
شۇ قەدەر رومانتىك بۇ تىمتاس كىچە
تۈندىكى ھىجراننى تۇرىدۇ سۆزلەپ .
ھىلال ئاي ساڭگىلاپ تاغنىڭ باغرىدا،
شولىسى دەريادا كۆرۈنەر لەيلەپ .
شوخ شامال شۇنچە ئەركىن شۇنچە شات ،
يىنىككىنە سۆيۈپ ئۆتەر يۈزلەرنى .
يۇلتۇزلارمۇ شۇنچە يارقىن نۇر چىچىپ ،
جەلىپ قىلار جۈپ-جۈپ ئويناق كۆزلەرنى.

تاغدىن چۈشكەن زۇمرەت كەبى سۇلارمۇ ،
گۈللەر يالاپ ئايلىنىپتۇ ئىقىنغا .
ھىلال ئايمۇ نۇرلىرىنى ئايىماي ،
سىخىلارچە تۆكۈۋەتتى زىمىنغا .
كۆك يۈزىگە چىچىلغان زەر تەڭگىلەر ،
جىمىرلىشىپ بىر -بىرىگە قىلدى ناز .
ئاشىق قەلب ھىجرانىدا مەشۇقنىڭ ،
ناخشا ئىيتار يۈرىگىدە چىلىپ ساز .
پىنھان كىچە چاڭقاق دىللار ئۇچرىشىپ ،
باغاش ئىتەر مۇھەببەتلىك قەلىبلەر .
مەھكۇم بولغاچ تەنھالىقنىڭ ئازاۋى ،
ئويناپ كىتەر ۋىسال تاپقان يۈرەكلەر .

مەن بۇ شئېرنى پىنھان كىچىلەردە سۆيگۈ سىرلىرىنى ئىزھار قىلۋاتقان ئوت يۈرەك ئاشىق -مەشۇقلارغا سوۋغا قىلىمەن.
ئاپتۇرى .ئىبراھىمجان ئىرپانى مىسرانىم تورىدا ئىلان قىلىنغان .
