باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2466 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 2/2     Go
تېما: بىر تور مەستانىسىنىڭ يۈرەك سۆزلىرى
ھېچكىم بىلمەس ھالىمنى ،كىمگە ئېيتاي زارىمنى ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 29
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 1417
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1417دانە
ئۆسۈش: 1700 %
مۇنبەر پۇلى: 12326 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-29
ئاخىرقى: 2012-03-30
10-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-07-25 18:07

ئىشلىتىش
引用第9楼esma0999于2010-07-25 09:49发表的 :
   ھۆرمەتلىك تۇرغۇنجان(بەخت ئىسلام) ئىنكاسىڭىزغا جاۋاپ يىزىشنى لايىق تاپتىم. بەك كايىپ كەتسەم ئىغىر ئالمىغايسىز.  سابىق ئېرىم ئىلياس قارى بىر كۈنى ماڭا <ئاقسۇدا ئۇچتۇرپانلىق ئادەملەرنى نورمال ئادەم دىمەيمىز.>دىگەنتى. يۇقارقى ئىنكاسىڭىز بۇ گەپنىڭ راسلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرامدۇ نىمە؟     سىزگە تولىمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ. سىز ئەمدى 21ياشقا كىرىپسىز.بۇ دەل سىزنىڭ ئىشقى مۇھەببەتنىڭ مىغىزىنى چاقىدىغان ۋاقتىڭىز ئىدى. دوستىڭىزنىڭ ئارقا -ئارقىدىن  2ئايالىنى 3تالاق قىلغانلىقىدەك مۇھەببەت پاجىئەسىگە  شائىت بولغۇدەك ۋاقتىڭىز ئەمەس ئىدى. . ئىلياس قارى ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى بۇ يەردە يىيىپ يۇرمىسىڭزمۇ بولاتتى. ئىلياس ئىككىمىزنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى يازسا شۇنداق ياخشى مۇھەببەت ھىكايىسى بولىدۇ.بۇ ھىكايىدە نۇرغۇن شىرىن ئەسلىمىلەر بار. ئىلياس شىرىن مۇھەببەتنىڭ قەنتىنى چاققان چاغدا سىز بىلەن ئورتاقلاشمىغان بولغىيتى؟ئىلياس ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى سىز خاتا چۈشۈنۈپ قاپسىز.       بۇلتۇر تور تاقالغاندىن كىيىن ،ئۇچۇر كوزنىكىدە كىچىك باللارنىڭ تايىنى يوق يازمىلىرىنى ئوقۇپ يۇرۇپ، تۇيۇقسىز ئىسلام تىمىسىدا يىزىلغان  يازمىلارغا كۆزۇم چۈشۈپ قالدى. ئىسلام شەمشىرى (ئىلياس) گە ئۇچۇر كۆزنىكىدە قىلغان بىر ئىغىز چاقچىقىمدىن خىجىل بولۇپ ، دىن ئۈگۈنۈش قارارىغا كەلدىم. ئىلياس ماڭا 40ياشقا كىرگەن بىر  بۇرادىرىنى تاپاي  دەپتىكەن. شۇنداق كۇلگۇم كىلىپ <ئۇچۇر كۆزنىكىدە  تىلپون نۇمۇرىڭىزنى بەك ئاشكارلاۋىتىپسىز ، ئۆزىڭىز نەچچە ياش، مۇھەممەت ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىدىن 15ياش چوڭ خەدىچەنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك ئىش بولسىسۇن >دەپتىكەنمەن. ھەممىسى بۇ چاقچىقىمنى  ئىشىپ كەتتى دەپ ئەيىپلەپ كەتتى. ئەسلى پەيغەمبىرىمىزنى مۇنداق ئاتىسا گۇناھ بولىدىكەن. دىنى ساۋادىمنىڭ تۈۋەنلىكىدىن خىجىل بولۇپ شۇ كۈندىن باشلاپ ، ئىسلام شەمشىرى ، ھىدايەت 0999لارنى ئۇستاز تۇتۇپ دىن ئۈگەندىم. ئىلياس يىراقتا بولغاچقا ھىدايەت 0999غا كۆپرەك تىلپون ئۇردۇم. ئىلياسنى شۇنداق ھورمەت قىلاتتىم. ئۇنىڭ ھەر بىر ئىش ھەركىتىنى ، سوزلىرىنى ئۆزەمگە ئۈلگە قىلىشنى خالايتىم. ئۇنىڭ ئىشەنچىلىك دوستى بولۇشقا تىرىشاتتىم. ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشنى تىلەيتىم. مەن  ۋە ئۇنىڭ دوستلۇق، قىرىنداشلىق چىگراسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كىتىشتىن قاتتىق ئىھتىيات قىلاتتىم.چۈنكى مەن مۇھەببەت ، نىكاھتا مەغلۇپ بولغان ئايال. ئۆز بەختىمنى تاپالمايدىغان كوچىغا قايتا قەدەم باسماسلىققا ، بەختىمنى ئىسلام يولىدىن  ئىزدەشكە بەل باغلىغان ئىدىم. ھەقىقى مۇسۇلمان قىرىنداشلارنىڭ بىر- بىرىگە بولغان  مۇئامىلىسى  مىنى بەك تەسىرلەندۈرگەن ئىدى. ھايات يولۇمدا بىر تال گوھەر تىپىۋالغاندەك خوشال بولغان ، كىيىنكى ئۆمرۈمنى مەنمۇ ئاللا يولىدا ياخشى ئىشلارغا ئاتايمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم.  كىيىن ئىلياسنىڭ ئاپىسى بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم. ئاپىسى مىنى بەك ياخشى كۆرۈپ قىلىپ كۆرۇشۇمەن دەپ  تۇرۋالدى. مەن چوڭ ئايالنى ئاۋارە قىلماي   دەپ ئالدىغا بىرىپ كورۇشتۇم.مەن ئىلياستىن 10ياش چوڭ. ياش پەرقىمىزنىڭ ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇستەھكەم قورغان بولۇپ قالالمىغانلىقىغا ھەيرەنمەن. شۇنداق بىر دەقىقە ،شۇنداق بىر مىنۇتتا تەغدىر بىزگە بىر ئىغىر چاقچاق قىلدى. ھەر ئىككىلىمىز ئويلىمىغان يەردىن مۇھەببەت قاينىمىغا كىرىپ قالدۇق. ئىلياس بۇنى ھازىر ئىتىراپ قىلمىسا كىرەك. مۇھەببەتنىڭ سىھرى كۇچى بىزنى ھەممىدىن ۋاز كىچىشكە بۇيرۇدى. ئۇمۇ مىنى 10ياش چوڭ دىمەي نىكاھىغا ئالدى. مەنمۇ ئۇنىڭ ئۇچۇن مىننەتسىز  بەدەل تۆلەشكە تىرىشتىم. لىكىن بىر ئادەمنىڭ ماھىيىتى ئۇنىڭ ساڭا ئاشكارە قىلغان تەرەپلىرىدە ئەمەس ، بەلكى ئاشكارە قىلمىغان تەرىپىدە دىگەندەك ، بىر ئۆيگە  كىرگەندىن   كىيىن ھەر ئىككىلىمىزنىڭ بەزى ناچار ئىللەتلىرى بايقالدى.......................................................................................   سىز مىنى ئىرىغا سادىق بولمىدى. ئابايى كىيمىدى. ياغلىق ئاتمىدى دەپسىز. مەن بىر ھوكۇمەت خادىمى. بىر بالام بار. ھالال ئىشلەپ ئۇنى باقمىسام بولمايدۇ.جاھاندا گىپى بىلەن ئەمىلىيىتى بىردەك ئەمەس ئادەملەر  جىق. ئۆز بالىسىنى باقماي تاشلىۋەتكەن ئادەملەر خەقنىڭ بالىسىنى باقامدۇ؟ مەن ئەزەلدىن مۇستەقىل ياشاش ئىرادەم كۇچلۇك ئايال. باشقىلار ئالدىدا خار بولۇشنى نۇمۇس دەپ بىلىمەن.    ھىجاپلىنىش بىر مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئادا قىلىدىغان مەجبۇريىتى ئىكەنلىگىنى بىلگەن كۈنۈمدىن باشلاپ ، ھىجاپ مەندىن قانچىلىك يىراقتا؟ دىگەن سوئالنى ئۆز ئۆزەمگە قۇيۇپ  كىلۋاتىمەن.بۇ ئارلىقنىڭ تىزراق كىچىكلىشىنى تۆت كۇزۇم بىلەن كۈتۋاتىمەن.  ئوچۇق گەپنى قىلسام ھۇكۇمەت بىلەن قارشىلىلاشقاننىڭ پايدىسى يوق. بۇ جەھەتتە قايسىمىزنىڭ خاتا ئۇنى بىر ئاللا بىلىدۇ. لىكىن قۇرۇق دەۋەت قىلغاندىن بىرەر ئەمىلى ئىش قىلغان ھەممىدىن ئەۋزەل.  ئىلياسنىڭ   غۇلجىدا ئۆز كەسپىدە ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار  ئىدى. بۇ يىل تور ئىچىلغاندىن كىيىن سىزنى توردا قايتا ئۇچراتقان كۈندىن تارتىپ ئۇ ئوزگىرىپ كەتتى. سىز ئاللا يولىدا ئىسلامنى دەۋەت قىلىمىز دەپ كىچە كۇندۇز توردا ئۇنى ئازدۇردىڭىز.  ئۇنىڭ سالامەتلىگى  ئەزەلدىن ناچار بولغاچقا بۇنى كۆتىرەلمەي قالدى. مەن كۆپ نەسىھەت قىلساممۇ ئاڭلىمىدى. ئاخىرى يۇرتىغا بىرىپ ئايلىنىپ كەلسە ياخشى بولۇپ قالار دەپ يولغا سىلىپ قويدۇم. ئۇ غۇلجىدىكى تىجارەت ئىشلىرىنى بىراقلا تاشلاپ كەتكەچكە مەن تىلفۇن قىلىپ قايىتپ كىلىڭ دىگىنىم رست.ھازىر سىز ئارزۇ قىلغاندەك   پۇتۇنلەي بىرتەرەپ بولدۇق. ئۇ نۇرغۇن سوئاللارنى  جاۋاپسىز قالدۇرۇپ، ئۇنىڭغا تىكىلگەن ئۈمۈتلۈك  كۆزلەرنى ئۈمۈتسىز قالدۇرۇپ ، پىشىنى قىقىپ كىتىپ قالدى.  مەن بىرمۇھەببەت نەپرىتى ئىنىق ئايال. باشقىلارنى سۇيۇشنى ھەم نەپرەتلىنىشنى ئوبدان بىلىمەن. كىيىنكى ئىشلار مۇھەببەت نەپرەتكە ئايلانغاندا تەبىئى يۈز بىرىدىغان ئىشلار خالاس.مىنىڭچە مۇھەببەت تۇرمۇشنىڭ ھەممىسى ئەمەس پەقەت بىر قىسمى . مۇھەببەتتە ئىرىشىشمۇ ، مەھرۇم  قىلىشمۇ بولۇپ تۇرۇدۇ.  ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئوچ- ئاداۋەتلەر ئۇنتۇلۇپ ، قىرىنداشلىق مىھرى قالغاندا كىم كىمگە زىيانكەشلىك قىلدى دەپ ھەركىم ئۆز گۇناھىنى تۇنۇيدۇ.     مىنىڭچە ھازىرقى شارائىتتا ئىلياس ساغلاملىق تورىغا قارىغاندا سالامەتلىككە بەك ئىھتىياجلىق ئىدى.  بۇندىن كىيىنكى كۇنلىرىدە سىزدەك بىر نادان ئادەم بىلەن دوست بولۇپ ،يەنە قانداق پىشكەللىككە ئۇچرار دەپ ئەنسىرەپلا تۇرۇمەن. ئەگەر سىز ھەقىىقى دوستى بولسىڭىز ئۇنى تۇيۇق يولدىن تۇسۇشىڭىز  كىرەك ئىدى. ھىچ بولمىغاندا  ئۇنى تورغا چىقىشتىن چەكلەپ كومپىيۇتۇر رادىئاكسىيەسى بىلەن ئۇچراشمايدىغان  مۇھىتتا بىر مەزگىل تۇرۇپ كىلىشىگە كۆندۈرۈشىڭىز كىرەك ئىدى. ھەي بولدىلا سىزگە سەمىمى نەسىھىتىم بۇندىن كىيىن خەقنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا بەك ئارلىشىپ كەتمەڭ .شەخسى سىرلىرىنى توردىن ئىبارەت ئاممىۋى  ئۇچۇر سورۇنىدا ئاشكارلاپ يۈرمەڭ، بۇ قانۇنغا خىلاپ. ئەگەر مىنىڭ سىزدەك بىكار ۋاقتىم جىق بولغان بولسا، يۇقارقى يازمىڭىزنى كوپەيتىپ ئىلىپ ئاقسۇغا  بىرىپ ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك سوتقا <شەخسى سىر ساقلاش ھوقۇقۇمغا دەخلى - تەرۇزقىلدى. ماڭا  10مىڭ يۈەن روھى تۆلەم بەرسۇن >دەپ ئەرز قىلسام ئاقاتتى.  سۇنلىباسى بولمىسا ، بۇخەيپاسى ئادەم ئولتۇرىدۇ دىگەن گەپ بارغۇ؟ مەن سىزدەك بىر ئادەم بىلەن تەڭ بولماي. سىزمۇ چوڭ بولغاندا چۇشۇنۇپ قالاسىز. خوش دوستلار شەھرىزاتنىڭ ھىكايىسى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت. ماڭا قايتا ئىنكاس يىزىپ تەسەللى بەرمەڭلار. مەن باشقىلارنىڭ ھىسداشلىق قىلغىنىنى ئۆزى بىلەن تەڭ كۆرمىگىنى دەپ قارايمەن. 

ۋاي خۇدايىم ،كەڭسايدا مۇنداق شىرىن مۇھەببەتلىك كەچۈرمۈشكە ئىگە ئەزالارمۇ باركەندە ؟؟
يەنىمۇ تەپسىلىراق سۆزلەپ بەرسىڭزچۇ ؟ سىز ئۆزىڭزندىن 10 ياش كىچىك بىر بالا بىلەن
توي قىلغانما ؟؟؟؟ھېلىقى ئۆپكە يۈرەك ،جىگە بۆرەك لىرى كاردىن كاردىىن چىققان يولدىشىڭز مۇشۇ ئىلياس دىگەن بالىما ؟؟؟؟نىمە دىگەن قورقۇنۇچلىۇق ؟؟؟
يۇقارقى بايانلىرىڭزنى بىر كىنو قىلىپ ئىشلىسە خۇددى چالىقۇشى فىلىمىدەك
تۇرۈك دۇنياسىنى زىللىگە سالغۇدەك ......