باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 8756 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: شاپاق غاجىغانلار...
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1470
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1470دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 16133 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 10:27

شاپاق غاجىغانلار...

كەڭساي ئەپەندىنىڭ شۇنداق بىر  ئارزۇسى باركەن، مۇشۇ كەڭساي مۇنبىرىدىكى ئەزالارنىڭ ھەممىسىنى بىر جەم قىلىپ ساياھەت قىلغاچ ، غۇلجىنىڭ ئىچىنى بىر ئايلىنىپ چىقسام دەيدىغان، ياز كەلدى ئەمەسمۇ ، ھەممە يەر ئىسسىق، بىلسەم -بىلمسەم ئىلى دەريا بويلىرى قىزىپ كەتتى مۇشۇ تاپتا...... لېكىن بۇ ئىشلارمۇ ئاسانغا چۈشمەيدۇ، نېمىشقا دېمەمسىز؟ دېمىسەممۇ ھەممىمىز بىلىمىز، مۇنبەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا غۇلجىدىن بولۇشى ناتايىن،خىزمەت، تىجارەت دېگەندەك تۇرمۇش ئىشلىرى سەۋەبلىك مۇنبەرداشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يىغىلىپ،غۇلجىغا بىرلا ۋاقىتتا بېرىشىمىز.
كەڭساي ئەپەندىمۇ ئۇيان- بۇيان ئويلىمايلا گېنېرالغا دەپتۇ:
-مۇشۇ غۇلجىدىكى مۇنبەرداشلارنى بولسىمۇ بىر يىغىپ ئايلىنىپ كەلسەك ، دەپچۇ. بۇ گەپ گېنېرالغىمۇ تازا خۇشيېقىپ، مۇنبەردىكى غۇلجىلىق بالىلاردىن بىرمۇنچىنى چاقىرىپ كېلىپ، تارانچىغا دېگەنىكەن، تارانچى ئۆيىگە تەكلىپ قىپتۇ، تارانچىنىڭ ئۆيى سەھرادا بولۇپ قوغۇن - تاۋۇزلا تېرىيدىكەن. شۇنداق قىلىپ بىركۈنى ئەتىگىنى ھەممىسى يىغىلىشىپ تارانچىنىڭ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ.تارانچىنىڭ دادىسىمۇ بەك مېھماندوست كىشىكەنتۇق، شۇنداق قىزغىن قارشى ئاپتۇدە،ئاتايىن مۇنبەرداشلار يىغىلىپ كەپتۇ دەپ، ھەم ئۇلارنى مېھمان قىلىپ قورساقنى تويغۇزغاندىن كېيىن، ئۇدۇل تاۋۇز-قوغۇن تېرىيدىغان ئېتىزىغىلا باشلاپ، تارتىنىپ قالمىسۇن دەپ ئۆيىگە كىرىپ كېتىپتۇ، كەڭساي ئەپەندى، گېنېراللارمۇ بىردەم ئارام ئالايلى، مۇنبەردە بەك چارچاپ كەتتۇق  دەپ ئۇخلاپ قاپتۇ.
كەچ تەرەپتە تارانچىنىڭ دادىسى چىقىپ قارىسا، مۇنبەردىكىلەر تاۋۇز-قوغۇننىڭ يەيدىغىنىنى -يەپ، يەپ بولالمىغانلىرىنى بۇزۇپ- چېقىپ، دەسسەپ دېگەندەك ھەممىسىنى كاردىن چىقارغانىكەن، ئۇ ئاكىمىزنىڭ ئاچچىقى كېلىپ كەڭساي ئەپەندىنى ئويغۇتۇپ كەپتۇ ھەم بۇزۇلغان تاۋۇز-قوغۇنلارنى تۆلەپ بېرىشنى، بىريىللىق كىرىمىنىڭ مۇشۇ تاۋۇز-قوغۇندىن كېلىدىغىنىنى ئېيتىپتۇ، كەڭساي ئەپەندىمۇ ناھايىتى خىجىل بولۇپ، بىللە كەلگەنلەرنىڭ تۆلەيدىغىنىنى ئېيتىپ ، ئىككى كۈندىن كېيىن پۇلنى ئەكىلىپ بېرىمىز دەپ كېتىپتۇ.
كەڭساي ئەپەندى ساياھەتكە ئېلىپ بارغان مۇنبەرداشلارنى ئىشخانىسىغىلا ئەكەپتۇ ۋە گېنېرالدىن ئۇلاردىن بۇزغان نەرسىلەرنىڭ پۇلىنى ئېلىشنى سوراپتۇ، گېنېرالمۇ گېنېرالدەك گېنېرالدە،كېلىپلا:
- تاۋۇز يېگەنلەر بۇ تەرەپتە، قوغۇن يېگەنلەر بۇ تەرەپتە تۇرۇڭلار، دېسە، سامانيولى قاتارلىق بىر نەچچىسى تاۋۇز يېگەن تەرەپكە، كۆۋرۈك،شابان قاتارلىق بىرنەچچىسى قوغۇن يېگەن تەرەپكە ئۆتۈۋاپتۇ، ئوغلان ئوتتۇرىدا جىملا تۇرغان، گېنېرال بۇ ھېچنىمىنى بۇزمىغان چېغى، ئۆزىمۇ ياۋاش بالىتى دەپ يېنىغا كېلىشىگىلا ئوغلان تىترىگەن ھالدا:
- گېنېرال، شاپاق غاجىلىغانلار قايسى تەرەپتە تۇرىمىز ؟ــ دېگۈدەك.....


چاقچاق جۇما، ئاڭلىۋالغان يۇمۇرلىرىمغا ئانچە-مۇنچە قوشۇپ قويدۇم...غۇلجىلىق دوستلار چاقچاق كۆتۈرىسىلەرغۇ ھە؟ ھى ھى ھى...
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
گېنېرال ئىملانى تۈزەتتى.
ئۇيغۇر تىل-يېزىقىمىزنى ھۆرمەت قىلايلى!
[ بۇ يازمىنىgeneral 2011-06-12 17:03قايتا تەھرىرلىدى ]
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
كۈلىۋەر دۈشمەنلىرىم!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 836
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە836دانە
ئۆسۈش: 1400 %
مۇنبەر پۇلى: 9463 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-03-28
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 16:15

تارانچى ئېنىمىز بىكارچىلقتا زىرىكىپ قىلىپ بىرەر ئىش تىپىپ قىلاي شەھەرگە كىرىپ گېنىرال  ئاچقان تورلى ماللار دوكىنغا شاگىرىت ھېساۋىدا ئىشلەمچىككە كىرىپتۇ ، تارانچى ئىنىمىزمۇ ئايىقى چاققان بالىدە شۇنداق قاتتق يامغۇرياققان بىركۇنى سامان يولى  ئۆستى - بشى چىلىق -چىلىق ھۆل دۇكانغا كىرىپ دەپتۇدە : ھەي ئۇكام ، ما دۇكاندا كونلۇك بارما ؟
تارانچىمۇ راستىچلىل بالا بولغاچقا كونلۇك سىتىلپ تۇگەپ كەتكىنىنى بىلگەچكە دەرۇ تۇگەپ كەتكەن دەپ ساپتۇ، شۇ ئەسنادا يىندا ھىساپ كىتاپ ئولتاغان گىنىرال ئاچقىقلاپ سەكرەپ كىتىپتۇ .
تارانچىنىڭ قۇلقىدىن سۇزۇپ تامغا ئۆستۇرگىنىچە دەپتۇدە : ھەي !نىمانداق كاللاڭ ئىشلىمەيدىغان  نىمەسەن ، قاراپ تۇرۇپ بىر خېردارنى قىسقىسى ئۇن كوينى قاچۇرۋەتتىڭ ، بىلەمسە سەن ، يامغۇرداقالغان ئادەمگە كونلۇڭ بولمىسا ياغغۇلۇق بار دەپ يامغۇرلۇق بولسىمۇ ساتمامسەن دەپ خىلى كايىپ سودا قىلىشنىڭ ئىپى -جىپىنى ئۇگۇتۇپ قويۇپتۇ،
تارانچى قىزىپ - ئىچىشىپ كەتكەن قۇلىقىنى سىلاپ ئۇلتۇرۋاتسا چىرايلىق قىزدىن بىرسى كىرىپتۇ:
ھەي ئۇكام ، تازلىق قەغىزى باما؟ بىچارە تارانچى تەجىرىبە - ساۋاقنى رەسمىي يەكۇنلەپ مۇنداق دەپتۇدە:
ئاچا ، تازلىق قەغىزى تۇگەپ كەتكەن ، لىكىن قۇم قەغىزىمۇ بۇلامدا!!!
سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.