بۇ مەزمۇن 24قەۋەتتىكى نۇرس نىڭ 2011-07-11 18:47 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل
بىدئەت ھەققىدە بەزى بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار بار، بۇنىمۇ بىلىپ قويۇڭ: بىدئەت بىدئەتى ھەسەنە(ياخشى بىدئەت) ۋە بىدئەتى سەييىئە(يامان بىدئەت) دەپ ئىككى قىسىىمغا بۆلۈنىدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر (رادىيەللاھۇ ئەنھ) مەسجىدى نەبەۋىدە تاراۋىھ نامىزى جامائەت بىلەن ئوقۇلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ «بۇ نېمە دېگەن ياخشى بىر بىدئەت!» دېدى ۋە جامائەت بىلەن تاراۋىھ ئوقۇشنى تەشۋىق قىلدى. ۋە بىدئەتى ھەسەنەلىكى بىلدۈردى. (بۇخارى، تاراۋىھ، 1 ) بۇنىڭغا بىنائەن ھەدىسلەردە رەت قىلىنغان بىدئەتلەر بىدئەتى سەييىئەدۇر. نامازدىن بۇرۇن ئاغزاكى بىر نىيەت قىلىش ئۆزىنى بىر ئەسكەرتىش بولغانلىقى ۋە ھېچ زەرەرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى بىدئەتى ھەسەنە دەپ بىرلىككە كەلگەن.
===================================================================
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نۇرس بۇرادەر بىدئەت ھەققىدىكى سىز دەۋا قىلغان بىرلىككە كىلىش -ئاساسى يوق بىر گەپ خالاس.سىز بۇ توغرىدا ماتىرىيال كۆرسىڭىز ئاندىن چۈشىنەلەيسىز..ئەمدى زىيىنى يوق دىگەن گىپىڭىزگە كەلسەك ھەر قانداق بىر بىدئەت پەيدا بولىدىكەن شۇ يەردە بىر سۈننەت يوقۇلىدۇ دىگەن ھەدىس بويىچە ئېغىزدا نىيەت قىلىشنىڭ زىيىنىنى تەھلىل قىلغانلار بىلەلەيدۇ..ئەگەر زىيىنى يوق بولسا قىلىۋىرىدىغان ئىش بولسا ھېيىت نامىزىدىمۇ ،جىنازا نامىزىدىمۇ ئەزان ،تەكبىر توۋلاپ ئوقۇشنى تەكىتلەيلى، ھەر بىر رەكئەتتە تۆت قېتىم روكۇ قىلىپ،بەش قېتىم سەجدە قىلىپ ناماز ئوقۇيلى ،چۈنكى ئەزان ،تەكبىر،روكۇ ،سەجدە دىگەن بەك ئۇلۇغ ھەم توغرا ئىش. مۇشۇ بويىچە ماڭساق بىدئەت دىگەن ئارىمىزدا قۇرتتەك مىغىلداپ كىتىدۇ.بۇنىڭغا بەلكىم سىزمۇ رازى ئەمەسقۇ دەيمەن..شۇڭا بىدئەتنىڭ ئىشىكىنى تاقاش ئۈچۈن سۈننەت بىلەن مېڭىش كىرەك..پايدا -زىيان سۈرۈشتۈرسەك ئاشۇنداق ئاقىۋەتكە قالىمىز..ئاخىرىدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەرىڭىزنى سىزگىمۇ تەۋسىيە قىلىمەن.
سىزگە ۋە قېرىنداشلارغا تەۋسىيەم : ھەممە كىتاپ مۇتلەق توغرا ئەمەس، ھەممە ئالىم مۇتلەق توغرا ھۆكۈم چىقىرالمايدۇ. بولۇپمۇ بۇ زاماندا. شۇنىڭدەك ھەممە تىما (دىن نامى بىلەن يېزىلغان بولسىمۇ) توغرا ئەمەس!