بىر دانىشمەن شۇنداق دەپتۇ
ئى پەرزەنىتلىرىم ، ئېسىڭلاردا بولسۇنكى 5 نەرسىدىن ۋاپا كۈتمەڭلار !
‹1› بۇلۇتنىڭ سايىسى ،ئۇ قاراپ بولغۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ .
‹2› غەرەزلىك دوست ، ئۇ ھامان ساڭا ئەسقاتمايدۇ .
‹3› يالغاندىن تەرىپلەش ، ئۇمۇ ئىز بېسىپ تۇرالمايدۇ .
‹4› چىرايلىقلارنىڭ جامالى ، ئۇ ئاخىرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ .
‹5› بۇ دۇنيانىڭ مېلى ، ئۇمۇ ئاقىۋەت ئىگىسىگە ۋاپا قىلمايدۇ .
دانىشمەن يەنە شۇنداق دەپتۇ ؛
دۇنيادا 7 نەرسە 7 نەرسىگە باغلىق بولىدۇ ؛
‹1› خوتۇننىڭ ئىززىتى ئەر بىلەن .
‹2› بالىنىڭ ئىززىتى ئاتا بىلەن .
‹3› شاگىرىتلارنىڭ ئىززىتى ئۇستازى بىلەن .
‹4› لەشكەرلەرنىڭ قۇۋۋىتى سەردار بىلەن .
‹5› پۇقرالارنىڭ خاتىرجەملىكى پادىشاھ بىلەن .
‹6› پادىشاھنىڭ ئىززىتى ئادىللىق بىلەن .
‹7› ئادىللىقنىڭ روناق تېپىشى ئەقىل ۋە ھوشيارلىق بىلەن باغلىق