يۈگۈرۈپ يىراقلاپ كەتتىم سىنىڭدىن ،
قەلبىم چوقانى قىلغاچ سوراق .
تاڭ ئاتار ،
كۈن پاتار
قانۇنىيەت بىلەن ،
سىنىڭدىن ئەبىدى كىتەيمەن يىراق . `
شاتلىقلار مىنىڭدىن بولغاچ مۇستەسنا ،
كەتتىم مەن يىراققا ،
ئىگىز تاغلارغا .
كۆز يەتمەس ئىدىرلىق ئارامگاھلارغا .

ئالدىمدا تۇرىدۇ كەڭ كەتكەن دىڭىز ،
چايكىلار غەمسىز ئۇچىدۇ لەرزان.
سۇرلۈك گۈكىرەر دىڭىزدا بوران ،
لىكىن كۆرۈنمەس پەقەتلا توزان .
دىڭىزنىڭ تاشقىنى يالايدۇ قىرغاق ،
ئوخچىغان بۇ سۇلار نىمدىگەن قىرتاق.

كەلدىم مەن جاڭگالغا ،
سۈبھى پەيتىدە.
مەقسىدىم كۆڭلۈمنى ئىچىش قەستىدە
ئالدىمدا تۇرىدۇ تاقىر دەرەخلەر ،
مويسىپىت كىشىدەك قىلىدۇ سۈكۈت .
ئەتراپنى قاپلىغان جىگدە پۇرىغى،
جاڭگالغا مىننەتسىز گۈزەللىك تۆكۈپ.
جىمجىت ،تىمتاسلىق ،
بولغان مۇجەسسەم،
ئاڭلىنار يۈرىگىم سوققىنى ئىنىق .
مۇستەسنا شاۋقۇندىن بۇ خالى ماكان،
ھەتتاكى بىلىنەر ئالغاندا تىنىق .

تىمتاس دۇنيا، ]
جىمجىت ھاياتلىق .
خەندان ئۇرۇپ بەزىدە سايرار قاناتلىق .
تىمتاس ماكان............................

خىيالچان ئىرپان............................. مەنبە؛ ئىبراھىمجان ئىرپانى