باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1408 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇچ كىشىنىڭ قىسسىسى.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6980
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 62
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 950 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-09
ئاخىرقى: 2011-11-16
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-16 13:33

ئۇچ كىشىنىڭ قىسسىسى.

ئادەم دۇنياغا تۇغۇلۇپ نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى باشتىن كەچۇرىدۇ.خاپىلىقلارغا،ئېغىرچىلىقلارغا،كۆڭۈلسۈزلۈكلەرگە ئۇچرايدۇ. بەزىدە كۈلۈپ ياشايدۇ،بەزىدە يىغلاپ ياشايدۇ. ئادەم ئويلىمىغان قىسمەتلەر سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. بەزى قىسمەتلەردىن ئۈزىڭىزنىڭ كۈچىڭىز بىلەن،ئەقلىڭىز بىلەن،ياردەمچىلىرىڭىز بىلەن قۇتۇلۇپ كىتەلىگەن بىلەن بەزىلىرىدن قۇتۇلۇشقا ھەقىقەتەن ئاجىز كىلىسىز. بۇنداق چاغلاردا يېقىنلىرىڭىزنى ياردەمگە چاقىرىشنى ئويلايسىز ئەمما ئۇنىڭغا قادىر بۇلالمايسىز. بېشىڭىز قاتتىق قاتىدۇ.  بىر چاغدا دۇنيانىڭ ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھنى ئەسلەيسىز.ۋە ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىسىز.
ئەگەر سىز بۇرۇنقى خاتىرجەم كۇنلىرىڭىزدە قىلغان بىرەر ياخشى ئەمەللىرىڭىز بولسا شۇ ئەمەللىرىڭىزنى ياد ئىتىپ ئاللاھقا ۋەسىيلە قىلىش ئارقىلىق قۇتۇلۇپ كىتەلەيسىز.
ئەكسىچە بۇرۇن ھېچقانداق ياخشى خالىس ئەمەلدىن بىرنى قىلماي تۇرۇپ قىيىنچىلىقتا قالغاندا ئۈزىڭىزنىڭ بىچارىلىقىڭىزنى ئىتراپ قىلىپ ئاللاھقا ھەرقانچە يالۋۇرغان بىكار. ئۇ چاغدا ئاللاھ سىزنىڭ نالە پەريادىڭىزغا پىسەنت قىلىپ قويمايدۇ.
مەن مۇشۇ تىمىغا ماس بولغان بىر ھەدىسنى كەلتۇرۇپ ئۆتىمەن.
ئابدۇللائىبنى ئۆمەر(ئاللاھ ئۇ ئىككەيلەندىن رازى بولسۇن) رىۋايەت قىلنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسلام مۇنداق دىگەن سىلەردىن ئىلگىركى قەۋملەردىن ئۈچ نەپەر كىشى سەپەرگە چىقىپ بىر قۇنالغۇغا چۇشۇش ئۇچۇن بىر ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە كىرگەندە تاغدىن بىر قۇرام تاش يۇمۇلنۇپ چۇشۇپ تاغنىڭ ئاغىزىنى تۇسۋالدى.(ئۇ يەردىن چىقىپ كىتىش ئەسلا مۇمكىن بولمىدى)ئۇلار: بىزنى بۇ تاشتىن پەقەت بىزنىڭ ياخشى ئەمەللىرىمىزنى تېىلغا ئېلىپ ئاللاھقا قىلغان دۇئايىمىزلا قۇتقىزالايدۇ.دىيىشتى.
ئۇلاردىن بىرى: ئى ئاللاھ مىنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانام بار ئىدى.مەن داۋاملىق ئاتا-ئانامنى باشتا غىزالاندۇرۇپ ئاندىن ئائىلەمدىكىلەرنى،ئاندىن خىزمەتكارلىرىمنى غىزالاندۇراتتىم.بىر كۇنى ماللىرىمنى ئوت-چوپ مول يەردە باقىمەن دەپ بەك يىراقلاپ كىتىپ كەچ قايتىپ كەلدىم.ئاندىن ئاتا-ئانامنى غىزالاندۇرۇش ئۈچۈن ماللىرمنى سېغىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا بارسام ئۇلار ئۇخلاپ قالغانىكەن.
ئۇلارنى ئويغۇتۇشنى لايىق كۆرمىدىم. ئىلەمدىكىلەرنى،خىزمەتكارلىرىمنى ئۇلاردىن ئىلگىرى غىزالاندۇرۇشقا تېخىمۇ كۆڭلۇم ئۇنىمىدى. سۈت بار قاچا قۇلۇمدا ئۇلارنىڭ ئويغۇنۇشنى كۇتۇپ تۇرۇپ كەتتىم. ھەتتاكى تاڭ يۇرۇپ كەتتى.كىچىك بالىلىرىم ئاچلىقتا پۇتۇمغا ئېسلىشىپ يىغلىشاتتى،ئاتا-ئانام ئويغاندى. ئاندىن سۈتنى ئىچىشتى.ئى ئاللاھ ئەگەر ئاشۇ ئشنى سىنىڭ رىزالىقىڭ ئۈچۈن قىلغان بولسام (يەنى سىنىڭ رىزالىقىڭ ئۇچۇنلا قىلغان ئىدىم) بۇ تاشنى كۈتۈرۋەتكىن دەپ ئىلتىجا قىلدى. تاش ئازراق كۈتۈرۈلدى.ئەمما چىقىپ كىتىشكە قادىر بۇلالمىدى(يەنى ئازراقلا كۇتۇرلدى.ئۇلار يۇچۇقتىن پاتمىدى)
ئۇلاردىن يەنە بىرى: ئى ئاللاھ مىنىڭ تاغامنىڭ ماڭا ھەممە ئادەمدىن بەكراق سۈيۈملۈك كۇرنىدىغان بىر قىزى بار ئىدى.يەنە بىر رىۋايەتتە: مەن ئۇنى بىر ئەر كىشىنىڭ بىر ئايال كىشىنى ياخشى كۆرگىنىگە ئوخشاش ياخشى كۈرەتتىم.دىيىلگەن. مەن ئۇ قىزغا بىرگە بۇلۇشنى ئېيتسام ئۇ رەت قىلىپ ئۇنىماي تۇرۋالدى.
بىر يىلى قۇرغاقچىلىق بۇلۇپ كىتىپ بېشىغا قاتتىق كۈن چۈشۈپ مىنىڭ يېنىمغا كەپتۇ.مەن ئۇنىڭغا مىنىڭ تەلىپىمىگە قۇشۇلۇش شەرتى بىلەن 120دىنار بەردىم.ئۇ ماقۇل بولدى،ھەتتاكى مەن ئۇنىڭغا ئىرشىشكە قادىر بۇلۋاتقان چېغىمدا،يەنە بىر رىۋايەتتە ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئارسىدا ئولتۇرۇپ بولغان چېغىمدا دىيىلگەن. ئۇ قىز:ئاللاھتىن قورققىن.ئالدى بىلەن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىجىرىپ بۇلۇپ ئاندىن مەن بىلەن بىر تۆشەكتە بولغىن. دىدى.
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا چېقىلىش نىيتىمدىن ياندىم.ۋە ھالانكى ئۇ قىز مەن ئۇچۇن كىشىلەرنىڭ سۈيۈملۈكراقى ئىدى.مەن ئۇنىڭغا بەرگەن ئالتۇنلاردىنمۇ ۋاز كەچتىم.
ئى ئاللاھ ئەگەر ئاشۇ ئشنى سىنىڭ رىزالىقىڭ ئۈچۈن قىلغان بولسام (يەنى سىنىڭ رىزالىقىڭ ئۇچۇنلا قىلغان ئىدىم) بۇ تاشنى كۈتۈرۋەتكىن دەپ ئىلتىجا قىلدى. تاش يەنە ئازراق كۈتۈرۈلدى.ئەمما يەنىلا ئۆڭكۈردىن چىقىپ كىتىشكە قادىر بۇلالمىدى(يەنى ئازراقلا كۇتۇرلدى.ئۇلار يۇچۇقتىن پاتمىدى)
ئۈچۈنچىسى مۇنداق دىدى: ئى ئاللاھ مەن بىر مۇنچە خىزمەتكارلانى ئىشلەتكەن ئىدىم.مەن ئۆزىنىڭ ئىش ھەققىنى ئالماي كەتكەن ئادەمدىن باشقا ھەممە كىشىنىڭ ئىش ھەققىنى جايىدا بەردىم.
مەن ئىش ھەققىنى ئالماي كەتكەن ئادەمنىڭ ئىش ھەققىنى دەسمىي قىلىپ ئىشلەتتىم.
ھەتتا ئۇنىڭ ماللىرى كۆپىيىپ كەتتى. بىر زاماندىن كىيىن ئۇ ئادەم كىلىپ :ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىش ھەققىمنى بەرگىن دىدى.
مەن ئۇنىڭغا : سەن كۆرۋاتقان ئاشۇ نەرسىلەر،تۇگە،كالا،قوي،ۋە قۇللار سىنىڭكى دىدىم.
ئۇ كىشى :ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى مىنى مەسخىرە قىلما.دىدى. مەن : مەن سىنى مەسخىرە قىلمدىم دىدىم.
ئاندىن ئۇ نەرسىلەرنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ھەممىنى ئېلىپ كەتتى. ئى ئاللاھ ئەگەر ئاشۇ ئشنى سىنىڭ رىزالىقىڭ ئۈچۈن قىلغان بولسام (يەنى سىنىڭ رىزالىقىڭ ئۇچۇنلا قىلغان ئىدىم) بۇ تاشنى كۈتۈرۋەتكىن دەپ ئىلتىجا قىلدى. تاش
كۈتۈرۇلدى.ئۇلار ساق سالامەت چىقىپ كەتتى.(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
بۇ ئۇچ كىشىمۇ غارغا بىكىپ قېلىپ ھېچقانداق ئامال تاپالمىغاندا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقى ئاللاھ ئۇچۇنلا قىلغان خالىس ئەمىلىنى ۋەسىيلە قىلىش ئارقىلىق ئۆڭكۈردىن قۇتۇلۇپ كەتكەن.
قېنى قېرىندىشىم.ئەگەر سىزمۇ شۇ ئۇچ كىشىلەردەك ئەھۋالغا چۇشۇپ قالسىڭىز سىزنىڭ ۋەسىيلە قىلىدىغان قانداق ئەملىڭىز بار؟
ئۇقۇغان نامىزىڭىزنى دىيشىڭىز مۇمكىن. ياق ناماز دىگەن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۇستىدىكى مەجبۇرىيەت. بۇنى ۋەسيلە قىلاممايسىز. نامازنى ۋەسيلە قىلىشقا يارىمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس.نامازدىن يۇقرى ئەمەل بولمىسا كىرەك مۇسۇلمان ئۇچۇن.
ناماز نى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى سىزگە پەرز قىلىپ بىكىتۋەتكىنگە بىنائەن ئۇقۇيسىز.
سىزمۇ ئۇزىڭىزنى ئاشۇ ئۇچ كىشىدەك ئەھۋالدا ھىس قىلىپ بېقىڭ. سىزنىڭ ۋەسىيلە قىلىدىغانغا قانداق ئەمىلىڭىز باركەن؟! ئىنكاس ئارقىلىق قالدۇرۇپ ئۆتكەيسىز..
سىزگە تېخى پۇرسەت بار.ئۇزىڭىز پەقەت ۋە پەقەتلا ئاللاھ ئۇچۇنلا ياخشى ئەمەل قىلىپ تەييارلاپ قۇيۇڭ. ياخشى ئەمەللىرىڭىز بۇ دۇنيادىلا ئەمەس ئاخىرەتتىمۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارغاندا بەكرەك ئەسقاتىدۇ.
بەلكىم مۇشۇ تىمام سىزنىڭ ئاللاھقا ۋەسىيلە قىلىپ بىرەر ياخشىلىق ئەمەل قىلىشىڭىزغا سەۋەب بۇلۇشى مۇمكىن.
manbg   madris tori
ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىيدۇ !!!
اللەنىڭ نەزىرىدىكى مەن ھەقىقى مەن!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7794
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 91
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە91دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 950 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-09
ئاخىرقى: 2011-08-12

مۇشۇنداق  ئەھمىيەتلىك  تىما   يوللىغىنىڭىزغا   تەشەككۈر ،  دۇرۇس  ھازىر   قانداق  ئەمەللەرنى  اللە  رىزالىقى  ۋە  ئاخىرەتنىڭ  ساۋابىنى  كۆزلەپ   قىلغانلىقىمىزغا    ئېتىبار   بەرمەي  ئۆتىۋەرسەك    بۇدۇنيا  ھەم  ئۇ دۇنيادا   زىيان  تارتقۇچىلاردىن  بولۇپ  قالىمىز  ،  شۇڭا  نىيىتىمىزنى  خالىس   ئەمەلىمىزنى  سالىھ   قىلىشقا  تىرىشىشىمىز  كېرەك .
سەن ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا سەبىر قىل ، اللە كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
نەدىن-نەدە-نەگە؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7096
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 79
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە79دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 860 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-15
ئاخىرقى: 2012-03-11
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-16 18:35

ئىنكاس مەزمۇنىدا چوڭ خاتالىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈچۈرۈلدى...
(مەشغۇلات قىلغۇچى: ھەمزە. پىكرىڭىز بولسا قىسقا ئۈچۈر ئارقىلىق دەڭ)
[ بۇ يازمىنىھەمزە 2011-06-17 00:07قايتا تەھرىرلىدى ]
نېمە؟نەدە؟قاچان؟