باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 6406 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: شاپاق غاجىغانلار...
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1305
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1305دانە
ئۆسۈش: 1650 %
مۇنبەر پۇلى: 14393 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-01-12
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 10:27

شاپاق غاجىغانلار...

كەڭساي ئەپەندىنىڭ شۇنداق بىر  ئارزۇسى باركەن، مۇشۇ كەڭساي مۇنبىرىدىكى ئەزالارنىڭ ھەممىسىنى بىر جەم قىلىپ ساياھەت قىلغاچ ، غۇلجىنىڭ ئىچىنى بىر ئايلىنىپ چىقسام دەيدىغان، ياز كەلدى ئەمەسمۇ ، ھەممە يەر ئىسسىق، بىلسەم -بىلمسەم ئىلى دەريا بويلىرى قىزىپ كەتتى مۇشۇ تاپتا...... لېكىن بۇ ئىشلارمۇ ئاسانغا چۈشمەيدۇ، نېمىشقا دېمەمسىز؟ دېمىسەممۇ ھەممىمىز بىلىمىز، مۇنبەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا غۇلجىدىن بولۇشى ناتايىن،خىزمەت، تىجارەت دېگەندەك تۇرمۇش ئىشلىرى سەۋەبلىك مۇنبەرداشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يىغىلىپ،غۇلجىغا بىرلا ۋاقىتتا بېرىشىمىز.
كەڭساي ئەپەندىمۇ ئۇيان- بۇيان ئويلىمايلا گېنېرالغا دەپتۇ:
-مۇشۇ غۇلجىدىكى مۇنبەرداشلارنى بولسىمۇ بىر يىغىپ ئايلىنىپ كەلسەك ، دەپچۇ. بۇ گەپ گېنېرالغىمۇ تازا خۇشيېقىپ، مۇنبەردىكى غۇلجىلىق بالىلاردىن بىرمۇنچىنى چاقىرىپ كېلىپ، تارانچىغا دېگەنىكەن، تارانچى ئۆيىگە تەكلىپ قىپتۇ، تارانچىنىڭ ئۆيى سەھرادا بولۇپ قوغۇن - تاۋۇزلا تېرىيدىكەن. شۇنداق قىلىپ بىركۈنى ئەتىگىنى ھەممىسى يىغىلىشىپ تارانچىنىڭ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ.تارانچىنىڭ دادىسىمۇ بەك مېھماندوست كىشىكەنتۇق، شۇنداق قىزغىن قارشى ئاپتۇدە،ئاتايىن مۇنبەرداشلار يىغىلىپ كەپتۇ دەپ، ھەم ئۇلارنى مېھمان قىلىپ قورساقنى تويغۇزغاندىن كېيىن، ئۇدۇل تاۋۇز-قوغۇن تېرىيدىغان ئېتىزىغىلا باشلاپ، تارتىنىپ قالمىسۇن دەپ ئۆيىگە كىرىپ كېتىپتۇ، كەڭساي ئەپەندى، گېنېراللارمۇ بىردەم ئارام ئالايلى، مۇنبەردە بەك چارچاپ كەتتۇق  دەپ ئۇخلاپ قاپتۇ.
كەچ تەرەپتە تارانچىنىڭ دادىسى چىقىپ قارىسا، مۇنبەردىكىلەر تاۋۇز-قوغۇننىڭ يەيدىغىنىنى -يەپ، يەپ بولالمىغانلىرىنى بۇزۇپ- چېقىپ، دەسسەپ دېگەندەك ھەممىسىنى كاردىن چىقارغانىكەن، ئۇ ئاكىمىزنىڭ ئاچچىقى كېلىپ كەڭساي ئەپەندىنى ئويغۇتۇپ كەپتۇ ھەم بۇزۇلغان تاۋۇز-قوغۇنلارنى تۆلەپ بېرىشنى، بىريىللىق كىرىمىنىڭ مۇشۇ تاۋۇز-قوغۇندىن كېلىدىغىنىنى ئېيتىپتۇ، كەڭساي ئەپەندىمۇ ناھايىتى خىجىل بولۇپ، بىللە كەلگەنلەرنىڭ تۆلەيدىغىنىنى ئېيتىپ ، ئىككى كۈندىن كېيىن پۇلنى ئەكىلىپ بېرىمىز دەپ كېتىپتۇ.
كەڭساي ئەپەندى ساياھەتكە ئېلىپ بارغان مۇنبەرداشلارنى ئىشخانىسىغىلا ئەكەپتۇ ۋە گېنېرالدىن ئۇلاردىن بۇزغان نەرسىلەرنىڭ پۇلىنى ئېلىشنى سوراپتۇ، گېنېرالمۇ گېنېرالدەك گېنېرالدە،كېلىپلا:
- تاۋۇز يېگەنلەر بۇ تەرەپتە، قوغۇن يېگەنلەر بۇ تەرەپتە تۇرۇڭلار، دېسە، سامانيولى قاتارلىق بىر نەچچىسى تاۋۇز يېگەن تەرەپكە، كۆۋرۈك،شابان قاتارلىق بىرنەچچىسى قوغۇن يېگەن تەرەپكە ئۆتۈۋاپتۇ، ئوغلان ئوتتۇرىدا جىملا تۇرغان، گېنېرال بۇ ھېچنىمىنى بۇزمىغان چېغى، ئۆزىمۇ ياۋاش بالىتى دەپ يېنىغا كېلىشىگىلا ئوغلان تىترىگەن ھالدا:
- گېنېرال، شاپاق غاجىلىغانلار قايسى تەرەپتە تۇرىمىز ؟ــ دېگۈدەك.....


چاقچاق جۇما، ئاڭلىۋالغان يۇمۇرلىرىمغا ئانچە-مۇنچە قوشۇپ قويدۇم...غۇلجىلىق دوستلار چاقچاق كۆتۈرىسىلەرغۇ ھە؟ ھى ھى ھى...
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
گېنېرال ئىملانى تۈزەتتى.
ئۇيغۇر تىل-يېزىقىمىزنى ھۆرمەت قىلايلى!
[ بۇ يازمىنىgeneral 2011-06-12 17:03قايتا تەھرىرلىدى ]
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 805
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە805دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 10100 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-01-12
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 14:08

يۇمۇرنىڭ پوۋېستىكەنغۇ بۇ!
ئامانشانىڭ رېمونتخانىسىغا تارانچى ئۆزىنىڭ تېلېۋىزورىنى رېمونت قىلدۇرغىلى كەپتۇ.ئامانشا قارىسا بۇ 20يىلدىن ئارتۇق ئىشلىتىلگەن تېلېۋىزوركەن.تارانچى:
ــ بۇنىڭدىكى چاتاققا بىر دىئاگنوز قويۇپ بېرىڭە.
ئامانشا:
ــ مەن پەقەت جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتى يېزىپ بېرەلەيمەن..
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
يېڭى ئەسكەرلەر گازارمىسىدا مەشىق باشلاندى.
گېنېرال: سەن سۇ ئۈزۈشنى بىلەمسەن؟
كۆۋرۈك: بىلمەيمەن،بىراق مەن توققۇز خىل تىلدا<قۇتقۇزۇڭلار>دەپ ۋارقىرىيالايمەن.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
تەھرىر بۆلۈمى سامانيولىنىڭ خېتىنى تاپشۇرىۋاپتۇ.خەتتە مۇنداق يېزىلغان ئىكەن:
<<سىلەر گېزىتىڭلارغا <خەسىسنىڭ ھېكايىسى>نى داۋاملىق بېسىۋەرسەڭلار،مەن مۇشتىرى بولمايمەن،ماۋۇ خوشنام ھەمزە ھەر كۈنى مەندىن گېزىت ئارىيەت ئېلىپ ئىچىمنى پۇشۇرىۋەتتى...>>
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 805
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە805دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 10100 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-01-12
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 14:39

بىر قېتىملىق مانىۋېردا گېنېرالنىڭ ماشىنىسى پاتقاققا پېتىپ قاپتۇ،ئۇ سەل نېرىدىكى چۆپلۈكتە ياتقان كۆرۈنمەس،تاھىر قاتارلىق يېڭى ئەسكەرلەرنى ماشىنىنى ئىتتىرىشكە چاقىرىپتۇ.بىراق ئۇلار<<بىز ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئەسكەرلەر>>دەپ قوپماي يېتىپتۇ.گېنېرالنىڭ ئاچچىقى كېلىپ،كانۋېيى تارانچىغا:
ـــ ئاۋۇ جەسەتلەرنى ئەكىلىپ چاقنىڭ تېگىگە بېسىڭلار! ـــ دەپتىكەن،بۇنى ئاڭلاپ كۆرۈنمەس،تاھىرلار لېككىدە ئورنىدىن قوپۇپ،ماشىنىنى ئىتتىرىپتۇ...
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 805
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە805دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 10100 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-01-12
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 14:45

سامانيولى خەنزۇتىلىدا بەكلا ناچاركەن.مۇئەللىم ئۇنىڭ خەنزۇچە يېزىقچىلىق تاپشۇرۇق دەپتىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرىۋېتىپ تۇرۇپلا قاپتۇ.
سامانيولى تاپشۇرۇقنىڭ بېشىنى:
سامانيولى : 你 会 说 维 语 吗
كۆرۈنمەس: 会 说
دەپ باشلاپ،ئاخىرىنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە يازغان ئىكەن.
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 805
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە805دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 10100 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-01-12
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 16:41

era13 غا چاخچاق

ئىمتىھانغا ئىككى-ئۈچ كۈن قالغاندا مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا ئىمتىھان مەيدانىدا ھىسابلاش ماشىنىسىنى ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ.ئىمتىھان باشلانغان كۈنى ھەممەيلەن جىمجىت ئولتۇرۇپ جاۋاب يېزىۋاتسا،ئارقا رەتتە ئولتۇرغان
era13 توساتتىن توۋلاپ ساپتۇ:
ـــ ۋاي خۇدايىم،مەن ھىسابلىغۇچنى ئەكەلدىم دەپ،تىزگىنەكنى ئېلىۋاپتىمەنغۇ؟!
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 805
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە805دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 10100 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-01-12
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 20:05

كۆۋرۈك،سامانيولى،ئامانشاھ ئۈچى قىمار ئويناپ نەق مەيداندا تۇتۇلۇپ قاپتۇ.گېنېرال كۆۋرۈكتىن سوراپتۇ:
ــ قىمار ئوينىغىنىڭغا ئىقرارمۇ؟
_ـ ياقەي،ئىللا-بىللا قىمار ئوينىمىدىم،_ دەپتۇ كۆۋرۈك.گېنېرال سامانيولىدىن سوراپتۇ:
ــ سەنچۇ؟
ــ ھۆرمەتلىك گېنېرال جانابلىرى،مەنمۇ قىمار ئوينىمىدىم،ــ دەپتۇ سامانيولى.گېنېرال ئامانشاھقا قاراپ كەسكىن سوراپتۇ:
ــ ئەمىسە سەن قىمارئوينىغان ئوخشىمامسەن؟
ئامانشاھ ھەيرانلىق بىلەن يەلكىسىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ جاۋاب بېرىپتۇ:
ــ گېنېرال جانابلىرى،مەن كىم بىلەن قىمار ئوينايتتىم؟
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 805
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە805دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 10100 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-01-12
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 21:21

  تاھىر: گېزىتىمىزگە مۇشتەرى بولامسىز؟
كۆرۈنمەس: ياق،مەن ھەركۈنى تۆۋەن دوقمۇشتىكى بوتكىدىن سېتىۋالىمەن.
تاھىر: مۇشتەرى بولسىڭىز ئۆيىڭىزگىلا يەتكۈزۈپ بېرىمىز،قولايلىق ئەمەسمۇ.
كۆرۈنمەس: مەن ھەركۈنى ماڭغاچ چېنىقىش ئۈچۈن ئۇ دوقمۇشقا بارىمەن.
تاھىر: ئەمىسە گېزىتىمىزگە مۇشتەرى بولسىڭىز،گېزىتنى ھەر كۈنى ئاشۇ بوتكىغىلا يەتكۈزۈپ بېرەيلى...
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 805
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە805دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 10100 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-01-12
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 22:15

مانا چاخچاق-يۇمۇر

 
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 33قەۋەتتىكى تاھىر نىڭ 2011-06-12 21:56 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كۆۋرۈك قەشقەردىن قايتىش ۋاقتىدا بادام دوپپىدىن بىرنى ئېلىپ كىتەي دەپ ھېيىتكانىڭ يىندىكى دوپپا ساتىدىغان يەرگە كەپتۇ ، بىر دۇككانغا كىرىپ دوپپا كۆرۈپتۇ ، قارىسا تامدىكى قوزۇققا  ئېسىقلىق بىر بادام دوپپا كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنۈپ ئېلىپ كىيىپ بېقىپتۇ ، قاراي دىسە ئەينەك يوق .
شۇنىڭ بىلەن دۇككاندارغا قاراپ :_ئاكا ما دوپپا ياراشتىما ؟ دەپتۇ.
دۇككاندار :_ ھاجېججججمممم  ، تامدىكى قوزۇققا ياراشقان دوپپا ئۆزلىرگە ياراشماسما . دەپتۇ

ما گەپ جايىدا بوپتا! كۆۋرۈك ھاجىم دوپپا كەيمىسە بېشىنىڭ قاپاقتىن پەرقى يوق ئەينا.
چېچى ئۆسۈپ كەتسە بېشىنىڭ ئالدى-كەينىنى تاپقىلى بولمايدىغان ھاجىم

___________________________________
ئامانشاھ قەشقەر كوزىچىدىكى ئۆرۈۋەتكەن ئۆيلەر خارابىلىكىدە رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقچى بوپتۇ ۋە سامانيولىغا رەسىمگە ماشىنام چۈشۈپ قالمىسۇن دەپ ئەسكەرتىپتۇ،سامانيولى سەۋەبىنى سورىسا ئامانشاھ:
__ بۇ رەسىمنى دادام-ئاناملار كۆرسە ئۇ ئۆيلەرنى مېنى سوقۇۋەتكەن چېغى دەپ قالىدۇ...
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 805
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە805دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 10100 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-01-12
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 22:43

تاھىر بەي چەتئەلگە چىقماقچى بولۇپ پاسپورت بېجىرگىلى كەپتۇ.مۇلازىمەت پۇكىيىدىكى خادىم كۆۋرۈك ئۇنىڭغا:
ــ ئاۋال ئوڭ قولىڭىزنى كۆتۈرۈپ قەسەم بېرىڭ:مەن دۆلىتىمىز قانۇنىنى ھىمايە قىلىمەن،بارلىق ئەكسىيەتچىلەرگە قارشى تۇرىمەن،مەيلى ئۇلار دۆلەت ئىچى ياكى سىرتىدا بولسۇن...
گەپ تۈگىمەي تۇرۇپ،تاھىر بەي قورقۇمسىراپ سوراپتۇ:
ــ  نېمە؟ پەقەت ئۆزۈمگىلا تايىنىپما؟...
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 805
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە805دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 10100 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-01-12
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-05 13:40

سورۇندا بىر قازاق شېئىر ئوقۇپتۇ:
  سالەم ساغان ئالتايىم،
ۇرپاغىڭ سېنى ساغىندى.
جوغالىپ كەتكەن بىر تايىڭ،
تارلانداپ بارىپ تابىلدى.
بۇنى ھېچكىم چۈشەنمەپتىكەن،كۆۋرۈك ھاجىم دەرھال تەرجىمە قىپتۇ:
سالام ساڭا قەشقىرىم،
ئوغلۇڭ سېنى سېغىندى.
يوقاپ كەتكەن تەخىيىڭ،
ئېشەك بولۇپ تېپىلدى.
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general