باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3768 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: زادى ئەرلەر نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 137
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە137دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-16 18:05

زادى ئەرلەر نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟

      بىزنىڭ يۇرت ئىسسىق بولغانلىقتىن ئادەتتە،يىغىلىشلارنى باغدا ئۆتكۈزىمىز.

  بۈگۈن ئىشىم بولمىغانلىقتىن باققا خېلى بۇرۇنلا باردىم.مېنىڭدىن بۇرۇن بارغان بىرنەچچە دوستۇم بار ئىكەن، سالاملاشقاندىن كىيىن چاي ئىشكەچ قۇرۇق پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق.

   ئولتۇرغانلاردىن بىرسى سۆزلەپ قالدى،ئادەم تورغا چىقسا جاھان ئەينىگىدەك ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىكەن،بۇرۇن بوشلۇققا چىقىپ دۇنيا دېگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ قالغان ئىدىم،كېيىن باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرشى بىلەن مۇنبەرگە كىرىشنى ئۈگۈنىۋالدىم.ئاللا كارامەت:جاھان دېگەن ئەنە شۇ يەردە ئىكەن ئەمەسمۇ؟

    مۇنبەردە نۇرغۇن يازغۇچى، شائىرلار ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرىدىكەن،

  يېقىندىن بۇيان مۇنبەردە ئاياللار توغرىسىدا مۇلاھىزىلەر كۆپ بولۇپ كەتتى،«ئاياللار تورغا چىقسا بولامدۇ؟»،«ئاياللار تۇرمۇشنىڭ راھەتىنى قاچان كۆرىدۇ؟»،«كېچىدە تورغا چىقىدىغان ئاياللار» قاتارلىق نۇرغۇن تېمىلار.

مۇشۇنداق قاراپ باقسام ئەرلەر توغرىسىدا تۈزۈكرەك بىر ئوقۇغۇغىدەك بىرنەرسە يوق،مۇنبەرلەردە ساپلا ئاياللار باردەك.،،

   زادى ئەرلەر نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟ دەپ قالىسەن.بىر چاغلاردا جەمىئىتىمىزدە ئەرلىرىمىزنىڭمۇ خېلى تۆھپىسى بار ئىدى.نى-نى، چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلغان.

ياندا ئولتۇرغان بىرسى گەپ قىستۇرۇپ قالدى،دېمىسىمۇ ئەرلەرنىڭ نېمىسىنى يازىدۇ؟ بۇرۇنقى ئەرلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى جۇشقۇن كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ئىدى،ھازىر بولسا چۈشكۈنلىشىپلا كەتتى.بېسىم ئېغىرمىكىن دېسە كىرىمىمۇ ئۆسۈۋاتىدۇ،كۆپ ساندىكى ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىمۇ خېلى ياخشى. 
ھوي،نېمە دەيدىغانسەن ،يەنە بىرسىمۇ گەپ قىستۇرۇپ قالدى،بۇرۇنغۇ مال باھاسى تۆۋەن ئىدى،پۇللارنىڭمۇ خېلى كۈچى بار ئىدى،ھازىر 10 يۈەن پۇلنى كۆتۈرۈپ بازارغا چىقسا بۇرۇنقى بىر تىيىندەكمۇ كۈچى يوق،توغرا چۈشۈنىڭلار ئائىلە باشقۇرماقمۇ تەس بولۇپ كەتتى،بۇرۇنغۇ قوساق توق كىيىم پۈتۈن بولسىلا بولاتتى،ھازىر ئۇ زامانلار كەلمەسكە كەتتى.

    ھۆكۈمىتىمىزمۇ تازا يامان ئىكەن،باي بولۇڭلار دېدى،نۇرغۇن ياخشى سىياسەتلەرنىمۇ بەردى.ئادەملەر ئازىراق پۇل كۆرگەن ئىدى،ئۆي ئىسلاھىتى قىلدى،شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆيىنى ئۆزى سېتىۋالدى.شۇنداق قىلىپ قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ دېڭىزلارغىمۇ چۈشۈپ باقتى.قەرزلەرنى قايتۇرۇپ ئۇھ  دەپ تۇرشىغا بالىلار چوڭ بولۇپ ئالى مەكتەپ ئوقۇش يېشىغا توشۇپ قالدى،

 ھۆكۇمىتىمىزمۇ تازا يامان ئىكەن،بۇرۇن ھۆكۈمەت ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرۈپ ،مەكتەپ پۈتتۈرسە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇراتتى،ھازىرچۇ؟ بىر بالا ئالى مەكتەپتە ئوقۇسا پۈتۈن چىقىمنى ئۆزى كۆتۈرىدىغان قىلىپ قويدى.شۇنىڭ بىلەن ئەرلىرىمىز يەنە پۇل تېپىش ھەلەكچىىلىگىدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى،بىرمۇنچە قەرزلەرگە بوغۇلۇپ بالىلىرىنى مەكتەپنى پۈتتۈرگۈزۈپ قايتۇرۇپ كەلسە ئاتىلار يەنە ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

    تاپقان پۇلىنى ئېلىپ قەرز قايتۇرسا،يەنە قەرز ئېلىپ بالىلىرىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش يولىنى تاپتى.تاپقان تەرمىگىنى‹ ئارقا ئىشىك› دەپ تىقتى.ئاتىلار يەنە قەرزگە بوغۇلۇپ قالدى.

   بالىلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەمدى ئوھ دەپ تۇراتتى،بالىلار توي قىلىش يېشىغا يەتتى.ئوغلى بارلار ئۆي ئالدى، قىزى بارلار ئالتۇن ئالدى دە يەنە قەرزگە بوغۇلۇپ قالدى.

   توۋا دەيمەن! ئاتىلار بىر ئۆمۈر ئىشلەپ بانكىلارغا قەرز تۆلىدى،تۈگۈمەس قەرز،ئۆسۈم دەردىدىن باشلىرىغا ئاق كىردى.بۇنداق ھالەتتە مۇنبەرلەرگە قانداقمۇ چىقالىسۇن؟!

   ھۆكۈمىتىمىزمۇ تازا يامان ئىكەن،ئەرلىرىمىزنىڭ پۇلى كۆپ بولۇپ كېتىپ چاتاق چىقارمىسۇن دەپ قەرزگە باغلاپ قويدۇغۇ تاڭ.

     ياندا ئولتۇرۇپ ئويلاپ قالدىم.دىمىسىمۇ بۇ زامان قانداق بولۇپ كەتتى،پاتىيەمىزنىڭ بەرگەن سىياسەتلىرىغۇ ياخشى ئىدى،لېكىن تۆۋەنگە چۈشسىلا مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ.پۇل بولمىسا ھېچ ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغاندەك!.

 ئەرلىرىمىزنىمۇ تازا يازساق بولاتتى،لىكىن يازايلى دىسەك ئۇلارنىڭ ۋاقتى يوق،ئۇلارمۇ ئالدىراش پۇل تاپمىسا تېخى بولمىغان.تاپقان پۇللىرىنى مەلۇم ئىشلار ئۈچۈن ئارقا ئىشىك قىلمىسا يەنە بولمىغان،مېھمان چاقىرىپ يەپ –ئىچىدىغان سورۇن ھازىرلىمىسا تېخى بولمىغان.ئۇنداق سورۇنلارنى يازايلى دېسەك ساقى ئۇنىغان بىلەن مېھمان ئۇنىمايدىكەن،ئۇ يەردە ئولتۇرغان مېھمانلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك چوڭ باشلىقلار تۇرسا.

    مەن ئويلاپ قالدىم ،بوپتۇلا ئەرلىرىمىزنى يازمىساق يازمايلى.بەرىبىر ئۇلارنىڭ بۇ زاماندا يازغۇدەك يېرى بولمىسا،يازسا كېيىنكى ئەۋلاتلىرىمىز پەخىرلەنگىدەك يازسۇن.

    بىز ھازىر ئاياللىرىمىزنى يېزىپ تۇرايلى.ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە بولغان تۆھپىسى چوڭ،ئائىلە باشلىغى بولغان بالىلارنىڭ ئاتىسى ئاشۇنداق ئۇششاق-چۈشەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش تۇرسا،ئانىلار پۈتۈن ئۆينىڭ ئېغىرلىغىنى كۆتۈرۋاتسا، ئانىلارنى يازماي كىمنى يازىمىز؟!.

  مىنىڭچە باللىرىمىزمۇ ياخشىراق ئويلاپ گەپ قىلسۇن،ئاتام كۈندە ئىچىپ –يەپ يۈرىيدۇ دەپ خاتا چۈشۈنۈپ قالمىسۇن. ئۇلارمۇ چوڭ بولغاندا،ئاتا بولغاندا چۈشۈنۈپ قالىدۇ.

  بۈگۈنكىى ئولتۇرۇشنىڭمۇ سەۋەبى باردەك قىلىدۇ.قارىسام بىر نەچچە باشلىقلارمۇ كەلدى.بانا تۈزەپ كېتىپ ئانىلار توغۇرلۇق بىرنېمە يازاي دەپ ئويلاپ قالدىم.

 

      مەنبە:ئىجادىيتىم

باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+3(general) تىرىشىڭ
  • بۇ زادى نېمىدۇ؟
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1420
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1420دانە
    ئۆسۈش: 910 %
    مۇنبەر پۇلى: 15153 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-14
    ئاخىرقى: 2012-03-28
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-17 18:11

    تېمىغۇ شۇنداق ياخشى باشلىنىپتىكەن،بىراق ئاخىرى راسلا سەل زىتلىق بىلەن ئاخىرلىشىپ قاپتۇ.بەلكىم ئاپتور قالغىنىنى مۇنبەرداشلارغا قالدۇرغان بولسا كېرەك.
    مېنىڭچە بولغاندا ئاۋۋال ئەرلەر نىمە قىلىۋاتىدۇ دەپ ئۇنداق چوڭ نۇقتىغا ئېسىلماي،ئەڭ ئاۋۋال مەن نىمە قىلىۋاتىمەن دىگەننى ئويلىشىمىز كېرەك.چۈنكى جەمىيىتىمىزمۇ نۇرغۇنلىغان مەنلەردىن تەركىب تاپىدۇ ئەمەسمۇ.پەقەت مەسىلە مۇشۇ جەمىيىتىمىزدىكى مەنلەر بىرلىككە كېلەلمەيۋاتىدۇ.
    <<مەن پۈتۈن ئەرلەرگە ۋەكىللىك قىلالمايمەن ھەم پۈتۈن ئەرلەرگە ئىگە بولالمايمەن،بىراق مەن ئۆزۈمگە ئىگە بولالايمەن.>>ئەگەر ھەممىمىزدە مۇشۇنداق ئۆزىگە ئىگە بولۇش بولغان بولسا بەلكىم ھالىمىز ئاللاھ خالىسا بۈگۈندىكىدەك بولمايتتى.تولىمۇ ئەپسۇس،بىز ئۆزىمىزگە ئىگە بولالمىدۇق.قانداقتۇر ئازغىنە مەنپەئەتنى دەپ باشقىلارنىڭ،باشلىقلارنىڭ ئالدىدا پالاقشىدۇق.ئەگەر ئاللاھ  ئالدىدا مۇشۇنداق پالاقشىغان بولساق ھە،ئاللاھ ھەقىقەتەن بىزگە ھاممىدىن يېقىن ئىدى،بۇنى بىز بىلمىدۇق.باشلىقنىڭ كۆڭلى،ئاغىنەمنىڭ كۆڭلى دەپ گۈپۈلدەپ ئىچتۇق.ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن دەپ بىرەر قېتىممۇ شۇنداق سورۇندىن كېچەلمىدۇق.ئاللاھنىڭ بىزلەرگە بەرگەن جەننەت ۋەدىسى ئەنە شۇ باشلىقلارنىڭ ھاراق سورىنىدا قىلغان ئىككى ئېغىز ئويلىشىپ باقىمىز دىگەن سۆزىنىڭ ئالدىدا نۆلگە تەڭ بولدى.
    نى-نى قەھرىمان ئوغلانلار ،جاسارەتلىك،باتۇر يىگىتلەر ھالا بۈگۈنكى كۈندە كەڭرى سىياسەتنىڭ قۇربانى بولدى.چۈنكى قان كېچىپ جەڭ قىلىش پۇرسىتى بولسىدى نۇرغۇن ئوغلانلار چىقار ئىدى،بىراق ھازىر جەڭنىڭ خاراكتىرى ئۆزگىرىپ ئاللىبۇرۇن سىياسىي ئىدىيە ئۇرۇشى باسقۇچىغا كىرىپ بولدى.شۇڭا نۇرغۇن ئەركەكلىرىمىز ئەنە شۇنداق كەينى-كەينى ئورۇنلاشتۇرىلىۋاتقان ھاراق سورۇنى،رەڭلىك سورۇنلاردىن ئىبارەت شىكەر يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقىنىڭ تەسىرىدە دۈم يىقىلدى.بىرى مەجبۇرلىمىسىمۇ ئۆزى خالاپ ئۆزىنى بۇ ئوققا تۇتىدىغان بولدى.

    يېزىۋەرسەم رومان چىقىپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ جۇما،ئۆزۈمنى بېسىۋالاي بولدى.
    سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!