باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 6410 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: شاپاق غاجىغانلار...
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1305
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1305دانە
ئۆسۈش: 1650 %
مۇنبەر پۇلى: 14393 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-01-12
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 10:27

شاپاق غاجىغانلار...

كەڭساي ئەپەندىنىڭ شۇنداق بىر  ئارزۇسى باركەن، مۇشۇ كەڭساي مۇنبىرىدىكى ئەزالارنىڭ ھەممىسىنى بىر جەم قىلىپ ساياھەت قىلغاچ ، غۇلجىنىڭ ئىچىنى بىر ئايلىنىپ چىقسام دەيدىغان، ياز كەلدى ئەمەسمۇ ، ھەممە يەر ئىسسىق، بىلسەم -بىلمسەم ئىلى دەريا بويلىرى قىزىپ كەتتى مۇشۇ تاپتا...... لېكىن بۇ ئىشلارمۇ ئاسانغا چۈشمەيدۇ، نېمىشقا دېمەمسىز؟ دېمىسەممۇ ھەممىمىز بىلىمىز، مۇنبەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا غۇلجىدىن بولۇشى ناتايىن،خىزمەت، تىجارەت دېگەندەك تۇرمۇش ئىشلىرى سەۋەبلىك مۇنبەرداشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يىغىلىپ،غۇلجىغا بىرلا ۋاقىتتا بېرىشىمىز.
كەڭساي ئەپەندىمۇ ئۇيان- بۇيان ئويلىمايلا گېنېرالغا دەپتۇ:
-مۇشۇ غۇلجىدىكى مۇنبەرداشلارنى بولسىمۇ بىر يىغىپ ئايلىنىپ كەلسەك ، دەپچۇ. بۇ گەپ گېنېرالغىمۇ تازا خۇشيېقىپ، مۇنبەردىكى غۇلجىلىق بالىلاردىن بىرمۇنچىنى چاقىرىپ كېلىپ، تارانچىغا دېگەنىكەن، تارانچى ئۆيىگە تەكلىپ قىپتۇ، تارانچىنىڭ ئۆيى سەھرادا بولۇپ قوغۇن - تاۋۇزلا تېرىيدىكەن. شۇنداق قىلىپ بىركۈنى ئەتىگىنى ھەممىسى يىغىلىشىپ تارانچىنىڭ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ.تارانچىنىڭ دادىسىمۇ بەك مېھماندوست كىشىكەنتۇق، شۇنداق قىزغىن قارشى ئاپتۇدە،ئاتايىن مۇنبەرداشلار يىغىلىپ كەپتۇ دەپ، ھەم ئۇلارنى مېھمان قىلىپ قورساقنى تويغۇزغاندىن كېيىن، ئۇدۇل تاۋۇز-قوغۇن تېرىيدىغان ئېتىزىغىلا باشلاپ، تارتىنىپ قالمىسۇن دەپ ئۆيىگە كىرىپ كېتىپتۇ، كەڭساي ئەپەندى، گېنېراللارمۇ بىردەم ئارام ئالايلى، مۇنبەردە بەك چارچاپ كەتتۇق  دەپ ئۇخلاپ قاپتۇ.
كەچ تەرەپتە تارانچىنىڭ دادىسى چىقىپ قارىسا، مۇنبەردىكىلەر تاۋۇز-قوغۇننىڭ يەيدىغىنىنى -يەپ، يەپ بولالمىغانلىرىنى بۇزۇپ- چېقىپ، دەسسەپ دېگەندەك ھەممىسىنى كاردىن چىقارغانىكەن، ئۇ ئاكىمىزنىڭ ئاچچىقى كېلىپ كەڭساي ئەپەندىنى ئويغۇتۇپ كەپتۇ ھەم بۇزۇلغان تاۋۇز-قوغۇنلارنى تۆلەپ بېرىشنى، بىريىللىق كىرىمىنىڭ مۇشۇ تاۋۇز-قوغۇندىن كېلىدىغىنىنى ئېيتىپتۇ، كەڭساي ئەپەندىمۇ ناھايىتى خىجىل بولۇپ، بىللە كەلگەنلەرنىڭ تۆلەيدىغىنىنى ئېيتىپ ، ئىككى كۈندىن كېيىن پۇلنى ئەكىلىپ بېرىمىز دەپ كېتىپتۇ.
كەڭساي ئەپەندى ساياھەتكە ئېلىپ بارغان مۇنبەرداشلارنى ئىشخانىسىغىلا ئەكەپتۇ ۋە گېنېرالدىن ئۇلاردىن بۇزغان نەرسىلەرنىڭ پۇلىنى ئېلىشنى سوراپتۇ، گېنېرالمۇ گېنېرالدەك گېنېرالدە،كېلىپلا:
- تاۋۇز يېگەنلەر بۇ تەرەپتە، قوغۇن يېگەنلەر بۇ تەرەپتە تۇرۇڭلار، دېسە، سامانيولى قاتارلىق بىر نەچچىسى تاۋۇز يېگەن تەرەپكە، كۆۋرۈك،شابان قاتارلىق بىرنەچچىسى قوغۇن يېگەن تەرەپكە ئۆتۈۋاپتۇ، ئوغلان ئوتتۇرىدا جىملا تۇرغان، گېنېرال بۇ ھېچنىمىنى بۇزمىغان چېغى، ئۆزىمۇ ياۋاش بالىتى دەپ يېنىغا كېلىشىگىلا ئوغلان تىترىگەن ھالدا:
- گېنېرال، شاپاق غاجىلىغانلار قايسى تەرەپتە تۇرىمىز ؟ــ دېگۈدەك.....


چاقچاق جۇما، ئاڭلىۋالغان يۇمۇرلىرىمغا ئانچە-مۇنچە قوشۇپ قويدۇم...غۇلجىلىق دوستلار چاقچاق كۆتۈرىسىلەرغۇ ھە؟ ھى ھى ھى...
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
گېنېرال ئىملانى تۈزەتتى.
ئۇيغۇر تىل-يېزىقىمىزنى ھۆرمەت قىلايلى!
[ بۇ يازمىنىgeneral 2011-06-12 17:03قايتا تەھرىرلىدى ]
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5284
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 29
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 310 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2011-06-14
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 13:36

ئېشەك ھارۋۇنى 190گە چىقىرىپ ھەيدىگەن سەھرالىقنى قاتناش ساقچىسى توسىۋىلىپ ئېشەك ھارۋۇنىڭ سۈرئىتى 150دىن ئىشىپ كەتسە 300سوم جەرىمانە قويىدىغانلىقى ئېيتىپتۇ ۋە   بۇ پۇلنى چىش ئاغرىقىنىڭ دەردىنى تارتىپ بولالمايۋاتقان ئامانشاھنىڭ ياقسىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ ئاپتۇ ! يېنىدا بىر تىن قالمىغان ئامانشا شۇ ھالاتتە دوختۇر بىلەن 250سومغا چىش تاتقۇزىدىغاننى كېلىشىپتۇ ۋە چىشىنى تاتقۇزۇپ پۇل تۆلەيدىغان چاغدا كاستۇمۇم ئۆيدە قاپتۇ دەپ چىشقىدەك تاياق يەپتۇ !   چىش دوختۇرى ئامانشاھنى ئۇرۇپ قالغان ئوتتۇز بىر چىشىنىمۇ تۆكۈۋىتىپتۇ ۋە بىر چىشقا 250سومدىن ھېساپلاپ ئامانشاھنى 7750سوم قەرىز قىلىپ ھۆججەت يازغۇزىۋاپتۇ .   (ۋاي ۋۇي نېمدە ئۇزۇن يۇمۇر بۇ ) كۈلىدىغان يېرىدىن ئۆتۈپ كەتتۇم يا تېخى كەلمىدىممۇ بىلمىدىم .
ئىتتىپاقلىقىمىز كىمنىڭ ئارامىنى بۇزغان بولسا ئىتتىپاقسىزلىقىمىزدا شۇنىڭ قولى بار!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5284
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 29
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 310 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2011-06-14
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 17:30

گېنرال مۇنبەردىكى يىغىنغا  كېچىكىپ  قاپتۇ ! كەيساينىڭ ئاچچىغى كېلىپ گېنرالنى ئەيىپلەپ كېتىپتۇ !
_ گېنرال تۇرۇپ ھەربىي تۈزۈمگە رىئايە قىلماي كەلگەن ۋاقتىڭ مۇشۇمۇ ! قولۈلۈدەك لۈمشۇپ يۇرگىچە ھېچ بولمىسا تاشپاقىدەك بولسىمۇ ئىلدامراق بولغان بولساڭ ....................
گېنرال دۇدۇقلاپ چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ !
_يامغۇردا ئالدىغا بىر قەدەم ماڭسام كەينىمگە ئىككى قەدەم يېنىپ شۇڭا كېچىكىپ قالدىم !
  كەڭساي :
_يالغان سۆلىمە سەن دېگەندەك بولسا سەن مۇنبەردىن بارغانچە يىراقلاپ كەتمەمسە!
گېنرال:
_ كېيىن بۇنىڭمۇ ئامالىنى تاپتىم ! كەينىچىلاپ مېڭىپ كەلدىم!  
ئىتتىپاقلىقىمىز كىمنىڭ ئارامىنى بۇزغان بولسا ئىتتىپاقسىزلىقىمىزدا شۇنىڭ قولى بار!