بىر مىھرىبان ئاتنىڭ ئىلتىجاسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!
مەن تۇرپان شەھەر يار يېزا يار مەھەللە(بەشيۇلتۇز) 3-كەنت ئەزاسى ئوسمان بارات. مۇشۇ كۈنلەردە ئاللاھنىڭ ئېغىر سىنىقى، ھاياتنىڭ ئېغىر قىسمىتى، تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقى بىزنىڭ بېشىمىزغا كېلىپ، ئامالسىز ھالدا كۆپچىلىككە شۇ ئىلتىجانى قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن. 2011-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا 3 ياشلىق قىزىم زىلالە تۇيۇقسىز قىزىپ كېتىپ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسى(2-دوختۇرخانا)غا ئېلىپ كېلىپ تەكشۈرتكەنىدۇق. مۇتەخەسىسلەر قىزىمغا ئاق قان كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى دەپ دىئاگنوز قويدى.




قىزىمنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغىنىنى ئاڭلاپ پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر، پۈتۈن يۇرت-مەھەللىدىكىلەر قايغۇغا چۆمدى. بەزىلەر بۇنداق كېسەل ساقايمايدۇ، پۇلمۇ بەك كۆپ كېتىدۇ، داۋالىتىمەن دىسەڭ، قەرزگە بوغۇلۇپ، پۈتۈن ئائىلەڭ خانىۋەيران بوپ كېتىدۇ، ئەڭ ياخشىسى قىزىڭنى قايتۇرۇپ كېلىپ ئۆزەڭ بېقىۋال، دىدى. ئۇ دىگەن بىر جان تۇرسا، ئۇ دىگەن ئادەم تۇرسا، ئۇ دىگەن بالا، شۇنداق ئۇماق، شۇنداق تاتلىق قىز بالا، مېنىڭ بالام تۇرسا، ئۇ دىگەن گۇناھسىز، شۇنچىلىك بىغۇبار تۇرسا. پۇل كېتىشتىن قورقۇپ، پۇلنى دەپ بالامنى داۋالاتمىسام، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئېغىر گۇناھ ئەمەسمۇ؟ ئۇ چاغدا مەن ئادەمگە، بىر دادىغا ئوخشىماي قالمامدىمەن. قىزمغا، ئۇنىڭ ئاپىسىغا ۋە باشقا بالىلىرىمغا قانداقمۇ يۈز كېلەلەيمەن. بىر بالىنىمۇ ساق-سالامەت چوڭ قىلالمىسام، يۇرت-خەلقىمگە قانداقمۇ جاۋاب قايتۇرالايمەن.


مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر قانداق بوپ كېتىشىمىزدىن قەتئىنەزەر قىزىمنى داۋالاپ ساقايتىش نىيىتىگە كەلدۇق. كۈنىگە 3000 يۈۋەندىن داۋالاش ھەققى كېتىۋاتىدۇ. ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم قان يۇۋاتىدۇ. قان سېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا چىقىش قىلىپ بولالماي، مەن ۋە بالىنىڭ ئاپىسى ھەقسىز قان تەقدىم قىلىپ، قىزىمنى ھەقسىز قان سېلىشتىن بەھرىمان قىلدۇق. بىراق داۋالاش ھەققى بىزدەك بىر دىھقاننى ھالسىرىتىپ قويدى. مەن ئۇرۇق-تۇققان جەددى-جەمەتىمدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، 40 مىڭ يۈۋەندەك پۇل ئارىيەتكە ئالدىم، بۇمۇ تۈگىدى. يەرلىكتىكى خەلق ئىشلار ئىدارىسى 3000 يۈۋەنلا ياردەم قىلالايدىكەن. تېرىۋاتقان يېرىمنى 30 مىڭغا ساتتىم، بۇمۇ تۈگىدى. تۇرىۋاتقان ئۆيىمنى 70مىڭغا ساتتىم، بۇمۇ تۈگەش ئالدىدا تۇرىدۇ. قىزىل كىرىست جەمئىيىتى 30 مىڭ يۈەن ياردەم بېرەرمىش، بىراق بىز تېخىچە رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ بولالمايۋاتىمىز. دوختۇرنىڭ دىيىشىچە، قىزىمنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىشتىن ئۈمۈد باركەن. بىرىنچى باسقۇچلۇق داۋالىنىش ۋاقتى 6 ئاي بولۇپ، داۋالىنىش ھەققىگە 300 مىڭدىن كۆپرەك پۇل كېتىدىكەن. قىزىم ھەر قېتىم «دادا، قاچان ئۆيگە كېتىمىز؟ ئۆيگە كېتەيلىلا!» دىگىنىدە، شۇ سەبىي بالامغا قاراپ، «ئەتىلا كېتىمىز، بالام» دىگىنىمچە تۆكۈلۈپلا كېتىمەن. ئىقتىساددىي قىيىنچىلىق قىزىمنىڭ نورمال داۋالىنىشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە، مەندەك مىھرى ھالال بىر دادىنى باش-ئەگدۈرۈپ، كۈن-تۈن ئېغىر غەمگە پاتقۇزماقتا. قېرىنداشلارنىڭ ئاز-تۇلا ياردەم قۇلىنى سۇنۇپ، قىزىم زىلالەنىڭ تېزرەك ساقىيىشىغا مەدەت بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.


ئالاقىلاشقۇچى: بالىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى: ئوسمان بارات بالىنىڭ ئاپىسىنىڭ ئىسمى: مىھرىگۈل
ئادرىسى: ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسى(2-دوختۇرخانا) جىددىي كېسەللەر بالىنىست بىناسى 7-قەۋەت بالىلار بىرىنچى بۆلۈمى 14-كارۋات، ياتاق تېلفۇنى: 09918521947 قول تېلىفۇن: 15999166492
خالىسانە ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلار تۆۋەندىكى كارتاىغا ئىئانە قىلسڭلارمۇ بولىدۇ.
银行帐户名:吾斯曼.巴拉提 中国农业银行卡号:6228483690606384316
بۇ قىز ئۇيغۇرنىڭ قىزى جۇملدىن ھەممىمزنىڭ قىزى مەن بۇ مۇراجەتنى روھلان توربىتىدە
كۆرۇپ قىلىپ كەڭسايغا كۆچۇردۇم ئىشىنمەن كەڭسايدىمۇ نۇرغۇن ئاق كۆڭۇل
قىرىنداشلىرىمىزبار،تاما-تاما كۆل بولار قىرىنداشلار...بۇنداق ئىغىر كۇنلەرنى
بىزنىڭ بىشىمىزغاچوقۇم كەلمەيدۇ دىيەلمەيمىز ،شۇڭا ياردەمنى ئۆزۇمدىن باشلىۋەتتىم ئەمسە.
[ بۇ يازمىنىنۇرى 2011-06-12 18:06قايتا تەھرىرلىدى ]