باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1372 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يېڭى «ئۆي چېقىش نىزامى»دىن لېكسىيە(1)
ئەلبەھرە تورى   www.elbehre.com
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6925
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 108
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە108دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 2539 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-06
ئاخىرقى: 2012-03-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-18 23:58

يېڭى «ئۆي چېقىش نىزامى»دىن لېكسىيە(1)

يېڭى «ئۆي چېقىش نىزامى»دىن لېكسىيە(1)


- بۇ دەرستە يېڭى «ئۆي چېقىش نىزامى» چىقىرىلىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى سۆزلىنىدۇ.

تەييارلىغۇچى: ئا.ت.تارىم


2011- يىلى 1- ئاينىڭ 19- كۈنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 141- قېتىملىق دائىمى ئىشلار يىغىنىدا «دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش نىزامى» ( لېكسىيىمىزدە يېڭى «ئۆي چېقىش نىزامى»، دەپ ئاتىدۇق) ماقۇللىنىپ، 2011- يىلى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى باش مېنىستىر ۋېن جياباۋ  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 590- نومۇرلۇق پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، بۇ نىزامنى ئېلان قىلدى. پەرماندا بۇ نىزامنىڭ ئىلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى، 2001- يىلى 6- ئاينىڭ 13- كۈنى ئېلان قىلىنغان «شەھەردىكى ئۆيلەرنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ شۇ كۈندىن باشلاپ ئەمەلدىن قالغانلىقى قەيت قىلىندى.
«ئۆي چېقىش نىزامى»نىڭ تارىخىنى سۈرۈشتۈرسەك، ئەڭ دەسلەپ تۈزۈلگەن «ئۆي چېقىش نىزامى» 1991-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ نىزام 10 يىل ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، 2001-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىككىنچى قېتىم تۈزۈلگەن «ئۆي چېقىش نىزامى» ئېلان قىلىنىپ، 2001-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىندى.

ئىككىنچى قېتىم تۈزۈلگەن «ئۆي چېقىش نىزامى» ئۆي چېقىش ھەركىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇش، تەرەپلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىدا ئىجابىي رول ئوينىغان بولسىمۇ، ئۆي چېقىش جەريانىدا  كۈنسىرى ئۆتكۈرلىشىۋاتقان زىددىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىشتە ئۈنۈمى يېتەرلىك بولمىدى.

 ئىككىنچى قېتىم تۈزۈلگەن «ئۆي چېقىش نىزامى»دا بەلگىلەنگەن تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمى زىيادە تۆۋەن، ئۆيى چېقىلغۇچىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئاددىي، مەجبۇرىي چېقىش تەرتىپى مۇجىمەل، ئۆي چېقىشقا كېسىم قىلغۇچى ۋە ئۆي چاققۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرا بىر تەرەپ قىلىنمىغان قاتارلىق بىر قاتار تۈزۈم خاراكتىرلىق نوقسانلار بولغانلىقتىن، نىزامنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ئۆي چاققۇچى بىلەن ئۆيى چېقىلغۇچى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈر زىددىيەتلەر كۆرۈلۈپ، بىر قىسىم ئۆيى چېقىلغۇچىلار چېكىدىن ئاشقان ئۇسۇللار بىلەن قارشىلىق قىلىدىغان، زورلۇق بىلەن ئۆي چاقىدىغان، ئۆي چېقىش سەۋەبىدىن دەرىجە ئاتلاپ ئەرز-شىكايەت قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا پاسسىپ تەسىرلەرنى كۆرسەتتى.

بولۇپمۇ، دۆلىتىمىزدە شەھەرلەشتۈرۈش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۆي چېقىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قەبىھ ۋەقەلەر يىلدىن-يىلغا كۆپەيدى. تۆۋەندە 2010-يىلى ئۆي چېقىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قەبىھ ۋەقەلەردىن بىر قانچىنى مىسال قىلىمىز:

2010-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى جياڭسۇ ئۆلكىسى ليەنيۇنگاڭ شەھەر دوڭخەي ناھىيىسىدىن ئىككى دېھقان ئۆيىنى چېقىشقا قارشىلىق قىلىش جەريانىدا ئۆزىگە بېنزىن چېچىپ ئوت قويغان، بىرى ئۆلۈپ، بىرى ئېغىر زەخمىلەنگەن. (شىنخۇا تورىدا خەۋەر قىلىنغان)

2010-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى فۇشۈن شەھىرى گاۋۋەن رايونلۇق قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ گۇاڭلياڭ مەجبۇرىي ئۆي چېقىش جەريانىدا ئۆيى چېقىلغۇچى تەرىپىدىن پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرىۋېتىلگەن. (شىنخۇا تورىدا خەۋەر قىلىنغان)

2010-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى جېڭجۇ شەھىرىدە ئۆي چېقىش جەريانىدا، ئۆيى چېقىلغۇچى يۈك ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېلىپ، ئۆي چېقىش نەق مەيدانىدىكىلەرنى سوقۇپ، ئۈچ ئادەم نەق مەيداندا ئۆلگەن، 16 ئادەم زەخمىلەنگەن. (شىنخۇا تورىدا خەۋەر قىلىنغان)

2010-يىلى 9-ئاينىڭ  30- كۈنى فۇشۇن شەھىرىدە ئۆي چېقىش تولۇقلىما پۇلى سەۋەبىدىن ئەرز قىلىش جەريانىدا، جاۋ مىڭياڭ ئىسىملىك 18 ياشلىق بالا ئەرز قىلىشنى توسقانلاردىن بىرسىگە پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن. (شىنلاڭ تورىدا خەۋەر قىلىنغان)

سەھىپە ئېھتىياجى بىلەن موشۇنچىلىك مىسال كەلتۈرىمىز.  بۇنداق قەبىھ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى جەمئىيەتتە يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى. بۇ ۋەقەلەر چوڭ رەھبەرلەرنى ۋە خەلق ۋەكىللىرىنى چۆچۈتتى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھەر قېتىملىق قۇرۇلتايدا تەكلىپ سۇنۇپ، «ئۆي چېقىش نىزامى»دىكى نامۇۋاپىق تەرەپلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇنى تۈزىتىشنى ياكى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى. «ۋەكىللەر» قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بۇ تەكلىپ-قارالمىلارغا جاۋاب بېرىشكە توغرا كەلدى.

قانۇن جەھەتتىن ئېيتقاندا، «مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى»( بەزىلەر نەرسە ھوقۇقى قانۇنى دەپ ئاتاۋاتىدۇ) 2007-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.  «مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 42-ماددىسدا جامائەت مەنپەئەتى ئېھتىياجى بىلەن ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئۆيى قاتارلىق كۆچمەس مۈلۈكلىرىنى ئالسا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولۇپ، «ئۆي چېقىش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىلەر بۇ قانۇن بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى. قانۇن كۈچىنى سېلىشتۇرغاندا، «مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى» مەمۇرىي نىزام بولغان «ئۆي چېقىش نىزامى»دىن بىر دەرىجە ئۈستۈن تۇرىدىغان بولغاچقا، «ئۆي چېقىش نىزامى»نى تۈزىتىش زۆرۈر بولدى.

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ ئونۋېرسىتېتىنىڭ بەش نەپەر داڭلىق پروفېسسورى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا تەكلىپ سۇنۇپ، «ئۆي چېقىش نىزامى»نىڭ «ئاساسىي قانۇن»، «مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى»، «يەر باشقۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلارغا زىت بولغان مەزمۇنلىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، «قانۇن چىقىرىش قانۇنى»دىكى تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە بۇ تەكلىپنى خەلق  تورىدا ئاشكارا ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

«دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش نىزامى»نىڭ لايىھەسىنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى قانۇنچىلىق ئىشخانىسى ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مېنىستىرلىكى كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش ۋە كۆپ قېتىم دەلىللەش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق تەرتىپلەر بىلەن تەييارلىغاندىن كېيىن، 2010-يىلى 1-ئايدا ۋە 12-ئايدا ئىككى قېتىم توردا ئېلان قىلىنىپ پىكىر ئېلىندى.

يۇقۇرىقى بىر قاتار جەريانلاردىن كېيىن، «دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش نىزامى» 2011- يىلى 1- ئاينىڭ 19- كۈنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 141- قېتىملىق دائىمى ئىشلار يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، 2011- يىلى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى ئېلان قىلىندى.

 

 

 

سەمىمىي ئەسكەرتىش:

بۇ ماقالىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرگەندە، ئاپتور ئىسمىنى ۋە «تارىم شېئىرىيەت تورى»دىن (http://www.sheiriyet.com) ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.

ئەلبەھرە تورى
www.elbehre.com
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6326
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 227
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە227دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2430 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-01
ئاخىرقى: 2012-03-28
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-19 13:40

يىېڭى  ئۆي  چېقىش  نىزامى  نىڭ  تەپسىلاتى بارمىدۇ؟
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6326
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 227
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە227دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2430 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-01
ئاخىرقى: 2012-03-28
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-19 13:53

رەھمەت سىزگە   ''نوشىرۋان''   سىز دىگەن  ئادرىستا بار ئىكەن