باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1162 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: «كاتتايلاق» نامىنىڭ تىل يىلتىزى ھەققىدە
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 564
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە564دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2011-11-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-16 23:37

«كاتتايلاق» نامىنىڭ تىل يىلتىزى ھەققىدە

«كاتتايلاق» نامىنىڭ تىل يىلتىزى ھەققىدە
مۇھەممەد (بارخان1)

يۇرت نامى شۇ يۇرتقا تەۋە خەلقنىڭ ئىپتىخار نامى، ئۇ، قەلىبلەردە مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان، ئۇزاق تارىختىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىدىغان ۋە مەڭگۈ شۇنداق داۋاملىشىپ بارىدىغان، ئەجداتلاردىن ئەۋلاتلارغا قالىدىغان تىلتۇمار ئابىدە. بىراۋ: «سەن قايسى يۇرتتىن ؟»دەپ سوراپ قالسا، جاۋاپ بەرگۈچى پۈشتى-زاتى نامىدىن غۇرۇر ئىلكىدە قەددىنى رۇسلاپ، مەيدىسىنى كېرىپ، مەغرۇر ھالدا: «مەن x يۇرتتىن...»دەپ جاراڭلىق جاۋاپ بېرىدۇ... شۇ ۋەجىدىنمىكىن مەھمۇد كاشغەرى بوۋىمىز «تۈركى تىللار دىۋانىي»دا: «كىن يىپار- كىندىك ئىپار». «كەن- كۈن چىقىش تەرەپتىكى ھەربىر شەھەر نامىغا ‹كىن، كەن› سۆزى قوشۇلىدۇ. بۇ سۆز ‹كەند› سۆزىنىڭ قىسقارغان شەكلىدۇر» («دىۋان»، 1-قىسىم، 442-بەت) دىيىش بىلەن، جانلىقلار ۋە ئىنسانلار بەدىنىنىڭ دەل مەركىزى بولغان «كىندىك»نى «كىن» سۆزى بىلەن ئىپادىلەپ، تۈركىي مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئۆزى تۇغۇلۇپ، ئۆسكەن يۇرتىنى يەرشارىنىڭ مەركىزى دەرىجىسىدە سىمۋوللاشتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكە سالىدۇ. دەرھەقىقەت! فىزىئولوگىيىلىك قانۇنىيەت نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھاياتلىق ئاپىرىدىگاھىنىڭ تۈنجى ئۆچىكى- بالاياتقۇدا پەيدا بولىۋاتقان ھامىلە پەقەت كىندىك نەيچىسى ئارقىلىقلا ئەجدادىنىڭ ئۇدۇم ۋە ئىرسىيەت نۇسخىسىنى سۈمۈرىدۇ. «كىندىك»تىكى «كىن»نىڭ «كەند»كە تەققاسلىنىشى، ئۆز يۇرتىغا تەلپۈنگۈچى، ئۆز دىيارىنىڭ بىر چىمدىم توپىسىنىمۇ تۇتىيا بىلىپ ئەزىزلىگۈچى ھەرقانداق كىشىگە ئالەمچە زوق بېغىشلايدۇ.
ئانا ماكانى «كاتتايلاق»تىن جاھان كەزدى بولۇپ چىقىپ كەتكەن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى، بولۇپمۇ شىمالى شىنجاڭدىكى قېرىنداشلىرىمىز؛ «تاشمۇ چۈشكەن جايىدا ئەزىز ئىكەن... كىندىك قېنى تۆكۈلگەن تۇتىيا زىمىننى كىممۇ ئۇنتۇپ قالالىسۇن ؟...» دىيىشىپ، ئۆتكەن ئەجداتلىرىنى ئىسسىق كۆز ياشلىرى بىلەن ئەسلىشىپ، بۇ قەدىمىي ماكانغا يۈزلىنىپ ئاياللار بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ، ئەرلەر ئۆلۈم-يىتىم باناسى بىلەن، ياكى ھېچكىم كۆرمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان پىنھان جاينى تېپىپ يۇرت سېغىنچىسىدا ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ بۇقۇلداپ يىغلىۋالىدۇ... ئىشەنمىسىڭىز ئۇلارنىڭ «كاتتايلاق»قا بولغان تەلپۈنۈش ۋە ئوتلۇق مۇھەببىتىنىڭ يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالىدىغان مۇڭلۇق مىلودىيىسىگە قۇلاق سېلىپ بېقىڭ:
كاتتايلاق ئىسىل يايلاق،
ئەجەپمۇ يايلىيالمادىم.
يايلىساممۇ يايلادىم،
دەرتكە پايلىيالمادىم.
ئاتۇش تارىختىن بۇيان شاھلار ماكانى دەپ تەرپلەنگىنىگە ئوخشاش، ئاتۇش قوينىدىكى «كاتتايلاق»مۇ تارىختا «بارخان»(«بايخان»)، «富贵» (فۇگۇي)، «ھاسائاتام»، «ئاياققاش» (گەزتۇمشۇق)، «خان سۇپا» (خان يايلىقى)، «كەديايلاغ» (گەزيايلاق) قاتارلىق ناملار بىلەن شۆھرەتلەنگەن. بۇ تۇتىيا زېمىندا تۇغۇلۇپ، ئۆسكەن قىز-ئوغلانلار ھىلى ھەم تولىمۇ سۆيۈنگەن ھالدا مەزكۇر يۇرتنىڭ مۇبارەك نامىنى «كاتتايلاق»دەپ تەكرار تىلغا ئېلىپ، چەكسىز ئىپتىخارغا چۈمىلىدۇ.
«كاتتايلاق» نامىنىڭ تىل يىلتىزىنى قېزىپ چىقىش، تىلشۇناسلىق مەسىلىسى بولۇش بىلەن بىرگە، ئالدى بىلەن ئۇ، مىللەت مەدەنىيىتى ئىچىدىكى تىل مەدەنىيىتىگە تەۋە بولۇپ، بۇ ئاتالغۇنىڭ تىل جەھەتتە قايسى مىللەت تىلىغا تەۋە بولىشى، شۇ خىل ئاتالغۇ ئاستىدىكى زېمىن پاسىلىنىڭ ھەقدالىق ھوقۇقى مەسىلىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
«“كاتتايلاق” نىڭ ئەسلى ئىسمى “كاتتا يايلاق” بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا «كەڭرى يايلاق' دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. بۇرۇن بۇ جاي يۇلغۇنلۇق بولۇپ ئوت-چۆپكە باياشات بولغاچقا مۇشۇ ئىسىم قويۇلغان بولسىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن “كاتتايلاق”قا ئۆزگۈرۈپ كەتكەن.» («ئاتۇش ناھيىسىنىڭ يەر ناملىرى تەزكىرىسى 1985-يىلى نەشرى، 99-بەت). «“كاتتايلاق” ئەسلى “كاتتايايلاق” بولۇپ، چوڭ يايلاق دىگەن مەنىدە.» (نىياز كېرىمىنىڭ «دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى ھەققىدە» 340-بەت). ئىككى مەنبەدىكى «كاتتايلاق» نامىغا بولغان ئىزاھاتنىڭ بۇنداق ئۆخشاشلىقى سەۋەپسىز ئەمەس. «دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى ھەققىدە» دىگەن كىتاپ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە ۋە شەھەرلەرنىڭ يەر ناملىرى تەزكىرىسىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئىككى كىتاپنىڭ نەشر قىلىنىش ۋاقتىدىن بۇنى ئىلغا قىلىش ئانچە تەس ئەمەس. بۇ ئىككى كىتاپتىكى «كاتتايلاق» نامى ھەققىدىكى ئىزاھات، شۇ يۇرتتىكى كىشىلەرنىڭ ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقا داۋاملاشتۇرۇپ ۋە ساقلاپ كېلىۋاتقان يۇرت نامى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئەينەن خاتىرىگە ئېلىش بولۇپ، ئۇنىڭ تىل يىلتىزى قېزىلمىغاننىڭ ئۈستىگە، بۇ يۇرتتىكى تارىخى ئىزنالار ئارقىلىق مەزكۇر يەر-جاي نامىنىڭ تارىخى سالاھىتى روشەنلەشتۈرۈلمىگەن. نەتىجىدە، ئوقۇرمەنلەردە؛ «ئاتالمىش “كاتتايلاق”، “ئىسىل يايلاق”، “كەڭرى يايلاق” دېگەن ئوخشاش مەنىلەردىكى سۆز نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە “كاتتايلاق”نىڭ ئەكسىچە شورلۇق زېمىن ۋە ئۈنۈمسىز يەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ؟ “كاتتايلاق”نىڭ يىراق ئۆتمىشى بىلەن بۈگۈنكى رېئاللىقىتىكى زور پەرقنىڭ پەيدا بولىشىغا نېمە سەۋەپ بولغان ؟» دىگەن جاۋاپ بېرىش قىيىن بولغان ئۆتكۈر سۇئالىغا دۇچ كېلىمىز.
تۈركىى تىلىنىڭ مىڭ يىل بۇرۇنقى قامۇسى «تۈركىى تىللار دىۋانى»غا ئاساسلىنىپ «كاتتايلاق» نامىنىڭ تىل يىلتىزىنى قازغىنىمىزدا، ئۇ بىر پۈتۈن ئاتالغۇ سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى، ئىككى تۈپ سۆز شەكلىدە ئىككى ئورۇندا ئۇچرايدۇ. تۈپ سۆز ۋە تۈپ سۆزلەرنىڭ ياسالما ئىسىم پەيدا قىلىشى ھەققىدە مەھمۇد كاشغەرى مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىشنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ۋە كىتاپنى ئىخچام قىلىش ئۈچۈن... ھەربىر قەبىلىنىڭ تىلىدىن سۆز ياساشقا ئاساس بولىدىغان تۈپ سۆزلەرنىلا ئالدىم. چۈنكى سۆزنىڭ قىسقىسى ياخشى... “قىلىچ”، “ئوق” دىگەنگە ئوخشاشلار تۈپ ئىسىم بولۇپ، بۇ خىل ئىسىملار باشقا سۆزلەردىن ياسالغان ئەمەس. ياسالما ئىسىملار باشقا سۆزلەردىن ياسىلىدۇ. مۇنداق ئىسىملارنىڭ بەزىلىرى جانلىق تىلدا ئىشلىتىلىدۇ؛ بەزىلىرى تىل قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن بولسىمۇ ئىشلىتىلمەيدۇ. مەن مۇشۇ ئىسىملارنىڭ ئىشلىتىدىغانلىرىنى يازدىم، ئىشلىتىلمەيدىغانلىرىنى تاشلىدىم. لېكىن مەن شۇنداق بىر يول تۇتتۇمكى، قائىدە بويىچە، قىياس قىلغىلى بولىدىغان ۋە مەن تاشلىۋەتكەن سۆزلەرنىمۇ مۇشۇ يول بىلەن تېپىۋالغىلى بولىدۇ...» («تۈركى تىللار دىۋانى» 1- قىسىم، 7- 12-13-بەتلەر).
«تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى يۇقارقى قائىدىگە ئاساسلانغاندا، «كاتتايلاق»نى «كاتتا» ۋە «يايلاق»تىن ئىبارەت ئىككى تۈپ سۆزدىن تۈزۈلگەن ياسالما ئىسىم (يەرـ جاي نامى) دىيىشكە بولىدۇ. بىز تىل يىلتىزىنى ئىزدىمەكچى بولغان «كاتتايلاق»قا ئىككى تۈپ سۆزنىڭ بىرىكىش شەكلى نەزىرى بىلەن «تۈركى تىللار دىۋانى»غا قارايدىغان بولساق «كەد» ۋە «يايلاغ»دىن ئىبارەت ئىككى تۈپ سۆز ئۇچرايدۇ؛ ‹‹كەد- بۇ سۆز “د” بىلەنمۇ، “ز” بىلەنمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. بىرەر نەرسىنى تەكىتلەش ۋە ئاشۇرۇپ كۆرسۈتۈش ئۈچۈن “قالتىس” مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. كەد (كەز) ئات – قالتىس ئات. كەد (كەز) نەڭ – قالتىس نەرسە.›› («تۈركى تىللاردىۋانى»، 1-قىسىم، 422-بەت). «يايلاغ- يايلاق» («تۈركىي تىللار دىۋانى»، 3-قىسىم، 63-بەت). «كاتتايلاق»تىكى «يايلاق» بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى «يايلاغ» تامامەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ يەردىكى پەرق «يايلاق»تىكى «ق» تاۋۇشى بىلەن «يايلاغ»دىكى «غ» تاۋۇشىنىڭ ئوخشىماسلىقى. ئۇيغۇر تىل تاۋۇشلىرىدىكى «ق»، «غ»، «خ»، «گ» ۋە «ك»لار نىڭ بىر-بىرىگە ئالمىشىشچانلىقى دائىملىق ئەھۋال بولۇپ، «غ» تاۋۇش بىلەن «ق» تاۋۇشنىڭ ئۆز- ئارا ئالمىشىشى تېخىمۇ ئەركىن ۋە تېخىمۇ تىز بولىدۇ. «تۈركى تىللار دىۋانى»دا ئوغۇزلار بىلەن قەدىمكى «ئارغۇ شەھەرلىرى»دىكى ئارغۇلىقلارنىڭ «ق» تاۋۇشىنى «غ» تاۋۇشىغا ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىش مىساللىرى كۆپ ئۇچرايدۇ.
تىلشۇناسلىرىمىز تا ھازىرغىچە سۈپەت خاراكتىرىدىكى «كاتتا» سۆزلەمنى بىردەك ھالدا ئەرەپ تىلىدىن قوبۇل قىلغان دىگەن ئىدىيىنى ئالغا سۈرۈپ كەلدى. بۇ «تۈركى تىللار دىۋانى» ھەققىدىكى تەتقىقاتىمىزنىڭ چۇڭقۇرلاشمىغانلىقى ۋە دەسلەپكى قەدەمدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى؛ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇ، سۆزلەملەرنى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ۋە قەدىمكى تۈركى تىلى ئاساسىدا قېزىپ چىقىشىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپلا قالماي، ئاتالمىش پارس تىلى ۋە ئەرەپ تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان دىگەن سۆزنىڭ كۆپ تەكرارلىنىشى، بەزى ئاتالغۇلارنىڭ تىل تەۋەلىك مەسىلىسىدە ساختا ھەقىقەت مەنزىرىسى كۆرۈلدى. بىزدىكى قانائەتسىزلىك، دەل «كاتتايلاق»تىكى «كاتتا» سۆزلەمنى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى كۆپ ئىشلىتىلگەن سۆزلەم دەپ قارىغانلىقىمىزدىن، ھەمدە «تۈركى تىللار دىۋانى» ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇش قىزغىنلىقىمىزنىڭ زىيادە كۈچلۈكلىكىدىن پەيدا بولدى. «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «كەد(كەز)» بىلەن بىزنىڭ دائىملىق تىل ئىستىمالىمىزدىكى «كاتتا» پۈتۈنلەي ماس ۋە ئوخشاش ئۇقۇم بولۇپ؛ «كەد(كەز)- قالتىس»، «كاتتا-چوڭ، ئىسىل، قالتىس» قاتارلىق سۈپەت مەنالىرىنى ئىپادىلىگەندىن باشقا يەنە، ھوقۇقدار، پۇلدار كىشىلەرگە سۈپەت ئاتالغۇسى بولۇپ كېلىدۇ.
كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، «كاتتا»نىڭ تىل يىلتىزى «كەد(كەز)» بولۇپ، ھازىرقى سۈپەت ئاتالغۇسى «كاتتا» قەدىمدە «كەد(كەز)»، «كەدە (كەزە)» ۋە «كەددە (كەززە» تەلەپپۇزىدا ئىپادىلەنگەنلىكى ئېنىق.
«كاتتايلاق» نامىنىڭ تىل يىلتىزى بولغان، «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «كەد(كەز)» بىلەن «يايلاغ»دىن ئىبارەت ئىككى تۈپ سۆزدىن بىر ئاتالغۇ (يەر-جاي نامى) ياسىغىنىمىزدا، «كەديايلاغ (كەزيايلاغ گەزيايلاغ)»، «كەدەيايلاغ (كەزەيايلاغ گەزەيايلاغ)» ۋە «كەددە يايلاغ (كەززەيايلاغ گەززەيايلاغ)» قاتارلىق قىسمەن پەرىققە ئېگە ئوخشاش ئاتالغۇ پەيدا بولىدۇ. بۇ ئوخشاش ئاتالغۇلار ئىچىدىكى «كەد يايلاغ» نامىنى تەشكىل قىلغان ئۈچ بوغۇم («كەد»، «ياي»، «لاغ»)نىڭ ھەربىر ھەرپ تاۋۇشلىرى تىل ئىستىمالىمىزغا تولىمۇ ماسلاشقان بولۇپ، «كەد يايلاغ»نىڭ ئوخشاش مەنىدىكى «كەز يايلاغ(گەزيايلاغ)» يانداش ئىپادىلىرى تارىخى تەرەققىياتنىڭ مۇئەييەن قىسقا باسقۇچلىرىدا دەمكۈتە قوللىنىپ ۋە تاشلىنىپ، ئاخىرىدا بۈگۈنكى «كاتتايلاق»نىڭ تىل يىلتىزى «كەديايلاغ» نامىنى تارىخى ئاتالغۇ دەرىجىسىگە كۆتۈردى.
گەرچە، تارىخى ئاتالغۇ «كەديايلاغ»نىڭ يانداش ئىپادىسى بولغان «كەزيايلاغ (گەزيايلاغ»نىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە ھېچقانداق تارىخى ئۇچۇرغا ئېگە بولمىساقمۇ، ئەمما، تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قىسمەن بايانلىرى، شۇنداقلا، «كاتتايلاق» خەلقىنىڭ ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ۋە ھازىرغىچە ساقلاپ كەلگەن «گەز تۇمشۇق رىۋايىتى» بەزى ئېنىقلىمىلارغا ئىرىشىشىمىزگە ئالاھىدە ياردىمى بولىشى مۇمكىن.
ئالىم ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن «بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە» ناملىق تەتقىقاتىدا: «“خان سۇپا”، “كاتتايلاق”، “ھاسائاتام” ۋە “باش قاش” بويىدىكى خارابىلىقلار بالاساغۇنغا ئالقىدار سىرتقى ئارخېئولوگىيىلىك يەنە بىر چەمبەر ھىساپلىنىدۇ. بىر قاراشتا ئۇزۇن سوزۇلغان سېپىل خارابىسىدەك، ھەتتا ئارىلاپ-ئارىلاپ كېسەك تاملار كۆرۈنۈپ تۇرغان “باش قاش”، “ئوتتۇرا قاش”، “ئاياغ قاش” بىناكارلىقى ئەسلىدە ئۈستۈن ئاتۇشتىن كەلگەن چاقماق دەريا ئېقىنىنى كاتـايلاق تەرەپكە ئېلىپ بارىدىغان كۆتۈرمە قانال-ئۆستەڭ ئورنى بولغان. “ئوتتۇرا قاش”تا كۆپلىگەن ئاھالە ياشىغان توچكىلار ئۇچرايدۇ. » («يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»، 213-بەت) دىگەن ئىلمى ھۆكۈمنى ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق، “قۇمسېغىر” كەنتىدىن تاكى «كاتتـايلاق»قىچە سوزۇلغان يىگىرمە نەچچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا قەدىمقى ئۆستەڭ (قاش)نىڭ مەۋجۇتلىقىنى مۇئەييەنلەشتۇرگەن. بەزى جايلىرى يەر تەكشىلىكىدىن بىر مېتىر، بەزى جايلىرى ئۈچ مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇ يىلاندەك سوزۇلغان ئۆستەڭ(قاش) خارابىلىكنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قارايدىغان بولساق ناھايىتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرىلا سۇ ئاققان غۇۋا ئىزنالارنى كۆرۈش ئانچە تەس ئەمەس. مەن (ئاپتۇر) ئىشەنمەسلىك نەزىرى بىلەن ئاشۇ سۇ ئاققان غۇۋا ئىزنالاردىن بىرنەچچە نوقتىنى قېزىپ، سۇ ئاققاندىكى قالدۇرغان قۇملارنىڭ قالدۇقى ۋە قۇملار ئىچىدىكى ساپال پارچىلىرىنى كۆرۈپ، بۇ كۆتۈرمە «ئۆستەڭ» (“قاش”) نىڭ قەدىمدە خېلىلا چوڭ غول ئۆستەڭ ئىكەنلىگىگە شەكسىز ئىشەندىم. ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن «... چاقماق دەريا ئېقىنىنى «كاتتـايلاق» تەرەپكە ئېلىپ بارىدىغان كۆتۈرمە قانال-ئۆستەڭ ئورنى بولغان.» دىگەن بايانىدا، تارىخى رىيالىققا ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بۇلغان، ھەتتا ھازىرمۇ روشەن ئىزنالىرى ساقلىنىپ قالغان پاكىتنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، “قاش” ئۇقۇمىنى دەلىللىگەن. ئۇنىڭ “قاش” ھەققىدىكى ئۇقۇمىنىڭ بارلىققا كېلىشى “ئاققاش” توپىنومىيىسىنى ۋە بىر قىسىم تارىخى ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلغان بولىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا “قاش” ئۇقۇمى نوقۇل “قۇمسېغىر”دىن “كاتتـايلاق”قىچە سوزۇلغان بىرلا قاشنى كۆرسىتىپلا قالماي، ئۇ يەنە بەشكىرەم يېزىسىنىڭ شەرقىدىن باشلىنىپ تاكى “ئاققاش”نىڭ شىمالى ئېتىكىنى بويلاپ “كاتتـايلاق” يېزىسىغا قاراشلىق “كۆيەك” كەنتىنىڭ “كۆتەمە” مەھەللىسىگىچە سوزۇلغان يەنە بىر “قاش”نىمۇ كۆرسىتىدۇ. قەدىمقى ئەجداتلىرىمىز بۇ ئىككى “قاش”نىڭ ئۈستىنى ئۆستەڭ ئورنىدا ئىشلىتىپ، ئۇزۇن لېنىيىلىك سۇغۇرۇش سېستىمىسىنى بەرپا قىلغان. غەرپتىن شەرققە قاراپ پاراللىل ھالەتتە ئاققان بۇ قەدىمقى ئىككى ئۆستەڭنىڭ “باش قاش” تىكى ئارلىقى 4000 مېتىر ئەتراپىدا، “ئوتتۇرا قاش” ئارىلىقى 500 مېتىر ئەتراپىدا، “ئاياغ قاش” ئارلىقى نامەلۇم. ئىككى ئۆستەڭ (“قاش”) ئارلىقىنىڭ بۇنچىلىك كەڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى ئۈستۇن ئاتۇش چاقماق دەرياسىنىڭ ئاندا- ساندا ئېلىپ كەلگەن زور كەلكۈنلىرىنى قۇمالتاغنىڭ جەنۇبى ۋە بەشكىرەم يېزىسىنىڭ شىمالى ئېتىكى ئارقىلىق ئىككى “قاش” ئارىلىقىدىكى مەزكۇر “قانال”غا سېلىپ راۋان ئاققۇزۇش بولسا كېرەك.
تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا، بۇ ئىككى «ئۆستەڭ»، بىر «قانال»نىڭ غەربى دېڭىز يۈزىدىن 1246 مېتىر ئېگىز، شەرقى دېڭىز يۈزىدىن 1212 مېتىر ئېگىز بولۇپ، ئېگىز تەرەپتىن تۆۋەن تەرەپكە يەنى شەرقكە يۈزلەنگىنىمىزدە بەشكىرەم ۋە ئاققاشنىڭ شىمالىنى يۆنىلىشنى بويلاپ ئاققان ئۆستەڭ، ئوڭ تەرەپتە بولغاچقا «ئاققاش» (ئاققاش ئۆستەڭ)؛ «قۇمسېغىر»، «قەدىمقى سۇلى دۆلىتى خارابىسى» ۋە «خان سۇپا»نىڭ جەنۇبى يۆنىلىشىنى بويلاپ ئاققان ئۆستەڭ سول تەرەپتە بولغاچقا «سولى(سولمۇر)» (قارا قاش ئۆستەڭ) دەپ ئاتالغان. تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئەجداتلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى مەلۇم ئىككى ئورۇن ۋە مەلۇم ئىككى يۇرتنىڭ قانچىلىك يېقىن جايلىشىشىدىن قەتئى نەزەر، شىمال، جەنۇپ تۈز سىزىق لېنىيىسىدىكى ۋە غەرپ، شەرق تۈز سىزىق لېنىيىسىدىكى ئورۇن مۇناسىۋىتى بويىچە كۆپىنچى ۋاقىتلاردا شىمال ۋە غەرپتىكىسىنى «قارا»، شەرق ۋە جەنۇپتىكىسىنى «ئاق» نامى بىلەن پەرقلەندۈرۈپ ئاتايدۇ. مەسىلەن، قاراقورۇم تاغلىرىنىڭ شەرقى ئېتىگىدىكى قەشقەر بىلەن غەربى ئېتىگىدىكى كەشمىر تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى يۇقارقى ئورتاق قائىدىمىز بويىچە ئاق-قارا مەناسىنى؛ تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى تاغلارنى قاراقۇرۇم تاغلىرى دەپ، شەرقىدىكى تاغلارنى ئالتۇن تاغ دەپ، كۈنچىقىش تەرەپنى “ئالتۇن” (قىزىل رەڭ) بىلەن، كۈن پېتىش تەرەپنى “قارا” رەڭ بىلەن ئىپادە قىلىنغانلىقى ئېنىق. بۇنداق مىساللار شىنجاڭنىڭ يەر- جاي ناملىرىدا ناھايىتى كۆپ ئوچرايدۇ. دىمەك، چاقماق دەرياسىنىڭ غول كەلكۈن سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بۇ چوڭ قانالنىڭ ئىككى يېقىدىكى ئىككى ئۆستەڭنى شىمال ۋە جۇنۇپ (ئوڭ، سول) تەرەپ مۇناسىۋىتى بويىچە ئېيتقاندا “ئاققاش” ۋە “قاراقاش”(“سولمۇر سۇلى”) پەرقىدە ئاتالغان بولىشى مۇمكىن. ئىككى ئۆستەڭنىڭ سۈيى ۋە ئىككى ئۆستەڭ ئارلىقىدىكى كەلكۈن ئوخشاشلا غەرپتىن شەرق تەرەپكە قاراپ ئاققاچقا، تارىختا ئۇلارنىڭ ئورتاق نامىمۇ بولغان بولىشى مۇمكىن. ئۇ بولسىمۇ «كاتتـايلاق»نىڭ تىل يىلتىزىدىكى “كەد”نىڭ يانداش ئىپادىسى بولغان “كەز”نىڭ تاۋۇش ئۆزگىرىشى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن “گەز” بىلەن قوشۇلغان “گەزقاش” نامىدۇر. ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىننىڭ «باش قاش»، «ئوتتۇرا قاش» ۋە «ئاياققاش» ئۇقۇمى مۇئەييەن چەكلىمىلىككە ئېگە بولۇپ، ئۇ پەقەت «قاش»نىڭ ئىككى چەت ۋە بىر ئوتتۇرا نوقتىسىنى نەزەرگە ئېلىپ، «قاش» ئۇقۇمىنى مۇئەييەنلەشتۇرگەنلىكلا خالاس. «قاش. قىرغاق. ھەرقانداق نەرسىنىڭ قېشى، قىرغىقى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق.» («تۈركى تىللار دىۋانى»، 3-قىسىم، 208-بەت)؛ «قاش» يەر تەكشىلىكىدىن قىر ۋە دامبا شەكىللىك قىسمەن كۆتۈرۈلگەن، بىر نوقتىدىن يەنە بىر نوقتىغىچە داۋاملاشقان ئېگىزلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇستى ۋە ئىككى يان تەرىپىمۇ ئوخشاشلا “قاش” دەپ ئېيتىلىدۇ. «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى بۇ تەبىر ۋە بىزنىڭ بەرگەن ئىزاھاتىمىزغا ئاساسلانغاندا “قاش” ئۇقۇمى ھەممە جايدا مەۋجۇت ئابستىراكتنى ۋە تۈر ئۇقۇم بولۇپ، ئۇنىڭغا ئارقا ۋە ئالدى قوشۇلغۇچى قوشۇلغاندا ياكى يەنە بىر تۈپ سۆز قوشۇلغاندا ئاندىن خاس ئاتالغۇغا ئايلىنالايدۇ. “گەزقاش” بۇ شەرتكە تامامەن ئۇيغۇن خاس ئاتالغۇ. ئۇيغۇر تىلىدا «گەز(كەز)» تۆت خىل مەنا ئىپادىلىشى مۇمكىن؛ بىرىنچى، ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىغىنى ئۆلچەيدىغان نەرسىنى “گەز” دەپ ئاتاش؛ ئىككىنچى، ئۇيغۇر بىناكارلىقىدا سۇۋاق تەكشىلىكىدىن ئېگىزرەك چىقىرىلىدىغان تۇز سىزىق شەكلىدىكى قاپارتمىنى «گەز تارتىش» دىيىش؛ ئۈچىنچى، «كەزلەدى- گەزلەدى، گەز چىقاردى، كىرتىك چىقاردى؛ بەتلىدى. ئول ئوقىن كەزلەدى- ئۇ ئوقىغا گەز چىقاردى، گېزىنى تۈزەتتى...» («تۈركى تىللار دىۋانى»، 3-قىسىم، 410-بەت)؛ تۆتىنچى، ‹‹كەد- بۇ سۆز “د” بىلەنمۇ، “ز” بىلەنمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. بىرەر نەرسىنى تەكىتلەش ۋە ئاشۇرۇپ كۆرسۈتۈش ئۈچۈن “قالتىس” مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. كەد (كەز) ئات – قالتىس ئات. كەد (كەز) نەڭ – قالتىس نەرسە.›› («تۈركى تىللاردىۋانى»، 1-قىسىم، 422-بەت)تىكى «كەد»نىڭ تاۋۇش ئۆزگىرىشى ۋە يانداش ئىپادىسى بولغان «كەز»(گەز) قاتارلىقلار.
بەشكىرەم ۋە قۇمسېغىردىن تارتىپ تاكى «كاتتـايلاق» يېزىسى “كۆيەك” كەنتىنىڭ “كۆتەمە” (كۆتۈرمە) مەھەللىسىگىچە سوزۇلغان ئىككى قاشنىڭ تارىختا “گەزقاش”دەپ ئاتىلىشىدا ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان بەش ئاساسى دەلىلىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ: بىرىنچى دەلىل، «ئوتتۇراقاش»تىكى “سۇلى دۆلىتى خارابىسى”نىڭ توققۇز كىلومېتىر شەرقى شىمالىدىكى «ھاسائاتام خارابىسى». ئىككىنچى دەلىل، كاتتـايلاق خەلقى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان «تۇرخېنىم» رىۋايىتى. ئۈچىنچى دەلىل، «گەز تۇمشۇق» رىۋايىتى. تۆتىنچى دەلىل، ئەجداتلىرىمىزنىڭ كەلكۈن سۈيىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياسىغان بىر قانال ھەم بۇ قانالنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېگىز قاشنى ئىككى تەرەپتىكى زىمىننى سۇغۇرۇش مەخسىدىدە ئىككى ئۆستەڭ قىلىپ لاھىيەلەشتە، ئۇزۇن- قىسقىلىقنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچىگۈچ “گەز”نى ئىشلەتكەنلىكى. بەشىنچى دەلىل، «كەد»نىڭ تاۋۇش ئۆزگىرىشىدىكى يانداش ئىپادە بولغان “گەز”نىڭ ئاتالغۇ سۈپىتىدە قوللىنىش ئىھتىمالىقى.
يۇقۇرقى بەش دەلىل ئىچىدە «ھاسائاتام خارابىسى» بىلەن «تۇرخېنىم» رىۋايىنىتىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە “ھاسا” تىلغا ئېلىنغان. “ھاسا” ئاتالغۇسىنىڭ بىر تارىخى خارابىلىقتا ۋە بىر رىۋايەتتە ئۇچرىشى، شۇنداقلا بۇ ئىككى ئورۇن ئارىلىقىنىڭ تەخمىنەن ئون ئىككى كىلومېتىر ئارىلىقىدا تۇرىشى، يەنە كېلىپ شىمالى «قاش»نىڭ لىۋىدە بولىشى ھەرگىزمۇ تاسادىبىلىق ئەمەس. ئۇ شۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئاشكارىلايدۇكى، «تۇرخېنىم» بىلەن «ھاسا ئاتام» تارىخى رىياللىقتىكى بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ قولىدىكى «ھاسا» ماھىيەتتە ئۇزۇن-قىسقىلىقنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچىگۈچ “گەز” دۇر. ئەجدات سۈپىتىدىكى بۇ «ھاسا ئاتام» قولىدىكى تاياقنى گاھىدا «قاش»نى لاھىيەلەشتە «گەز» (ئۆلچىگۈچ) ئورنىدا ئىشلەتكەن بولسا، گاھىدا تايىنىدىغان ھاسا ئورنىدا ئىشلەتكەن. «گەز»نىڭ ئۆلچىگۈچ ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىكى «تۇرخېنىم» رىۋايىتىدە مۇنداق تەسۋىرلەنگەن: « خان غوجام دىگەن بىر كىشى ئۆز ھاسىسى بىلەن ئېرىق چېپىپتىكەنمىش. يۇرت ئاخىرىدا “تۇر! ” دەپ ھاسىسىنى يەرگە سانجىپ قويغان. جىجىپ (سىزىپ) كەلگەن يېرىدىن سۇ كەلگەن. بىر كىشىدىن “ قانچىلىك سۇ كېلىۋاتىدۇ؟” دېسە “3-4 تاشلىق سۇ كېلىۋاتىدۇ” دىگەن. ئەگەر ئاشۇ ئادەم “جىقىراق كېلىۋاتىدۇ” دىگەن بولسا جىق كېلەركەنمىش. تاياقنى “تۇر!” دەپ سانجىغان يېرىدە تاياق كۆكلەپ كەتكەن ئىكەن...». دىمەك «خان خوجام» قولىدىكى ھاسا بىلەن «ھاسائاتام» قولىدىكى ھاسا ئارقىلىق ئۆستەڭ چېپىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇ پەقەت ئاشۇ «قاش» ۋە ئاشۇ ئۆستەڭنى لاھىيەلەش ئۈچۈن ئۆلچەپ- سىزىشتا ئىشلىتىلگەن «گەز»دىن باشقا نەرسە ئەمەس.
يۇقۇردىكى ئىككى «ھاسا»نىڭ «گەز» دەپ ئاتىلىشىنى تۆۋەندىكى «گەز تۇمشۇق» رىۋايىتى تېخىمۇ تولۇقلاش كۈچىگە ئىگە. «بۇرۇنقى زاماندا كاتـايلاق بۈككىدە ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان، سۈيى مول مۇنبەت تۇپراق ئىكەن... بۇ يۇرتتا ئادەملەر كۆپۈيۈپ ئاۋاتلاشقان بىر پەيتتە، كىشلەرنىڭ ھاياتىغا قەست قىلىدىغان بىر ئاپەت پەيدا بولۇپتۇ... ئۇ “گەز تۇمشۇق” ئىسىملىك يالماۋۇز ئىكەن... ئۇنىڭ پەيدا بولىشى بىلەن نۇرغۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىپ... خوتۇن، بالىلار يۈرەكلىك ھالدا تالاغا چىقالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ... كاتـايلاقتىكى كىشىلەر يۇرتنىڭ ئۈستىگە كەلگەن بۇ ئاپەتنى قانداق قىلىپ يوقۇتۇش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىپ ئىش كۆرگەن بولسىمۇ، يەنىلا گەز تۇمشۇق يالماۋۇزنى يوقىتالماپتۇ... گەز تۇمشۇق يالماۋۇز ناھايىتى كۈچلۈك بىر مەخلۇق ئىكەن. ئۇ كىشىلەرنىڭ قېنىنى شورىماقچى بولسا، ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋالىدىكەن-دە ئۇزۇن تۇمشىقىنى يېڭىنىڭ ئىچىگە سېلىۋېلىپ ئۆيلەرگە كىرىدىكەن. ئادەملەرنى بىر-بىرلەپ ئېزىقتۇرۇپ ياكى تۇتۇپ قېنىنى شوراپ، ئاخىرى گۆشىنى يەيدىكەن... ئەنە شۇ چاغلاردا كاتايلاقتا قىرانبەگ ئىسىملىك باتۇر بىر يىگىت بار ئىكەن. ئۇ شۇنداق ئەقىللىق، ماھارەتلىك، كۈچلۈك، باتۇر بولۇپلا قالماي، بىلىم- پاراسەتتە كامىل ئىكەن. ئۇنىڭ بىر دانىشمەن ئۈستازى بولۇپ، بۇ ئۇستاز ئۇنىڭغا، بىر نەچچە خىل سېھرىي ھېكمەتنى ئۆگىتىپ، سېھرىي-جادۇنىڭ سىرىنى بىلىۋالالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگە قىلغانكەن. قىرانبەگ ئوقيا ئېتىش، قىلىچ ئوينىتىش، چەۋەندازلىق، چېلىش قاتارلىق ھۈنەر-ھېكمەتتە زامانىسىدا تەڭداشسىز ئىكەن... ئۇ گەز تۇمشۇق يالماۋۇزنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ جېنىغا زامىن بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، گەز تۇمشۇق يالماۋۇزنى ئۆلتۈرۈپ، خەلقنى ئۇنىڭ زۇلمىدىن، ئەندىشىسىدىن قۇتۇلدۇرماقچى بولۇپتۇ... گەز تۇمشۇق: ئەي نادان ئىنسان، ئۆزەڭنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەي ئالدىمدىن يوقال! –دەپ ۋارقىراپتۇ. –ئۆلۈمىڭنى تۇيۇۋاتامسەن ؟ - دەپتۇ قىرانبەگ باتۇر... ئۇلار نەچچە كېچە- كۈندۈز ئېلىشىپ... ئاخىرى قىرانبەگ باتۇر يالماۋۇزنىڭ بېشىنى قىلىچ بىلەن ئۈزۈپ تاشلاپتۇ... ئاندىن گەز تۇمشۇقنىڭ بىر گەز قان شورۇغۇچ تۇمشۇقىنى قىلىچ بىلەن ئوتۇن كەسكەندەك كەسلەپ تاشلاپتۇ... گەز تۇمشۇق يالماۋۇزنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىغان يۇرتتىكى خەلق ناغرا- دۇمباق، سۇنايلىرىنى چېلىشىپ كوچىغا چىقىپ ئۇسۇل ئويناپ، قىرانبەگ باتۇرنى تەبرىكلىشىپتۇ...» («ئاتۇش ھەققىدە رىۋايەت ۋە چۆچەكلەر»، 58-68 بەتلەر. بۇ رىۋايەتنى ئېيتىپ بەرگۈچى كاتـايلاقتىن قۇربان ئاخۇن. رىۋايەت قىسقارتىپ ئېلىندى).
گەرچە بۇ رىۋايەت روشەن توقۇلما خاراكتىرىنى ئېلىپ، “گەز تۇمشۇق” رىيال تۇرمۇشتا كۆرۈلىشى مۇمكىن بولمايدىغان تەرىزدە تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى تارىختىكى فىئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يۇقۇرى باج-سېلىق سىياسىتى ئارقىلىق خەلقنىڭ قان-تەرىنى شورايدىغان يالماۋۇزغا تەققەسلىشىمىز تەبىئى. “گەز تۇمشۇق” يالماۋۇز مەخلۇق سىياقىدا تەسۋىرلەنگىنى بىلەن ئۇ بەرىبىر ئادەم. ئۇنىڭ گەز تۇمشۇقى ئىنسانغا خاس ئالاھىدىلىك بولماستىن بەكلى، مەلۇم جاي نامىنىڭ ئەزگۈچى سىنىپ ئىچىدىكى مەلۇم مۇشتۇمزورنىڭ نامى بىلەن بىرلەشتۈرىلىشى خالاس. “گەز تۇمشۇق”تىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم جاي نامى ھېلىھەم «كاتـايلاق» توپىنومىيىسىدە «خان سۇپا» ۋە «تىم قورغان» نامىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇنداق دىيىشىمىزنىڭ ئىلمى ئاساسى شۇكى، قۇمسېغىردىن «كاتايلاق»قىچە سوزۇلغان شىمالى “قاش” قەدىمقى «سۇلى دۆلىتى خارابىسى»(«ئوتتۇرا قاش»)قا بارغاندىن كېيىن بىراقلا شەرقى شىمالغا بۇرۇلۇپ تەخمىنەن 14 كىلومېتىر داۋاملاشقاندىن كېيىن «خان سۇپا» ۋە «تىم قورغان» دوقى (جەينەك)نى ھاسىل قىلىپ، شەرقى جەنۇپقا بۇرۇلۇپ تاكى باچاڭ ئېغىزى كەلكۈنى بىلەن چاقماق دەريا كەلكۈنى ئۇچراشقان جايغىچە داۋاملىشىدۇ. «گەز تۇمشۇق»تىكى “تۇمشۇق”- كۆپۈنچە ھاللاردا يەر تەكشىلىكىدىن ئېگىزرەك بولغان تاغ، ئۆستەڭ، قاش ۋە قىر قاتارلىقلارنىڭ مەلۇم جايدا ئۈزۈلگەن قىسمى ياكى بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ بۇرالغان قىياپىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئەنەشۇ دوق (جەينەك)نىڭ «خان سۇپا» ۋە «تىم قورغان» دەپ ئاتىلىشتىن ئىلگىرى “گەز تۇمشۇق” دەپ ئاتالغانلىقى شۇ جايدىكى مەزكۇر “قاش”نىڭ شەرقى شىمالدىن شەرقى جەنۇپقا بۇرۇلۇپ تەخمىنەن 180 گىرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىش ئالاھىدىلىكىگە تامامەن ئۇيغۇن.
يۇقۇرقى بەش دەلىلنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغىنىمىزدا، بەشكىرەمدىن «كاتـايلاق»نىڭ “كۆتۈرمە” مەھەللىسىگە سوزۇلغان، قۇمسېغىردىن «كاتـايلاق» “چۈشۈر”گە كەنتى “بەش تام” مەھەللىسىنىڭ شەرقى جەنۇبىگىچە سوزۇلغان ئىككى “قاش”نىڭ تارىختىكى ئورتاق نامىنىڭ «گەزقاش» ئىكەنلىكىنى يۇقۇردىكى “ئىككى ھاسا” (“گەز”)، «گەز تۇمشۇق» رىۋايىتى، “گەز”نىڭ ھازىرقى تىل ئىستىمالىمىزدىكى ئىككى خىل مەنىسى ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى “گەز” ھەققىدىكى ئىزاھات تولۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ...
تارىختىكى بۇ ئىككى چوڭ “قاش” ئەتراپىدىكى تارىخى توپىنومىيىلىك ناملار ۋە ئىزنالارنى ئاساس قىلغان ھالدىكى ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىننىڭ «باش قاش»، «ئوتتۇرا قاش» ۋە «ئاياق قاش» ئابستىراكتنى ئۇقۇمىنى ئەمدىلىكتە «گەز قاش» كونكىرىت ئۇقۇمغا تۈگەللەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەرپتىن شەرققە سوزۇلغان بۇ ئىككى “قاش”نىڭ تارىختىكى ئورتاق نامىنىڭ «گەزقاش» ئىكەنلىگىنى خۇشاللىق بىلەن يۇقۇرى ئاۋازدا جاكالايمىز. دىمەك، ئىككى “قاش” تارىختا ھەم خاس نامغا ھەم ئورتاق نامغا ئېگە بولۇپ؛ جەنۇبى “قاش” «ئاققاش» نامى بىلەن، شىمالى “قاش” «سۇلى» (سول تەرەپ “قاش”) ۋە “سولمۇر” (سول تەرەپ قارا“قاش”) نامى بىلەن، ئورتاق نامى «گەزقاش» بىلەن ئاتالغانلىقىنى تولىمۇ كېچىكىپ بولسىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇق.
ئىككى “قاش”نىڭ ئورتاق نامى تارىختا «گەزقاش» دەپ ئاتالغانكەن، «گەزقاش»نىڭ قايسى قىرغىقىدا يايلاق بولسۇن، بۇ يايلاقنىڭ “گەزيايلاق” دەپ ئاتالمىقى بەرھەق. «كاتتـايلاق»تىكى «كاتتا» نامىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى تىل يىلتىزىنى بىز يۇقۇردا «كەد» ۋە ئۇنىڭ يانداش ئىپادىسى بولغان “كەز گەز” ئارقىلىق موقۇملاشتۇرغان ئىدۇق. يانداش ئىپادە “كەز گەز”نىڭ ئاساسى «كەد» بولغان ئىكەن، «تۈركى تىللار دىۋانى» بويىچە “گەزيايلاغ”نىڭ «كەديايلاغ»قا ئۆزگىرىشى تىل تاۋۇشلىرى ئۆزگىرىشىنىڭ ۋە تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن. بولۇپمۇ “ك” بىلەن “گ”نىڭ، “د” بىلەن “ز”نىڭ ئۆزئارا ئالمىشىشى تېخىمۇ شۇنداق.
ئومۇمەن، «كاتتايلاق» نامىنىڭ تىل يىلتىزى “كەديايلاغ” (“كەزيايلاغ گەزيايلاغ”) بولۇپ، ئۇ ئىككى خىل مەنانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، “كەديايلاغ” بولۇش سۈپىتى بىلەن- ئىسىل يايلاق، قالتىس يايلاق، گۈزەل يايلاق، كاتتا يايلاق دېگەنلىك؛ يەنە بىرى، “كەديايلاغ”نىڭ يانداش ئىپادىسى (“كەزيايلاغ گەزيايلاغ”) بولۇش سۈپىتى بىلەن – ئەجداتلىرىمىز ئۇزۇن-قىسقىلىقنى ئۆلچەيدىغان نەرسە (“گەز”) ئارقىلىق ئۆلچەپ، لاھىيەلىگەن گۈزەل يايلاق دېگەنلىك.
«كاتتايلاق»نىڭ مۇبارەك نامىنى ئەڭ دەسلەپ «سۇلى خارابىسى» بىلەن «خان سۇپا» خارابىسى ئارلىقىدىكى «ھاسا ئاتام» خارابىسى توپىنومىيىسىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى «ھاسا ئاتام» قويغان بولىشى مۇمكىن. چۈنكى، «ھاسا ئاتام» بىلەن «تۇر خېنىم» (خان خوجام) بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ ئۆز قولىدىكى “ھاسا” (گەز) ئارقىلىق “گەزقاش”نى لاھىيەلىگەن بىردىن-بىر كىشى. ئۇنىڭ «ھاسا ئاتام» دەپ شۇنچە ھۆرمەت نام بىلەن ئاتىلىشى “گەزقاش”نى لاھىيەلەپ، «كاتتـايلاق» نامىنى قويغانلىقىدىن بولسا كېرەك.
ئىسىل، گۈزەل ۋە قالتىس نامى بىلەن ئاتالغان «كاتتـايلاق»، تەبىئەت قانۇنىيىتىنىڭ ئۈچ قېتىملىق بالايى-ئاپەتلىك، قورقۇنۇچلۇق ئېغىر تىرادېگيىسىنى كۈتۈۋالدى؛ بىرى، تارىخشۇناس، ئىكولوگىيە ۋە ئارخولوگىيە ئالىملىرىنىڭ بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرىشى ئاستىدىكى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇن تۆت- بەش مىڭ يىللار ئىلگىرىكى قۇملىشىش ئاپىتىنىڭ تەھدىدى؛ بۇ ھەقتە ئەلفارابى سۈرىيەنىڭ دەمەشق شەھرىدىن قاراخانىلار خانلىقىنىڭ پايتەختى بالاساغۇنغا كېلىپ قانلىق كۆز ياشلىرى بىلەن مۇنداق ئاھ ئۇرۇدۇ:
يۇرتلىرى چۆللۈككە غەرق بولغان قەدىم ئەللەر ئارا،
مىۋە تەرگەندەك قەدەم قويدۇم جاۋاھىر كانىغا.
يەنە بىرى، مەرھۇم ئابدۇرەھىم مەھشەدى ئەپەندىنىڭ «ئاتۇش» ناملىق كىتاۋىدا تەسۋىرلەنگەن، مىلادى 1271-يىلدىكى ئاتۇشتا 35 كۈن ئەتراپىدا ئاققان ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى؛ شۇ قېتىمقى ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى «كاتتايلاق» زىمىنىغا بىر يېرىم مېتىر لاي-لاتقا تاشلىغان بولۇپ، ھازىرقى «خان سۇپا» يېنىدىكى «تىم قورغان» ئىچىنىڭ يۈزى كەلكۈن كىرەلمىگەنلىكتىن ئەتراپتىكى يەر تەكشىلىكىدىن تەخمىنەن ئىككى مېتىر تۆۋەنلەپ كەتكەن. مۇشۇ ۋاقىتتا «كاتتـايلاق» زىمىدىكى ئەجداتلىرىمىز، بۇ تۇتىيا زىمىنى ۋە روزىغارىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغانچە، سەرسان بولۇپ ياقا يۇرتلارغا چىكىتىپ، 50-60 يىل ئۆتكەندە يەنە يۇرتىغا قايتىپ كېلىشكە باشلىغان؛ ئۇچىنچىسى، 1944-يىلى 29 سائەت ئاققان كەلكۈن ئاپىتى «كاتتـايلاق»قا يەنە يېرىم مېتىر لاي-لاتقا سوۋغا قىلىشقا ئۈلگۈردى...
ئاھ! «ھاسا ئاتام»... ئاھ! جاپاكەش ئەجدادىم...ئاھ! ياقا يۇرتتىكى سەرسان قېرىنداشلىرىم... سىلەر ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ ناخشىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ ئۆتەي:
كاتتايلاق ئىسىل يايلاق،
ئەجەپمۇ يايلىيالمادىم.
يايلىساممۇ يايلادىم،
دەرتكە پايلىيالمادىم.
مەنبە: «كاتتايلاق» تەزكىرىسى ئۈچۈن تەييارلانغان ماتىريالىم.
مەنبە:<<شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى>>
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 9
ئومۇمىي يازما: 2114
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2114دانە
ئۆسۈش: 4840 %
مۇنبەر پۇلى: 25218 سوم
تۆھپىسى: 172 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-01-12

كاتتايلاق ئىسىل يايلاق،

ئەجەپمۇ يايلىيالمادىم.

يايلىساممۇ يايلادىم،

دەرتكە پايلىيالمادىم



ياخشى يۇرت دە كەتتەيلاق، ئادەملىرى بىر بىرىدىن ئىسىل  !!!  



كاتتايلاق مېنىڭكى بەختىم

تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن

ئۇپۇقنىڭ لىۋىگە تۇتاشقان ئۇدۇل،
يۇرتۇمنىڭ شورتاڭغۇ چىغىر يوللىرى.
بۇ يەردە بوز تورغاي ناخشىسى بۇلبۇل،
راھەتتۇر جىگدەزار ئېرىق بويلىرى.


كېلىمەن پاكار ئۆي مەلىلەر ئارا،
كاتاڭ يول تۇتاشقان شورتاڭ ئېرىققا.
شۇقەدەر يېقىشلىق ھەر تۇپ گېياھسى،
باغلاردىن گۈل ھىدى كەلمەس دىماققا.


بوز تورغاي كۈيىدىن بۇلبۇللار ھەيران،
جىگدىلەر،توغراقلار قارغاي مىسالى.
بوي بەرمەي جۇدۇنغا ،سوغاق،ئىسسىققا،
يۇلغۇنلار مەردانە توسقان شورلارنى.


تۇنۇردەك قىزدۇرسا شورلۇق دالىنى،
كاتتايلاق كۆكىدە لەيلىگەن قۇياش.
يۇلتۇزلار كېچىسى ئايلىنىپ ئاينى،
مۈكۈشمەك ئوينايدۇ بولۇشۇپ ئاداش.


بۇ كەڭرى يانتاقلىق شورلۇق دالىنى،
پاتمىچۇق،كەسلەنچۈك قىلىشقان ماكان.
چوپانلار نەي چېلىپ ھەيدەر پادىنى،
تاڭ پەيتى تاڭلاردەك نۇرلىنىپ ھامان.


كۆك يانتاق،سىكەچلەر تەۋرىنىپ لەرزان،
بوز تورغاي كۈيىگە بولىدۇ تەڭكەش.
جىگدىلەر،توغراقلار ھېكمەتلەرگە باي،
بۈگۈندىن ئەتىگە قالدۇرار ئەسلەش.


قوي گۆشى،جۆۋەندە،نارىن چۆپلىرى،
قۇۋۋەتلەر ئۈستىگە قۇۋۋەت قوشىدۇ.
چامغۇرى،قوغۇنى شىرىن شېكەردەك،
سۈت،قېتىق،قايمىقى كۆڭۈل ئۇتىدۇ.


يۇرتتى بۇ چېلىشچى،پەلىۋانلارنىڭ،
جاپاكەش،ئاق كۆڭۈل خەلقى بەك ئىشچان.
تىللاردا داستاندۇر ،مەڭگۈلۈك ناخشا،
‹‹رۇزىلەم››،‹‹خالىدەم››،‹‹ ئانام قۇنىخان ››.


زىمىنى شورلۇق ھەم سۇللىرى تۇزلۇق،
بېسىلغاق،لويلىسى گوياكى چوغلۇق.
خوشلۇقنى ئىلكىمگە يەتكۈزۈپ بىرەر،
شورلارنىڭ باغرىغا مۇكۈنگەن ئۇزلۇق.


ئۆچمەيدۇ،كۆچمەيدۇ ئوتى يۈرەكتىن،
تۇز تەمى تەڭشەلگەن سىرلىق زىمىن بۇ.
غەزەلچى،مەردانە ئەركەكلەر چىققان،
ھېكمەتكە،ئۆگۈتكە توشقان زىمىن بۇ.


قىزلىرى ھايالىق، پەدىشەپ جېنى،
ئەركەكلەر بەستىدە مەردلىك،جەسسۇرلۇق.
ھەر تاڭدا بىر باھار بولسىكەن دەيمەن،
ئالمىدەك يۈرەكتە ئوتلار يالقۇنلۇق.


قوي،كالا مەرىشىپ،ئىشەكلەر ھاڭرار،
بېغىشلاپ تۈنلەرگە يېڭى كەيپىيات.
جىگدىلەر،توغراقلار،يۇلغۇن تۈۋىدە،
ئاشىقلار مۇڭدىشار قىلىپ ئېھتىيات.


تۈكىلەر يالقۇنلۇق داستان،قەسىدە،
سۈيۈملۈك يۇرتۇمنىڭ ئىتەكلىرىدىن.
تىكلىنەر ئالەمگە كۈلگۈن ئابىدە،
نەۋقىران ئەركەكلەر بىلەكلىرىدىن.


كاتتايلاق مېنىڭكى بەختىم،جەننىتىم،
خەلقى تۈز،كەڭ قورساق،قەيسەر ئايمىقىم.
پەرز ماڭا،قەرز ماڭا سېنى دەپ ياشاش،
ئاتالغان سەن ئۈچۈن مېنىڭ بارلىقىم.
(2)
شورلۇق دالا،شورلۇق يېزامغا،
مېنىڭ رىشتىم مەھكەم چىگىلگەن.
ئۆزگە يۇرتقا قىلمايمەن ھەۋەس،
كىندىك قېنىم شورلارغا سىڭگەن.


مېنىڭ رىشتىم تۇزغا چىگىلگەن،
كىندىك قېنىم شورلارغا سىڭگەن.
پاكار-پاكار رەتسىز ئۆيلەردىن،
مېھرى-ۋاپا تۆكۈلۈپ تۇرار.


زەي قاپلىغان شورلۇق دالىغا،
يۈرىكىمدە چەكسىز سۆيگۈ بار.
مېنىڭ رىشتىم تۇزغا چىگىلگەن،
كىندىك قېنىم شورلارغا سىڭگەن.


پۇشقىقىنى تۈرگەن دېھقانلار،
گۈس-گۈس دەسسەپ ماڭار ئېتىزغا.
ئېچىلدۇرار ئەجر-مېھنەتلەر،
گۈل-چېچەكلەر شورلۇق دالىدا.


مېنىڭ رىشتىم تۇزغا چىگىلگەن،
كىندىك قېنىم شورلارغا سىڭگەن.
قەلەم تۇتقان قوللۇرۇم بىلەن،
كەتمەن تۇتقان قوللارنى سىقسام،


ۋۇجدۇمغا تۇتىشار گۈلخان،
ئۈمىد ئۆچمەس كۆزلەرگە باقسام.
مېنىڭ رىشتىم تۇزغا چىگىلگەن،
كىندىك قېنىم شورلارغا سىڭگەن.


بىر-بىرىدىن ئوتلۇق چىرايلار،
كۆزلىرىمگە كۈرىنەر قۇياش.
جاپاكەش ھەم ئىشچان دېھقانلار،
تۇيىلىدۇ خىزىرغا ئوخشاش.


مېنىڭ رىشتىم تۇزغا چىگىلگەن،
كىندىك قېنىم شورلارغا سىڭگەن.
مېھرى ئوتلۇق شورلۇق يېزامنىڭ،
ئادەملىرى بەكمۇ كۈيۈمچان.


بىر-بىرىگە يار-يۈلەك بولۇپ،
مۇھەببەتلىك ياشار ھەر قاچان.
مېنىڭ رىشتىم تۇزغا چىگىلگەن،
كىندىك قېنىم شورلارغا سىڭگەن.
[ بۇ يازمىنىتاھىر 2011-06-17 20:10قايتا تەھرىرلىدى ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 564
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە564دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2011-11-20
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-18 01:13

ياخشى يۇرت دە كەتتەيلاق، ئادەملىرى بىر بىرىدىن ئىسىل  !!! 
ھۆرمەتلىك يۇرتدىشىم تاھىر ،كەتتەيلاق  ئەمەس،كاتتايلاق دەڭ.ئەسلى  كاتتايايلاق  ئىدى......................
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 9
ئومۇمىي يازما: 2114
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2114دانە
ئۆسۈش: 4840 %
مۇنبەر پۇلى: 25218 سوم
تۆھپىسى: 172 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-01-12
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-18 10:15

2-قەۋەت (تاش) نىڭ يازمىسىغا

ئاتۇش شىۋىسى بويۇنچە دەپ قويدۇم ئادىشىم  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
ئۆلۈم ھايات جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چىكىت!!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2066
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 196
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە196دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 2251 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-18
ئاخىرقى: 2012-01-12
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-18 12:20

ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
گۈزەل يۇرتۇم ئاتۇش!!!  ئاتۇشنى ئەجەپمۇ سېغىندىم.  
مۇساپىرچىلىقتا يۈرۋاتقان ئۇشبۇ كۈنلەردە بۇ تىمىنى كۆرۈپ ئاتۇشنىڭ ھىدىنى پۇرىغاندەك بولدۇم. سەۋىر قىلاي، ئىنشائاللاھ ئۇزاققا قالمىغان كىلەركى ئاينىڭ بۈگۈنكى كۈنلىرىدە شۇ گۈزەل يۇرتۇم باغرىغا چوڭقۇر چۆكىمەن.
ئۇلۇغ ئاللاھ مۇساپىر قېرىنداشلارنى ھەر جاي ھەر ماكاندا ئامان-ئىسەن قىلغاي شۇنداقلا بالدۇراق يۇرتلىرىغا قايتىشقا نىسىپ قىلىش بىلەن بىرگە شۇ گۈزەل يۇرۇتلىرىمىزنى تىنىچ-ئامان قىلغاي ئامىن!!!
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 9
ئومۇمىي يازما: 2114
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2114دانە
ئۆسۈش: 4840 %
مۇنبەر پۇلى: 25218 سوم
تۆھپىسى: 172 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-01-12
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-18 12:28

4-قەۋەت (anjura) نىڭ يازمىسىغا

ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
     قاچان قايتىلا ؟   بىز 7_ئاينىڭ 6_كۈنلىرى ئاتۇشقا بېرىپ بولىمىز ئىنشائاللا ، ئىمتىھاننى ئالدىغا سۈرۈۋەتتى ....
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
ئۆلۈم ھايات جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چىكىت!!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2066
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 196
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە196دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 2251 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-18
ئاخىرقى: 2012-01-12
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-18 12:32

Re:4-قەۋەت (تاھىر) نىڭ يازمىسىغا

ۋەئەلەيكۈم ئەسسىلام:
نىمانداق بالدۇر قايتىدىكەنسىلەر ئۇكام؟؟؟!! قارىغاندا بىز يەنە ماۋۇ كۇلىدا ئوقۇۋاتقان شىجاڭلىق يۇرۇتداشلارنى يۇرۇتقا يولغا سېلىۋىتىپ ئەڭ ئاخىرىدا كۇلىنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ ئاندىن قايتىدىغان ئوخشايمىز جۇما؟
ئىنشائاللا رامىزانغىچە ئاتۇشنى تېپىۋالىمەن. سەپەرداش بولالمايدىكەنمىزدە؟ بوپتۇ، سىز ئالدىغا قايتىپ بىر كۈن بولسىمۇ ئاتۇش ھىدىنى پۇرىغاچ تۇرۇڭ ئۇكام.
دوستلىشىش
maniwer2010
................
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2196
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 719
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە719دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 7604 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-22
ئاخىرقى: 2012-01-12
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-18 16:46

ئاتۇشلۇقلارنىڭ مۇڭدىشىدىغان ئارامگاھىلا بوپتىغۇ ، بۇتېما ،،،،
جۇڭگۇ  چېلىشىش تەنھەركىتى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئالتۇن مۇكاپات بىلەن ئاسىيا چىمپىيونى بولۇپ ژوڭگۇغا شەرەپ ئېلىپ كەلگەن ھاجى ئىبراھىم دەل مۇشۇ كېتېلاغدىن ئىدى،،،،،
[ بۇ يازمىنىmaniwer2010 2011-06-18 18:54قايتا تەھرىر ]
ئۆتمۈشى ئادىللىق نۇرىدا يورۇتۇلمىغان مىللەتنىڭ ،كەلگۈسىمۇ
غۇۋا (گۇڭگا) بولىدۇ ....
دوستلىشىش
maniwer2010
................
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2196
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 719
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە719دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 7604 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-22
ئاخىرقى: 2012-01-12
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-21 00:33

80-يىللاردىكى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىققان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس 4كۈن يول يۈرۈپ 5-كۈنى ئاتۇش زىمىنىغا كىرەتتى ،بىريىل يۇرتتىن ئايرىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇنجى بولۇپ ،كاتتايايلاق بوستانلىغى تەشنالىق ئىلكىدە ئايان بولاتتى ،،،،
ئۆتمۈشى ئادىللىق نۇرىدا يورۇتۇلمىغان مىللەتنىڭ ،كەلگۈسىمۇ
غۇۋا (گۇڭگا) بولىدۇ ....