باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 902 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى بەش چوڭ رايون
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5484
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 134
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە134دانە
ئۆسۈش: 2160 %
مۇنبەر پۇلى: 2820 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2011-11-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-13 18:14

ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى بەش چوڭ رايون


     ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتى ، تارىخىي يازما خاتىرىلەر ۋە ئالدىنقى تارىخشۇناسلارنىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇمكى ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا بەش چوڭ مەدەنىيەت رايونى بار ئىكەن. ئالىملار بۇ بەش رايوننى ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت رايونلىرى ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت رايونلىرى دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈپ شەرھلىگەن. ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت رايونلىرى دائىرىسىگە تۆۋەندىكى ئۈچ رايون كىرىدىكەن : 1. غەربىي ئاسىيادىكى ئىككى دەريا ساھىلى (ئىفرات دەرياسى ۋە تىگىر دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ) مەدەنىيەت رايونى(گرك – ياۋروپا تىللىرىدا ‹‹ مىسپوتامىيە ›› دەپ ئاتىلىدۇ). بۇ رايوندا مىلادىدىن بۇرۇنقى 4000 – يىللاردىن ئېتىبارەن بارلىققا كېلىشكە باشلىغان سومېرلىقلارنىڭ ‹‹ سومېر تەسۋىرىي يېزىقى ››، ‹‹ سومېر مىخ تارىخى ››، بابىلۇن ‹‹ مۇرا قانۇنى ››، ئاسسوريلىكلەرنىڭ ئالەمدىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىسىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان بابىلۇندىكى ‹‹ مۇئەللەق باغچا ››ھەمدە ئىككى دەريا ساھىلىدە بارلىققا كەلگەن ماتېماتىكا، ئاستىرونومىيە، كالېندارچىلىق، بىناكارلىق، مېتال تاۋلاش تېخنىكىسى، دېھقانچىلىق، قول ھۆنەرۋەنچىلىك قاتارلىق ساھەلەرنىڭ مۆجىزىلىرى تارىخ سەھنىسىگە مىسلىسىز تەسىر كۆرسەتكەن. 2 . شىمالىي ئافرىقىدىكى نىل دەرياسى ساھىلى مەدەنىي رايونى. بۇ رايوندا ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم بىر يىل 365 كۈن بولىدىغان كالېندارنى كەشىپ قىلغان. قايتا تىرىلىش ۋە قىيامەت سوراقلىرى  توغرىسىدىكى ئەپسانە – قىسسىلەرمۇ مۇشۇ رايوندا بارلىققا كەلگەن. تۇنجى قۇدرەتلىك ئىمپېرىيمۇ نىل دەريا ساھىلىدە بارلىققا كەلگەن. ئالەمگە مەشھۇر مىسىر ئەل ئېھرامى، سان – ساناقسىز مومىيالار، يېزىق يادىكارلىقلىرى مۇشۇ رايون مەدەنىيتىنىڭ ئىزنا بەلگىسىدۇر.  مۇشۇ سەۋەبلىك، گرېك تارىخشۇناسى ھېرودوت (مىلادىدىن بۇرۇنقى 425 – 484 – يىللار) مىسىرنى ‹‹ مىسىر نىل دەرياسىنىڭ بىزگە تارتۇق قىلغان سوۋغىسى ›› دېگەن . 3. ئەنەتكەك (ھىندى) دەريا ساھىلى مەدەنىيەت رايونى. بۇ رايوندا ھىندىلارنىڭ جاھانشۇمۇل ‹‹ ۋىدا ›› شېئىرلار توپلىمى، ‹‹ ماخاپخاراتا ›› ۋە ‹‹ رامايانا ››قەھرىمانلىق ئىپوسلىرى، ‹‹پەنجىنامە›› (‹‹بەشنامە››) بالىلار ھېكايىلىرى، ‹‹كەلىلە ۋە دەمىنە›› ھېكايىلەر توپلىمى، رەڭگارەڭ نوم – دەستۇرلار، تۈرلۈك – تۈمەن بۇت – ئىبادەتخانىلار، ئىنسانىيەت رەقەملىرى، ھەتتا شاھماتمۇ مۇشۇ رايوندا دۇنياغا كەلگەن.
     تاجاۋۇزچىلىق، ئۇرۇش – غەليان ۋە باشقا تۈرلۈك تەبىئىي ھەم ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، يۇقىرىدىكى ئەڭ قەدىمكى ئۈچ رايوننىڭ مەدەنىيتى ئارا يولدا ئۈزۈلۈپ قالغان. ئۇلاردىن بىزگە پەقەت مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ھېكايەتلەرلا قالغان.
     قەدىمكى مەدەنىي رايونمۇ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ: 1. گرېك ( يۇنان ) مەدەنىي رايونى. گىرېتسىيە غەرب مەدەنىيتىنىڭ بۆشۈكى، دەپ سۈپەتلىنىدۇ. ئۇ يەنە ھازىرقى زامان دېموكراتىيە سىياسىتى، غەرب پەلسەپىسى، دۇنيا ئولىمپىك تەنتەربىيە ھەرىكىتى، غەرب سىياسيشۇناسلىقى، غەرب ئەدەبىياتى، دۇنيا تراگېدىيە ۋە كومېدىيىسىنىڭ ئانا تۇپرىقى، ئالەمشۇمۇل ئالىملار بولغان سوقرات، پلاتون، ئارستوتېل، ھېرودوت، شېسكورىت، سنوفىن، ئېسخىل، سوفوكىل، ئېۋرىپىدا، سىترابون، پتولمى، ئارىئەن، ھومېر، ھېسسئود، ئىزوپ، پىلىپپوسⅡ، ئالىكساندىر ماكىدونىسكى (ئىسكەندەر زۇلقەرنەين)، سېلۋىك نېكاتور قاتارلىقلار مۇشۇ رايوندىن چىققان. 2. جۇڭگو خۇاشيا مەدەنىي رايونى. مەشرق ئېلى — جۇڭگونىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتى، كوڭزىچىلىق تەلىماتى، چاڭچىلە سەنئىتى، يىپەكچىلىك مەدەنىيتى، چايچىلىق مەدەنىيتى، سەددىچىن سېپىلى، فارفۇرچىلىق ماھارىتى، خەنزۇچى خەت قاتارلىقلار ئالەمگە مەشھۇر. جۇڭگو مەدەنىيتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، پەيدا بولۇش ۋە شەكىللىنىشىنىڭ تارىخى ئۇزاق، ئىزچىللىق ۋە ۋارىسچانلىققا ئىگە. 3. ھىندى مەدەنىي رايونى. قەدىمكى ھىندىلارنىڭ بۇددا مەدەنىيتى، سانسكرت تىل – ئەدەبىياتى، چايچىلىق تېخنىكىسى، ئۇسسۇل – مۇزىكا سەنئىتى ئىنتايىن مول ۋە تارقىلىشچان بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. ھىندىلارنىڭ دۇنيادا مەدەنىيتى، سانسكرىت تىل – ئەدەبىياتى، چايچىلىق تېخنىكىسى، ئۇسسۇل – مۇزىكا سەنئىتى ئىنتايىن مول ۋە تارقىلىشچان بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. ھىندىلار دۇنيادا ئادەتتە ‹‹ ئەقىل – ئىدراك ساھىبى ›› دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئېيتىلىشىچە، ھازىر ئامېرىكىدىكى داڭلىق 1000 كارخانا ئىچىدە يېرىمى دېگۈدەك ھىندىستاننىڭ يومشاق دېتاللىرىنى ئىشلىتىدىكەن. خەلقئارا بازاردىكى داڭلىق دورا رېتسېپلارنىڭ % 40 ى ھىندىلارنىڭ پاتنېتى ئىكەن.
     ھىندىستان ئەڭ قەدىمكى ئۈچ مەدەنىي رايون بىلەن قەدىمكى ئۈچ مەدەنىي رايوننىڭ ئىككىلىسىدە بار. ئەگەر بۇنى بىر مەدەنىي رايونغا ئىخچاملىساق، ئۇ چاغدا ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا جەمئىي بەش مەدەنىي رايون بار بولىدۇ. ئۇلار غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا، ھىندى، گىرىك ۋە خۇاشيا (جۇڭگو)مەدەنىي رايونىدىن ئىبارەت .

مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

دوستلىشىش
جەڭچى
没有共产党,没有新中国
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1013
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1013دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 10598 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-01-08

  شۇنداقمۇ ؟بىزنىڭ ۋە تۈركىي قەۋىملەرنىڭ يوقكەندە
没有共产党,没有新中国
hudayim bar himim yuk
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 745
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە745دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 7797 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2012-01-05
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-13 21:14

بولدىكەن.