باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 507 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ساماۋى نۇرغا خىتاپ
دوستلىشىش
زەنجىۋىل
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7611
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-27
ئاخىرقى: 2011-06-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-18 19:48

ساماۋى نۇرغا خىتاپ

ھەر سۈبھىدە قامچىلاپ ئاڭنى،
كۇكىرايدۇ تونۇش كۆلەڭگە.
قۇلۇلىدەك تارتىنچاق قەلب،
كەلگۈسىگە ياقار سەرەڭگە.
  
تۇزلۇق ياشتا بۇزۇلغان ئاقلىق،  
سەبىيلىكنىڭ تۇنجى نوتىسى.
كەمتۈكلۈككە كۆتۈرەر قىلىچ،   
چۈمۈلىنىڭ ئەرىش شوتىسى.
 
پەرىشتىگە قويماقتا سۇئال،  
دىكابىردا چاشقان بالىسى.
زاغرا ناندەك تومتاق جاۋاپتا
يۇيۇنسمۇ  قالار چالىسى.
 
ئون توققۇزغا كىرگەن بىلىققا،
قاتىللىقنى ئۈگىتەر پالچى.
شەبنەم چۈشكەن سۈزۈك چۈشلەرگە،
خالتا تىكەر قىرىق قاراقچى.  
  
يىشىل تونلۇق سىھىرلىك دۇنيا،
ساۋاقلارغا مېنگەن ئۇچقۇچى.
ئۆمۈچۈكنىڭ تىپىشمىقىغا،
رومال ئاچار ساددا يولۇچى.
  
خام سۈتلەردە رەڭلەنسە ۋۇجۇد،
نۇر ئېمىدۇ چوققىدا كىلە،  
خوجايىنغا سالامنى ئۇنتۇپ، ;
سەدىقىگە تىزىلار ھەممە.
 
ئاقار يۇلتۇز ئەي ئاقار يۇلتۇز!   
تاشلىۋەتمە تەنتەك قۇلۇڭنى؛
تەبەسسۇمىڭ تەۋبىگە مەنزىل،
قايتۇرۇش تەس سانسىز پۇلۇڭنى.


مەنبە:ئىجادىيىتىم.
[ بۇ يازمىنىزەنجىۋىل 2011-06-18 21:13قايتا تەھرىرلىد ]