باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1664 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ياخشى كىتاپ بار ، چۈشۈرۋىلىڭ .....
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2363
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2363دانە
ئۆسۈش: 5290 %
مۇنبەر پۇلى: 29166 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-18 10:46

ياخشى كىتاپ بار ، چۈشۈرۋىلىڭ .....

ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللا
موللا مۇسا سايرامى











مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى ۋە ئەدىبى موللا مۇسا بىننى ئەيسا سايرامى مىلادىيە 1826-يىلى8-ئاينىڭ23-كۈنى باي ناھىيىسىگە قاراشلىق سايرام رايونىنىڭ ئانافىر يېزىسىدا دۇنياغا كېلىدۇ.ئۇنىڭ دادىسى موللا ئەيسا بىننى موللا ئەزىزخان خوجا ئەينى ۋاقىتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن دىنىي زاتلىرىدىن بىرى بولۇپ،ئوغلىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ناھايىتىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى يەتتە يېشىدىلا ئۆزى مۇدەررىسلىك قىلىۋاتقان سايرام مەدرىسەدە ئوقۇتۇپ باشلانغۇچ ساۋادىنى چىقىرىدۇ.1847-يىلى9-ئايدا ئۇنى ئەينى زاماندا جەنۇبىي شىنجاڭدا داڭلىق بولغان كۇچادىكى ساقساق مەدرىسكە ئوقۇشقا بېرىدۇ.بۇ مەدرىسنىڭ مۇدەررىسى شۇ زاماندىكى داڭلىق ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدىن بىرى بولغان موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەت دىگەن كىشى ئىدى.موللا مۇسا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئۇستازىنىڭ غەمخورلىقىدا،قۇرئان،ھەدىس،تارىخ،ئەدەبىيات،(تەقۋىم كالىندارشۇناسلىق)،ئاسترونومىيە ئىلىملىرى ھەمدە ئەرەب،پارس تىللىرىنى پۇختا ئۆگىنىپ،«بالا موللا»،«موللا مۇسا» دىگەن ناملار بىلەن تونۇلۇشقا باشلايدۇ.بۇ جەرياندا ئۇ ئۇستازى موللا ئوسمان ئاخۇننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك،خەلقپەرۋەرلىك روھىنىڭ تەسىرىدە ئىدىيە جەھەتتىمۇ يېتىلىشكە باشلايدۇ. ئۇ 1854-يىلى مەدرىسەنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ،ئانا مەكتىپى سايرام مەدرىسەدە مۇدەررەىسلىك قىلىدۇ. 

 1864-يىلى كۇچار قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن،موللا مۇسا سايرامى تالىپلىرىنى باشلاپ،قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۈچتۇرپاندا تۇرۇشلۇق  سەركەردىسى ماخمۇددىن خوجىنىڭ مۆھۈرچىسى ئومۇمىي ئىشلار باشلىقى بولىدۇ. بۇ جەرياندا خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى،بىلىم دائىرىسىنىڭ كەڭ،چوڭقۇرلۇقى،كەمتەر،كىچىك پېئىللىقى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ۋە خەلق ئارىسىدا زور ئابرويغا ئىگە بولىدۇ.1867-يىلى ياقۇپبەگ ئۈچتۇرپاننى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۇ ياقۇپبەگنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق باش زاكاتچىسى مىرزا بابابېك ھىسارىنىڭ كاتىپى بولىدۇ.1877-يىلى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن،موللا مۇسا سايرامى ئاقسۇدا قېلىپ،ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە 40يىلغا يېقىن ۋاقىتنى يېزىقچىلىق ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا بېغىشلايدۇ.بۇ جەرياندا ئۇ بىر مۇنچە تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازىدۇ.بۇلاردىن مەشھۇرراق بولغانلىرى«تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا»،«دەربايان ئەسھابۇل كەھف»،«تارىخىي ئەمىنىيە»،«دىۋان مەسنەۋى»،«تارىخىي ھەمىدى»،«سالامنامە» قاتارلىقلاردۇر. 

 موللا مۇسا سايرامىنىڭ كېيىنكى ئۆمرى ناھايىتىمۇ ئېغىرچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ،بۇ ئېغىر تۇرمۇش ئۇنى جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرىدۇ.1917-يىلى81ياشقا كىرگەن موللا مۇسا سايرامى ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ يۇرتى سايرامغا قايتىدۇ.شۇ يىلى 4-ئايدا ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىرى،تارىخشۇناس موللا مۇسا سايرامى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ ۋە ئانا يۇرتى ئاناقىر يېزىسىغا دەپنە قىلىنىدۇ.
خوش ، ئالىم بىلەن بىرقۇر تونىشىۋالدۇق . ئەمدى تورداشلارغا تەۋسىيە قىلدىغىنىم بۇ ئالىمنىڭ كىتابى <تارىخى ھەمىدى> .
بۇ كىتاپنى بۇرۇن ئاڭلىغان بولساممۇ ئوقۇشقا خوش ياقمىغان ، يېقىندا قىزىقىپ قولۇمغا ئالغان . ئالدىنقى كۈنى تۈگەتتىم ، بۇرۇنراق ئوقۇمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىمغۇ زادى ، ھەقىقەتەن كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم . نۇرغۇن تۈگۈنلەر يىشىلدى .
توردا ئىزدەش ئارقىلىق بۇ كىتاپنىڭ ئىلكىتاپ PDF  نۇسخىسىنى تاپتىم .
تۆۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرۋىلىڭ .
ئادرىسقا كىرگەندىن كىيىن 慢速下载 بېسىپ تەخىر قىلىپ تۇرسىڭىز چۈشىدۇ .


ئالىمنىڭ يەنە بىر كىتابى< تارىخى ئەمىنيە> نى تۆۋەندىكى ئادرىسقا كىرىپ چۈشۈرۈڭ . 

چۈشۈرۈش     

   


ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
زەنجىۋىل
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7611
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-27
ئاخىرقى: 2011-06-20

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.كىتاپلىرىڭىزنى داۋاملىق ئايىمىغايسىز
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7728
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 65
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە65دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 859 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-04
ئاخىرقى: 2012-03-18
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-18 23:12

بەكمۇ ياخشى ماتىريال يوللاپسىز . رەھمەت سىزگە . مەن تېخى بۇ كىتاپلارنى ئەمدى تاپقىىلى بولماسمىكىن دەپتىكەنمەن.
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1018
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-03-28
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-19 13:33

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى bahadir0996 نىڭ 2011-06-18 23:12 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بەكمۇ ياخشى ماتىريال يوللاپسىز . رەھمەت سىزگە . مەن تېخى بۇ كىتاپلارنى ئەمدى تاپقىىلى بولماسمىكىن دەپتىكەنمەن.

سىز ئۈرۈمچىدىكى شەخسىي كىتابخانىلارنى بىر ئايلىنىپ بېقىڭە!!!!!!!!!
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
دوستلىشىش
baxmaltak
baxmaltak
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3281
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 413
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە413دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2175 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-03-31
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-19 19:06

بۇكىتابلارنىڭ ئىككلسى مەندەبار.
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1424
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1424دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 16184 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-03-31
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-20 17:32

نىمىشقىكىن بىزنىڭ ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ قەبرىلىرى مۇشۇنداق غىرىبانە
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.