باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2389 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئاجايىپ تالانتلىقلار باردە كەڭ سايدا
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1706
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1706دانە
ئۆسۈش: 7950 %
مۇنبەر پۇلى: 22707 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 15:08

ئاجايىپ تالانتلىقلار باردە كەڭ سايدا




مېنىڭ بىر خاككىر دوستۇم بار ئىدى ،،،،مېنىڭ كەڭ ساي مۇنبىرىگە تولا چىقىدىغىنىمنى كۆرۈپ ئۇمۇ ئۆگىنزىىپ قاپتۇ بۇ مۇنبەرگە،،،،،مۇنبەرگە نەچچە چىقسا مەيلىغۇ،،يامان يېرى مۇنبەردىكى تارانچىنىڭ قىزىقچىلىقى ھەم كۆۋرۈك دىگەن قېرىنىڭ مەن بىلەن تولا قېرىشىدىغىنىنى كۆرۈپ ،ئۆگەنگەن ماھارەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ بۇ ئىككىسنىڭ كۆمپيوتىرغا كىرىپ بەزى ھۆججەتلىرىنى ئوغرىلاپ چىقىپتۇ،قىزىق ئىشلار جىق دە،،،بۇ ئىككىسى بۇرۇنقى بەزى خەت چەكلىرىنى ھازىرغىچە ساقلىغان ئىكەن ،،،بۇ خەتلەر ئىچىدە خېلى يۇقىرى سەۋىيە بىلەن يېزىلغان خەتلەرمۇ بارئىكەن ،،بۇلارنى تورداشلارغا سۇندۇم،،،،،،خەت ئىگىلىرى خاپىلاپ قالمىغاي،،بەرىبىر ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار بولغاندىكىن،،،،،،

تۆۋەندىكىسى تارانچىنىڭ بىر قىزغا يازغان خېتى ئىكەن ... 





مەن ئۈچۈن دۇنيادا ۋاقىتتىنمۇ قىممەتلىك ،جاندىنمۇ مۇھىم، بىر كۈرۈپ خۇما بولغان،ئىككى كۈرۈپ مەست بولغان ئۈچ كۈرەلمەي سەۋدا ھەم مۇشۇ خەتنى يېزىشقا مەجبۇر بولغان جېنىمنىڭ جانانىسى يۈرۈكۈمنىڭ پارىسى ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ئالتۇندەك ئەزىز تىنىڭ سالامەتمۇ؟نەچچە كۈن بولدى سىنى كۆرمىگىلىى،توپىغا چۈشكەن تەڭگىدەك يوقاپلا كەتتىڭ !سىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۈزەمنى ئۇنتۇپ قالغاندىمەن،لىكىن سىنى يۈرۈگۈم سۇقۇپ تۇرسىلا ھەر تىنىقلىرىمدا ئويلاپ تۇردۇم،بىلەمسەن ،مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن ،ئۆمرۈڭنىڭ لەغمەندەك ئۇزۇن بۇلىشىنى تىلەيمەن،
بىلەمسىەن ،مەن بۇخەتنى بەشكىرەمنىڭ ئۈرىكىدەك ئىزىلىپ ئولتۇرۇپ يازماقتىمەن ،ھازىر مەن سىنىڭ ئىشقىڭدا كۈيۈپ كىرىيەنىڭ كىشمىشىدەك قورۇلۇپلا قالدىم ،شۇ تاپتا يېڭىسارنىڭ پىچىقىدا قەلبىمنى يىرتىۋىتىشكە ئاران ئاران تۇرۇپتىمەن ،خوتەن گىلىمىدەك قېپقىزىل يۈزۈم ھازىر شايارنىڭ ئۆپكىسىدەك قورۇلۇپلا قالدى،سىنىڭ ئاشۇ جانان پىيالىسىدەك كۈزۈڭ، ئويماقتەك لەۋلىرىڭ ،قوش مۇشتەك بۇرۇنلىرىڭ،ئاھ،ئات كەبى يۈزۈڭ ،كۆڭۈل ئېكرانىمدا يالت يۇلت قىلىپ تۇرىدۇ،ئەگەر مۈمكىن بولسا سىنىڭ ئاشۇ كورلا نەشپۈتىدەك شىرىن لەۋلىرىڭگە سانجىنىڭ شىلىمىدەك چاپلاشسام دەيمەن .

،گاھ سىنىڭ ئاتۇش گىردىسىدەك قىزىل مەڭزىڭگە مەڭزىمنى يېقىپ زەپەناۋاتلىرىدەك «شۇررىدە»ئىرىپ كەتسىەم دەيمەن.

سىنى ئويلاپ ئاخشاملىرى ماخازا كەبى تولغىشىپ كىتىمەن،ھازىر ساڭا بولغان سۆيگۈم قاراماي نېفىتىدەك ئېتىلىپ چىقماقتا،گاھى كۇچانىڭ كالتە كۆپىسىدەك تۈگۈلۈپ قالىمەن گاھى سىنى ئويلاپ يېتپ باينىڭ قېتىقىدەك ئۇخلاپ ئۇيۇپلا كىتىمەن، سىنى چۈشەپ قالسام،ئويغىنىپ ئاۋاتنىڭ توشقىنىدەك سەكرەپ كىتىمەن، بەزىدە ئى ئاسلاندەك يۇۋاشلاپ كىتىمەن ،سىنىڭ ئالتاي ئاتلىرنىڭ يايلىرىدەك چاچلىرىڭ خىيالىمغا كىلىپ قالسا باغراش كۆلىدەك چوڭقۇر خىياللارغا غەرق بۇلىمەن...

ئۆيدىكىللىرىڭنى ئويلىسام،قەلبىمنى شەرق شىمال يولۋىسدەك قورقۇنۇچلۇق خىياللار چىرمىۋالىدۇ،يۈرۈگۈم داۋانچىڭنىڭ تاۋۇزىدەك «چارس»قىلىپ يېرىلىپ كىتەيلا دەۋاتىدۇ، قەلبىم ئېلى دەرياسىدەك ئۆركەشلىمەكتە،ھەم ئازابلار دەستىدىن تارىم توغراقلىرىدەك كىسىلىپ كەتتى،قەشقەر ئانارىدەك يۈزۇممۇ شىخەنزىنىڭ قارا ئۈرۈكىدەك بۇلۇپ قالدى
.

ئەگەر سەن تەلىپىمگە قۇشۇلساڭ تىيانشان تاغلىرىدىكى قار لەيلىسىدەك ياشىرىپ كىتەتتىم ئۇ چاغدا سىنى قەشقەرنىڭ بادام دوپپىسىدەك بېشىمغا قۇندۇۋالغان بۇلاتتىم شۇنى ئېيتايكى ئەگەر ساڭامەندىن باشقا بىرسى كۆڭۈل ئىزھار قىلغىدەك بولسا خۇنەن خورىزىدەك سۇقشىشتىن يانمايمەن ئەگەرچەندە بۇ تەلىپىمنى رەت قىلساڭ تۇرپان ئۈزۈمىدەك ساڭگىلاپ ئۈلۈۋىلىشتىن يانمايمەن .............. 
  ،،ئۇنداق قىلما ماڭا ئىچىڭ ئاغرىسۇن،،،،




تۆۋەندىكىسى كۆۋرۈكنىڭ ياش ۋاقىتلىردا يازغان خەتلىرى ئوخشايدۇ،،،،ئاجايىپ تالانت،،،،


سۆيۈملۇك جانان! سىزنى بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قالدىم . ئىشىنىڭكى ئىككىنچى بىرسىگە قارىمايمەن . بۇ مېنىڭ ئۈچ كېچە-كۈندۇز ئويلۇنۇپ بەرگەن ۋەدەم . چۈنكى سىزنىڭ كەينىڭىزدىن تۆت قېتىم ئوغۇرلىقچە مېڭىپ ، كىشىنى رام قىلدىغان بەش ئەزايىڭىزغا مەپتۇن بولۇپ ، ئالتە قېتىم ھوشۇمدىن كەتتىم . يۈرىكىم ھەر دەقىقىدە يەتتىدىن سەككىزگىچە سوقىدۇ . ئارىلاپ -ئارىلاپ نەپسىم توققۇز سىكونىت توختاپ قالىدۇ . ئەگەر مەن ئون نۇمۇرغا لايىق بولسام ، سىزنىڭ ئون بىردىن كۆپكە ئېرىشىشڭىزدە گەپ يوق . ئاز بولغاندىمۇ ئون ئىككىگە لايىقسىز . مەن ئون ئۈچ رەقىمىگە ئۆچ ، ئون تۆتنى بىرەي دېدىميۇ ، ئەقىللىق كاللىڭىز ۋە لاتاپىتىڭىزنى ئويلاپ ئون بەش ، ئون ئالتىگىمۇ رايىم بارماي ئون يەتتىنى بېرىشنى قارار قىلدىم. مەن بۇ يىل ئون سەككىز ياش، نەچچە كۈندىن كېيىن ئون توققۇزغا كىرىمەن . دېمەك تېخى يىگىرمىگە تولمىدىم . يەنە نەچچە يىل ئۆتسە يىگىرمە بىرگە كىرىشىم شەكسىز . يىگىرمە ئىككى مىليون پۇلۇم بار ، بۇنىڭ بىلەن باشقىلاردىن ئەلۋەتتە يىگىرمە ئۈچ ھەسسە ئارتۇق تۇرىمەن ، گەرچە يىگىرمە تۆت سائەت ئۇخلىساممۇ... پەرىزىمچە سىز 25ياش . 26گە كىرگەن بولسىڭىزمۇ مەيلى .27نىمۇ كۆڭلۇمگە ئالمايمەن . 28 بولسىمۇ ناھايىتى مەندىن ئون ياشلا چوڭ بولىدىكەن . ئاڭلىشىمچە 29ياشلىق ئاياللار تولىمۇ جەلىپكار بولارمىش . ئەگەر30ياش بولسىڭىز مەن ئويلىشىمەن .31 بولسا سەل ھەسرەت چېكىشىم مومكىن . 32ياشقا ئۇلاشقان بولسىڭىز كۆڭلۇم يېرىم بولىدۇ . 33كە كىرىپ بولغان بولسىڭىز بولدى تەنھالا ئۆتەي .34 كە كىرىپمۇ مېنى كەلتۈرەي دەپ ئويلىماڭ ، چۈنكى ئاپام بۇ يىل35 ياش . لېكىن سىزگە 36تال ئەتتىرگۈل سوۋغا قىلىشتا چاتاق يوق . ئەمما يانچۇقۇمغا قارىسام ، پەقەت37يۇەنلا باركەن . پارچىلىرىنى قوشساممۇ38 يۈەنچە چىقارمىكىن . چۈنكى بۇرۇنقى سۆيگۈنۈم بىلەن ئايرىلىپ كېتىشتىن 39 كۈن بۇرۇن ، ئۇنىڭ بىلەن تېلىفۇندا سۆزلىشىپ40يۇەن قەرىز بوپ قالغان. 41كۈن بۇرۇن ئۇنىڭغا 42پارچە قىسقا ئۇچۇر يوللاپ ، قەلبىمدىكى43خىل<<مەڭگۈ>>نى سۆزلەپ بەرگىنىم ، ئۇ مەن بەرگەن 44قېتىملىق تېلىفۇننى 45 قېتىم قويىۋەتكەنكەندە ، 46گىرادۇسلۇق كۆز يېشىم بىلەن يۈزۈمنى47قېتىم يۇيۇپ ، بېشىمنى48 قېتىم چايقىغىمچە ،49 قېتىم ئاھ چىكىپ،50قېتىم<<ئىسىت!!!...>> دېگىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە.... سىزگە51قېتىم سىزنى سېغىندىم ،52 قېتىم سىزنى سۆيىمەن دېگۈم بار .53 -قېتىمدا نىمە دېيىشنى ئويلاشمىغاچقا ، 54تىن ئاتلاپ55 كەلدىم . تۇيۇقسىز 56مىنۇتنىڭ ئالدىدا سىزنى كۆرگىنىم يادىمغا كەلدى . بىلمىدىم ،57مىنۇتتىن كىيىن سىز ئۇچۇرشىشقا چىقارلارسىزمۇ؟ 58 مىنۇت 59سىكونىتلۇق بۇ سېغىنىشتىن 60خىل تۇيغۇنى ھېس قىلغانلىقىمنى چۈشىنەرسىزمۇ ؟ سىزنى سۆيۈشكە61خىل سەۋەپ، ئىككىمىزگىلا لايىق 62خىل سۆيگۈ ئىبارىسى ، يەنە ئىككىمىزنىڭ ئۇچۇرشۇپ قىلىشىغا ئوخشايدىغان63 مۇھەببەت كېنوسى..... ئويلاپ باقسام ، سىزنىڭ 64ئارتۇقچىلىقىڭىز بولمىغاندەك ، 65كەمچىلىكىڭىزمۇ يوق ئىكەن . پەقەت 66سانتىمېتىر كېلىدىغان بېلىڭىزلا مېنى 67يىل سۈكۈتكە چۈمدۇرگىدەك . شۇنداقتىمۇ <<بوپتۇلا ھېچبولمىسا بىر مېتىر68 كېلىدىغان بويى بولسىمۇ بار!>> دەپ ئۆزۈمگە 69 قېتىم تەسەللى بېرىپ70-قېتىمدا ئۇھ دېدىم ۋە ئاخىرى سىزگە71بەتلىك سۆيگۈ خېتى يېزىش قارارىغا كەلدىم . كالامپايلىقىمدىن<<سىزنى سۆيىمەن>>نى72قېتىم خاتا يېزىپ ،73 -قېتىمىدا مۇۋاپىقىيەت قازاندىم . سىزنىڭمۇ مېنى 74قېتىم ئەيىپلەپ يۈرمەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنچم كامىل . 75باھار ، 76ياز ، 77كۈز ۋە 78قىش بىزنىڭ قەدىمىمىزگە تەشنا . سىز بىلەن79 ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزۈش مېنىڭ ئارزۇيۇم. مېنىڭ 80جۈملە چىن سۆز بىلەن تولغان بۇ مەكتۇبىمنى كۆرگەن ھەرقانداق قىزنىڭ ، مېنىڭ تەلىپىمنى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىغا %81ئىشىنىمەن . بەلكىم سىزمۇ مېنىڭ ئادەمنى قايىل قىلىدىغان 82خىل ئارتۇقچىلىقىمنى ھېس قىلغانسىز . ئەگەر مېنى رەت قىلىشقا83 باھانىڭىز بولسىمۇ ،مەن 84سەۋەب بىلەن سىزنى يەنىلا تۇتۇپ قالالايمەن . ئەڭ چىن ، ئەڭ سەمىمى قەلبىم بىلەن ماڭا 85 يىل ھەمرا بولىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن . يۈزىڭىزدىكى قورۇقلارھازىرقىدىن 86 ھەسسە كۆپەيگەن تەقدىردىمۇ ،87قېتىم ئىگىلىپ تۇرۇپ ،88 قېتىم سىزنى سۆيىمەن دىيەلەيمەن . شۇنداقلا 89-سىنى سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن چىقىدۇ دەپ بىلىمەن. بۇ خەتنى يېزىۋاتقىنى 90مىنۇت بوپتۇ . بۇ جەريانداسىزنى 91 قېتىم كۆز ئالدىمغا كەلتۇردۇم . كۆيۈك ئازابىدا92 قېتىم قاتتىق چاڭقىدىم ۋە 93بوتۇلكا مىنرال سۇنى سىزنىڭ ۋىسالىڭىزغا قىياس قىلىپ گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتتىم .94 -قېتىمقى ئۇسسۇزلىقىمنى لىۋىڭىزدە بەرگەن 95بوتۇلكا شەربەتمۇ باسالماسمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن . بەلكى 96ياشقا كىرەلمەسلىكىم مومكىن ، لېكىن سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنىڭ 97يىلدىن كېيىنمۇ 98 گىرادۇس ھارارەت بىلەن يالقۇنجاپ كۆيۈشىگە ئىشىنىڭ . ئاخىردا سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە99 تال ئەتتىرگۈل بىلەن ئۇشبۇ مەكتۇبىمنى سىزگە ئەۋەتتىم. قەلبىڭىزدىكى%100لىك ئەر بولۇش مېنىڭ مەڭگۈلۈك نىشانىم. --سىزنى سۆيۈپ: ئاشىقىڭىز  كۆۋرۈكتىن.
[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2011-06-14 15:18قايتا تەھرىرلى ]
ناخشا-ئۇسۇل بىزنى سېگانلار ئېگە بولالمىغان‹‹شە ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 561
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 263
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە263دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 2685 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-07
ئاخىرقى: 2012-03-19

نېمانداق قىززىق تېمىدۇ بۇ ...

ئاۋۇ كۆۋرۈك ئەپەندىنىڭ  خېتى 101مېنوت 102سېكونت ۋاقتىمنى ئالدى ، خۇدۇمنى ئۇقماي 103 قېتىم تېشىغا چىقىرپ كۈلۈپ ساپتىمەن،
تېشىمغا چىقىرىپ ئوقۇپ ساپتىكەنمەن ئەتراپىمغا 104نەپەر بويتاقنىڭ ئولىشىپ تىڭشاپ كەتكىنىنى تۇيمايلا قاپتىمەن ، ئۇلارنىڭ بۇ ئەسەرنى بېسىپ چىقىرىپ بەرسەم ھەر بىرىگە 105تىيىندىن جەمئى 106سوم بېرىش تەكلىۋىنى رەت قىلىۋىتىپ 107خەتلىك ئېنكاسىمنى يېزىشنى باشلىدىم ! مانا شۇنداق قىلىپ 108-109 خەتلىرىنى بېسىپ ئولتۇرسام تالادا 110 نىڭ ماشىنىسىنىڭ ئەنسىز ئاۋازى دېققتىمنى بۆلدى !بىزنىڭ شەھەردە 110نىڭ ماشىنىسى ھەر بىر  ئائىلىگە 111دىن توغرا كەلسە كېرەك ! ئاچچىغىمدا 112گە تېلفۇن قىلىپ ئەھۋال ئېنكاس قىلىدىغان يەرنىڭ نومۇرىنى ئۇقۇشماقچى بولدۇم لېكىن جىلىچىلىكتە 113كە ئۇرىۋاپتىمەن !
ۋەي112ما؟
-ياق بۇ 113 ئۈچ !
- ھە خاپا بولماي خوشنىڭىزنى چاقىرۋىتىگە !

ئېنكاسنى يوللاپ بولۇپ قارىسام 114يەردە ئېملا خاتالىق باركەن!115 تىنىچ بەلگىسى كام قويۇلۇپ قاپتۇ . شۇنداق قىلىپ 116قېتىم ئۆچۈرۈپ 117قېتىم كۆچۈرۈپ بۇ  ئېنكاسنى يوللىغىچە ھەچ پەش تېگىچە بۇ تېمىنى 118 ئادەم كۆرۈپ 119 ئادەم ئېنكاس يىزىپ بوپتۇ 120-سى مەنكەنمەن!
[ بۇ يازمىنىgunahkar 2011-06-14 16:56قايتا تەھرىرلىد ]
ھايات مەقسەت ئەمەس، بىر جەريان.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4750
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 188
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە188دانە
ئۆسۈش: 450 %
مۇنبەر پۇلى: 2223 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-03-19
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 18:05

كۆۋرۈك بىلەن تارانچى نىمە دەركىن؟!~~~
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7863
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 49
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە49دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-13
ئاخىرقى: 2011-06-18
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 18:37

خەۋەرنىڭ بەزىرى ياخشى ئەمەس ......
چاقچاق ،،،شىئىرى چاقچاق ..نەسىرى چاقچاق لانىڭ بازىرى ئىتتىك جۇمۇ ھازىر .........
ئامما خاككىرمۇ دەششەرتكەندە..................... دائىم باشقىلارنىڭ خەتلىرىنى ئوغلاپ ئۆز نامىدا سامان يولىغا ئىلان قىلدۇردۇ دەيدۇ ........
بىكار يۇرگەندىن بىكارغا ئىشلە... لىكىن مەن بىكار يۇرگىلى بىر يىل بولدى ...!
دوستلىشىش
ohho~duqu
kvlgenning hemmisi dost emes
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5343
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 629
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە629دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 6431 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-03-27
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 21:41

نىمىدىگەن قىززىق كۈلۈپ ئۈچۈيۈم ئۈزۈلۈپ كەتتى مەن ھازىر 120نىڭ ماشىنىسدا دوختۇرخانىغا 121تېزلىك بىلەن كېتىپ بارىمەن ، كېتىۋاتقاچ ماشىنا 122 قېتىم سىلكىنىم بەدەنلىرىمنى 123 پەرچە قىلىۋەتكۈدەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ ،ئەمدى سامان يولى تورداش مىنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار قىلىشىڭىز قەستەنلىك بولمىسىمۇ قانۇن نۇقتىسىدىن 124ياق 125مىڭ سوم بىلەن 126نىڭ دورىسىدىن ئالغاچ 127نىڭ ئاپتۇبوسىغا ئولتۇرۇپ ، بەرنىسنى 128كىشىدىن سوراپ 129قېتىم يوخلاپ كېلەسىز      
man kangsay azasian
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6261
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 41
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە41دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 445 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-25
ئاخىرقى: 2012-03-23
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 22:48

يىنىمدىكى  130كويغا دارا ئالاي دەپ دوختۇرغا بارسام 131 كوي دەپ  بەرگىلى ئۇنىمدى شۇنىڭ بىلەن قىما  ئويناپ بىر  ئۇتاي دەپ 132 نۇمۇرلۇق لاتارىيە سىتىش  ئورنىغا بىرىپ 133  نۇمۇرنى  سالدودۇرم  .يىنىمدىكى   بىرى 134  چىقىدۇ دەپ مەن بىلەن مۇنازرلەشتى ئئويلىمىغان يەردىن 135 چىقىپ قالدى .ئۇمۇ  ماڭا قالاپ  مەنمۇ  ئۇنىڭغا قالاپ  ئوخشاش 136 نى  سالدۇردۇق
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6261
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 41
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە41دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 445 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-25
ئاخىرقى: 2012-03-23
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 22:49

قىنى باللار داۋام قىلىڭلار
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1533
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1533دانە
ئۆسۈش: 5080 %
مۇنبەر پۇلى: 19086 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-03-26
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 23:25

بۇگۇن 1كۇن ئالدىراشلا خىزمەت بىلەن ئالدىراشلا يۇردۇم ئۇيلاپ باقسام كەڭسايغا كىرمىگىلى 2كۇن بۇپتۇ بۇگۇن كىرمىسەم 3كۇن بۇلوپ كىتىدىغاندەك تۇرىدۇ ئۇيلاپ باقسام سامان يۇلى تارانچى ،تاھىر قاتارلىق 3ئىنىمنى سىغىنىپ قاپتىمەن ،،،مۇنبەرگە دائىم كىرسەم ئىنىلىرىم 4-5بۇلوپ قالغۇدەك ،،،ھەپتىنىڭ 6-7كۇنلىرى دەم ئالسام ئايالىم تىللاپلا كەتمىسە سائەت 8-9غىچە مۇنبەر ئۇينىغىم بار،،،،لىكىن سائەت 10دىن كىيىنلا بىزنىڭ كەمپىر مىنى كۇمپىيۇتۇر ئالدىدىن قۇغلاپ ئاۋارە قىلىدۇ..ئامالسىز 11گىچە ئۇخلاپ كىتىمەن جۇمۇ!!!!!!!!!!!!!   
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2439
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2439دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 28786 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-28
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 23:29

7-قەۋەت (kuwruk) نىڭ يازمىسىغا

سايىماخۇن
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1533
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1533دانە
ئۆسۈش: 5080 %
مۇنبەر پۇلى: 19086 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-03-26
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 23:35

Re:7-قەۋەت (kuwruk) نىڭ يازمىسىغا

[quote]بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى تاھىر نىڭ 2011-06-14 23:29 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  7-قەۋەت (
---ئۇكا زاڭلىق قىلساڭمۇ؟؟؟يۇقارقى تىمىدەك سان -سىفىر ئارقىلىق گىراماتىكىلىق فۇرمىلاغا سىلىپ زاڭلىق قىلمامسەن ۋۇي!