باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 342 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاددىي چارە  (گېنېرال)
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 705
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە705دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 8920 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-16 20:13

ئاددىي چارە  (گېنېرال)

ئاددىي چارە
ئاپتورى: 金 河(كورىيە)
تەرجىمان:  گېنېرال


Mمېھمانساراينىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى دا ۋۇ بىر خېرىدارنىڭ شىكايىتىنى ئاڭلىدى.خېرىدار ئۆزىنىڭ بۇ مېھمانساراينىڭ دائىملىق مېھمىنى تۇرۇقلۇق،ھەر قېتىم كەلگىنىدە خۇددى تۇنجى كەلگەندەك مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقى سەۋەبلىك بۇ يەردە <<ئۆز ئۆيىدە تۇرغاندەك>>ھېسسىياتتا بولالمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.
  دا ۋۇ دەرھال باشقۇرۇش بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىپ،مەسئۇل خادىمدىن مېھمانسارايغا ئىلگىرى كەلگەن خېرىدارلارنىڭ تىزىملىكىنى كومپيۇتېرغا ئارخىپلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.بىراق مەسئۇل خادىم ئوڭايسىزلانغىنىچە:
__ ئەگەر بۇنداق بىر يۈرۈش ئارخىپ تۇرغۇزماقچى بولساق ئاز دېگەندە بەش مىليون ئامېرىكا دوللىرى خىراجەت ۋە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ،__ دېدى...
  بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ دا ۋۇ نائىلاج گەپ قىلالمىدى.
نەچچە ھەپتىدىن كېيىن دا ۋۇ كالىفورنىيەگە كاماندىروپكىغا بېرىپ،شۇ يەردىكى Gمېھمانسارايغا چۈشتى.ئۇ مېھمانساراينىڭ چوڭ زالىغا كىرىشىگە ئامانلىق ساقلىغۇچى بىئېر ئۇنى ئىللىق كۈتۈۋالدى.دا ۋۇ بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بۇ خىزمەتچىنى كۆرگەن ئىدى.بىئېر يۈك-تاقىلارنى كۆتۈردى.ئالدى مۇلازىمەت فۇكىيىدىكى ئايال خىزمەتچىمۇ ناھايىتى قىزغىن ئىدى.
ئايال خىزمەتچى سەمىمىيلىك بىلەن كۈلۈمسىرەپ دا ۋۇ غا:
__ ياخشىمۇسىز دا ۋۇ ئەپەندى،سىزنىڭ Gمېھمانسارىيىمىزغا قايتا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز،__ دېدى.
دا ۋۇ ئۇ ئايالدىن ئۆزىنىڭ بۇ مېھمانسارايغا ئىلگىرى كېلىپ باققانلىقىنى قانداق بىلىدىغانلىقىنى سورىدى.ئۇ ئايال چۈشەنچە بەردى:
مېھمانلار مېھمانسارايغا كىرگەندىن كېيىن،بىئېر ئۇلارنى كۈتىۋالىدىكەن.ئەگەر بىئېرنىڭ ئۇ مېھماننى تۇنجى قېتىم كۆرۈشى بولسا،ئۇنداقتا بىئېر مېھماندىن<<ياخشىمۇسىز،نام-شەرىپىڭىز نېمىكىن؟ سىز ئىلگىرى بىزنىڭ مېھمانسارايغا كېلىپ باققانمۇ؟>> دەپ سورايدىكەن.ئەگەر مېھمان ئىلگىرى كەلگەنلىكىنى ئېيتسا،بىئېر ئۇ مېھماننى ئالدى مۇلازىمەت فۇكىيىدىكى ئايالغا تونۇشتۇرغاندا،ئۆزىنىڭ يۈزىنى سىلاپ قويىدىكەن.بۇنىڭ مەنىسى<<بۇ كونا مېھمان>>دېگەنلىك ئىكەن. 
 ئارقىدىن ئايال خىزمەتچى كۈتكۈچىنى چاقىرىپ كەلدى.
__ بۇ كىشى دا ۋۇ ئەپەندى بولىدۇ،بۈگۈن كېچە مېھمانسارىيىمىزنىڭ كىرىستو ھوجرىسىغا ئورۇنلىشىدۇ.
ئايال خىزمەتچى سۆزلىگەچ،ئۆزىنىڭ يۈزىنى يېنىككىنە سىلاپ قويدى.كۈتكۈچى قىز ئۇنىڭ مەقسىدىنى دەرھال چۈشىنىپ:
__ ياخشىمۇسىز دا ۋۇ ئەپەندى،سىزگە قايتا مۇلازىمەت قىلغىنىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن!__ دېدى.
Gمېھمانساراي خادىملىرىنىڭ شۇنچە زىچ ھەمكارلىقى ۋە ماسلىشىشىدىن دا ۋۇ ناھايىتى تەسىرلەندى.ئۇلار نەچچە مىليون خىراجەت سەرپ قىلىپ كومپيۇتېر ئارخىپى تۇرغۇزمىغان بولسىمۇ،پەقەت يۈزىنى سىلاپ قويۇشتىن ئىبارەت ئاددىغىنە چارە ئارقىلىق خېرىدارلارغا خۇددى<<ئۆز ئۆيىگە كېلىپ قالغان>>دەك تۇيغۇ بەرگەنىدى.
___________________________________________
[ بۇ يازمىنىgeneral 2011-06-16 20:55قايتا تەھرىرلىدى ]
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1102
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1102دانە
ئۆسۈش: 1260 %
مۇنبەر پۇلى: 12055 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2011-10-19

نىمانداق كاللىسى ئىشلەيدىغان ئادەملە ئۇ؟
بايقىيالىساقلا بىزمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۋىتەلەيمىز.
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.