باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 967 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سوپۇن يېگەنمۇ؟  (گېنېرال)
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 705
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە705دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 8920 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-17 12:49

سوپۇن يېگەنمۇ؟  (گېنېرال)

300دانە سوپۇن ۋە 27تال شاكىلات

ئاپتورى:羽 毛
تەرجىمان: گېنېرال


ئالتە ياشلىق جىيەن قىزىم قولىدىكى ئويۇنچۇق ئېيىقىنى قويۇپ قويۇپ،تېلېۋىزوردىكى بىر خەۋەرنى دىققەت بىلەن كۆرۈۋاتاتتى.
خەۋەردە زىيارەت قىلىنىۋاتقان كىشى 60ياشلاردىكى بىر دېھقان ئىدى،ئۇنىڭ چىرايى قارىدىغان،ئىڭىكى تومپايغان بولۇپ،چىرايىدىن ئۇزۇن يىل مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.
يەتتە يىل ئىلگىرىكى مەلۇم بىر كۈنى ئۇ قورسىقىنىڭ تۇيۇقسىز ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىپتۇ.كېيىنچە ئاغرىق تېخىمۇ كۈچەيگەچكە،كېچىلىرى ئۇخلىيالماپتۇ.دوختۇرغا كۆرۈنگەنىكەن،<<بۆرەكتە تاش بار>> دەپ دىئاگنوز قويۇپتۇ.ئوپىراتسىيە ھەققىگە ئالتە مىڭ يۈەن پۇل كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ داڭ قېتىپ قاپتۇ.ئۇ ئۆيىگە قايتىپ يەنىلا ئېتىز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىۋېرىپتۇ.ھەر قېتىم ئاغرىقى قوزغالغاندا ئۇنىڭدىن سوغۇق تەر چىقىپ،يەردە تۈگۈلۈپ يېتىپ قالىدىكەن.ئايالى يېنىدا پەقەت يىغلىغىنىچە قاراپ تۇرىدىكەن.
ئاغرىققا پەقەتلا بەرداشلىق بېرەلمىگەندىن كېيىن،ئۇ ئۆزىنى ئۆزى داۋالىماقچى بوپتۇ.دەسلەپتە ئۇ سوپۇن پاراشوكى بىلەن بۆرەكتىكى تاشنى چۈشۈرمەكچى بوپتۇ.چىنىگە سوپۇن پاراشوكىدىن ئازراق سېلىپ،ئاندىن ئۈستىگە ئازراق سوغۇق سۇ قۇيۇپ،غۇرتۇلدىتىپ ئىچىۋېتىپتۇ.ئارقىدىن زاراڭزا مېيىنى ئىچىپتۇ.گەرچە شۇ قەدەر قۇسقۇسى كەلسىمۇ،بۇ سۇيۇقلۇق ئۇنىڭ قورسىقىنى ئوتتەك كۆيدۈرگەن بولسىمۇ لېكىن،ئۇنىڭ باشتىكى ئاغرىقىنى ئۇنتۇلدۇرغىنى ياخشى بولدى-دە.
ئەڭ ئاخىرى،ئۇ كىر سوپۇن يىيىشكە باشلاپتۇ.ئۇ كىر سوپۇننى پارچە-پارچە قىلىپ ئۇششاق كېسىپ،ئاغرىقى قوزغالغاندا بىر پارچىنى ئېغىزىغا سېلىپ،سۇ بىلەن يۇتۇۋېتىدىكەن،ئۇنى يىيىش شۇ قەدەر قىيىنكى،ھەتتا ئېغىزىدىن ماغزاپ كۆپۈكچىلىرى چىقىپ كېتىدىكەن...
__ بۇ نەرسە ھەر ھالدا بولىدىكەن،ئۇنى يېگەندىن كېيىن قورسىقىمنىڭ ئاغرىقى توختاپ قالىدۇ،دوختۇر سوپۇننى يېيىشكە بولمايدۇ،بەدەننىڭ كېسلاتا-ئىشقارلىقىنى بۇزىدۇ،دەيدۇ.مەنمۇ قورقىمەن،بىراق ئۇنچىلىك كۆپ ئويلىغۇچىلىكىم يوق!ھازىر مەن ھەر كۈنى سوپۇن يەيمەن>>،ئۇ دېھقان تېلېكامېراغا قاراپ شۇنداق دېدى.
نەچچە يىلدىن بېرى ئۇ 300دىن ئارتۇق كىر سوپۇننى يەپ بوپتۇ،ئېغىزىمۇ سوپۇن پۇرايدىكەن.
جىيەن قىزىم مەندىن:
__ سوپۇن يېيىشلىكمۇ؟بوۋام نېمىشقا سوپۇننى شۇنچە كۆپ يەيدۇ؟ _ دەپ سورىدى.مەن ئۇنىڭغا بوۋاينىڭ قورسىقى ئاغرىغاچقا ئامالسىز سوپۇن يېگەنلىكىنى ناھايىتى قىينىلىپ تۇرۇپ چۈشەندۈردۈم.جىيەن قىزىم يەنە سورىدى:
__ سوپۇن بىر خىل دورىمۇ؟مېنىڭمۇ قورسىقىم ئاغرىغاندا ئاپام نېمىشقا ماڭا سوپۇن بەرمەيدۇ؟
__ ئۇ بوۋاي نامراتكەن،كېسىلىنى داۋالىتىشقا،دورا سېتىۋېلىشقا پۇلى يوقكەن،شۇڭا ئامالسىز سوپۇن يېگەن گەپ،باشقا كىشىلەر سوپۇن يېسە بولمايدۇ،__ دېدىم.
__ ئەمىسە بوۋام سوپۇن يېگەندە يېنىدىكى كىشىلەر نېمىشقا كۈلىدۇ؟
ئېغىزىم تۇۋاقلىنىپ،زۇۋان سۈرەلمىدىم.
بىر نامرات دېھقانغا نىسبەتەن ئوپىراتسىيە ھەققى ۋە دورا ھەققىنىڭ ئاستىرونومىيىلىك سان-سېفىردەك ئىكەنلىكىنى جىيەن قىزىمغا قاندقمۇ چۈشەندۈرەي؟ئۇ دېھقان ئېغىر كېسەل ئەمەس ياكى ئەڭ نامراتلاردىنمۇ ئەمەس،ئۆزىنى قۇتقۇزغان بىردىنبىر ئادەممۇ  ئەمەس،ئادەتتىكى نۇرغۇن دېھقانلار چوڭ-كىچىك كېسەللەرنى ئۆزلىرىنىڭ بىمەنە ئۇسۇللىرى بىلەن داۋالاۋېرىدۇ.شۇڭا بوۋاي مۇخبىرنىڭ ئالدىدا تېلېكامېراغا قاراپ سوپۇن يېگەندە،ئەتراپقا توپلىشىۋالغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىرايىغا ساددا كۈلكە يۈگۈرگەن ئىدى.
پروگرامما تۈگىدى،بىراق ئېكراندىكى بوۋاينىڭ سوپۇننى كۆتۈرگىنىچە كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ھالىتى ئۇزاققىچە ئېسىمدىن چىقماي،ئىچىمنى ئاچچىق سېزىم چۇلغىۋالدى.جىيەن قىزىممۇ باشقا سوئال سورىماي،بىر چەتتە ئوينىغىلى تۇردى.
تۇيۇقسىز جىيەن قىزىمنىڭ تازىلىق ئۆيىدىن ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم.يۈگۈرۈپ بېرىپ قارىسام،ئۇ قولىدا بىر پارچە سوپۇننى تۇتۇپ،چىرايىنى پۈرۈشتۈرگەن ھالدا:
__ سوپۇننى ھەقىقەتەن يېگىلى بولمايدىكەن،ھېلىمۇ ياخشى مەن پەقەت يالاپ بېقىپتىمەن،_ دېدى.
مەن ئۇنىڭ قولىدىكى سوپۇننى تارتىۋېلىپ،ئۇنىڭ كۆزىگە قادىلىپ تۇرۇپ:
__ سوپۇن زەھەرلىك،يېيىشكە بولمايدۇ!  نېمىشقا گەپ ئاڭلىمايسەن؟__ دېدىم.
جىيەن قىزىمنىڭ ياشلىرى مۆلدۈرلۈپ،بىر ھازادىن كېيىن:
__ بوۋاممۇ سوپۇن يېدىغۇ؟ بوۋام نېمانچە بىچارە،قورسىقى ئاغرىسا يېگىلى بولمايدىغان سوپۇننى يەپتۇ...،__ دېدى.
ئۇنىڭ ئازابلانغان ھالىتىنى كۆرۈپ ئاچچىقىممۇ تارقاپ كەتتى.
بىر ھازادىن كېيىن،جىيەن قىزىم ئۆزىنىڭ سومكىسىنى ئېلىپ يېنىمغا كەلدى ۋە سومكىسىدىن بىر قۇتا شاكىلات چىقىرىپ ئەستايىدىللىق بىلەن دېدى:
__ كىچىك ئاپا،بۇ ئاپام ئېلىپ بەرگەن شاكىلات ئىدى،يېيىشكە كۆزۈم قىيماي بەش كۈندە ئاران ئۈچ تال يېگەن ئىدىم،يەنە 27 تال بار،__ ئۇ قۇتىنى باغرىغا چىڭ بېسىپ،ئاندىن قەتئىيلىك بىلەن ماڭا ئۇزاتتى،__ بۇرۇن مېنىڭ قورسىقىم ئاغرىغاندا بۇنىڭدىن بىر تال يېسەم،ئاغرىقى توختاپ قالاتتى.بۇ شاكىلاتلارنى بوۋامغا بېرەيلى،ئۇ ئەمدى سوپۇن يېمىسۇن...
جىيەن قىزىم سۆزىنى تۈگىتىپ كۈلۈمسىرىدى،ئۇنىڭ كۈلكىسى خۇددى زەرگۈلدەك،كېچىنى ئاجايىپ يورۇتقان ئىدى.مەن تەسىرلەنگىنىمدىن ھېچنىمە دېيەلمىدىم.
بۇ ساپ قەلبتە مەيلى ناتونۇش كىشى بولسۇن ياكى تېلېۋىزوردىكى ھېلىقى دېھقان بوۋاي بولسۇن،ھەممىسى يېقىن كىشى ئىدى.تۇرمۇشتا قانچىلىك ئازاب بولسۇن،ياكى قانچە نامرات بولسۇن ،ئۇ ئاشۇ تاتلىق شاكىلاتلار بىلەن ئېرىتىشنى ئويلايتتى.
پەرىشتە سۈپەت بالامغا رەھمەت،ئۇ ماڭا يۈرىكى ئېچىشقاندىن  باشقا،300پارچە سوپۇننىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ئازاب ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ بىر نېمە قىلىشنى ئۆگەتتى.بالامغا رەھمەت،ئۇ ماڭا بىر ساپ قەلب مەيلى كۈن-ئايلار ئالماشسۇن،يەنىلا شەخسىيەتسىزلىك مۇجەسسەملەنگەن 27تال شاكىلاتنىڭ تاتلىقى بىلەن دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈشنى ئۆگەتتى...
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
اللەنىڭ نەزىرىدىكى مەن ھەقىقى مەن!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7794
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 91
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە91دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 950 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-09
ئاخىرقى: 2011-08-12

تەسىرلىككەن  ،   كىچىك   بالىلارنىڭ  خىيالى   نىمە  دىگەن   پاك  .  بىغۇبار   ھە_؟!
سەن ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا سەبىر قىل ، اللە كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1102
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1102دانە
ئۆسۈش: 1260 %
مۇنبەر پۇلى: 12055 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2011-10-19
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-17 14:29

نىمانداق تەسىرلىك ھىكايە، بەلكىم تۇرمۇشۇمىزدا تىلىكامىرالارغا چىقالمىغان نۇرغۇن سوپۇن يەيدىغان بوۋىلىرىمىز بولىشى ...
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1309
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1309دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 13928 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2011-10-19
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-17 16:42

بالىلار ھەر ۋاقىت راست گەپ قىلىدۇ ،،، ئۇلار ساختا كۇيۇمچانلىقتىن خالىي بولىدۇ ،،، نامرات ئائىلىلىرىمىزدا چىش ئاغرىقىدىن باشقا ھەممىسىگە خۇدايىم يارىتىپ قويغان قوي مىيىنى سۇرۇپلا بولدى قىلىدىغان كىشىلىرىمىزنى يوق دىيەلەيمىزمۇ ؟؟
چوڭ ئەيسا دوختۇرغا كورىنىشنى تەۋىسىيە قىلغان ئىتوتىدا شۇنداق ئاچچىق ئەمما ھەقىقى سوزلەرنى قىستۇرۇپ ئۇتۇشنى ئۇنتىمىغان ،، ئالدىغا بېرىپ بولغىچە ئاغزىنى ھا دەپلا ئېچىپ پۇل دىيدىكەن ئۇ دوختۇرلىرىڭ !!!
ئاللاھ شۇلارنىڭ ئالدىغا مۇھتاج بوپ بېرىپ قىېلىشتىن ساخلىسۇن ،،،
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6506
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 66
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە66دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 685 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-14
ئاخىرقى: 2011-09-16
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-17 23:18

بەك تەسىرلىككەن كىچىك بالىلارمۇ ئەققىللىق بولۇپ كېتڭپ بارىدۇ -ھە....
چوقۇم ئوقۇيمەن!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7693
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 25
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 270 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-02
ئاخىرقى: 2011-06-21
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-17 23:22

    

    مۇشۇنداق ئىشلارغا قانداق ئامال باردۇ زادى .؟
mp3
دوستلىشىش
قاشتىشى
ھەممە ئىشنى بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم دەپ باشلا ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7944
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 24
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە24دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 240 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-18
ئاخىرقى: 2011-06-23
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-19 23:05

نىمىدىگەن زەھەرلىك.
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم.