باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1933 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يەر شارىدىكى يەتتە چوڭ غەلىتە دەۋا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5711
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 69
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە69دانە
ئۆسۈش: 1460 %
مۇنبەر پۇلى: 1720 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-02-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 17:58

يەر شارىدىكى يەتتە چوڭ غەلىتە دەۋا

يەر شارىدىكى يەتتە چوڭ غەلىتە دەۋا
ئالەم غەلىتىلىك بىلەن تولغان. ھەتتا قۇلاققا مۇزدەك ئاڭلىنىدىغان دەۋالىشىش ئىشلىرىمۇ ئاجايىپ- غارايىپ ۋە تولىمۇ بىمەنە. يېقىندا ئەنگىلىيىدىكى بىر ئاخبارات ۋاستىسى يەر شارىدىكى ئەڭ غەلىتە دەۋادىن 20 نى تاللاپ چىققان. تۆۋەندە بۇنىڭ ئىچىدىكى يەتتىسىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇق.

1. ئايالى سەمىرىپ كەتسە سىملىق تېلېۋىزىيە شىركىتى ئۈستىدىن ئەرىز قىلىش.
2004- يىلى ئامېرىكا ۋىسكونسىن شىتاتىدىكى دېموس دېموچېر دىگەن بىر ئەر شۇ جايدىكى سىملىق تېلېۋىزىيە شىركىتى ئۈستىدىن <<تېلېۋېزور ئايالىمنى سەمىرىتىۋەتتى، باللىرىمنى ھورۇنلاشتۇرۇپ تېلېۋىزور مەستانىسى قىلىپ قويدى>> دەپ ئەرىز قىلغان.دېموچېر مۇنداق دىگەن: مەن ھەر كۈنى ھاراق ئىچىپ تاماكا چېكىمەن.ئايالىم ئۆتكەن تۆت يىل ئىچىدە ھەددىدىن زىيادە سەمىرىپ كەتتى، بۇنىڭ سەۋەبى بىزنىڭ ھەركۈنى دىگۈدەك تېلېۋىزور كۆرگەنلىگىمىزدە.
دېموچېر سىملىق تېلېۋىزىيە شىركىتىدىن تۆلەم ئۈچۈن 5000 ئامېرىكا دوللىرى ياكى ئۈچ دانە كومپىيوتېر بېرىشنى ھەمدە مەڭگۈ ھەقسىز تورغا چىقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ۋە سىملىق تېلېۋىزيە شىركىتى ئادۋوكات تەكلىپ قىلغان. بۇ دېلو يامان غەرەز بىلەن قىلىنغان ئەرىز دىگەن گۇمان بىلەن، ئەڭ ئاخىرىدا سىملىق تېلېۋىزىيە شىركىتى ئۇنىڭ ئۆيىدىكى سىملىق تېلېۋىزيە سىگنالىنى ئۈزىۋېتىش ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرۇلغان.

2. ئادۋوكات ئالاقىسى يېزىپ 440مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىش
2004- يىلى گېرمانىيىلىك ئادۋوكات يۇرگېن. گېلافۇ ياشانغاندا كۈتىنىش سۇغۇرتىسى ئالىدىغان بىر موماينىڭ ۋاكالەتچىسى بولىدۇ. بۇ موماي ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن 287 مىليۇن ياۋرولۇق كىرىم بويىچە باج تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنغان بىر باج تالونىنى تاپشۇرىۋالىدۇ. ئەمىليەتتە بۇ موماينىڭ كىرىمى ئاران 17 مىڭ ياۋرو ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن گېلافۇ ھۆكۈمەتكە بىر پارچە ئادۋوكات ئالاقىسى يېزىپ، ئەھۋالنى بايان قىلغان، بۇ مەسىلىمۇ ھەل بولغان. گېرمانىيىنىڭ قانۇنى بويىچە ئادۋوكاتلىق ھەققى خېرىدارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغان سوممىسى بويىچە ھىساپلىنىدىكەن. شۇڭا ئۇ 440مىڭ 234 ياۋرو ئادۋوكاتلىق ھەققىگە ئېرىشكەن. بۇ ھەقنى دۆلەت ئۈستىگە ئالغان.

3. 20 توننا رېلىسنى ئوغۇرلىسا گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىش
1972- يىلى ئەنگىلىيىنىڭ يوركشېرىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى بىر دېلونى سوتلايدۇ. مەخسۇس قۇرۇلۇش چېقىش كەسپى ھۆددىگىرى لىجناردو. سەيچىۋىك 24 توننا رېلىسنى يۆتكەپ كېتىپ، بىر پويىز ئىستانسىسىنى بۇزىۋەتكەن، دەپ ئەيىپلىنىدۇ. سەيچىۋىك ئۆزىنىڭ قىلغىنىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمما باشقىلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن قىلدىم دەپ چىڭ تۇرىۋالىدۇ. لېكىن ھاۋالە قىلغان تەرەپنى تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ يەنىلا گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

4. ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئۈستىدىن ئالەم تەڭپۇڭسىزلىقىنى بۇزىۋەتتى دەپ ئەرىز قىلىش
2005- يىلى روسىيىلىك يۇلتۇزغا قاراپ پال ئاچقۇچى ئايال مولىنا. بەيئېر ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئۈستىدىن ئالەم تەڭپۇڭلۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى دىگەن سەۋەپ بىلەن ئەرىز قىلىپ، 165مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ ئەرزىدە ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى شۇ يىلى چوڭقۇر سوقۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، كۈزىتىش ئۈسكۈنىسىنى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزغا سوقۇپ، ئۇنىڭدىن تەتقىقات بۇيۇمىغا ئېرىشىش ئۇسۇلىنى <<تېرورلۇق قىلمىشى>> دىگەن. بىراق ئۇنىڭ ئەرزى ئاخىرىدا يەنىلا رەت قىلىنغان.

5. ئادەمنىڭ جىگىرىنى يەپ، قېنىنى ئىچكەن كىشىگە ئاران ئالتە ئايلىق جازا ھۆكۈم قىلىش.
1884- يىلى ئەنگىليىلىك سوتچى خادسون بىر دېلونى سوتلايدۇ. پاراخوت باشلىغى توماس. دۇدېلى بىلەن ماتروس ئەيۋېن. سىتىفىن، يەنە بىر ماتروس رىچاد. پاكنى ئۆلتۈرگەن دەپ ئەيىپلىنىدۇ. ئۇلار كېيپتاۋېندىن سېدنىيغا قاراپ ماڭغاندا، يېرىم يولدا پاراخوت ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئۈچەيلەن بىر قولۋاققا چىقىپ قىرغاقتىن 2500 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر جايغا بېرىپ قالىدۇ. 20 كۈن لەيلەپ يۈرۈپ ئاچلىقتا دۇدېلى بىلەن سىتىفىن بىرلىشىپ، پاكنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يەپ، قېنىنى ئىچىپ ھايات قالىدۇ. لېكىن بۇ ئىككىسىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئەيىپنامىسى ئاخىرىدا ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىشكە ئۆزگىرىدۇ ھەمدە تۈرمىدە جاپالىق ئەمگەككە سېلىنمايدىغان بولىدۇ.

6.قاتىل جىنايەتچىنىڭ تەڭرى مېنى قۇتقازمىدى دەپ ئەرىز قىلىشى
2005- يىلى رومىنىيىدىكى قاتىللىق جىنايىتى بىلەن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر قاتىل جىنايەتچى سوتقا تەڭرى مېنى قۇتقازمىدى دەپ ئەرز قىلىدۇ. ئاخبارات ۋاستىللىرى مۇنداق خەۋەر قىلغان: پاۋېر ئىسىملىك بۇ جىنايەتچى ئۆزىنى ئاقلاپ<<مېنىڭ دىنغا ئېتىقات قىلىشىم- تەڭرى بىلەن كېلىشىم تۈزگەنلىگىم، مەن ھەر كۈنى تەڭرىگە تىلاۋەت قىلىمەن، بۇنىڭغا جاۋابەن تەڭرى مېنى ئازات قىلىشى، مېنى ئاۋارىچىلىققا سالماسلىقى كېرەك. مېنىڭ قاماققا چۈشۈپ قېلىشىم تەڭرىنىڭ خاتالىقى، تەڭرى مېنى ئالدىدى>> دىگەن.بىراق تەپتىش ئەمەلدارى <<تەپتىش مەھكىمىسى تەڭرىنى ئەيىپلىگەن بىلەنمۇ، سوت مەھكىمىسى چاقىرىقنى تەڭرىگە يەتكۈزۈپ بېرەلمەيدۇ>> دىگەن.


7. كانادالىق سوتچى ئۆزىنى- ئۆزى جازالىغان.
1874- يىلى كانادانىڭ ۋېننبو رايونىدىكى بىر يەرلىك سوت ئەمەلدارى فۇلاڭشىس.يېۋانىس. كېنش كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ھاراقنى كۆپ ئىچكەن. بىراق بۇ يەردە باشقا سوتچى بولمىغاچقا، ئۇ ئۆزىنى- ئۆزىنى سوتلاپ، ئۆزىگە بەش ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويغان. ئەمما ئۇ ھۆكۈمنامىگە <<جاۋاپكار فۇلاڭشىس. يېۋانىس. كېنشنىڭ بۇرۇن ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا، جەرىمانە پۇلى كەچۈرۈم قىلىندى >> دەپ يازغان.
دوستلىشىش
ئاتتللا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7832
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 46
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە46دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 640 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-11
ئاخىرقى: 2012-03-24
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 20:18

ئالامەت ئىشلارجىق تىخى