باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 855 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جانغا زامىن ئىس تۈتەك:1.قىسىم
ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى،بىغەملىك ھايۋاننىڭ&a ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7385
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 107
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە107دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 1275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-14
ئاخىرقى: 2011-06-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 23:15

جانغا زامىن ئىس تۈتەك:1.قىسىم


جانغا زامىن ئىس تۈتەك(1):تاماكا ۋە راك

ئىلاۋە: تاماكىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك ئالۋاستى ئىكەنلىكى ھەتتا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنىڭ ھاراقتىنمۇئېغىر ئىكەنلىكى پۈتۈن دۇنيا تەرپىدىن ئېتراپ قىلىنغان،زور كۆپ قىسىم ئىسلام ئالىملارتەرپىدىن "ھارام" ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ قېرىنداشلىرىمىزئارىسىدا بۇ رەھىمسىز قاتىلغا نىسبەتەن سۈكۈت قىلىش تۇيغۇسى مەۋجۇد. ھازىرجەمىيىتىمىزدە نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن تاماكا چېكىش بىر ئادەتتىكى ئادەتكە ئايلانغان بولۇپ،ھاراق چەكلىنىدىغان نۇرغۇن ئاشخانا،رىستۇران ۋە ئولتۇرۇشلاردىمۇ تاماكاچېكىش ھېچقانداق ئەيىپ سانالماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە.قېرىنداشلارنىڭ تاماكىنىڭ رەھىمسىز قاتىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىلمى پاكىتلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن مەزكۇر بىر يۈرۈش تېمىنى يوللىماقچىمەن. بۇ بىر يۈرۈش تېمىلاردا تاماكىنىڭ سالامەتلىككە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان يېقىنقى بەش-ئالتەيىل مابەينىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار  تۇنۇشتۇرىلىدۇ.

                                                  خەلىقئارا راك تەتقىقات ئاگېنىتلىقىنىڭ يەكۈنى

                                                          گايا ۋىنس(2002-يىلى)6-ئاي

تاماكا چىكىشنىڭ راك بىلەن مۇناسىۋىتى بار يوقلىقى توغۇرلۇق ئېلىپ بېرىلغان زور كۆلەملىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى بەش خىل ئاساسلىق  راك كېسىلىنىڭ بىۋاستەھالدا ئاكتىپ ۋە پاسسىپ(يەنە تاماكا چەككۈچىلەر ئەتراپىدا ياشاش) تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.بۇ بەش خىل راك ئاشقازان راكى،جىگەر راكى، بالىياتقۇ بوينى راكى،بۆرەك راكى ۋە ئاق قان راكىدىن ئىبارەت بولۇپ، مەزكۇر يەكۈننى خەلىقئارا راك تەتقىقات ئاگېنىتلىقى دۇنيا سەھىيەتەشكىلات يېغىنىدا ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلىقئاراراك تەتقىقات ئاگېنىتلىقى ئاكتىپ ۋە پاسسىپ تاماكا چېكىش ۋە راك كېسىلى توغرىسىدىكى تەتقىقات ماقالىسىدىن جەمئى  3000دىن ئارتۇقنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققان بولۇپ،ئاگىنىتلىقتىكى جوناسان سامېتنىڭ ئېيتىشىچە،بۇ خەلىقئارا تەشكىلاتنىڭ تۇنجى قېتىم پاسسىپ تاماكا چېكىشنىڭمۇ ئىنسانىيەتكەناھايىتى زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىكەن.

خەلىقئاراراك تەتقىقات ئاگېنىتلىقى ۋە راك تەتقىقات ئىنىستۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى داۋىدفىلىپپىس مۇنداق دەيدۇ:"بۇ يەكۈن مۇشۇ تۈردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ زور مىقداردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى جۇغلاش نەتىجىسىدە چىقىرىلغان بولۇپ،ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى،تاماكا چېكىش ھەقىقەتەنمۇ 20-ئەسىردىكى تەسىرى زور بولغان ئىجتىمائى ساغلاملىق ئاپەتلىرىدىن بىرى."  خەلىقئارا راك تەتقىقات ئاگېنىتلىقىنىڭ بۇقېتىمقى تەكشۈرۈشىدە تاماكا چېكىشنىڭ سۈت راكى ۋە مەزى بېزى راكى بىلەن بولغان باغلىنىشى توغۇرلۇق ھېچقانداق ئىلمى پاكىت بايقالمىغان.

                                     تاماكاچېكىشنىڭ ئىششىق قايتۇرغۇچ گىنلارغا بولغان تەسىرى

                                                                    نىك فلەمىڭ

تەتقىقاتچىلار راكقا قارشى تۇرغۇچى گىنلارنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ تاماكا چېكىشكە باغلىنىدىغانلىقى توغۇرلۇق پاكىتقا ئىگە بولدى.بۇخىلدىكى ئۆزگىرىشنى كەينىگە قايتۇرۇش راكنى تىزگىنلەشتىكى يېڭى يۈزلىنىش بولۇپقالغۇسى.

بالىياتقۇبوينى راكى بولغان ئاياللاردا يۇقىرى دەرىجىدىكى گىن ئۆزگىرىشى بولىدىغانلىقىنى   كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلىشى مۇمكىن. يەنى ئۇلارنىڭ دې ئىن ئەي سىنىڭ بەزى قىسىملىرىغا چاپلاشقان مېتىن گۇرۇپپىسىP16دەپ ئاتىلىدىغان بىرگىنغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.بۇ گىن دەل ئىششىق پەسەيتىشكە قاتنىشىدىغان گىندۇر.

بۇيەكۈننى تېخىمۇ ئېنىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن،ئەنگىلىيە بېرمىڭخام ئونۋېرستىتىدىن يۇكتىڭ ماتۆت يىلدىن بىرى توپلىغان 1075 نەپەر ئايالنىڭ بالىياتقۇ بوينىدىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىنى قايتا ئانالىز قىلدى.ما بالىياتقۇ بوينى ھۆجەيرىسىدىكى P16نىڭ مېتىنلىشىش ھادىسىسىنىڭ تاماكا چەككۈچىلەردە37%،تاماكا چەكمەيدىغانلاردا 9.3%بولىدىغانلىقىنىبايقىدى.دېمەك تەكشۈرۈش جەريانىدا تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ بالىياتقۇ بوينىدىكى P16نىڭ مېتىنلىشىش ھادىسىسى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 3.7ھەسسە يۇقىرى بولغان.

تەكشۈرۈش جەريانىدا تاماكا تاشلىغان 19نەپەر تاماكا چەككۈچىنىڭ 13 نەپىرىدىكى مېتىنلېشىش ئۆزلۈكىدىن يوقالغان.بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى،تاماكا چېكىش راك پەيداقىلىپلا قالماي،تاماكا تاشلاش ئارقىلىق راك ھۆجەيرىلىرىنى راك پەيدا قىلىشتىن بۇرۇنلا يوقاتقىلى بولىدۇ.
(داۋامى بار)

مەنبە: «يېڭى ئالىملار»ژورنىلى تورى
ئېنگىلىسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئويلان
[ بۇ يازمىنىئويلان 2011-06-13 08:36قايتا تەھرىرلىدى ]
ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.
http://muttakiyn.blogbus.com/
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1459
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1459دانە
ئۆسۈش: 7050 %
مۇنبەر پۇلى: 19579 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-01-08

كۆزگە زامىن سىرچىلىق،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دوستلىشىش
تېكەس
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6224
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 36
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە36دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 400 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-23
ئاخىرقى: 2012-01-06
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-13 00:12

ئاللاھ چەكلىگەن نەرسىلەردىن يىراق تۇرايلى،
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2851
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 509
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە509دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 5337 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2011-10-20
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-13 01:19

مەن  ئەمىدى تاشلاشقا تىرشىمەن رەھمەت سزگە قىرنىدشم
ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى،بىغەملىك ھايۋاننىڭ&a ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7385
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 107
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە107دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 1275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-14
ئاخىرقى: 2011-06-29
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-13 08:27

داۋامى:
                                      تاماكاچېكىش 15مىنۇت ئىچىدىلا دې ئىن ئەيگە خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ.
مۇقىم تاماكا چېكىدىغانلار بىر نەچچە مىنۇت شوراش جەريانىدا ئىشلەپ چىقارغان خېمىۋىي ماددىلار راك بىلەن باغلىنىشى بولغان گىن ۋەيرانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاماكائىسىدا مەۋجۇد بولغان پولى ھالقىلىق ئاروماتىك ھېدروكاربونلار ئۆپكە راكىنىڭ پەردەئارقىسىدىكى ئاساسلىق جىنايەتچىدۇر.بۇ ماددىلار بەدەندە دې ئىن ئەي بىلەن رىئاكسىيلىشىدىغان رادىئاكتىپ مادداھاسىل قىلىپ،راك ھۆجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە كېڭەيتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مىنىسسوتائونۋېرستىتىدىكى ستېفىن خەچت ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى تاماكا چېكىش تارىخى بار12 نەپەر پىدائىينىڭ ھالقىلىق ئاروماتىك ھېدروكاربوننىڭ بىر تۈرى بولغان، دې ئىن ئەيگە باغلىنىدىغان ئەمما راك پەيدا قىلمايدىغان فېنىنتېرىن ناملىق خېمىۋىي ماددا ئورالغان تاماكاچېكىشنى تەلەپ قىلغان.
تاماكاچېكىش داۋامىدىكى ۋە تاماكا چېكىپ بولغاندىن كېيىنكى قان ئەۋرەشكىلىرىنى يىغقاندىن كېيىن،تەتقىقاتچىلار فېنانتېرىن رادىئاكتىۋى مەركەزلەشكەن ئورۇننى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ دېئىن ئەيگە قېتىلىپ كېتىش ۋاقتىنى ئېنىقلىغان.
تاماكا چېكىشنى باشلىغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلاپ 15~30مىنۇتقىچە بولغان ئارلىقتا فېنانتېرىن رادىئاكتىۋى مەركەزلىشىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى باسقۇچقا يەتكەن.بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى تاماكا چېكىپ ئون نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا گىنلارغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلايدۇ.
ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.
http://muttakiyn.blogbus.com/
ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى،بىغەملىك ھايۋاننىڭ&a ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7385
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 107
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە107دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 1275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-14
ئاخىرقى: 2011-06-29
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-13 21:31

داۋامى:

3-خىل راك پەيدا قىلىش ۋاستىسى
جەسىكا ھەمزىلوۋ


ئۆي ئىچىدە لەيلەپ يۈرگەن تاماكا ئىسلىرى ھاۋا تەركىبىدىكى خىمىۋىي ماددىلار بىلەن رىئاكسىيەلىشىپ راك پەيدا قىلىدىغان ئامىلغا ئايلىنىدۇ.كالفورنىيەلوۋرېن بېركىي خەلىقئارا تەجرىبىخانىسىنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۈلۈمىدىكى ئالاھىدە مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى بولغان خۇگۇ دەستەيللاتسنىڭ ئېيتىشىچە،بۇ 3-خىل ۋاستە سالامەتلىككە، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەر تاماكا چېكىش بۈلىمىدىن بىر قىسىم خېمىۋىي ماددىلارنى تاپقان بولۇپ ،بۇ ماددىلەر ئىچىدە راك پەيدا قىلىدىغان خېمىۋىي ماددا NNKمۇبار ئىكەن .گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە،NNKتاماكىدىكى نېكوتىن ھاۋادىكى نىترىت كىسلاتا بىلەن رىئاكسىيەلىشىشتىن ھاسىل بولىدىكەن.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەزەرىيەسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئىككى قۇتىغائايرىم-ئايرىم تاماكا ئىسى ۋە نىكوتىن ئىسى قاچىلاپ،ئاندىن ئۇلارنى نىترىت كىسلاتابىلەن ئۇچراشتۇرغان. نەتىجىدە ھەر ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئوخشاش بىر خىل ماددايەنىNNKھاسىل بولغان.
دەستەيللاتسنىڭ ئېيتىشىچە،نېكوتىن يېپىق مۇھىتتا نەچچە كۈن،نەچچە ھەپتە،ھەتتا نەچچە ئاي مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىكەن. كىچىك بالىلار بۇ خىل مۇھىتتا ئۇزۇن مەزگىل ياشاش داۋامىدا ،بۇ خېمىۋىي ماددا ئۇلارنىڭ تېرىسىدىن ئۆتۈپ، بەدەنگە سۈمۈرىلىدۇ.شۇڭا تەتقىقاتچىلار بۇ يەكۈنىدىن قارىغاندا،كىشىلەر ئۆيدە،ماشىنىدا،ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چەكمەسلىكى، ئۆيگە نىكوتىن سۈمۈرىدىغان گىلەم-كىگىزلەرنى ئالماشتۇرۇشى كېرەك.(ئەلۋەتتە تاماكاچەكمەيدىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا)
ئەلۋەتتە بۇ يەكۈننى ئېنىق قىلىپ جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ.


(ماقالىنىڭ 1-قىسمى شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى.)
ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.
http://muttakiyn.blogbus.com/