باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2140 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر ئەخلاقى يار لىۋىدىمۇ ؟
پاكىزلىق ئىمانىڭ جۇملسىدۇر .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 690
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 56
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە56دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 750 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-23
ئاخىرقى: 2012-02-12
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-13 19:38

ئۇيغۇر ئەخلاقى يار لىۋىدىمۇ ؟

ھازىر ياشاۋاتقان جەمىئىيتىمىزدە سەلەف-سالىھلارنىڭ ئەدەب-ئەخلاقىدىن بىر نەرسىنى تاپماق خېلىلا تەس . بۇ ، كوچىلاردا مىڭىپ كىشلەرنىڭ ئۆز-ئارا قىلشقان موئامىلىرىنى كۆرگىنىڭىزدە ، يوقاتقان نەرسىلىرىڭىنى تىخمۇ چۇڭقۇر ھىس قىلىسىز . ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنى مۇسۇلمانلار ئەخلاقىغا ماس كىلەمدىغاندۇ؟ دەپ ئويلىنىپ قالىسىز، ۋە ھەيران قالىسىز.
ئەنە شۇ گۈزەل ئەخلاقى سەۋەبى بىلەن نۇرغۇن كىشلەر بۇ دىنغا كىرىشكەن ئىدى ...
سۆزلىرىمىنىڭ ئارىسىدا بىر قىسىم تىل-ھاقارەتلەرنى ئۇچىرتىشىڭلار مۇمكىن . لىكىن بۇ، رىئاللىق تەرىپدىن ماڭىمۇ ،ئۆزىگىمۇ تېڭىلغان ، قەلىب قاتلىرىمىنى تىترەتكەن ، كۆزلىرىمىنى نەملەتكەن ھەقىقى ئەھۋال . پەيغەمبەر ئەلەيھسالامىنىڭ :‹‹ مۆمىندە بېخللىق بىلەن ناچار ئەخلاق بىر يەرگە كەلمەيدۇ ›› دېگەن ھەدىسىنى ئوقۇغاندا ، قانداقمۇ شۇنداق بولمىسۇن ؟!!!!
ئىسلام مەيدانغا كەلگەن ۋاقىتىن تارتىپ ، كىشلەرنى گۈزەل ئەخلاققا ، ئەپۇچانلىققا ، ياخشى مۇئامىلە قىلشقا رىغبەتلەندۇرۈپ كەلدى ، ھەدىس شەرىپلەر ئەشۇ گۈزەل خۇلۇقلار بىلەن بىزىنشىمىزنى تەكىتلىدى . نۇرغۇن ئۆلىمالىرىمىز ئەخلاق ھەققىدە كىتاب يازدى ، سۆزلىدى . شۇنداق ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى مۇھەممەد ئەلەيھسسالام ‹‹ مەن گۈزەل ئەخلاقنى تولۇقلاش ئۆچۈن ئەۋەتلىدىم ›› دېگەن ئەمەسىمىدى ؟
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى ، تائىبنلار زامانسىدىكى مۇسۇلمانلار ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى تۇلۇق ئادا قىلىش ئۆچۈن ئەۋلاتلىرىنى ئوقۇتۇپ ، ئىسلام دىننى تەشۋىق قىلىپ ، ئىسلام دىنىڭ شەرىپىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ ، ئاللاھقا قانداق بەندىچىلىك قىلغاندى ؟ بىزلەر ئىلىم – پەندىن سانائەتتىن ، گۈزەل ئەخلاقلاردىن ، ئادىمىگەرچىلىكتىن خىلىلا يىراقلاشتۇق!!، بىر قىسىم ئالىملىرىمىز ئۆزىمۇ ئەمەل قىلمايدۇ ، ئاممىغا ئۆگەتمەي ، ئاتا- ئانىلار پەرزەتلىرىگە ، چوڭلار كىچىكلەرگە ئۆگەتمەي ، جان بىقىشىنى نەپسنى تويغۇزۇشىنى بىرىنجى تۇتۇپ ، ئاللاھىنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامىنىڭ ‹‹ ئىلىم ئۆگنىڭلار ، خەلىققە ئۆگىتىڭلار ›› دېگەن تاپشۇرۇقىنى ئاياغ –ئاسىتى قىلىپ ، شەخسى تۇرمۇشتىن باشقىنى ئويلىماي ، دىن ئۆچۈن يىغىلىماي ، دىنىڭ ئاقىۋىتى ئۆچۈن قايغۇرماي ، ئىلىمگە ئىتىبارسىز قاراپ پەرزەتلىرىمىزگە ئەدەب –ئەخلاق ۋە ئادىميلىك خسلەتلەربىلەن تەربيلەشكە سەل قاراپ ، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئادەم شەكىلىك ھايۋان دىيەرلىك ھالغا چۈشۈپ قالاي دىدۇق ....
قۇرئانغا ، ھەدىسكە ، ھەقىقى بولغان ئىلىم مەرىپەتكە ئەگىشىپ ئەمەل قىلماي  قەبرىستانلارغا تەلمۈرگىنىمىزنى چوڭ ئىش دەپ قانائەتلەندۇق ، بەزىلەرنىڭ راست –يالغان ئارلاشتۇرۇلغان ئاشۇرما سۆزلىرىنى تەشىۋىق ئورۇندا قوبۇل قىلىدۇق ، ئىلىم- مەرىپەتتىن ئايرىلىپ مەنىۋى قارغۇ بولدۇق ، ئىنسان قىلمايدىغان يامان قىلىقلارنى ، بۇزۇق ئىستىللار بىزدە ئومۇملاشتى ، باشقىلاردىن نۇمۇس قىلمىدۇق .
ساختىپەزلىك قويمىچىلىق ، يالغانچىلىق ، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش ، خىيانەتچىلىك ئوغۇرلۇق ، زىناخۇرلۇق ، چېقىمچلىق ، ئاداۋەتخۇرلۇق ، ھەسەتخۇرلۇق ، جاسۇسلۇق قاتارلىق ئادەمگە نۇمۇس رەزىل ئەخلاقلار بىزلەرگە سىڭىپ كەتتى ، ياش ئەۋلاتلار زەھەرلەندى . بۇ رەزىل قىلمىشلار نەدىن كەلدى ؟ پەقەت ياخشلىققا بۇيرۇشىنى تاشلىغانلىقتىن ، ئىلىم –ئەخلاق ئۈگەتمىگەنلىكتىن ، ئىسلام ئاساسىدا تەربىيە بىرىپ ، نەسىھەت قىلمىغانلىقتىن ، ئىسلام دىننى توغرا تونىمىغانلىقتىن ، ئىسلام دىنىغا خىلاپ يامان ئىشلارغا قارشى تۇرمىغانلىقتىن ، قۇرئاننى توغرا چۈشەنمىگەنلىكتىن ، ئىسلام دىنى توغرا تونىمغانلىقتىن ، ئىلىم ئوقمىغانلىقتىن ، دۇنياغا نېمە ئۆچۈن كەلگەنلىكىمىزنى ، دۇنيادا قانداق ياشاش كىرەكلىكىنى تۇنۇمىغانلىقتىن كەلدى . بۇ تۇغۇرلۇق مۇللا ئالىم كىشلەر ، دىنى ۋە  پەننى زىيالىلار ئاتا-ئانىلار ئاللاھ ئالدىدا مەسئۇل بولۇپلا قالماستىن ، ئاق بىلەن قارىنى ئارىيالايدىغان پۈتۈن مۇسۇلمانلار مەسئۇللۇققا تارتىلىمىز .
ياخشى ئىشلار ( ئىلىم –مەرىپەتلەر ، ھۈنەر –كەسىپلەر ، گۈزەل- ئەخلاقلار ) ئۆزىچە راۋاجلانمايدۇ ، مەلۇم سەۋەب ۋە تىرىشچانلىق ، ئىزدىنشلەر ئاساسىدا تەرەققى قىلىدۇ ۋە مۇكەممەلىشىدۇ .
ئىسلام دىنىدىن باشقا دىندىكىلەر ۋە ئېقىمدىكىلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشكە قىلچە ئۈمۈدى يوق تۇرۇپ ، پەقەت دۇنيادىكى قىسقا مۇددەتلىك ئۆمۈرىنى پاراۋان ئۆتكۈزۈش مەقسىتى بىلەن قىز- ئوغۇل بالىلىرىنى تولۇق ئوقۇتىدۇ ، ئۆزى توغرا دەپ تۇنۇغان كۆز قاراشلىرىنى باشقا مىللەتلەرگىچە تەرجىمە قىلىپ تەشۋىق قىلىدۇ ، ھەتتا تاڭىدۇ . ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى قايىل قىلدۇرىدۇ .
ئەمما بىز مۇسۇلمانلىق داۋاسى قىلۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىككى ئالەملىك بەخىت يولى بولغان دىنىمىزنى ئۆز بالىلىرىمىزغىمۇ ، خۇتۇنلىرىمىزغىمۇ ئۈگەتمەي ئاغىزدىكى مۇسۇلمانلىققا رازى بولساق بولامدۇ ؟ ئويلاپ بىقىش كىرەك ئەلۋەتتە .
(ئاللاھ توسقان يامان ئىشلارنى قىلشتىن تولۇق ساقلىنىش بىلەن بىرگە يەنە كىشلەرنى قىلشتىن تۇسۇش ‍)  دېمەك : كۆزۈمىزگە كۆرۈنمەيدىغان چوڭ دۆشمىنىمىز شەيتان ئادەمىنىڭ ئىدىيسىگە ھەرخىل بۇزۇق ، يامان ھەۋەسلەرنى سالىدۇ ۋە خاتا يوللارغا باشلايدۇ ، قەلبىگە ئىمان ۋە توغرا تۇنۇش ئورۇنلاشمىغان ئادەملەرنى ئۆزىگە قۇشۇن قىلىپ ، ئۇلار ئارقىلىق ئىسلام دىنىمىزغا مىللى ئەخلاق ئىسل بولغان ئەنئەنلىرىمىزگە خىلاپ بۇزۇق ئېتقادلارنى ، يامان قېلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ ،
جەمىئىيەتتە خائىنلىق قىلىش ،بىراۋىنىڭ ما- مۈلىكىنى يۈتىۋىلىش، مۇناپىقلىق زىنا-پاھىشە ، ھاراق –ئىچىش ، ، ئوغۇرلۇق بۇلاڭچىلىق ، باشقىلارنى ئاياغ-ئاستى قىلىش قاتارلىق بۇزۇقچىلىقلار شەيتان ئىغۋا قىلغان ئىشلار بولۇپ ، ئاللاھ بۇ خاتا ئىشلاردىن بەندىلىرىنى  تۇسۇش ئۆچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ، پەيغەمبەرلەر بۇ خاتا ئىدىيەلەرگە ، يامان قىلىقلارغا قارشى كۈرەش قىلدى  ۋە ئۈز ئۈمىتىگە بۇ ئىشلارغا قارشى تۇرۇشنى تاپشۇردى . شۇنىڭ ئۆچۈن دىنىمىزغا خىلاپ، باقىشقلارغا زىيانلىق  بولغان سۆزلەرنى ئاڭلىغان ۋە ئىسلام دىنى چەكلىگەن ھارام ئىشلارنىڭ سادىر بولغىنى كۆرگەن ھەربىر مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئۇنى تۇسۇش ۋەزىپىسى بار .
ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھسسالام بىزگە ئۇلۇغ ئىگىمىزنىڭ ئاللاھىنىڭ ئەمىرىنى يەتكۈزۈپ مۇنداق دىگەن :‹‹ سىلەردىن كىمكى بىرەر يامان ئىشىنى كۆرسە ئۇنى ھەرىكىتى ئارقىلىق توسسۇن ، مۇنداق قىلشقا قادىر بولالمىسا سۆزى ئارقىلىق توسسۇن ، بۇنڭغىمۇ قادىر بولالمىسا ئۇنىڭغا نارازى بولسۇن ، بۇ ئىماننڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجسدۇر ›› (ئىمان مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
ئەمدى بىزدەك يامان سۆز –ھەرىكەتەرگىمۇ نارازىمۇ بولماي ، يامان كۆرمەي ، ئېچىنماي ، بىپەرۋا يۈرگەنلەردە ئىمان بار دىيشكە بولامدۇ ؟ ئاللاھ ئىنساب بەرگەي ! نۇرغۇن ئۆزىنى مۇسۇلمان چاغلايدىغان كىشلەرنىڭ خۇتۇن قىز-بالىلىرى ناماز ئوقۇمايدۇ ، ئىسلامغا زىت ھالدا ياسىنىپ يات ئەرلەرگە ئۆزلىرىنى غىلجىڭلىتىدۇ ، ئۇلۇغ دىنى ئالىمىرىمىز پىتنە- پاسساتتىن ساقلىنىش ئۆچۈن ئاياللارنى مەسجدىلەردە جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشتىن توسقان تۇرسا ، بىزلەر ئاياللىرىمىزنىڭ ئاچا- سىڭللىرىمىزنىڭ ۋە قىزلىرىمىزنىڭ بازارلاردا، كۇلۇپلاردا، دىسكۇخانلاردا ۋە ھەرخىل جامائەت سورۇنلاردا يات ئەرلەر بىلەن ئارلىشىپ ، قىستىشىپ ، چىمدىشىپ ، بۈيۈك ئىسلام ھارام قىلىنغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ يۈرىشىگە نارازى بولمايۋاتمىزۋە  ئىتىبارسىز قاراۋاتىمىز .
پەرزەتلىرىمىزنىڭ ناماز ئوقىماي ، روزا تۇتماي ، گۇناھ سادىر قىلىپ يۈرۈشىگە نارازى بولمايمىز .
ئاڭلىق تەربىيەنى داۋاملاشتۇرۇپ قايىل قىلماي ، ئۇرۇش ، تىللاش ، قىيداش ، دۈشكەللەشتەك ، ناتۇغرا ئۇسۇللارنى قۇللىنىمىز . ئەركىنىلىك باھانىسى بىلەن ياشلار ئىستىل بۇزۇقچىلىقغا دۇچار بولدى .
بەزى قىز- ئاياللىرىمىزدا مەيدانسىزلىق ، بىلىمسىزلىك كۆپ بولدى، چىكىدىن ئاشقان بۇزۇقچىلىق ۋە زىناخۇرلۇق قىلىش بىلەن نۇرغىلغان دادىسى ئىنىق بولمىغان بالىلار تۇغۇلۇپ ، ئۇلار ئانسىنىڭ گەردىنىگە چۈشىتى ، تۇرمۇشىغا ياردەملەشكىلى دادىسى بولمىغانلىقتىن ئانسى قىينالدى ، ھەتتا باقالماي مەسجىدلەرگە تاشلاپ قۇيۇپ خارلاندى . دادىسىز بالىلارنى ئوقۇتقىلى ، ھۈنەر ئۆگەتكىلى ئادەم بولمىغاچ ئۇ بالىلار ياخشى بولغان تەربىيلىنش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىپ  ئوغرى –يانچۇقچى ، پىتىنى –پاساتچى بولدى . دىنىغا تەنە قىلغۇچىلار بۇنى ئويلىمىدى .
خۇتۇنلارنىڭ ئىستىل بۇزۇقلىقى سەۋەبىدىن ئادەم ئۆلتۈرۈش ، باشىقلارنى زەخمىلەندۇرۈشتەك ھادىسلەر يۈز بەردى ، تۆت بەش بالا بىلەن ئاجىرشىپ ، ئائىلە پاراكەندىچىلىكى بولۇپ ، بالىلار ئۆگەينىڭ ئازابىغا تۇتۇلۇپ ، تەربىيسىز ، ئەخلاقىسز ئادەم بۇلدى ، مۇشۇلار ھەممسى زىنا- پاھشىنىڭ ئاقىۋىتى ئەمەسمۇ ؟
ھاراق ئىچىش ئەركىنلىكى بىلەن ياشلار ھاراق بالاسىغا دۇچار بولدى ، نۇرغۇن مۇھىم ۋاقىتلىرىنى مەسلىك بىلەن ، بىخۇدلىق بىلەن ئۆتكۈزدى ، ئىبادەتتىن ، ئوقۇشتىن ، ھۈنەت-كەسپتىن مەھرۇم قالدى . نۇرغۇن ئىقسادلار ۋەيران بولدى ، بەزى ھاراق خۇمارلار بىر نەچچە بالىسى ، خۇتۇنى بارلىقىغا قارىماي ئولتۇرغان ئۆيلىرىنى ، ئۆي سەرەمجانلىرىنى سېتىپ ، ئىچىپ تۈگەتتى ، بۇنىڭ بىلەن ئائىلە بالا چاقلىرى قىينالدى ، ھاراققا پۇل تاپالمىغان ياشلار ئوغۇرلۇق قىلىپ كىشلەرنى يىغلاتتى ،مەسلىك بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىنى ، پۇللىرىنى ئەلگە پايدىلىق ئىشلارغا سەرىپ قىلغان بولسا نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى !!!!؟؟!!!
نائىنساب تىجارەتچىلەر كۆڭلى قارا ھايانكەشلەر جىڭ –تارازىلەردە ئىغىر –ينىك قىلىش ، ساختىلىق قىلىش ، يالغان سۆزلەش ، باشقىلارنىڭ جا-ساختا مىللىرىنى سېتىش ئارقىلىق نۇرغۇن ياۋاش مۇسۇلمانلارنى ، ئۆزىنىڭ دىنداش قىرىنداشلىرىنى زىيانغا ئۇچىراتتى ، ۋىجىدانى ئازاپلانمىدى ، دىنسىزلار نۇمۇس قىلدىغان ئىپلاس قىلمىشلار ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدىغان كىشلىرىمىزدە سادىر بولدى ، دىنىمىز ۋە دۇنيالىقىمىزغا ھەم خەلىقىمىزگە پايدىلىق ئىشلارنى راۋاجلاندۇرماي ، ئىسلام دىنغا خىلاپ خەلىق مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغان يامان ئىشلارغا قارشى تۇرماي ، نارازى بولماي يۈرگىنىمىز ئۆچۈن ھەممىمىز ئاللاھ ئالدىدا جىنايەتكار بولدۇق ، ئاللاھىنىڭ غەزىپىگە لايىق بولغان تۇرۇپ يەنە دۇئايىمىز ئىجابەد  بولمىدى ، ئاللاھ ئانداق مانداق قىلىپ بەرمىدى دەپ ئاللاھقا ئەركىلەيمىز .
رەسۇلۇللاھىنىڭ ئۈممىتى بولمىغان بولساق ، بىز مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ ، ئىنسان قىلمايدىغان يامان قىلمىشلارنى قىلغىنمىز ۋە ۋىجدانسىزلىقمىز تۈپەيلىدىن ئاللاھ بىزنى يەرگە يۇتقۇزۇۋىتەتتى ، ئاللاھ يەنە بىزگە رەھىم قىلىپ ئۇنىڭدىن كىچىكىرەك بالايى مۇسىبەتلەر بىلەن ئاگاھلاندۇردى ، لىكىن ئەقىلسىزلىق ،بىخۇدلۇق قىلىپ جىنايەتتى قول يىغمايۋاتمىز . بىلگەنلەر بىلمىگەنلەرنى توسىمايۋاتىمىز .
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دىگەن ؛‹ دىن ئالىمىلىرى ئاللاھىنڭ مەخلۇقلىرى ئۈستىدىكى ئىشەنچىلىك بەندىلىرىدۇر ›› يەنى خەلىقلەرنىڭ دىن يولىدا مېڭىشىغا موللا- ئالىم كىشلەر مەسئۇل ۋە ئامانەتتۇر ، دىنغا خىلاپ ئىشلارنى تۈزەتمىگەن ۋە قارشى تۇرمىغان موللا ئالىملار خائىن بولىدۇ دېمەكتۇر .
موللا- ئالىملىرىمىز ئاساسىسىز دەلىللەرنى كۆرسىتىپ ، ئەمدى بىزدىن ياخشلىققا بۇيرۇش ، يامانلىقتىن تۇسۇش ۋەزىپسى ساقىت دىيشتى ، گۇيا بۇلار رەسۇلۇللاغا ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە دىن يولىدا خىزمەت قىلىش ، پىداكارلىق كۆرسىتىش توغۇرسىدا ئايەتلەر كەلمىگەندەك .
ئاللاھ ؛ ( مىنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجىرىنى بىلكار قىلۋەتمەيمەن) دىسە .
بىز ئەتىكى كۆشتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى دېدۇق .
بۇ ئەھۋالىمىز بىلەن ئاللاھ بىزنىڭ دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك ئىشىمىزنى ياخشىلسا ، بىشىمىزنى ئوڭشىسا دەيدىغانغا نېمە ھەقىمىز بار؟ دۇئانىڭ ئىجابەد بولۇشى ۋە مەقسەتنىڭ ھاسىل بولۇشى ئۆچۈن ۋاستە كىرەك ، ۋەسىيلەر پەقەت ئاللاھ ۋە ئاللاھىنىڭ پەيغەمبىرى كۆرسەتكەن تائەت –ئىبادەتلەر بىلەن ، ئاللاھ ئورۇنلاشتۇرغان توغرا قانۇنىيەت بۇيىچە ھەر ئىشقا ئۆز سەۋەبىنى قىلشتۇر ،  ئەمەل قىلماي ، بۇيرۇغاننى قىلماي ، ياخشىلارنىڭ رۇھىدىن مەدەت تىلەش ئەمەستۇر .
ئۇللۇغ ئاللاھ ھەممىمىزگە ھىدايەت نۇرى ئاتا قىلسۇن .
تۇرداشلار خاتا كەتكەن ۋە ئارتۇق يەرلىرى بولسا ئىلىمى چۈشەندۇرۈشلەر بىلەن  ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىدۇ، توغرا بولغان ھەرقانداق پىكىرلەر بولسا ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىمەن .

دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7503
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 249
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە249دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 2729 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-21
ئاخىرقى: 2012-03-23

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، قېرىندىشىم بەك ياخشى يېزىپسىز!!! مىھرىبان ئاللاھ ئەجرىڭىزنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!!!                شۇنداق، قېرىنداشلار ئاللاھتىن قورقايلى، ئاۋۋال ئۆزۇمىزدىن، ئاندىن ئەتراپىمىزدىكى كىشلەردىن باشلاپ ئىسلاھ قىلايلى، ئەمەلى ھەركىتىمىز بىلەن ئەخلاقىمىزنى ئوڭشايلى، ئەمەلى ھەركىتىمىز بىلەن گۈزەل ئىسلام دىينىمىزنى يۈكسەلدۈرەيلى!!!     ئىھ ، ئۇلۇغ ئاللاھ بىزگە مەنپەئەتلىك ئىمان، كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن ئامىن!!!
ھايا ئىمان جۈملىسىدىندۇر
hudayim bar himim yuk
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 783
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە783دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 8182 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2012-03-21
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-13 21:29

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن ياخشى تىما يۇللاپسىز.
راس ھەممە ئىشنى ئۇزمىزدىن باشلايلى.بولوپمۇ ئەرلىرىمزدىن
دوستلىشىش
ئاتتللا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7832
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 49
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە49دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 640 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-11
ئاخىرقى: 2012-03-24
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 00:29

ھەي............................................
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7802
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-09
ئاخىرقى: 2011-06-20
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-14 11:22

.ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئاللا  سڭزگە كوپ ئەجىر بەرسۇن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3067
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 30
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە30دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 380 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2011-12-22
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-15 19:38

ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن ، بىزدىكى بەزى  بىر سەۋەنلىكلەرنى تەپسىلى كۆرسىتىپ بىرىپتۇ .
ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلايلى .
دوستلىشىش
ئۆرتەنىم
ئابدۇللا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7888
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 35
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە35دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 355 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-15
ئاخىرقى: 2011-06-30
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-16 07:47

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ قىرېندىشىم،،بىزدىكى مەسىلەرنى ئەينەن تەسۋىرلەپ بىرىپسىز،،اللە بىزنى ھىدايەت قىلسۇن،،،
ئاللاھىم مەغپىرەت قىلغىن،،،گۇناھتىن قول ئۈزىمىز،رەھمىتىڭدىن ئۈمۈدلىنىمىز،،،،،،،،
دوستلىشىش
مۇلايىم
bilmaslik ayip amas,tirix maslik ayip
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7891
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-15
ئاخىرقى: 2011-06-16
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-16 09:40

ئەسسالا مۇ ئەلەيكۇم ياز غان ھەر بىر ھەرىپلىرىىڭىز ئۈ چۈن ئاللا ئەجىر بەر سۇ ن قېرىندىشىم                                                  ئى ئاللا ھەممىىمىز ھەقىيقى بىر ئويغۇنۇش ئاتا قىلغايسەن
ئاللا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش مىنىڭ ئومۇر لۇك نىشانىم