كەڭساي ئەپەندىنىڭ شۇنداق بىر ئارزۇسى باركەن، مۇشۇ كەڭساي مۇنبىرىدىكى ئەزالارنىڭ ھەممىسىنى بىر جەم قىلىپ ساياھەت قىلغاچ ، غۇلجىنىڭ ئىچىنى بىر ئايلىنىپ چىقسام دەيدىغان، ياز كەلدى ئەمەسمۇ ، ھەممە يەر ئىسسىق، بىلسەم -بىلمسەم ئىلى دەريا بويلىرى قىزىپ كەتتى مۇشۇ تاپتا...... لېكىن بۇ ئىشلارمۇ ئاسانغا چۈشمەيدۇ، نېمىشقا دېمەمسىز؟ دېمىسەممۇ ھەممىمىز بىلىمىز، مۇنبەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا غۇلجىدىن بولۇشى ناتايىن،خىزمەت، تىجارەت دېگەندەك تۇرمۇش ئىشلىرى سەۋەبلىك مۇنبەرداشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يىغىلىپ،غۇلجىغا بىرلا ۋاقىتتا بېرىشىمىز.
كەڭساي ئەپەندىمۇ ئۇيان- بۇيان ئويلىمايلا گېنېرالغا دەپتۇ:
-مۇشۇ غۇلجىدىكى مۇنبەرداشلارنى بولسىمۇ بىر يىغىپ ئايلىنىپ كەلسەك ، دەپچۇ. بۇ گەپ گېنېرالغىمۇ تازا خۇشيېقىپ، مۇنبەردىكى غۇلجىلىق بالىلاردىن بىرمۇنچىنى چاقىرىپ كېلىپ، تارانچىغا دېگەنىكەن، تارانچى ئۆيىگە تەكلىپ قىپتۇ، تارانچىنىڭ ئۆيى سەھرادا بولۇپ قوغۇن - تاۋۇزلا تېرىيدىكەن. شۇنداق قىلىپ بىركۈنى ئەتىگىنى ھەممىسى يىغىلىشىپ تارانچىنىڭ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ.تارانچىنىڭ دادىسىمۇ بەك مېھماندوست كىشىكەنتۇق، شۇنداق قىزغىن قارشى ئاپتۇدە،ئاتايىن مۇنبەرداشلار يىغىلىپ كەپتۇ دەپ، ھەم ئۇلارنى مېھمان قىلىپ قورساقنى تويغۇزغاندىن كېيىن، ئۇدۇل تاۋۇز-قوغۇن تېرىيدىغان ئېتىزىغىلا باشلاپ، تارتىنىپ قالمىسۇن دەپ ئۆيىگە كىرىپ كېتىپتۇ، كەڭساي ئەپەندى، گېنېراللارمۇ بىردەم ئارام ئالايلى، مۇنبەردە بەك چارچاپ كەتتۇق دەپ ئۇخلاپ قاپتۇ.
كەچ تەرەپتە تارانچىنىڭ دادىسى چىقىپ قارىسا، مۇنبەردىكىلەر تاۋۇز-قوغۇننىڭ يەيدىغىنىنى -يەپ، يەپ بولالمىغانلىرىنى بۇزۇپ- چېقىپ، دەسسەپ دېگەندەك ھەممىسىنى كاردىن چىقارغانىكەن، ئۇ ئاكىمىزنىڭ ئاچچىقى كېلىپ كەڭساي ئەپەندىنى ئويغۇتۇپ كەپتۇ ھەم بۇزۇلغان تاۋۇز-قوغۇنلارنى تۆلەپ بېرىشنى، بىريىللىق كىرىمىنىڭ مۇشۇ تاۋۇز-قوغۇندىن كېلىدىغىنىنى ئېيتىپتۇ، كەڭساي ئەپەندىمۇ ناھايىتى خىجىل بولۇپ، بىللە كەلگەنلەرنىڭ تۆلەيدىغىنىنى ئېيتىپ ، ئىككى كۈندىن كېيىن پۇلنى ئەكىلىپ بېرىمىز دەپ كېتىپتۇ.
كەڭساي ئەپەندى ساياھەتكە ئېلىپ بارغان مۇنبەرداشلارنى ئىشخانىسىغىلا ئەكەپتۇ ۋە گېنېرالدىن ئۇلاردىن بۇزغان نەرسىلەرنىڭ پۇلىنى ئېلىشنى سوراپتۇ، گېنېرالمۇ گېنېرالدەك گېنېرالدە،كېلىپلا:
- تاۋۇز يېگەنلەر بۇ تەرەپتە، قوغۇن يېگەنلەر بۇ تەرەپتە تۇرۇڭلار، دېسە، سامانيولى قاتارلىق بىر نەچچىسى تاۋۇز يېگەن تەرەپكە، كۆۋرۈك،شابان قاتارلىق بىرنەچچىسى قوغۇن يېگەن تەرەپكە ئۆتۈۋاپتۇ، ئوغلان ئوتتۇرىدا جىملا تۇرغان، گېنېرال بۇ ھېچنىمىنى بۇزمىغان چېغى، ئۆزىمۇ ياۋاش بالىتى دەپ يېنىغا كېلىشىگىلا ئوغلان تىترىگەن ھالدا:
- گېنېرال، شاپاق غاجىلىغانلار قايسى تەرەپتە تۇرىمىز ؟ــ دېگۈدەك.....
چاقچاق جۇما، ئاڭلىۋالغان يۇمۇرلىرىمغا ئانچە-مۇنچە قوشۇپ قويدۇم...غۇلجىلىق دوستلار چاقچاق كۆتۈرىسىلەرغۇ ھە؟ ھى ھى ھى...
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
گېنېرال ئىملانى تۈزەتتى.
ئۇيغۇر تىل-يېزىقىمىزنى ھۆرمەت قىلايلى![ بۇ يازمىنىgeneral 2011-06-12 17:03قايتا تەھرىرلىدى ]