باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3356 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: زادى ئەرلەر نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 137
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە137دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-16 18:05

زادى ئەرلەر نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟

      بىزنىڭ يۇرت ئىسسىق بولغانلىقتىن ئادەتتە،يىغىلىشلارنى باغدا ئۆتكۈزىمىز.

  بۈگۈن ئىشىم بولمىغانلىقتىن باققا خېلى بۇرۇنلا باردىم.مېنىڭدىن بۇرۇن بارغان بىرنەچچە دوستۇم بار ئىكەن، سالاملاشقاندىن كىيىن چاي ئىشكەچ قۇرۇق پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق.

   ئولتۇرغانلاردىن بىرسى سۆزلەپ قالدى،ئادەم تورغا چىقسا جاھان ئەينىگىدەك ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىكەن،بۇرۇن بوشلۇققا چىقىپ دۇنيا دېگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ قالغان ئىدىم،كېيىن باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرشى بىلەن مۇنبەرگە كىرىشنى ئۈگۈنىۋالدىم.ئاللا كارامەت:جاھان دېگەن ئەنە شۇ يەردە ئىكەن ئەمەسمۇ؟

    مۇنبەردە نۇرغۇن يازغۇچى، شائىرلار ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرىدىكەن،

  يېقىندىن بۇيان مۇنبەردە ئاياللار توغرىسىدا مۇلاھىزىلەر كۆپ بولۇپ كەتتى،«ئاياللار تورغا چىقسا بولامدۇ؟»،«ئاياللار تۇرمۇشنىڭ راھەتىنى قاچان كۆرىدۇ؟»،«كېچىدە تورغا چىقىدىغان ئاياللار» قاتارلىق نۇرغۇن تېمىلار.

مۇشۇنداق قاراپ باقسام ئەرلەر توغرىسىدا تۈزۈكرەك بىر ئوقۇغۇغىدەك بىرنەرسە يوق،مۇنبەرلەردە ساپلا ئاياللار باردەك.،،

   زادى ئەرلەر نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟ دەپ قالىسەن.بىر چاغلاردا جەمىئىتىمىزدە ئەرلىرىمىزنىڭمۇ خېلى تۆھپىسى بار ئىدى.نى-نى، چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلغان.

ياندا ئولتۇرغان بىرسى گەپ قىستۇرۇپ قالدى،دېمىسىمۇ ئەرلەرنىڭ نېمىسىنى يازىدۇ؟ بۇرۇنقى ئەرلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى جۇشقۇن كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ئىدى،ھازىر بولسا چۈشكۈنلىشىپلا كەتتى.بېسىم ئېغىرمىكىن دېسە كىرىمىمۇ ئۆسۈۋاتىدۇ،كۆپ ساندىكى ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىمۇ خېلى ياخشى. 
ھوي،نېمە دەيدىغانسەن ،يەنە بىرسىمۇ گەپ قىستۇرۇپ قالدى،بۇرۇنغۇ مال باھاسى تۆۋەن ئىدى،پۇللارنىڭمۇ خېلى كۈچى بار ئىدى،ھازىر 10 يۈەن پۇلنى كۆتۈرۈپ بازارغا چىقسا بۇرۇنقى بىر تىيىندەكمۇ كۈچى يوق،توغرا چۈشۈنىڭلار ئائىلە باشقۇرماقمۇ تەس بولۇپ كەتتى،بۇرۇنغۇ قوساق توق كىيىم پۈتۈن بولسىلا بولاتتى،ھازىر ئۇ زامانلار كەلمەسكە كەتتى.

    ھۆكۈمىتىمىزمۇ تازا يامان ئىكەن،باي بولۇڭلار دېدى،نۇرغۇن ياخشى سىياسەتلەرنىمۇ بەردى.ئادەملەر ئازىراق پۇل كۆرگەن ئىدى،ئۆي ئىسلاھىتى قىلدى،شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆيىنى ئۆزى سېتىۋالدى.شۇنداق قىلىپ قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ دېڭىزلارغىمۇ چۈشۈپ باقتى.قەرزلەرنى قايتۇرۇپ ئۇھ  دەپ تۇرشىغا بالىلار چوڭ بولۇپ ئالى مەكتەپ ئوقۇش يېشىغا توشۇپ قالدى،

 ھۆكۇمىتىمىزمۇ تازا يامان ئىكەن،بۇرۇن ھۆكۈمەت ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرۈپ ،مەكتەپ پۈتتۈرسە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇراتتى،ھازىرچۇ؟ بىر بالا ئالى مەكتەپتە ئوقۇسا پۈتۈن چىقىمنى ئۆزى كۆتۈرىدىغان قىلىپ قويدى.شۇنىڭ بىلەن ئەرلىرىمىز يەنە پۇل تېپىش ھەلەكچىىلىگىدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى،بىرمۇنچە قەرزلەرگە بوغۇلۇپ بالىلىرىنى مەكتەپنى پۈتتۈرگۈزۈپ قايتۇرۇپ كەلسە ئاتىلار يەنە ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

    تاپقان پۇلىنى ئېلىپ قەرز قايتۇرسا،يەنە قەرز ئېلىپ بالىلىرىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش يولىنى تاپتى.تاپقان تەرمىگىنى‹ ئارقا ئىشىك› دەپ تىقتى.ئاتىلار يەنە قەرزگە بوغۇلۇپ قالدى.

   بالىلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەمدى ئوھ دەپ تۇراتتى،بالىلار توي قىلىش يېشىغا يەتتى.ئوغلى بارلار ئۆي ئالدى، قىزى بارلار ئالتۇن ئالدى دە يەنە قەرزگە بوغۇلۇپ قالدى.

   توۋا دەيمەن! ئاتىلار بىر ئۆمۈر ئىشلەپ بانكىلارغا قەرز تۆلىدى،تۈگۈمەس قەرز،ئۆسۈم دەردىدىن باشلىرىغا ئاق كىردى.بۇنداق ھالەتتە مۇنبەرلەرگە قانداقمۇ چىقالىسۇن؟!

   ھۆكۈمىتىمىزمۇ تازا يامان ئىكەن،ئەرلىرىمىزنىڭ پۇلى كۆپ بولۇپ كېتىپ چاتاق چىقارمىسۇن دەپ قەرزگە باغلاپ قويدۇغۇ تاڭ.

     ياندا ئولتۇرۇپ ئويلاپ قالدىم.دىمىسىمۇ بۇ زامان قانداق بولۇپ كەتتى،پاتىيەمىزنىڭ بەرگەن سىياسەتلىرىغۇ ياخشى ئىدى،لېكىن تۆۋەنگە چۈشسىلا مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ.پۇل بولمىسا ھېچ ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغاندەك!.

 ئەرلىرىمىزنىمۇ تازا يازساق بولاتتى،لىكىن يازايلى دىسەك ئۇلارنىڭ ۋاقتى يوق،ئۇلارمۇ ئالدىراش پۇل تاپمىسا تېخى بولمىغان.تاپقان پۇللىرىنى مەلۇم ئىشلار ئۈچۈن ئارقا ئىشىك قىلمىسا يەنە بولمىغان،مېھمان چاقىرىپ يەپ –ئىچىدىغان سورۇن ھازىرلىمىسا تېخى بولمىغان.ئۇنداق سورۇنلارنى يازايلى دېسەك ساقى ئۇنىغان بىلەن مېھمان ئۇنىمايدىكەن،ئۇ يەردە ئولتۇرغان مېھمانلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك چوڭ باشلىقلار تۇرسا.

    مەن ئويلاپ قالدىم ،بوپتۇلا ئەرلىرىمىزنى يازمىساق يازمايلى.بەرىبىر ئۇلارنىڭ بۇ زاماندا يازغۇدەك يېرى بولمىسا،يازسا كېيىنكى ئەۋلاتلىرىمىز پەخىرلەنگىدەك يازسۇن.

    بىز ھازىر ئاياللىرىمىزنى يېزىپ تۇرايلى.ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە بولغان تۆھپىسى چوڭ،ئائىلە باشلىغى بولغان بالىلارنىڭ ئاتىسى ئاشۇنداق ئۇششاق-چۈشەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش تۇرسا،ئانىلار پۈتۈن ئۆينىڭ ئېغىرلىغىنى كۆتۈرۋاتسا، ئانىلارنى يازماي كىمنى يازىمىز؟!.

  مىنىڭچە باللىرىمىزمۇ ياخشىراق ئويلاپ گەپ قىلسۇن،ئاتام كۈندە ئىچىپ –يەپ يۈرىيدۇ دەپ خاتا چۈشۈنۈپ قالمىسۇن. ئۇلارمۇ چوڭ بولغاندا،ئاتا بولغاندا چۈشۈنۈپ قالىدۇ.

  بۈگۈنكىى ئولتۇرۇشنىڭمۇ سەۋەبى باردەك قىلىدۇ.قارىسام بىر نەچچە باشلىقلارمۇ كەلدى.بانا تۈزەپ كېتىپ ئانىلار توغۇرلۇق بىرنېمە يازاي دەپ ئويلاپ قالدىم.

 

      مەنبە:ئىجادىيتىم

باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+3(general) تىرىشىڭ
  • دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5861
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 130
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە130دانە
    ئۆسۈش: 2130 %
    مۇنبەر پۇلى: 2790 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-24
    ئاخىرقى: 2012-01-11
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 21:45

    ئەرلەر  نمە  ئش  قلاتتې  ھەققې  ۋجدانلق  يگتلەر  بولسا  توغرا  يول  بلەن  توغرا  ئش ھەركەتلەر  بلەن  شۇغۇللنۋاتدۇ  .
    بەزې  بر  ۋجدانسزلار  بولسا   يەنلا  شۇ  بۇرۇنقدەك  ئۈزنڭ  خالغننې  قلپ  ھاياتنې  قايمۇقۇش  بلەن  ئۈتكۈزۋاتدۇ .