىلغان ھەر قانداق ھەرىكىتى ئارقىلىقمۇ ئىگىلەيمەن ، چۈشىنىمەن ، ئەمما ئۇلارنى چوڭقۇرراق چۈشىنەلمەيمەن . ئىشىنىمەنكى ، بۇنداق چۈشىنىشتە ئۇلارنى ئىنىق كۆرۈش ، ئۇلار ئىپادىلىگەن تۈرلۈك ئوي - پىكىر ۋە ئەھۋاللارغا بولغان ئىنكاسىنى كۆزىتىش ، ئۇلارنىڭ قاراشلىرى ۋە چىرايىدىكى ئىنكاسىغا دىققەت قىلىش ئارقىلىق ئىگە بولغىلى بولىدۇ .

يېنىمدىكى دوسلىرىمنى بولسا ، ئۇلار بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت بىللە بولغانلىقىم ھەم ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خارەكتىرىنى ماڭا ئايان قىلغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى ئوبدان چۈشىنىمەن .
ھالبۇكى ، تاسادىپىي دوستلىشىپ قالغانلارغا قارىتا مەندە پەقەت مۇكەممەل بولمىغان تەسىراتلار بار . بۇمۇ بىر قېتىملىق قول ئېلىشىش ، بارماقلىرىمنىڭ ئۇچى بىلەن ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆز - جۈملىلەرنى چۈشىنىش ياكى ئۇلارنىڭ خەتنى قولۇمغا بوش يېزىپ بەرگەنلىرى ئارقىلىق ئېرىشكەن تەسىرات .

كۆزى كۆرەلەيدىغان سىلەردەك كىشىلەر قارشى تەرەپ ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنە ۋە ماھىيەتنى ، قارشى تەرەپنىڭ چىرايىدىكى نازۇك ئىپادىنى ، يۈز مۇسكۇللىرىنىڭ تىترىشىنى ، قول ئىشارىتىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى كۆزىتىش ئارقىلىق تىزلا بىلىۋالايسىلەر . بۇ نەقەدەر ئاسان ، كىشنى نەقەدەر قانائەتلەندۈرىدىغان جاۋاپ ھە ؟ !! لىكىن سىلەر كۆرۈش سەزگۈڭلار ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ يۈزىدىكى چىراي ئىپادە ئالاھىدىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ بىر دوستۇڭلار ياكى تۇنۇشۇڭلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ( يەنى قەلبىنى ) كۆرۈپ بېقىشنى ئويلاشتىڭلارمۇ، يوق ؟

يەنى سىلەردىن شۇنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ ، بەش نەپەر يېقىن دوستۇڭلارنىڭ چىرايىنى توغرا سۈرەتلەپ بىرەلەمسىلەر ؟ بۇنى ئاز بىر قىسمىڭلارلا قىلالايسىلەر ، لىكىن كۆپىنچىڭلار قىلالمايسىلەر ، مەن سىناق قىلىپ بەزى ئەرلەردىن خوتۇنىنىڭ كۆزى قانداق رەڭدە ئىكەنلىكىنى سوراپ كۆرگەنىدىم ، ئۇلار گاڭگىراپ قېلىشتى ۋە بىلمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتى . گېزى كەلگەندە دەپ ئۆتەي : خوتۇنلار ھەمىشە ئەرلىرىمىز يېڭى كىيىم ، يېڭى شىلەپىلىرىمىزنىڭ رەڭگىگە ، شۇنداقلا ئۆي جاھازىلىرى ، نەرسە ، كىرەكلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلمايدۇ دەپ قاقشايدۇ .

كۆرۈش سەزگۈسى بار كىشىلەرنىڭ كۆزى ئەتراپىدىكى شەيئىلەرنىڭ قائىدىسىگە پاتلا كۆنۈپ قالىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كۆزى پەقەت ھەيران قالارلىق ۋە ھەيۋەتلىك شەيئىلەرگىلا دىققەت قىلىدۇ . ھالبۇكى ، ئەڭ ھەيۋەت ، كۆركەم مەنزىرىلەرگە قارىغاندىمۇ كۆزى ھۇرۇنلۇق قىلىدۇ . سوت خاتىرىلىرىدە ھەر كۈنى << كۆرگۈچى>> لەرنىڭ قانچىلىك توغرا كۆرەلمىگەنلىكى ئاشكارىلىنىپ تۇرىدۇ ، يەنى مەلۇم بىر ۋەقەنى بىر قانچە گۇۋاھچى ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە شەكىلدە << كۆرىدۇ >> . بىرلىرى باشقىلاردىن كۆپرەك نەرسىنى كۆرىدۇ . ئەمما ، نەزەر دائىرىسى ئىچىدىكى جىمى نەرسىنى كۆرەلەيدىغانلار ھېچقانچە چىقمايدۇ .

ئاھ ، ئەگەر كۆزۈم ئۈچ كۈنلا كۆرەلىسە ئىدى ، مەن قانچىلىك نەرسىنى كۆرەلىگەن بولاتتىم - ھە !

بىرىنچى كۈنى ، ئەڭ ئالدىراش بولغان بولاتتىم . قەدىردان دوسلىرىمنىڭ ھەممىسىنى چاقىرتىپ كىلىپ ، ئۇلارنىڭ يۈزىگە ئۇزاق قاراپ تۇرۇپ ، ئىچكى گۈزەللىكىنى ئىپادىلەپ تۇرغان تاشقى كۈرۈنۈشىنى يۈرىكىمگە نەقش قىلىپ ئورنىتىۋالاتتىم . يەنە نەزىرىمنى بىر بوۋاقنىڭ يۈزىدە توختىتىپ ، تۇرمۇش تۇقۇنۇشلىرى پەيدا قىلغان شەخسىي ئاڭ شەكىللىنىشىدىن ئىلگىرىكى ئارزۇ ، سەبىيلەرچە غۇبارسىز گۈزەللىكىنى تۇتۇۋالغان بولاتتىم .

يەنە ئىتلىرىمنىڭ ساداقەتمەنلىك ، ئىشەنچ بىلەن ئىپادىلىنىپ تۇرغان كۆزلىرىگە ، يەنى سۆلەتلىك ، جىمغۇر سىكوت ، داركى ، قاۋۇل ، ساغلام ، ئەقىللىق دادېخن ۋە ھايگېرلارنىڭ كۆزلىرىگە قارىغۇم بار . چۈنكى ئۇلارنىڭ قىزغىن ، غۇبارسىز، شوخ دوستلۇقى ماڭا زور تەسەللىي بەخش ئەتكەنىدى .

ئالدىراش بولغان بىرىنچى كۈنى ، ھۇجرامدىكى ئاددىي ، كىچىك نەرسىلەرگە نەزەر سالىمەن . پۇتۇمنىڭ ئاستىدىكى كىچىك گىلەمنىڭ ئىسسىق رەڭگىگە ، تامدىكى رەسىملەرگە ، ئۆينى ئائىلە ئىللىقلىقىغا چۆمدۈرگەن كىچىك نەرسىلەرگە قارايمەن . مەن ئوقۇغان ئەمالار يېزىقىدىكى كىتابلارغا ھۆرمەت نەزەرىم بىلەن قارايمەن . شۇنداقتىمۇ كۆزى كۆرىدىغانلار ئوقۇيالايدىغان باسما شەكىلدىكى كىتابلار مىنى تېخىمۇ قىززىقتۇرىدۇ .
ئۇزاق ھاياتىمدىكى قاراڭغۇلۇقتا ئۆزۈم ئۇقۇغان ۋە باشقىلار ئوقۇپ بەرگەن كىتابلار سەلتەنەتلىك ، غايەت زور ماياك بولۇپ ، ماڭا ھاياتىمدىكى ۋە قەلبىمدىكى ئەڭ ئىچكىرى يوللارنى كۆرسىتىپ بەردى .

مەن كۆرەلەيدىغان بولغان بىرىنچى كۈنى چۈشتىن كىيىن ئورمانلىققا بېرىپ ، كۆزلىرىمنى تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن مەست قىلىمەن . بىر قانچە سائەت ئىچىدە نورمال كۆرەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ھەمىشە ئايان بولۇپ تۇرىدىغان پارلاق ، كۆركەم ، بىپايان ، ئاجايىپ - غارايىپ مەنزىرىلەرنى كۆزۈم ئارقىلىق بار كۈچۈم بىلەن شۈمۈرىمەن . ئورمان ساياھىتىدىن قايتىپ كىلىش يولىدا ، قۇرۇققا يېقىن چىغىر يوللار بىلەن مېڭىپ ، ئېتىزلىقلاردا تېرىقچىلىق قىلىۋاتقان ئاتلارنى ( بەلكىم بىرەر تىراكتورنى كۆرۈشۈم مۇمكىن ) يەر تېرىشقا تايىنىپ جان بېقىۋاتقان ئەركىن - ئازادە كىشىلەرنى كۆرۈۋالىمەن . كۈن ئولتۇرغان چاغدىكى ھەيۋەتلىك ، رەڭدار كۆركەم مەنزىرىنى كۆرۈپ دۇئا قىلىمەن .

گۇگۇم پەيتىدە بولسا ، سىرتقى شەيئىلەرنى سۈنئىي يۇرۇقلۇق ياردىمىدە كۆرۈپ شادلىققا چۆمىمەن . تەبىئەت قاراڭغۇ تۈن يىتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان چاغدا ، ئىنسانلار تالانتى بىلەن ئىقاد قىلغان چىراغ يۇرۇقى ئارقىلىق كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئۇزارتقان ، مەن كۆزۈم كۆرەلىگەن بىرىنچى كۈنى كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ . قەلبىم بۇ بىر بىر كۈندىكى خاتىرىلەر بىلەن تولىدۇ .


ئىككىنجى كۈنى


كۆزۈم كۆرەلىگەن ئىكىنچى كۈنى ، مەن سۈبھى بىلەن تەڭ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ، سىرتقا چىقىپ قاراڭغۇ تۈن بىلەن يۇرۇق كۈن ئالماشقان ، ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان مۆجىزىنى تاماشا قىلىمەن .

بۇ كۈنى مەن دۇنياغا ، ئۆتۈپ كەتكەن دۇنيا ۋە ھازىرقى دۇنياغا ئالدىراش - تىنەش بىر نەزەر سالىمەن . ئىنسانلار تەرەققىياتىنىڭ ئاجايىباتلىرىنى ، سانسىزلىغان ئۆزگىرىشلەر بىلەن تولغان قەدىم زاماننى كۆرۈپ چىقسام دەيمەن . بۇنچە نۇرغۇن يىللارنى قانداقمۇ بىر كۈنگە يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ ؟ . ئەلۋەتتە ، بۇنى مۇزىيلار ئارقىلىق قىلىمەن .مەن دائىم نيۈيورك تەبىئەت تارىخى مۇزىيىغا بېرىپ ، تىزىلغان نۇرغۇن بۇيۇملارنى تۇتۇپ باققانىدىم . ئەمما ، يەرشارىنىڭ قىسقىچە تارىخىنى ، ئۇ يەرگە تىزىلغان يەرشارىدىكى ئاھالىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرسەم دەپ ئارزۇ قىلاتتىم . ئۇ يەردە تەبىئىي مۇھىت بويىچە تەسۋىرلەنگەن ھايۋانلار ۋە ئىنسانلار ، غايەت زور دىنازاۋور ، تاشقا ئايلانغان ئۆتكۈر چىشلىق پىل بار ئىدى . ئىنسانلار پەيدا بولۇشتىن ھەمدە كىچىككىنە تەنلىرى ، كۈچلۈك باشلىرى بىلەن ھايۋانات دۇنياسىنى بۇيسۇندۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۇلار يەرشارىدا ئايلىنىپ يۈرگەنىدى . مۇزىيدا يەنە ھايۋانلار ، ئىنسانلار ھەمدە ئەمگەك قوراللىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانى ، ئىنسانلارنىڭ بۇ قوراللارنى ئىشلىتىپ بۇ پلانىتادا ئۆزلىرىگە بىخەتەر پۇختا ئۆيلەرنى ياسىغانلىقى راستتەكلا تۇنۇشتۇرۇلاتتى .
مۇزىيدا يەنە تەبىئەت تارىخىنىڭ باشقا سانسىزلىغان تەرەپلىرىمۇ تۇنۇشتۇرۇلاتتى . ئادەمنى جەلپ قىلىدىغان مۇزىيدىكى ھايات ياشاۋاتقان ھايۋانلارنىڭ ھەر خىل تۇرقى تەسۋىرلەنگەن بۇيۇملارنى قانچىلىك كىتاپخانلارنىڭ كۆرگەنلىكىنى بىلمەيمەن . ئەلۋەتتە ، نۇرغۇن كىشىلەرگە بۇنداق پۇرسەت بولمىدى . ئەمما ، مەن ئىشىنىمەنكى ، پۇرسەت بولغان نۇرغۇن كىشىلەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانمىدى ، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ سىز كۆزىڭىزنى ئىشلىتىدىغان ئوبدان جاي ، سىز كۆزىڭىز كۆرەلىگەندىن كىيىن ئۇ يەردە نۇرغۇن پايدىلىق ، ئۈنۈملۈك كۈنلەرنى ئۆتكۈزەلەيسىز . ھالبۇكى ، تەسەۋۋۇرۇمدىكى كۆز كۆرەلەيدىغان ۋاقىت ئۈچ كۈنلا بولغلانلىقى ئۈچۈن ئالدىراش - تىنەشلا نەزەر سالىمەن ، خالاس .

كىيىنكى بىكىتىم پايتەخت سەنئەت مۇزىيى ، تەبىئەت تارىخىي مۇزىيى دۇنيادىكى ماددىلارنىڭ تاشقى كۈرۈنۈشىنى نامايان قىلىپ بەرگەنگە ئوخشاش ، پايتەخت سەنئەت مۇزىيى ئىنسانلار روھىنىڭ سانسىزلىغان كىچىك يان تەرەپلىرىنى نامايان قىلىدۇ . پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخىي باسقۇچىدا ، ئىنسانلارنىڭ سەنئەتكە ئىپادىلىگەن كۈچلۈك ، يالقۇنلۇق ئىنتىلىشى بەئەينى يىمەكلىك ، ئۆزىنى يۇشۇرىدىغان ماكان ۋە تۇغۇش ، كۆپىيىشكە ئوخشاشلا تەخىرسىز بولغان . بۇ يەردە ، پايتەخت سەنئەت مۇزىيىنىڭ ئالامەت يوغان كۆرگەزمە زالىدا مىسىر ، يۇنان ، رىمنىڭ روھى ئۇلارنىڭ سەنئىتىدە ئىپادىلىنىپ كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى .

مەن قەدىمقى زاماندىكى نىل دەرياسى دۆلىتىدىكى ئىلاھلارنى قولۇم ئارقىلىق ئېنى بىلدىم . باتەينوڭ ئىبادەتخانىسىدىكى تەقلىدىي بۇيۇملارنى سىلاپ ئافىنا ئاۋانگارت جەڭچىلىرىدىكى بەدەن گۈزەللىكىنى ھېس قىلدىم . ئاپوللو ، ۋېناس ۋە قاناتلىق غەلىبە ئىلاھى سامورېسلار مېنى شۇنچىلىك مەپتۇن قىلىۋالدىكى قولۇمنى تارتالمايلا قالدىم . ھومېرنىڭ جاراھەت ۋە ساقال باسقان چىرايى مەن ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك ، چۈنكى نېمىنىڭ كۆرەلمەسلىك ، ئەمالىق ئىكەنلىكىنى ئۇ ئوبدان بىلىدۇ . قوللىرىم رىم ۋە كىيىنكى دەۋردىكى راستتەكلا ياسالغان مەرمەر ھەيكەلدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيلا قالدى . قوللىرىم مىكىلانگلو ياسىغان باتۇر ، قەھرىمان موسسىنىڭ تەسىرلىك تاشقى ھەيكىلىنى تۇلۇپ سىلاپ چىقتى . مەن رولانىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى ، گوتلارنىڭ ياغاچ ئويمىغا تۇتقان سەمىمىيىتىگە ھۆرمەت بىلدۈردۈم . قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان بۇ سەنئەت بۇيۇملىرى مەن ئۈچۈ ن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك . ئۇلارنى كىشىلەرنىڭ تۇتۇشى ئۈچۈن قويۇلغان دىگەندىن كۆرە كۆرۈپ زوق ئېلىشى ئۈچۈن قۇيۇلغان دىگەن ياخشى . مەن كۆرەلمەيدىغان ئۇ خىل گۈزەللىكنى
پەقەتلا قىياس قىلالايمەن . گىرىتسىيە لوڭقىلىرىنىڭ ئاددىي سىزىقلىرىدىن ھۇزۇر ئالالىغىنىم بىلەن نۇسخىلىرىنى ، بىزەكلىرىنى كۆرەلمەيمەن .

شۇنىڭ ئۈچۈن ، بۇ كۈنى ماڭا نۇر ئاتا قىلىنغان ئىككىنچى كۈنى ئىنسانلارنىڭ روھىنى سەنئەتتىن ئىزدەيمەن . سىلاش سىزىمىم بىلەن بىلەن بىلىۋالغان نەرسىلەرنى كۆرەلەيمەن . ئاجايىپ ئىش ، ئاجايىپ سەلتەنەتلىك پۈتكۈل رەسىم دۇنياسى ، يەنى ئىتالىيەنىڭ سۈرلۈك دىنىي تۈسكە ئىگە باي ئىپتىدائىي سەنئىتىدىن تارتىپ ئەركىن پىكىر ئۇسلۇبىدىكى ھازىرقى زامان ئېقىمىدىكى سەنئەت ماڭا دارۋازىسىنى چوڭ ئاشتى . مەن رافائىل ، دافېنچ ، تىزان (تىزىيانو) رېمبىرانىڭ ماي بوياق رەسىملىرىنى ئىنچىكىلەپ كۆرۈپ چىقىمەن . ۋىلونېيسانىڭ ئىسسىق رەڭلىرىنى قانغۇچە كۆرۈپ ، ئېل گېلىگونىڭ سىرلىرىنى تەتقىق قىلىمەن ، كورونىڭ رەسىملىرىدىن تەبىئەتنى يېڭىۋاشتىن كۆزىتىمەن . ئاھ ، كۆزۈڭلار كۆرەلەيدىغان كىشىلەر !
سىلەر تارىخىي دەۋرلەردىكى سەنئەتتىن ، شۇنچىۋالا مول مەنە ۋە گۈزەللىكتىن ھۇزۇر ئالالايدىكەنسىلەر !
سىرلىق سەنئەت ئوردىسىدا قىلغان بۇ قىسقىغىنا ساياھىتىمدىن كۆز ئالدىمدا نامايان بولغان بۈيۈك سەنئەت دۇنياسىغا قارىتا ئازراق بولسىمۇ ئۆز باھايىمنى بىرەلمىدىم . پەقەت ئۆز تەسىراتىمغا ئىگە بولدۇم . سەنئەتكارلار ماڭا سەنەئتتىن چوڭقۇر ۋە ھەقىقىي يۇسۇندا زوق ئېلىش ئۈچۈن كۆزنى مەشق قىلدۇرۇش كىرەكلىكىنى ئېيتتى . بىر ئادەم سىزىق ، قۇرۇلما ، شەكل ۋە رەڭنىڭ سۈپىتىنىڭ ئەلا ياكى ناچارلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنى تەجرىبە ئارقىلىق ئۆگىنىۋېلىشى كىرەك . ئەگەر مەن كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپ ئادەمنى بۇنچە مەپتۇن قىلىدىغان تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان بولسام ، قانچىلىك بەىتلىك بولار ئىدىم ھە ؟! لىكىن ، سەنئەت دۇنياسى سىلەردەك كۆزى بىلەن كۆرەلەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىزدىنىشىنى كۈتۈپ تۇرغان بىر دۇنيا دەپ ئاڭلىدىم .

پايتەخت دسەنئەت مۇزىيىدىن گويا بوينۇمدىن باغلىغاندەك تولىمۇ قىيىندا ئايرىلدىم . ئۇ يەردە گۈزەللىك ئاچقۇچى بار ئىكەن . كۆرەلەيدىغان كىشىلەرگە پايتەخت سەنئەت مۇزىيىغا بېرىپ گۈزەللىك ئاچقۇچىنى ئىزدەشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن . چۈنىك ، ئوخشاش ئاچقۇچ ئۇلارنى كىچىكرەك مۇزىيلاردا ياكى كىچىكرەك كۇتۇپخانىلارنىڭ كىتاپ جاھازىلىرىدا كۈتۈپ تۇرۇپتۇ . ئەمما ، مەن تەسەۋۋۇرۇمدىكى كۆزۈم ئېچىلغان چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ، مەن ئەڭ كۆپ بايلىق قۇيۇلغان جاينى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاچالايدىغان ئاچقۇچنى تاللاپ ئېلىشىم كىرەك .

مەن يۇرۇقلۇقنى كۆرەلىگەن ئىككىنچى ئاخشامنى تىياتىرخانا ياكى كىنوخانىدا ئۆتكۈزمەكچى . مەن ھازىرمۇ تىياتىرخانىلاردا قۇيۇلىۋاتقان تۈرلۈك ئۇيۇنلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن . لىكىن ، تىياتىر ۋەقەلىكىنى بىر ھەمراھىم قولۇمغا يېزىپ بېرىدۇ . ھالبۇكى ، مەن خاملېتنىڭ جەلپكار قەددىي - قامىتىنى ياكى ئېلزابىت دەۋرىگە خاس ئۇچۇق رەڭلىك كىيىم كىيگەن ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق شوخ فىرىستافنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن ! خاملېتنىڭ ھەر بىر سىپايە ، چىرايلىق ھەرىكىتىنى ، روھى ئۇرغۇپ تۇرغان فىرىستافنىڭ كېرىلىپ يۈرۈشلىرىنى زەن سېلىپ كۆرگۈم كېلىدۇ .

مەن پەقەت بىر مەيدانلا ئۇيۇن كۆرەلەيمەن . بۇمۇ ناھايىتى قىيىن چۈشىدۇ . لىكىن ، مىنىڭ ناھايىتى كۆپ ئۇيۇنلارنى كۆرگۈم بار .

سىلەر كۆزۈڭلار كۆرەلىگەچكە ، ياخشى كۆرىدىغان ھەر قانداق ئۇيۇننى كۆرەلەيسىلە ر . بىرەر ئۇيۇن ، بىرەر كىنو كۆرگەن ياكى ھەر قانداق بىر سورۇندا بولساڭلار ، گۈزەللىكلىرى ۋە نەفس ھەرىكەتلىرىدىن ھۇزۇرلاندۇرغىنىنى كۆرۈش سەزگۈڭلارنىڭ مۆجىزىسى ئىنكەنلىكىنى تۇنۇپ يىتەلەيسىلەركىن ، مىننەتدار بولىسىلەركىن تاڭ . ھاياتىم قول بىلەن تۇتۇپ بېقىش بىلەنلا چەكلىنىدىغان دائىرىدە ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ، رېتىملىق ، نەپس ھەرىكەت گۈزەللىكىدىن زوق ئالالمايمەن . ئەمما ، باگالوۋانىڭ گۈزەللىكى ، لاتاپىتىنى خىرە بولسىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالايمەن . مۇزىكىنىڭ پولدىكى تىترىشىدىن ئۇنىڭ رىتىمىنى دائىم سىزىپ تۇرغاچقا ، رىتىم ھەرىكىتىنىڭ شادلىق سېزىمىنى ئازراق بىلەلەيمەن . شۇ رېتىملىق ھەرىكەتنڭ دۇنيا بويىچە كۆزنى چاقنىتىدىغان ئەڭ نەفس مەنزىرىنى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمەن . مەرمەر ھەيكەلنىڭ سىزىقلىرىنى سىلاپ ئۇنىڭغا ئاز - تولا ھۆكۈم قىلالايمەن . شۇڭا ، جىمجىت ھالەتتىكى گۈزەللىك ئادەمنى بۇنچە ھاياجانغا سالغان يەردە ، ھەرىكەت گۈزەللىكى بەلكىم ئادەمنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىپ سۈيۈندۈرەر- ھە
دەپ ئويلايمەن . ئەڭ قەدىرلەيدىغان خاتىرەمنىڭ بىرى شۇكى ، جوزېف جېففېرسون ئۆزى ئامراق ئۆزى ئامراق رىب ۋان ۋېنكىنى سۆزلەپ ، ياساپ چۈشەندرۈۋاتقاندا ، ئۇنىڭ يۈزى ۋە قوللىرىنى سىلاپ بېقىشىمغا رۇخسەت قىلغانىدى .


ئۈچىنجى كۈنى

كىيىنكى كۈنى سەھەردە ، مەن يەنە بىر نۆۋەت سۈبھىنى كۈتۈۋېلىشقا ، يېڭى خۇشھاللىق تېپىشقا ئالدىرايمەن .
كۆزى كۆرەلەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ھەر كۈنكى سۈبھى چۇقۇم مەڭگۈ تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يېڭى ، گۈزەل مەنزىرە ،ئۆزۈم تۇقۇپ چىققان مۆجىزە مۆھلىتى بويىچە بولغاندا ، بۇ كۈن كۆزۈم كۆرەلەيدىغان بولغاننىڭ ئۈچۈنچى ، شۇنداقلا ئاخىرقى بىر كۈنى . كۆرۈشكە تىگىشلىك نەرسىلەر ئىنتايىن نۇرغۇن بولغاچقا ، مىنىڭ ئۆكۈنۈش ۋە ئەسەبىي قىزغىنلىق باغرىدا يۈرگۈدەك ھېچقانداق ۋاقتىم قالمىدى . بىرىنچى كۈنى ماڭا ھايات ياشاۋاتقان ۋە ئالەمدىن ئۆتكەن دوستلىرىمنى بەخش ئەتتى .

ئىككىنچى كۈنى ماڭا ئادەم ۋە تەبىئەت تارىخىنى نامايان قىلدى . بۈگۈن مەن نۆۋەتتىكى كۈندىلىك تۇرمۇش دۇنياسىدا كۈن ئۆتكۈزىمەن . تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە چاپىدىغان كىشىلەر بارىدىغان يەرگە بارىمەن .
كىشىلەرنىڭ نيۇ يوركتىكىدەك شۇنچە كۆپ ھەرىكەت پائالىيىتى ۋە ئاجايىپ - غارايىپ ھالەتلىرىنى نەدىن تاپقىلى بولار ؟ مۇشۇ ئوي بىلەن مەن شەھەرنى نىشان قىلدىم .

مەن ئۆيۈمدىن ، ئۇزۇن ئارال (لوڭ - ئايلېند ) نىڭ فراسىت دىگەن يىرىدىكى كىچىك ، ئەمما تىنچ شەھەر ئەتراپى رايونىدىن يولغا چىقتىم . بۇ يەردە يېشىل مەخمەل كەبى ئوتلاقلار ، دەل - دەرەخلەر ، چىرايلىق گۈللەر ، رەتلىك سېلىنغان پاكىز ئۆيلەر بار . ھەممىلا يەردە ئاياللار ، بالىلارنىڭ شاد - خۇرام ئاۋازى ۋە پائالىيىتى بەخت ناۋاسى . شۇڭا ، جاي شەھەردىكى ئەمگەكچى خەلقلەرنىڭ پىنھان ئارامگاھى، مەن ماشىنامنى ھەيدەپ ئىستې دەرياسىغا سېلىنغان تاسما شەكىللىك پولات كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ ، ئادەم مىڭىسىنىڭ قۇدرىتى ۋە خاس ئىجادچانلىقىغا قارىتا يېپيېڭى تەسىراتقا ئىگە بولىمەن . ئالدىراش كىمىلەر دەريادا تاتاتلاپ تېز يۈرىدۇ . يەنە تىز سۈرئەتلىك كاتىرلار ، ئېغىر پۇشۇلداپ ، ئاستا يۈرىدىغان چاتما كىمىلەرمۇ بار . ئەگەر كىيىنكى ۋاقىتتا يەنە كۆزۈم كۆرىدىغان كۈنلەر بولۇپ قالسا ، مەن شۇ يەردىكى قاينام - تاشقىن مەنزىرىنى كۆپرەك ، ئۇزۇنراق كۆرۈۋالىمەن . ئالدىمغا نەزەر سېلىۋېدىم ، نيۇيورك شەھىرى ، ئەپسانە كىتابلارنىڭ ۋاراقلىرىدن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن شەھەردىكىەە ئوخشاشلا ئاجايىپ كۆركەم ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ . نەقەدەر ھەيۋەت ئىمارەتلەر بۇ ! چېركاۋ مۇنارىنىڭ يالتىراپ تۇرغان ئۇچى ، كەڭ كەتكەن ، تاشتىن قوپۇرۇلغان مۇستەھكەم توسمىلارنى ئىلاھلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ياسىغاندەك بىلىنىدۇ . بۇ تەسىرلىك كۈرۈنۈشەر مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى . بىلدىم ، قانچىلىك ئادەم كەينىگە قايرىلىپ بۇ مەنزىرىگە نەزەر سالاركىن ؟ بۇنداقلار ناھيىتى ئاز بولسا كىرەك . ئۇلار تولا كۆرۈپ تۇنۇش بولۇپ كەتكەچكە ، بۇ ھەيۋەت گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدۇ .

مەن تېز مېڭىپ بۇ يوغان، كاتتا ، سۈرلۈك ئىمارەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئىمپرىيە سارىينىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىقتىم . چۈنكى مەن تېخى يېقىندا ئۇ يەردە تۇرۇپ كاتىپنىڭ كۆزىنىڭ ياردىمىدە بۇ شەھەرگە نەزەر سالغانىدىم . شۇڭا ،تەسەۋۋۇرۇم بىلەن ئەمەلىيەتنى بىر سېلىشتۇرۇپ باققۇم بار . . ئىشىنىمەنكى كۆز ئالدىمدا نامايان بولىدىغان پۈتكۈل مەنزىرە مىنى ھەرگىز نائۈمىد قىلمايدۇ . چۈنكى ، مەن ئۈچۈن ئۇ باشقا بىر دۇنيانىڭ مەنزىرىسى .

مەن بۇ شەھەرنى ئايلىنىشقا باشلىدىم . ئالدى بىلەن ئاۋات كوچىنىڭ بىر بۇرجىكىدە تۇرۇپ ، كىشىلەرگە قاراپ ، ئۇلارنى كۆزىتىش ئاقىلىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشنى چۈشۈنۈشكە ئۇرۇندۇم . ئۇلارنىڭ چىھرىدىكى شادىيانە تەبەسسۇمنى كۆرۈپ خۇشھال بولدۇم . كەسكىن قارارلىرىنى كۆرۈپ ئىپتىخارلىق ھېس قىلدىم . ئازاپ ، مۈشكۈللىرىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز ئىچ ئاغرىتتىم .

مەن 5 - كوچىنى بويلاپ سەيلى قىلدىم ، ئەتراپقا ئاستا نەزەر سالدىم . نەزىرىمنى مەلۇم بىر ئالاھىدە نىشانغا قاراتماستىن مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ قانمىدىم . كىشىلەر توپى ئىچىدە يۈرگەن ئاياللارنىڭ رەڭگارەك كىيىملىرى ئىشىنىمەنكى ، بۇ مەن كۆرۈپ قانمايدىغان ئەڭ گۈزەل ھەم ئەڭ ئىسىل مەنزىرە . ھالبۇكى ، ئەگەر مەن كۆرەلەيدىغان بولسام ، مەنمۇ باشقا كۆپ ساندىكى ئاياللارغا ئوخشاش كۆپلىگەن چاقناق رەڭلەرگە ئانچە كۆڭۈل بۆلمەي ، ئايرىم كىيىملەرنىڭ پاسونى ۋە مودىلىرىغا دىققەت قىلغان بولاتتىم . يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ، مەن ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانۋېترىنا خېرىدارى بولۇپ قالىمەن . چۈنكى تىزىپ قۇيۇلغان سانسىز ئېسىل بۇيۇملاردىن ھۇزۇر ئېلىش بىرخىل بەخت .

5 - كوچىدىن باشلاپ ئايلىنىپ مېڭىپ باغچا كوچىسىغا كەلدىم . نامراتلارنىڭ كۈلبىلىرىگە ، زاۋۇتلارغا باردىم . ، يەنە بالىلار ئويناۋاتقان باغچىغا باردىم . تېخى چەتئەللىكلەر ئولتۇراق رايونىغا بېرىپ ، چەتئەلگە بارماي تۇرۇپ چەتئەلنى ساياھەت قىلىمەن . يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ، كىشىلەرنىڭ قانداق ئىشلەۋاتقانلىقى ، قانداق ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىشكە ئوڭاي بولۇشۇمنى نەزەردە تۇتۇپ ، بەختىيارلىق ۋە پاجىئە مەنزىرە ، ئەھۋاللارغا باشتىن - ئاخىر كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ زەن سېلىپ قارايمەن .

قەلبىم ئادەم ۋە شەيئىلەر ئوبرازى بىلەن تولدى . كۆزلىرىم كىچىك ئىشلارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماي ، كۆرەلىگەن شەيئىلەرنىڭ بارلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىشقا تىرىشىدۇ . بەزى كۈرۈنۈشلەر ئادەمنى خۇشھال قىلىدۇ ، مەستخۇش قىلىدۇ . لىكىن بەزى كۈرۈنۈشلەر تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولۇپ ، يۈرەكنى ئېزىدۇ . بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەندە ھەرگىز كۆزۈمنى يۇمۇۋالمايمەن . چۈنكى ، ئۇلارمۇ تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى . ئۇلارنى كۆرگەندە كۆزنى يۇمۇۋېلىش ، قەلبنى ئېتىۋالغانغا ، ئوي پىكىرلىرىنى ئېتىۋالغا باراۋەر .

كۆرەلەيدىغان بولغان ئۈچىنچى كۈنمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى . مۇشۇ قالغان بىر نەچچە سائەت ئىچىدە كۆرۈۋېلىشقا ، قىلىۋېلىشقا تىگىشلىك يەنە نۇرغۇن مۇھىم ۋە جىددىي ئىشلار بار بولۇشى مۇمكىن . ئەمما ، مۇشۇ ئاخىرقى ئاخشىمى ، ئىنسانلار قەلبىدىكى ئاۋازنى ئوبدانراق تىڭشىۋېلىش ئۈچۈن ، يەنە تىياتىرخانىغا بېرىپ تازا قىززىق ۋە كۈلكىلىك بىر ئۇيۇن كۈرۈشۈمدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن .

تۈن يېرىم بولغان چاغدا مەن ئەمالىق جاپاسىدىن قۇتۇلغان قىسقىغىنا ۋاقىت ئاخىرلىشىدۇ . مەڭگۈلۈك قاراڭغۇلۇق يەنە يېنىمغا قىستاپ كىلىدۇ . بۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە ، تەبىئەتتىكى مەن كۈرۈشنى ئارزۇ قىلغان جىمى نەرسىنى كۆرۈپ بولالمايمەن . قاراڭغۇ زۇلمەت ماڭا يەنە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە ئاندىن قانچىلىك نەرسىلەرنى كۆرەلمەي قالغانلىىقىمنى ھېس قىلىپ يىتىمەن . ۋەھالەنكى ، قەلبىم شرىن ئەسىلىمىلەر بىلەن تولغانلىقتىن ئككۈنۈپ ئەپسۇسلىنىشقا ئاجرىتىدىغان ۋاقتىم ناھايىتى ئاز بولىدۇ . بۇنىڭدىن كىيىن مەن ھەر بىر بۇيۇمنى سىلىغاندا ، خاتىرەم شۇ بۇيۇملارنىڭ تۇرقىنى ، شەكلىنى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ .

كۆزۈم قايتىدىن كۆرەلەيدىغان بولغان بۇ ئۈچ كۈننى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى بايانلىرىم ، ئىھتىمال قىياسىڭىزدا سىزنىڭ كۆزىڭىزنىڭ كۆرۈشتىن مەھرۇم بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلگەن ۋاقتىڭىزدا ئورۇنلاشتۇرىشىڭىز بىلەن بىردەك بولماسلىقى مۇمكىن . ئەمما ، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ، ئەگەر سىز ھەقىقەتەن بۇنداق يامان تەقدىرگە دۇچ كەلگەن بولسىڭىز ، نەزىرىڭىز ئىمكانقەدەر ئىلگىرى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان شەيئىلەگە چۈشىدۇ ھەمدە بۇنىڭدىن كىيىنكى ئۇزۇن قاراڭغۇلۇقتا پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇنى خاتىرىسىدە مەھكەم ساقلايدۇ . شۇڭلاشقا سىز بۇ ھالدا كۆزىڭىزدىن باشقا ھەر قادناق چاغدىكىدىن بەكرەك پايدىلىنىسىز . سىز كۆرەلىگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سىز ئۈچۈن شۇنچىلىك قەدىرلىك بولىدۇ . سىزنىڭ قاراشلىرىڭىز كۆرۈش دائىرىڭىزدە پەيدا بولغان بارلىق بۇيۇمنى قانغۇدەك كۆرۈۋالىدۇ . كىيىن سىز ھەقىقەتەن كۆرەلىگىدەك بولغان چاغدا ، كۆز ئالدىڭىزدا گۈزەل بىر دۇنيا نامايان بولىدۇ .

كۆزۈم كۆرەلمەيدىغان مەن ، كۆزى كۆرەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ سەمىگە بىر نەرسىنى سالماقچىمەن ؛ تەبىئىي كۈرۈش سەزگۈسىدىن تۇلۇق پايدىلىنالايدىغان كىشىلەرگە بىر ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكچىمەن ؛ سىز گويا ئەتىلا كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قېلىشتەك بالا - قازاغا يۇلۇقىدىغان تەرزدە ، كۆزىڭىزنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇڭ . ئوخشاش چارە بىلەن باشقا ئەزالىرىڭىزدىنمۇ پايدىلىنىڭ . مۇزىكىنىڭ يېقىملىق ناۋاسىنى ، تارلىق ئوركىستېرنىڭ چەيۋەتلىك ، جاراڭلىق ، ياڭراق كۈيىنى ئوبدان تىڭشىۋېلىڭ . خۇددى سىز ئەتىلا گاس بولۇپ قېلىشتەك يامان تەقدىرگە يۇلۇقىدىغاندەك ، سىلىۋالسام دەپ ئويلىغان بۇيۇملارنى سىلاپ - سىلىۋېلىڭ ، گويا ئەتىلا تۇتۇش سەزگۈڭىز ئاجىزلاپ كىتىدىغاندەك .. يېڭى ئېچىلغان گۈللەرنى پۇرىۋېلىڭ ئىسىل نازۇ نىمەتلەرنى تېتىۋېلىڭ ، گويا ئەتىلا پۇراش ، تېتىش سېزىمىڭىز يوقىلىپ كىتىدىغاندەك . ھەر بىر ئەزايىڭىزدىن تولۇڭ پايدىلىنىپ ، تەبىئەت ئاتا قىلغان تۈرلۈك تۇتۇش ۋاستىسى ئارقىلىق دۇنيا سىزگە نامايان قىلغان بارلىق خۇشال - خۇرام ھەر گۈزەل تەپسىلاتلاردىن پەخىرلىنىڭ ! بىراق ، مەن ئىشىنىمەنكى ، بارلىق ئەزالار ئىچىدە كۆرۈش سەزگۈسى چۇقۇم ئادەمنى ھەممىدىن بەك شاد ئەيلەيدۇ ۋە سۆيۈندۈرىدۇ .
تامام.


[ بۇ يازمىنىتاھىر 2011-06-19 23:21قايتا تەھرىرلىدى ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(general) ياخشى ئىنكاس
  • ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
    دوستلىشىش
    天山的野花
    بىلمەسلىكتىن قورقىما،تىرىشماسلىقتىن قورق!
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6963
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 262
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە262دانە
    ئۆسۈش: 980 %
    مۇنبەر پۇلى: 3455 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-04-08
    ئاخىرقى: 2011-10-17
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-20 09:35

    پات-پات كۈرۇپ تۇرۇشقا تگىشلىك ئەسەر ئىكەن.
    ئېتقاد - جاندىن مۇھېمدۇر!
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 735
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە735دانە
    ئۆسۈش: 740 %
    مۇنبەر پۇلى: 7947 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-08
    ئاخىرقى: 2011-10-19
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-20 11:02

    بىز ھەمىشە ئۆزىمدە بار نەرسىنىڭ قەدىرىنى پەقەت ئايرىلغاندىلا ئاندىن ھىس قىلشىقا ئادەتلىنىپ كەتكەن !بۇبىزنىڭ ئەڭ ئەجەللىك  خاتالىقىمىز!
    ئائىلە - ئەرنىڭ ئېپپىتى !
    hudayim bar himim yuk
    دەرىجە: چولپان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 669
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە669دانە
    ئۆسۈش: 300 %
    مۇنبەر پۇلى: 7012 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-24
    ئاخىرقى: 2011-10-12
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-20 15:31

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
    ئۇلۇغ ئاللاھ بەرگەن ھەر بىر نىھمەتنىڭ شۇكىرسى باردۇر
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2851
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 508
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە508دانە
    ئۆسۈش: 120 %
    مۇنبەر پۇلى: 5327 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-10
    ئاخىرقى: 2011-10-09
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-20 17:57

    ياخشى تىمىكەن.