باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1226 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يالغان قەسەم بىلەن مال -سېىتىش
دوستلىشىش
تەقۋادار
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7811
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 120 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2011-07-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-11 14:20

يالغان قەسەم بىلەن مال -سېىتىش

                                               جىمى ھەمدۇسانە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اللاھ قا خاستۇر
ھا زىر جەميىتىمىز تەرەققى قىلىپ پۇل -مال ئادەمنى ئىسكەنجىگە ئېلىېپ ئادەمنىڭ ھېچ ھالىنى قۇيمايۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتلاردا پۇلغا شۇنداق تەشنا يۇرەكلەر باركى ئۇ يۈرەكلەر پەقەت پۇلنىلا تۇنۇيدىغان پۇلنىلا دوسىت تۇتىدىغان پۇلنىلا تۇققان تۇتىدىغان،ھەتتاكى ئاشۇ مەينەت نجس نەرسە بەزىلەنىڭ كاللىسىدا ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا -ئانىسىدىنمۇ چوڭ كۆرۇلدىغان بوپ كەتتى.
پۇلنىمۇ تاپىلى ئىنساپ بىلەن،توغرايول بىلەن ،ھالال ئەمگكىمىز بىلەن تاپايلى. تاپقان مال-دۇنيارىمىز ھەرگىزمۇ بىزنى تەكەببۇر قىلىۋەتمىسۇن ،بەلكى تاپقانسىرى كەمتەرلىشىپ ،مۇلايىملىشىپ ،باشقىلارغا تېخمۇ كۆيۈنىدىغان قىلىۋەتسۇن ،ئاندىن سىز ھەقىقى كامىل مۇمىن بۇلغان بۇلىسىز .ھېچقانداق بىر مۇمىن مال -دۇنياسى بىلەن ھاكاۋۇر بۇلمايدۇ. ئاللاھ نىڭ بەرگەن مېلىغا شۈكۈر قىلغۇچى باي مۇمىن بۇلايلى .تاپقان پۇلىمىز بىزنى ھەرگىزمۇخاتا يولغا باشلاپ قويۇشنىڭ تۈرۇتكىسى قىلىپ قويمىسۇن.
ھازىر جەميىتىمىز دە اللاھ نامى بىلەن يالغان قەسەم قىلىپ مېلىنى داڭلاپ ساتىدىغان تىجارەتچىلار مۇ مەيدانغا چىققىلى تۇردى.
[قەدىمىڭلار (ئىسلام دىنىدا) ئىزچىل بولغاندىن كېيىن تېيلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن قەسىمىڭلارنى ئۆز ئاراڭلاردا ئالدامچىلىقنىڭ ۋاستىسى قىلۋالماڭلار (كىشلەرنى) اﷲنىڭ يولىدىن تۇسقانلىقىڭلار (يەنى ئەھدىگە ۋاپا قىىلشتىن يۈز ئۆرىگەنلىكىڭلار) ئۈچۈن ئازابنى تېتىيسىلەر (سىلەر ئاخىرەتتە دەۋزەختە) چوڭ ئازابقا قالىسىلەر.سۈرە نەھل 94 ئايەت]
سىلەر اﷲنىڭ ئەھدىنى ئەرزىمەس نەرسىگە سېتىۋەتمەڭلار سىلەر ئەگەر بىلسەڭلار اﷲنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب سىلەر ئۈچۈن (پانى دۇنيانىڭ نەرسىلىرىدىن) ئارتۇقتۇر.  سۈرە نەھل 95-ئايەت                (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ اﷲنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەستۇر. سەۋر قىلغۇچىلارغا ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشاراق ساۋاب بېرىمىز. سۈرە  نەھل 96-ئايەت][ياخشىلىق قىلماسلىققا تەقۋادار بولماسلىققا ۋە كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرمەسلىككە قەسەم قىلىش شەكلى بىلەن (ئۇلارنى قىلىشقا) اﷲنى توسالغۇ قىلماڭلار (يەنى اﷲ بىلەن قەسەم قىلىشنى ياخشى ئىشلارنى قىلماسلىقنىڭ سەۋەپى قىلماڭلار) اﷲ (سۆزلىرىڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر  سۈرە بەقەرە 224-ئايەت]
ھازىر شۇنداق ئادەملەر باركى ئۇلار اللاھ نامىدىن قەسەمنى ئىچىپ مىلىنى ساختىلىق بىلەن بازار غا سالىدىغان ماھىيەتتە باشقىلارنى ئالدىدىم دىگەن بىلەن تۇيماستىنلا ئۆزىنى ئالدايدۇ.مىسال    ھازىر بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ مېلىنى ئۆزىمىز ساتىمىز، گاھىدا ئۇ مالغا باشقا بىر قېرىندىشىمىز يار دەملىشىپ ،ئۈچىنچى شەخس بولغان خېرىدارغا سېتىشىپ بېرىدۇ،بىز رازى بولغان قىسمىنى ئۆزىگە ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنى بىزگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.ئەمدى ئاشۇ قېرىندىشىمىزغا مالنىڭ باھاسىنى دىسەك چوقۇم توغرا دەيلى ،كىچىككىنە پايدىنى دەپ يالغان سۆزلىمەيلى،  بەزىلەر باركى ئەسلى ئىز باھاسىنى قەستەن يوشۇرۇپ ،اللاھ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ يالغان سۆزلەيدىغان ،ئەسلى 100000يۈزمىڭلىق نەرسىنى قېرىندىشى مەن بىرسىگە ساتاي پايدىنى ئېككىمىز كىيىن دىشەيلى دىسە،ماقۇل  دەپ قەستەن مال باھاسىنى ئۆستۈرۈپ قوشىۋېلىپ 150000بىريۈز ئەللىك مىڭ يۈەن ئىدى دەپ ،[ساتماي تۇرۇپ ئۆزى 50000يۈەن پايدا ئېلىپ بولىدىغان گەپ ]
ئەبۇھۈرەيرە رەزىيۇللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم دەيدۇ ؛يالغان قەسەم مالنىڭ بازىرىنى چىقىرىدۇ ،بەركىتىنى كەتكۈزىدۇ.[بۇنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان]
يالغاننى سۆزلەش بىلەن ھوشىنى تاپماي ،تېخى اللاھ نامىدا قەسەم قىلىپ بېردىغان ،كىيىن قېرىندىشى ئۇ مالنى 150000بىريۈز ئەللىك مىڭ يۈەندىن ئاشۇرالماي قايتىپ كەلسە ،خىجىل بۇلماي اللاھ تىن تەپ تارتماي بۇرادەر بۇ مال ئەسلى 100000مىڭلىق ئېدى ساتقان بولساڭلار 50000مىڭ يۇەن پايدا بار ئىدى ئەمەسمۇدەپ قوقماي سۆزلەيدىغانلارمۇ بار ئەتراپىمىزدا. مەيلى مالباھاسىنى توغرا دەيلى مەيلى قوشۇپ دەيلى اللاھ قا ئاشكارىدۇر ،يەنە ناماز ئوقۇپ تۇرۇپ ،روزا تۇتۇپ تۇرۇپ،زاكات بېرىپ تۇرۇپ ،ئاشۇنداق سودىنى قىلساق دەپ باقايلى ئاشۇئوقۇغان ناماز،تۇتقان روزا ،بەرگەن زاكات پايدا قىپتىمۇ ئۆزىمىزگە، ئەلۋەتتە پايدا قىلمىغان،بولمىسا قوقماي اللاھ نامىدا يالغان قەسەم قىلمايتۇق، بۇ دىگەن سىناق دۇنيا اللاھ ھەرۋاقىت بىزنىڭ تەقۋالىقىمىزنى سىناپ تۇرىدۇ.چوقۇم سىناقتىن مۆمىنلىك ھالىتىمىزدە ئۆتەيلى ،كاپىر ھالىتىدە ئەمەس.
ئەبۇھۈرەيرە رەزىيۇللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىندۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن؛ئۈچتۈرلۈك ئادەم بار ،اللاھ تائالاقىيامەت كۈنى ئۇلار بىلەن گەپلەشمەيدۇ،ئۇلار-بىركىمگە بىرنەرسە بەرسىلا مىننەت قىلىدىغان ئادەم؛مېلىنى يالغان قەسەم بىلەن بازارغا سالىدىغان ئادەم؛[تەكەببۇرلۇقتىن ] پۇچىقىنى سۆرەپ ماڭىدىغان ئادەم.
شۇنىڭ ئۈچۈن كەلسە -كەلمەس قەسەم ئىچىۋەرمەي،پۇلنى بەك دوست تۇتۇپ قېلىپ  ،قېرىندىشىمىزنى ،ئاتا -ئانىمىزنى قولۇم -قوشنىلارنى ،چوڭ -كىچىكلەرنى ھۈرمەت قىلمايدىغان ئىشنى قىلمايلى    اللاھ نىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنايلى
سىناق گاھىدا سودىدا ،گاھىدا مالدۇنيادا ،گاھىدا بالا-چاقىدا،بەزىدە ئاتا-ئانىدا ......بولىدۇ مەيلى قايسىنىڭدا بۇلسۇن چوقۇم كاللىمىزنى ئوچۇق تۇتۇپ شەيتاننىڭ بىزلەرنى .ئازدۇرۇپ كېتىشىدىن ساقلىنايلى .
ھازىر مۇشۇنى كۆرۋاتقانلار قايسىڭلار قوي سويالايسىلە؟  بەلكىم قاسساپلار،ياكى ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرى،ياكى دادىلىرىدىن قوي سويۇشنى ئۈگەنگەنلەر دەرھال مەن دەپ جاۋاب بېرەلەيدۇ.باشقىلارچۇ ياق ،ئۇقمايمىز دىگەن جاۋابنى بېرىدۇ.
شۇنىڭغا ئوخشاش بىزمۇ ئىسلامى بىلىملەر ئىمام،ئاخۇنۇم،قارى ،موللاملارنىڭلا ئىشى دەپ ئىسلامى بىلىملەر كەمچىل بۇپ قالسا خۇددى قوينى سۇيالمىغانغا ئوخشاش شەيتاننىڭ ھېيلە -مىكىرلىنى سويالمايدىغان بولۇپ قالمايلى ، بۇلمىسا ھالال نى توغرا پىچاق ئۇرالماي ھارام قىلىپ قويدىغان گەپ.
اللاھ ھىممىمىزنى يالغان قەسەم قىلىشتىن ساقلىغىن،ھەممىمىزنى ھالال-ۋە ھارامنى دەرھال ئايرىپ ھۆكۇم قىلىدىغان قىلىپ قويغىن  ئامىن ئامىن ئامىن ئامىن  

ئىنسان ئۈچۈن ھايات قالغان ھەر بىر كۈنىدە اللاھ نىڭ سىنىقى  بار.
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1455
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1455دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 15983 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-03-26

دىققەت قىلىۋالساق بولغۇدەك
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2851
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 511
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە511دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 5377 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2012-03-15
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-12 11:18

ھەي مۇشۇ سۇدىدا يالغان گەپ قىلمايىھەن دسىمۇ ئارلشىپ قالىدىكەن ئەمەسمۇ؟
batur123456789
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 265
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 37
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە37دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 411 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-12
ئاخىرقى: 2011-09-17
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-18 19:15

ياخشې ئكەن.   
                              
باتۇر          123456789