باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 6405 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: شاپاق غاجىغانلار...
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1305
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1305دانە
ئۆسۈش: 1650 %
مۇنبەر پۇلى: 14393 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-01-12
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 10:27

شاپاق غاجىغانلار...

كەڭساي ئەپەندىنىڭ شۇنداق بىر  ئارزۇسى باركەن، مۇشۇ كەڭساي مۇنبىرىدىكى ئەزالارنىڭ ھەممىسىنى بىر جەم قىلىپ ساياھەت قىلغاچ ، غۇلجىنىڭ ئىچىنى بىر ئايلىنىپ چىقسام دەيدىغان، ياز كەلدى ئەمەسمۇ ، ھەممە يەر ئىسسىق، بىلسەم -بىلمسەم ئىلى دەريا بويلىرى قىزىپ كەتتى مۇشۇ تاپتا...... لېكىن بۇ ئىشلارمۇ ئاسانغا چۈشمەيدۇ، نېمىشقا دېمەمسىز؟ دېمىسەممۇ ھەممىمىز بىلىمىز، مۇنبەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا غۇلجىدىن بولۇشى ناتايىن،خىزمەت، تىجارەت دېگەندەك تۇرمۇش ئىشلىرى سەۋەبلىك مۇنبەرداشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يىغىلىپ،غۇلجىغا بىرلا ۋاقىتتا بېرىشىمىز.
كەڭساي ئەپەندىمۇ ئۇيان- بۇيان ئويلىمايلا گېنېرالغا دەپتۇ:
-مۇشۇ غۇلجىدىكى مۇنبەرداشلارنى بولسىمۇ بىر يىغىپ ئايلىنىپ كەلسەك ، دەپچۇ. بۇ گەپ گېنېرالغىمۇ تازا خۇشيېقىپ، مۇنبەردىكى غۇلجىلىق بالىلاردىن بىرمۇنچىنى چاقىرىپ كېلىپ، تارانچىغا دېگەنىكەن، تارانچى ئۆيىگە تەكلىپ قىپتۇ، تارانچىنىڭ ئۆيى سەھرادا بولۇپ قوغۇن - تاۋۇزلا تېرىيدىكەن. شۇنداق قىلىپ بىركۈنى ئەتىگىنى ھەممىسى يىغىلىشىپ تارانچىنىڭ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ.تارانچىنىڭ دادىسىمۇ بەك مېھماندوست كىشىكەنتۇق، شۇنداق قىزغىن قارشى ئاپتۇدە،ئاتايىن مۇنبەرداشلار يىغىلىپ كەپتۇ دەپ، ھەم ئۇلارنى مېھمان قىلىپ قورساقنى تويغۇزغاندىن كېيىن، ئۇدۇل تاۋۇز-قوغۇن تېرىيدىغان ئېتىزىغىلا باشلاپ، تارتىنىپ قالمىسۇن دەپ ئۆيىگە كىرىپ كېتىپتۇ، كەڭساي ئەپەندى، گېنېراللارمۇ بىردەم ئارام ئالايلى، مۇنبەردە بەك چارچاپ كەتتۇق  دەپ ئۇخلاپ قاپتۇ.
كەچ تەرەپتە تارانچىنىڭ دادىسى چىقىپ قارىسا، مۇنبەردىكىلەر تاۋۇز-قوغۇننىڭ يەيدىغىنىنى -يەپ، يەپ بولالمىغانلىرىنى بۇزۇپ- چېقىپ، دەسسەپ دېگەندەك ھەممىسىنى كاردىن چىقارغانىكەن، ئۇ ئاكىمىزنىڭ ئاچچىقى كېلىپ كەڭساي ئەپەندىنى ئويغۇتۇپ كەپتۇ ھەم بۇزۇلغان تاۋۇز-قوغۇنلارنى تۆلەپ بېرىشنى، بىريىللىق كىرىمىنىڭ مۇشۇ تاۋۇز-قوغۇندىن كېلىدىغىنىنى ئېيتىپتۇ، كەڭساي ئەپەندىمۇ ناھايىتى خىجىل بولۇپ، بىللە كەلگەنلەرنىڭ تۆلەيدىغىنىنى ئېيتىپ ، ئىككى كۈندىن كېيىن پۇلنى ئەكىلىپ بېرىمىز دەپ كېتىپتۇ.
كەڭساي ئەپەندى ساياھەتكە ئېلىپ بارغان مۇنبەرداشلارنى ئىشخانىسىغىلا ئەكەپتۇ ۋە گېنېرالدىن ئۇلاردىن بۇزغان نەرسىلەرنىڭ پۇلىنى ئېلىشنى سوراپتۇ، گېنېرالمۇ گېنېرالدەك گېنېرالدە،كېلىپلا:
- تاۋۇز يېگەنلەر بۇ تەرەپتە، قوغۇن يېگەنلەر بۇ تەرەپتە تۇرۇڭلار، دېسە، سامانيولى قاتارلىق بىر نەچچىسى تاۋۇز يېگەن تەرەپكە، كۆۋرۈك،شابان قاتارلىق بىرنەچچىسى قوغۇن يېگەن تەرەپكە ئۆتۈۋاپتۇ، ئوغلان ئوتتۇرىدا جىملا تۇرغان، گېنېرال بۇ ھېچنىمىنى بۇزمىغان چېغى، ئۆزىمۇ ياۋاش بالىتى دەپ يېنىغا كېلىشىگىلا ئوغلان تىترىگەن ھالدا:
- گېنېرال، شاپاق غاجىلىغانلار قايسى تەرەپتە تۇرىمىز ؟ــ دېگۈدەك.....


چاقچاق جۇما، ئاڭلىۋالغان يۇمۇرلىرىمغا ئانچە-مۇنچە قوشۇپ قويدۇم...غۇلجىلىق دوستلار چاقچاق كۆتۈرىسىلەرغۇ ھە؟ ھى ھى ھى...
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
گېنېرال ئىملانى تۈزەتتى.
ئۇيغۇر تىل-يېزىقىمىزنى ھۆرمەت قىلايلى!
[ بۇ يازمىنىgeneral 2011-06-12 17:03قايتا تەھرىرلىدى ]
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1305
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1305دانە
ئۆسۈش: 1650 %
مۇنبەر پۇلى: 14393 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-01-12
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 15:39

11-قەۋەت (general) نىڭ يازمىسىغا

ما يۇمۇر بەك قىززىقكەنغۇ ؟ ئاڭلىمىغانلا يۇمۇركەن
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1305
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1305دانە
ئۆسۈش: 1650 %
مۇنبەر پۇلى: 14393 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-01-12
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 16:04

گىنرالنىڭ ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقتى ئىكەن، بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا، تارانچى، كۆۋرۈك، سامانيولى قاتارلىق ئۈچ ساراڭ قىچىپ كىتىپتۇ. گىنرال بۇنى ئاڭلاپلا ئۇلارنى قوغلاپ كەينىدىن كەلسە، بىردەرەخنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغان، گىنرال نىمىلا دىمىسۇن ئۇلار چۈشكىلى ئۇنىماپتۇ، گىنرال بىر ئەقىل ئىشلىتەي دەپ، چۈشەمسەن چۈشمەمسەن، چۈشمىسەڭ ئاتىمەن دىگەندىكىن، يەنىلا ئۇنىماپتۇ، گىنرال سامانيولىغا قولىنى مانداقلا قىلىپ تاپانچىدەكلا،پاڭ! دىسە ، سامانيولى، ئا!..دەپلا يەرگە چۈشۈپ كىتىپتىكەن ،گىنرال بىلەن كەلگەن دوختۇرلار سامانيولىنى تۇتىۋاپتۇ، تارانچىنىمۇ شۇنداق چۈشۈرۈپتۇ، كۆۋرۈككە كەلگەندە بولسا، گىنرال چۈشەمسەن چۈشمەمسەن، بولمىسا ئاتىمەن دىسە، كۆۋرۈك دەرھاللا قولىنى شۇنداقلا چىقىرىپ، تاپانچىنىڭ شەكىلدە، بىشىغا تەڭلەپلا، سەن گۇيلارنىڭ قولىدا ئۆلگۈچە پاڭ! دىگىنچە ئۆزىنى يەرگە ئىتىپتۇ.
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1305
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1305دانە
ئۆسۈش: 1650 %
مۇنبەر پۇلى: 14393 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-01-12
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 18:28

21-قەۋەت (aysajan) نىڭ يازمىسىغا

مەن قەشقەر قاغلىقتىن لىكىن ، چاقچاق بىز ھەممىمىزنىڭ...
سامانيولى، تارانچى،كۆۋرۈك،  گىنراللارنىڭ ئانچە بەك تونۇپ كەتمىسەممۇ ، كۆپىنچە مۇنبەرلەردە چاقچاق ئارقىلىق ئۇچراتقاچقا بىر چاقچاقلاشقۇم كەلدى، كۆڭلۈڭلاغا ئالمىغايسىلە؟
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1305
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1305دانە
ئۆسۈش: 1650 %
مۇنبەر پۇلى: 14393 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-01-12
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 23:58

44-قەۋەت (samanyoli) نىڭ يازمىسىغا

سىزنى ساقلايمىز ئەمسە..
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.