ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 12قەۋەتتىكى oylinish نىڭ 2011-06-13 21:18 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كۈزدە تۈركىيە ئالىي سوتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھىجاپلىنىشىنى چەكلەش پەرمانىنى رەسمىي تەستىقلاپ يولغا قويدى.
خاتا ئاڭلاپسىز. ھازىر تۈركىيەدە ياغلىق مەسىلىسى يوق. ئىلگىرى دۆلەتنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدىكى (دىققەت-ھە، شەخسىي ئالىي مەكتەپلەر ئەمەس) قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياغلىق ئارتىشىنى چەكلەيدىغان بىر بەلگىلىمە بار ئىدى. ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ بۇ بەلگىلىمە ئەمەلدىن قالدى. ھازىر بۇنداق پۇتلىكاشاڭ ئىش يوق.
ئىلگىرى ياغلىق چەكلەنگەن چاغدىمۇ، بىزنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ياغلىق ئۈستىگە يالغان چاچ تاقاپ سىنىپقا كىرىشىمىزگە گەپ قىلمايتتى. ياغلىقىمىز كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ كارى يوقتى. چۈنكى، بۇ ماز بەلگىلىمە ھېچكىمنى قايىل قىلالمايدۇ-دە!
ھازىر تۈركىيەدە ياغلىق ئارتقان قىز ئوقۇغۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى تېز سۈرئەتتە كۆپەيمەكتە.
مەنمۇ ئەنقەرە ئۈنىۋېرسىتىدا ئوقۇيمەن. ياغلىق ئارتماي مەكتەپكە بارغان بىر كۈنۈممۇ يوق. ۋەتەندە ياغلىق ئارتالمىغان ئۇيغۇر قىزلار تۈركىيەدە خاتىرجەم ياغلىق چىگىپ يۈرۈيدۇ.