باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1569 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇنتۇلغان چولپان-جۈرئەت ئوبۇلقاسىم
سەۋەپكاردىن ھەمىڭلارغا سالام
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 80
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە80دانە
ئۆسۈش: 1110 %
مۇنبەر پۇلى: 1625 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2011-12-18
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-13 02:47

ئۇنتۇلغان چولپان-جۈرئەت ئوبۇلقاسىم



جۈرئەت ئوبۇلقاسىم دېگەن بۇ ئىسىم «جىننېس دۇنيا رېكورتى» بىلەن زىچ باغلانغان، شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە ئاۋۋال «جىننېس دۇنيا رېكورتى» ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتۇق.
  • «جىننېس دۇنيا رېكورتى» دېگەن نېمە؟
جىننېس (Guinness 吉尼斯) ئەسلىدە بىر پىۋا زاۋۇتىنىڭ نامى ئىدى. «جىننېس دۇنيا رېكورتى» ناھايىتى تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە بارلىققا كەلگەن. بىر كۈنى زاۋۇت دىرېكتورى Beaver چوشقا ئوۋلاۋېتىپ، ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر قۇشنى كۆرۈپ قالىدۇ. كۆپچىلىك بۇ قۇشنى «ياۋروپادىكى ئەڭ تېز ئۇچىدىغان قۇشمۇ ئەمەسمۇ» دېگەن مەسىلىدە مۇنازىرىلىشىپ قالىدۇ. لېكىن، ئىلگىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق خاتىرە قالدۇرۇلمىغاچقا، بىردەكلىككە كېلەلمەيدۇ.
Beaver ئىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ. 1954-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇ قوشكېزەك ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە «دۇنيادىكى ئەڭ» نى خاتىرىلەيدىغان شىركەت «جىننېس شىركىتى» نى قۇرۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىزمەت رەسمىي باشلىنىپ كېتىدۇ.
1955-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى «جىننېس دۇنيا رېكورتى» قامۇسىنىڭ تۇنجى سانى نەشردىن چىقىدۇ. «جىننېس دۇنيا رېكورتى» دۇنيا رېكورتلىرى ئىچىدىكى باشلامچىلىق ئورنى بىلەن، دۇنياغا بىر خىل قىزىقىش ۋە ئەسەبىيلىك ئېلىپ كېلىدۇ.
«جىننېس دۇنيا رېكورتى» قامۇسى ھەر يىلى بىر سان نەشىر قىلىنىپ، شۇ يىل ئىچىدىكى «دۇنيادىكى ئەڭ» لەرنى خاتىرىلەيدۇ.
«جىننېس دۇنيا رېكورتى» قامۇسى 198 بەتلىك كىتابچە بولۇپ، دائىرىسى تەنتەربىيە، پەن-تېخنىكا، سودا، قۇرۇلۇش، تەبىئەت قاتارلىق 12 ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنگلىز، فرانسۇز، نېمىس، ياپون تىللىرىدا نەشىر قىلىنىدۇ.
  • جۈرئەت ئوبۇلقاسىم كىم؟
جۈرئەت ئوبۇلقاسىم 1971-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلدى. ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە سودا بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ جەرياندا ھالال قان-تەرىگە تايىنىپ ئاز-تولا ئىقتىساد توپلىدى.
1997-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئادىل ھوشۇر چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سەنشيا بوغۇزىغا تارتىلغان سۇ يۈزىدىن 402 مېتىر ئېگىزلىكتىكى 640.7 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پولات ئارغامچىدىن 13 مىنۇت 48 سېكۇنتتا ئۆتۈپ، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى كوچرەين 1995-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى بۇ يەردە ياراتقان 53 مىنۇت 10 سېكۇنتتا ئۆتۈشتەك «دۇنيا جىننېس رېكورتى» نى بۇزۇپ تاشلاپ يېڭى رېكورتنى ياراتقاندىن كېيىن، جۈرئەتتە «پەلەك شاھى» ئادىل ھوشۇرغا نىسبەتەن ھۆرمەت تۇيغۇسى قوزغالدى. ئۇنىڭدىمۇ مەلۇم بىر تۈردە «جىننېس دۇنيا رېكورتى» يارىتىپ، ۋەتەن-خەلققە شەرەپ كەلتۈرۈش ئىستىكى پەيدا بولدى. ئۇ موتسىكلىت مىنىشكە ھەۋەس قىلغاچقا موتسىكلىت مىنىشنىڭ مەلۇم ھالقىسىدا جىننېس رېكورتى ياراتماقچى بولۇپ، «شاڭخەي دۇنيا جىننېس رېكورتى» باش شتابى (قىسمەت قىستۇرمىسى: ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» باش شتابى شاڭخەيدە ئەمەس، لوندوندا . «جىننېس دۇنيا رېكورتى» نىڭ خەنزۇچە نامى 吉尼斯世界纪录، ئاۋۇ شاڭخەيدىكى جىننېس رېكورتىنىڭ خەنزۇچە نامى 上海大世界基尼纪录) دىكى خادىملارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە موتسىكلىت بىلەن جۇڭگونى ئايلىنىپ چىقماقچى بولدى.
  • جىننېس رېكورتى يارىتىش يولىدا
شۇنداق قىلىپ، جۈرئەت زاۋۇتقا ئۆزى بۇيرۇتۇپ ياساتقان «يېڭى قىتئە 新大洲» ماركىلىق موتسىكلىت بىلەن «جىننېس دۇنيا رېكورتى» يارىتىش سەپىرىگە ئاتلاندى.
ئۇ 1998-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەيكۇ شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، 2000-يىلى سائەت نۆلدىن نۆل مىنۇت ئۆتكەندە يەنە شۇ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان خەيكۇ شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، يېڭى ئەسىردىكى تۇنجى «جىننېس دۇنيا رېكورتى» نى ياراتتى.
بۇ جەرياندا ئۇ 436 كۈن يول يۈردى، مەملىكىتىمىزدىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە 312 ناھىيە (شەھەر) نى ئايلىنىپ، 73 مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى باستى.
بۇ جەرياندا ئۇ 260 مىڭ يۈەنگە (بۇنى 1998-2000-يىللاردىكى ئىقتىساد قارىشى بىلەن ھەزىم قىلىڭ) يېقىن چىقىم قىلدى. بۇنىڭ 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراقىنى ئۆزى چىقاردى، 80 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى جەمئىيەتتىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ياردەم قىلدى. 70 مىڭ يۈەندەك پۇلنى قەرز ئالدى. دىلشات، ئابلىمىت ھاجىم قاتارلىق بىر قىسىم تىجارەتچىلەر 5000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە ياردەم قىلدى.
بۇ جەرياندا ئۇ ئادەمزات ئاياغ باسمىغان چۆللەردە يۈردى، ئاي نۇرى باغاشلىغان دالىلاردا تۈنىدى. كۈنلەپ-كۈنلەپ ئاچ قالدى. بۆرىلەرگە ئۇچراپ، قېچىپ قۇتۇلدى. ئىشقىلىپ ئادەمم ئىشەنگۈسىز جاپالارنى ئۇ ئۆزى يالغۇز باشتىن كەچۈردى.
بۇ جەرياندا ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرىبانلىقىغا، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ قىزغىن ياردىمىگە ئېرىشتى. ئەپسۇس، ئۇ جىننېس رېكورتىنى ياراتقان كۈنى يېنىدا تىيىن پۇل يوق ھالەتتە سىرتتا تۈنىدى. ئايالىغا تېلېفون قىلىپ، مۇھەببەتلىك بىر-ئىككى ئېغىز گەپكە ئېرىشەلمىدى.
جىننېس رېكورتىغا ئاتلىنىشتىن بۇرۇنقى بويى 180 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 76 كىلوگرام كېلىدىغان، يۈز مىڭ يۈەنلەپ پۇل تاپقان بۇ يىگىت رېكورت يارىتىلغان كۈنى 54 كىلوگرام كېلىدىغان، جاپادىن مۈكچەيگەن، نەچچە يۈز مىڭ يۈەننى گەدىنىگە ئارتىۋالغان 29 ياشلىق جاپاكەشكە ئايلىنىپ قالدى.
  • خۇلاسە
1997-يىلى ئادىل ھوشۇر جىننېس رېكورتىنى يېڭىلىغاندىن بۇيان، نۇرغۇن ئوت يۈرەك ئوغۇل-قىزلىرىمىز بۇ يولغا كىردى. لېكىن، ئادىل ھوشۇردىن باشقىلار بۇ يولدا ئاساسەن ئۈزۈپ چىقالمىدى. ئادىل ھوشۇر ھېلىھەم دۆلەتنىڭ، خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەت تۆرىدە ياشاۋاتقىنى بىلەن، باشقىلار ئۈن-تىنسىز «يوقاپ» كەتتى.
يازمىمىزنىڭ باش قەھرىمانى جۈرئەت ئوبۇلقاسىم باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر يولنى تاللىغان ئىدى. ئۇنىڭ تاللىغان يولى ھەقىقەتەن جاپالىق، ناھايىتى كۆپ ۋاقىت (436 كۈن سەپەر قىلىش ئاز ۋاقىت ئەمەس)، ئىقتىساد سەرپ قىلىدىغان يول ئىدى. ئاقىۋەت، جۈرئەت ئۆزىنىڭ ھەقىقىي يىگىتلىكىنى نامايان قىلدى. ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بەدەل تۆلىگەن بۇ يىگىت بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇنتۇلۇپ كەتتى.
ئۈچ كۈن ئاۋۋال ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدا ماشىنا ساقلاۋېتىپ جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنى كۆرۈپ قالدىم. ئەھۋاللاشماقچى بولۇپ ئۇ تەرەپكە ماڭدىم-يۇ، ئۇنىڭغا قايتىدىن بىر قاراپ نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى، ئۇنىڭ 40 ياشقا كىرە-كىرمەي تاقىرلىشىپ كەتكەن باشلىرى، مۇڭ باسقان چىرايى ماڭا ئۈنسىز خىتاب قىلىۋاتاتتى: «ھېسسىياتقا تايىنىپ، قىزىققانلىق بىلەن ئىش قىلماڭلار» …
راست، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنى «يەپ كەتتى». جۈرئەت ئۇبۇلقاسىملا ئەمەس، «جىننېس رېكورتى» ئۈچۈن ئاتالمىش «شاڭخەي دۇنيا جىننېس رېكورتى» باش شتابىغا پۇل تۆلىگەن، ئاللىقانداق يېڭىلىقلار ئۈچۈن ۋاقتىنى، ئىقتسادىنى، جېنىنى دوغا تىككەن تالاي ئوت يۈرەكلەر «يىيىلىپ كەتتى».
ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» شىتابى شاڭخەيدە ئەمەس، لوندوندا ئىدى.
ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» باش شتابىنىڭ جۇڭگودىكى تارمىقى شاڭخەيدە ئەمەس، لياۋنىڭدا ئىدى.
ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» بىز بىلىدىغان «ئولىمپىك» تەك دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس باھادىرلارنىلا ئەمەس، دۇنيادىكى «ئەڭ چوڭ بۇرۇت رېكورتى»، «ئەڭ يۇقىرى ئاۋازدىكى كېكىرىش رېكورتى»، «ئەڭ يىراققا سىيىش رېكورتى» دېگەندەك بىمەنە ئىشلارنىمۇ خاتىرىلەيتتى.
ئەپسۇس…
 
http://www.qismet.me/juret_obulqasim.html#comment-2830
نۇپــــــــۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمـــــــۇس كېمىيۋاتىدۇ

(ســـەۋەپـــــــــــــكـــــــار)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1661
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2011-09-17

2001-2002يىللىرىغۇ دەيمەن ئونۋىرسىستتا ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئۇقۇغاندىم بۇ ئۇيغۇر ئەزىمىتىنىڭ ئىشنى. كىيىن نازىلنىڭ بىر ئېلانىدا كۆرگەن. راسىت دىمسىمۇ نۇرغۇنلىغان كىشلىرىمىز <<يىيىلىپ >>كىتۋاتىدۇ
ئاللاھ، ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە ئىيياكە نەستەئىيىن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4557
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 456
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە456دانە
ئۆسۈش: 540 %
مۇنبەر پۇلى: 2979 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-03-28
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-13 11:27

نام-شۆھرەتكە بېرىلىش كىشىگە ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ.
ئۇ قۇرۇق نامنى ئېلىش ئۈچۈن بۇنچە كۆپ بەدەل تۆلەشكە ئەرزىمدۇ؟!
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4797
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 913
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە913دانە
ئۆسۈش: 800 %
مۇنبەر پۇلى: 5411 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-03-29
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-13 14:15

دۆلەت بايرىغى ئىككى خىل ئەھۋال ئاستىدا كۆككە كۆتۈرلىدىكەن.بىرى دۆلتىڭىزگە باشقا ئەل رەئىس جۇمھۇرلىرى كەلگەندە،يەنە بىرى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىكنى ئالغىنىڭىزدا،نىمىدىگەن ھەيۋەت ھە!
ئاما بۇ جىنس رىكورتى بەدەندىكى تۈكنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنىمۇ خاتىرلەۋاتقان.....
ياخشى ئادەم كۆپ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 900
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 6
ئومۇمىي يازما: 540
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە540دانە
ئۆسۈش: 8390 %
مۇنبەر پۇلى: 10624 سوم
تۆھپىسى: 17 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
گۇرۇپپا: kangsay
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-03-29
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-13 14:21

ئۈرۈمچىدىكى  <<تەنھا بۆرە>>رېستۇرانىنىڭ خۇجايىنى جۈرئەت ئوبۇلقاسىم  شۇغۇ دەيمەن -ھە؟
تور بەت ئادرىسىنى بىۋاستە بىسىپ كىرىڭ !
دوستلىشىش
مەنزىرە
ئۆلمىگەن جاندا ئۈمۈد بار......................
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7036
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 440
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە440دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 4692 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-12
ئاخىرقى: 2012-03-18
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-13 18:44

مەن ئۇنتۇپ قالمىدىم،دادىسى ئوبۇلقاسىم (داڭلىق ماتېماتىكا پرافىسسورى) دادىمىزنى بۇلتۇر مەدەنىيەت بوستانى پروگراممىسىدا زىيارەت قىلغان.................
ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.......
hudayim bar himim yuk
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 766
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە766دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 8182 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2012-03-21
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-13 21:33

ئىسمىزدە با بولسا تىىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلانى قىلغۇسى