رەسىم:
1 ئېلېكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانا
تۇرسۇنجان ئابدۇۋەلى ئەسەبىي
ۋېۋىسكاڭ بار بەكمۇ چىرايلىق،
ھەر كىشىنىڭ زوقى كەلگۈدەك.
ئىشتىھايىڭ ئاجايىپ ياخشى،
مىليۇن پۇلنى يالماپ يۇتقۇدەك.
مىغىلدايدۇ ئىچىڭدە ئادەم،
نىجاسەتكە قونغاندەك چىۋىن.
كىرەر چاغدا كۈلۈپ كىرگەنلەر،
چىقار چاغدا كۈلەلمەس لېكىن.
ھەممە ئادەم چېكەر تاماكا،
چىرمىۋالغاچ قەلبىنى ھەسرەت.
لەيلەيدۇ ئىس لەرزان رەۋىشتە،
ئۆي ئىچىنى باسقاندا غەپلەت.
ئاڭلىنىدۇ تەرەپ- تەرەپتىن،
" شاڭ فىر"(1) دېگەن ۋەيرانە ئاۋاز.
جىم تۇرماستىن پۇللار يانچۇقتا،
دوزاخ تامان قىلىدۇ پەرۋاز.
يەتتە باشلىق يالماۋۇز بولۇپ،
پۇل يۇتىدۇ ئويۇنچۇقلىرىڭ.
كېچىدىمۇ ئىشىكىڭ ئوچۇق،
ئۆكسۈپ قالماس خېرىدارلىرىڭ.
بىر مىنۇتلۇق بولماس يۈز يۈەن،
(يۈز يۈەن ئەمەس نەچچە مىڭ يۈەن)
نۇرغۇن ئادەم ئۆچرەتتە تۇرۇپ،
شاتلىقىغا پىچىدۇ كېپەن.
قۇرۇغدىلىپ چىقار ھەممىسى،
كىرمەسلىككە قەسەم قىلىشىپ.
پۇل تاپسىلا كىرىدۇ يەنە،
قالغاندەكلا خۇددى ئىلىشىپ.
ئازدۇرىسەن كىمنى كۆرسەڭلا،
پاھىشىدەك ساختا نازلىنىپ.
ئالدانغانلار بەك كۆپتۈر ساڭا،
كۈلەر ئىدۇق كەتسەڭ تاقىلىپ.
...................................................
2 قىمار ئويناپ ئۆتتى تالاي كۈنلىرىم.
تۇرسۇنجان ئابدۇۋەلى ئەسەبىي
قىمار ئويناپ ئۆتتى تالاي كۈنلىرىم.
تاڭلارغىمۇ ئۇلاندى گاھ تۈنلىرىم.
چاپاق بىسىپ، خۇنۈكلەشتى كۆزلىرىم،
ئېيىتسام- ئېيىتسام تۈگىمەيدۇ سۆزلىرىم.
تولا سۆزلەپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
" دەتتىكام" دەپ ئىتىپ ھوشۇق، دىڭ-دىڭنى،
دوغا تىكتىم يانچۇقتىكى "زىڭ-زىڭنى"
جەزىخوردىن(2) ئىلىپ ئىككى -ئۈچ مىڭنى،
يالتايمىدىم "سولا" دېسە سىڭلىڭنى،
سولاپ بىرىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
يېڭىلىقنى سۆيگەچ ئۆزۈم ئالامەت،
ئويۇنچۇققا(3) ئۆتىۋالدىم سالامەت،
يوقال ئەمدى ھوشۇق دېگەن كاساپەت!
ئاكاڭ ساڭا قارىمايدۇ تائابەت.
ئويۇنچۇققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئاساسىم بار يېڭىلىققا كۆچۈشكە،
" خوش ھوشۇق" دەپ ئويۇنچۇققا ئۆتۈشكە،
نۆۋەت كەلدى شىكايەت، گەپ تۆكۈشكە،
ھوشۇق دېگەن بۇ ئەبگارنى سۆكۈشكە.
شىكايەت قىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ھوشۇق ئۈچۈن ئېسىل ياتاق ئالاتتىم،
يەنە تېخى ئىشىكنى چىڭ تاقايتتىم،
ساقچىلاردىن ئەنسىرەپلا ياشايتتىم،
تۇتىۋالسا پەيچۇسۇدا ياتاتتىم،
ئاغرىنىپلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئويۇنچۇقنى ئاپ-ئاشكارە ئوينايمەن،
خالىي جايغا مۆكۈپ مالال بولمايمەن،
نېمىشقىكىن شۈنچە ئويناپ تويمايمەن،
يانچۇقۇمدا بەش كوي پۇلمۇ قويمايمەن،
پۇلسىزلىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئويۇنچۇقنى ئوينىماسقا چارى يوق،
تىككەن پۇلنىڭ ھېسابى يوق، سانى يوق،
شۇنداقتىمۇ ساقچىلارنىڭ كارى يوق،
خوجايىننىڭ (4) خۇشلۇقى بار، زارى يوق،
ئويناشقىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئۇتقان كۈنۈم پادىشاھتەك ياشايمەن،
تومۇچۇقتەك "قىز" باللارنى قاسايمەن،
دىسكۇخانا، ساڭنالاردىن قالمايمەن،
خوتۇن-بالا، ئۆيگە يىقىن بارمايمەن،
پادىشاھتەك كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ياڭچىڭ، خۇڭخې، خۇڭ شەنلەرنى(5) چەكمەيمەن،
سىگارت بىلەن شۆلىيەنۋاڭدىن(6) كەچمەيمەن،
قاۋاقخانا، رېستۇراندىن كەتمەيمەن،
ئۆي ئېشىغا زېنھار ئېغىز تەگمەيمەن،
چوڭچىلىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئۇتتۇرغاندا ياڭچىڭىمنى شورايمەن،
ئۇتقانلارغا كۈچۈكلىنىپ ئوينايمەن،
چوتا (7) ئۈچۈن خۇشامەت قىپ تويمايمەن،
ئون كوي بەرسە خۇشاللقتىن سويلايمەن،
چوتا يىغىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
چوتا ئالغان پۇلنى دوغا تىكىمەن،
ئاچ بولساممۇ تامىقىمدىن كېچىمەن،
شۇنداق قىلسام مۇرادىمغا يېتىمەن،
مەن ئاشۇنداق بەك ئۈمىدۋار كىشىمەن،
ئۈمىدۋارراق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
قورساق ئېچىپ بېشىم پىر-پىر قايغاندا،
لەۋ چىشلەيمەن ھەسرەت بىلەن، ئارماندا،
"تاماق" دەيمەن تەستە ئۆيگە بارغاندا،
يوقىلىمەن قورساق راسا تويغاندا،
ئاچلىققىمۇ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئەل- ئاغىنە، بۇرادەرنى ئالدايمەن،
(يالغان گەپنىڭ نوچىسىنى تاللايمەن)
قەرز سوراپ، پۇل ئالمىسام يانمايمەن،
سۈيلەپ قالسا قايتۇرمايمەن، تانمايمەن،
يۈزى قىلىن كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
دېدىم، نەچچە كۆز ئالايتىپ ئاتامغا،
پۇل بەرمەمسەن ئۆزۈڭ تاپقان بالاڭغا،
كۆزۈم چۈشتى ئېغىلدىكى كالاڭغا،
بەرمەي قويساڭ ئېسىلىمەن ياقاڭغا،
داۋلىچىراق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئانامغىمۇ گەپ قىلىمەن بوش كەلمەي،
قۇتۇلىمەن دېمە مەندىن پۇل بەرمەي،
پۇل يوق دېسەڭ قانداقلارچە ئىشىنەي؟
ساندۇقۇڭنى ئاختۇرغىنا ئېرىنمەي!
ئەقىللىقراق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
پۇرسەت كەلسە ياۋاشلارنى باپلايمەن،
يامانلارنىڭ ئېغىزىنى مايلايمەن،
كېچىلىرى مەسىت-پەسلەرنى جايلايمەن،
قۇرۇق يانسام ئىشنى قايتا باشلايمەن،
باپلاپ، جايلاپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئوينىمىغىن دېمە ماڭا ياخشىسى،
ئاتالغۇم يوق ئويۇنچۇقنىڭ پاخشىسى،
مەڭگۈ ئويناش غوجىكاڭنىڭ ناخشىسى،
(چۇۋۇلمىسۇن كۆزلىرىڭنىڭ پاختىسى)
پاخشى بولماي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئوقۇتقۇچى، كادىرلارمۇ ئوينايدۇ،
ئوقۇغۇچى سويمىلارمۇ ئوينايدۇ،
قىز-ئاياللار، چوكانلارمۇ ئوينايدۇ،
دېھقان، كاسىپ-ھۈنەرۋەنمۇ ئوينايدۇ،
مەنمۇ ئويناپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئاياللارمۇ ئويناۋاتسا بوشاشماي،
سەتلەشكۈم يوق ئۇلارچىلىك بولالماي،
ئاۋارىدۇر ئامەت مېنى تاپالماي،
ئەيىبىم يوق قالغۇدەكمۇ ياپالماي،
بەسلىشىپراق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭ خالايىق،
سىز دېگەندەك ئەمەس ،پىقىر موناپىق،
ئويۇنچۇق ئۇ ئەتىۋارلىق، بازارلىق،
جانانىم يوق ئويۇنچۇقتىن چىرايلىق،
جانانىمغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.
ئىزا ھاتلار: (1) نۇمۇر چىقىرىش، نۇمۇر ئاچقۇزۇش دېگەن مەنىدە. (2) قىمارۋازلارغا يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بېرىدىغان كىشى. (3) ئاتالمىش " ئېلېكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانا" لاردىكى ئېلېكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقلارنى كۆرسىتىدۇ. (4) ئېلېكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانىلارنىڭ خوجايىنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. (5) تاماكىنىڭ ماركىسى، بۇ تاماكىلار ئەرزانراق بولۇپ كۆپ ساندىكى كىشىلەر مۇشۇ خىل تاماكىلارنى چېكىدۇ. (6) بۇمۇ تاماكىنىڭ ماركىسى بولۇپ، باھاسى قىممەترەك، ئۇنى پۇلى كۆپ بايلار چېكىدۇ. (7) قىمارۋازلار ئۇتىۋالغاندا يېنىدىكى كىشىلەرگە ئايرىپ بېرىدىغان ئازغىنا پۇل.