باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2007 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كوميۇتېر دىگەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1266
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 49
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە49دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 610 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-28
ئاخىرقى: 2011-09-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 16:10

كوميۇتېر دىگەن

مەن بۇ تېمىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇنداق بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى
ھازىر  جەمىيەت تەرەققىي قىلىپ كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشى ياخشىلىنىش بىلەن كومپيۇتېر سېتىۋالىدىغانلار كۆپەيمەكتە، ھەمدە ئىشلەتكىلى بىر نەچچە يىل بولغان بولغان كوميۇتېرلارنى ئەرزان باھادا سېتىۋېتىپ قايتا سەپلىمىسى ياخشى كومپيۇتېرلارنى سېتىۋالماقتا، شۇ سېتىۋەتكەن كونا كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېسكىسى بىلەنلا سېتىۋېتىدۇ،  بىلسىڭىز سىز بۇرۇن ئىشلەتكەن شۇ قاتتىق دېسكىدا سىزنىڭ قانچىلىغان مەخپىيەتلىكىڭىزنىڭ ساقلانغانلىقىنى بىلەمسىز، بۇ ئىشقا دىققەت قىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز. سىز ئىشلەتكەن ۋاقتىڭىزدا گاھىدا باشقىلارغا كورسىتىشنى خالىمايدىغان رەسىملەر، ھەم بانكا ھىسابات نومۇرى ھەم بەزى مەخپىي نومۇر  ۋاھاكازالار.
توغرا سىز سېتىۋېتىشتىن بۇرۇن قاتتىق دېسكىنى فورماتلىۋەتسەملا ئۇ نەرسىلەر پۇتۈنلەي يوقايدۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمايدۇ، ھازىر ناھايىتى ياخشى بولغان ئەسلىگە كەلتۈرۈش يۇمشاق دېتاللار بار، ناۋادا شۇنداق دېتاللار بىلەن سىز سېتىۋەتكەن قاتتىق دېسكىنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بۇرۇنقى ھەممە مەخپىيەتلىكلەر مانا مەن دەپلا چىقىپ قالىدۇ، سىز ھەتتا قاتتىق دېسكىنى رايونلارغا قايتا ئايرىپ فورماتلاپ يوقىتىۋەتسىڭىزمۇ بىكار
مەن تېخى 2 كۈن بۇرۇن بىر ساۋاقدىشىمنىڭ كومپيۇتېرىدىكى يۇتۈپ كەتكەن ماتېرياللىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان رەسىملەر ئەسلىگە كېلىپ قالدى، ساۋاقدىشىم بۇ رەسىملەر مېنىڭ ئەمەس دەيدۇ، سورىسام بۇ كومپيۇتېرنى بىر ئاي بۇرۇن خەقنىڭ قولىدىن سېتىۋالغانلىقىنى دىدى، كومپيۇتېرنىڭ بۇرۇنقى ئىگىسى نۇرغۇنلىغان شەخسى ماتېرىياللىرىنى ساقلىغان ئىكەنتۇق، ھەتتاكى باشقىلار كۆرۈشكە بولمايدىغان شەخسىي رەسىملەرمۇ ئاشكارلىنىپ چىقتى، مانا مۇشۇنداق ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كومپيۇتېرنىڭ ھەرقانداق زاپچاسلىرىنى ساتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن قاتتىق دېسكىنى ھەرگىز ساتماڭ
يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۇپ كەتسە سىزگە ئاۋارىچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن،
جىنايەتچىلەرمۇ خۇددى كومپيۇتېر ئارقىلىق جىنايەت سادىر قىلسا چوقۇم كوميۇتېرنىڭ قاتتىق دېسكىسىنى سۇغا تاشلىۋېتىش ياكى ئۇرۇپ چېقىپ پۈتۈنلەي ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ يىپ ئۇچىنى يوقىتىدۇ،
قاتتىق دېسكا دىگەن شۇنداق مۇھىم نەرسە ئۇنىڭغا يېزىلغان ھەرقاندان سانلىق مەلۇماتنى مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈش مۇمكىن ئەمەس
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5484
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 146
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە146دانە
ئۆسۈش: 2330 %
مۇنبەر پۇلى: 3050 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-03-25
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-13 18:19

ساتماقچى بولغاندا كوميۇتېرىڭىزنىڭ قاپقىقىنى ئىچىپ ئىچىدىن قاتتىق دىسكىنى چىقىرۋالسىڭىز ئىش تاتمام.
ئورنىغا يېڭىدىن بىرنى سەپلەپ قويىمىز ئەلۋەتتە بولمىسا ئۇنى كىم ئالىدۇ..ھى ھى
مەخپىيەتلىكى يوقلارغا بۇ نداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.