باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1126 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەڭ ئېغىر ئېلىمىنىت قايسى؟
ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى،بىغەملىك ھايۋاننىڭ&a ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7385
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 107
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە107دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 1275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-14
ئاخىرقى: 2011-06-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-09 08:46

ئەڭ ئېغىر ئېلىمىنىت قايسى؟

 
ئېلىمىنىتلار جەدۋىلىدىكى ئەڭ ئېغىر ئېلىمىنىت

114-نۇمۇرلۇق ئېلىمىنىت(ئاتۇم ئېغىرلىقى289) بىلەن 116-نۇمۇرلۇق ئېلىمىنىت(292ئاتۇم ئېغىرلىقى)رەسمى ھالدا ئېلىمىنىتلار دەۋرى جەدۋىلىگە قوشۇلۇپ ھازىرقى ئەڭ ئېغىرئېلىمىنىتلاردىن بولۇپ قالدى.بۇ ئىككى ئېلىمىنىتنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش ۋاقتى بىرسېكونتقىمۇ يەتمەيدۇ،لېكىن بۇ ئېلىمىنىتلار تەتقىقاتچىلارنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ۋە مەۋجۇدبولۇپ تۇرۇش ۋاقتى نەچچچە ئون يىل ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولۇشى مۆلچەرلەنگەن ئېلىمىنلارنى سىنتىزلاپ چىقىشى ئۈچۈن ئاساس ھازىرلاپ بەردى.بۇ ئېلىمىنىتلارقوشۇلغىلى بىر قانچە يىل بولغان بولسىمۇ، خەلىقئارا ساپلىق ۋە قوللىنىشچان خېمىيەبىرلەشمىسى ۋە خەلىقئارا ساپلىق ۋە قوللىنىشچان فىزىكا بىرلەشمىسى ئالىملاركومىتىتىدىكى بىر گورۇپپا ئالىملارنىڭ ئۈچ يىللىق قايتا كۆزىتىشىدىن كېيىن چارشەنبە كۈنى(2011-يىلى6-ئاينىڭ1-كۈنى) رەسمىي ھالدا قارارلاشتۇرۇلدى.
بىر قانچە تەتقىقات گۇرۇپپىسى1999-يىلىدىن باشلاپلا 114-نۇمۇرلۇق ئېلىمىنىتنى سىنتىزلەپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان.لېكىن ئالىملار كومىتىتى 2004-يىلى ۋە 2006-يىلى ئېلان قىلغان ئىككى تەجرىبىنى ئىشەنچىلىك ھېسابلىدى.116-نۇمۇرلۇق ئېلىمىنىت تەتقىقاتىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا بىرتەرەپ قىلىندى.
تەتقىقاتچىلار بۇ يېڭى ئېلىمىنىتلارنى بىرلەشمەيادرو ئىشخانىسىدا ئېلىكتورون سوقۇشتۇرغۇچ بىلەن يېنىك ئېلىمىنىتلارنى سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق سىنتىزلەپ چىققان.116-نۇمۇرلۇق ئېلىمىنىت 96-نۇمۇرلۇق رادىئاكتىپ ئېلىمىنىت كيۇرىي بىلەن 20-نۇمۇرلۇق ئېلىمىنىت كالتىسىينى پارتلىتىش ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان. 116-نۇمۇرلۇق ئېلىمىنىت پەقەت بىر قانچە مىللى سېكىنۇتلا(1سېكىنۇت=1000مىللى سېكىنۇت)مەۋجۇدبولۇپ تۇرىدىكەن،ئاندىن 2نىترون ۋە ئىككى پروتون بار ئالفا زەررەت بىلەن114-نۇمۇرلۇق ئېلىمىنىت يادرۇسىغا پارچىلىنىدىكەن.114-نۇمۇرلۇق ئېلىمىنىت  20-نۇمۇرلۇق ئېلىمىنىت كالتىسىينى 94-نۇمۇرلۇق ئېلىمىنىت پلۇتونىيدا كۆيدۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن ياسالغان. 114-نۇمۇرلۇق ئېلىمىنىت يېرىم سېكونت ئەتراپىدا مەۋجۇد بولۇپ ،2009-يىلى ئېلىمىنىتلار جەدۋىلىگە رەسمىي قوشۇلغان 112-نۇمۇرلۇق ئېلىمىنىتقا ۋە ئالفا زەررەتكە پارچىلىنىدىكەن.
ئۇنداقتا 114-نۇمۇرلۇق ئېلىمىنت بىلەن 116-نۇمۇرلۇق ئېلىمىنىتنىڭ زادى قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟بۇ تەرىپى تېخى بىزگە نامەلۇم،چۈنكى ئۇلارنىڭ سىنتىزلەپ چىقىلغان مىقدارى بەكلا ئاز،شۇنداقلائۆمرى بەكلا قىسقا.ئۆمرىنىڭ قىسقىلىقى سەۋەبلىك ئالىملار ھەتتا ئۇنىڭ خېمىۋىي رىئاكسىيە مىخانىزىمىنىمۇ ئاڭقىرالمىغان.
ھازىرغىچە بۇ ئېلىمىنىتلارغارەسمىي تۈردە نام قويۇلمىغان بولۇپ،كومىتىت ئۇلارنىڭ رەت نۇمۇرى بويىچەئۇنۇنچۇادىي ۋەئۇنۇنھەكسىي دەپ ئاتاپ تۇرغان.
كومىتىت 113-،115-،118-نۇمۇرلۇق ئېلىمىنىتلارنىمۇ رەسمىي تۈردە جەدۋەلگە قوشۇشنى ئويلاشقان بولسىمۇ،لېكىن بۇ ئېلىمىنىتلارقايتاكۆزىتىشكە بېرىلگەن دوكلاتتىكى تەجرىبە پاكىتلىرىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدەبولمىغانلىقى سەۋەبلىك قوشۇلمىغان. گەرچە 114-،116-نۇمۇرلۇق ئېلىمىنىتلارنىڭ ئۆمرى زىيادە دەرىجىدە قىسقا بولسىمۇ،لېكىن يادرو نەزەرىيەچىلىرى "دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر بىر بۈلۈك ئېلىمىنىتلار نەچچە ئون يىل ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆمۈركۆرەلەيدۇ" دەپ قارايدۇ.114-،116-نۇمۇرلۇق ئېلىمىنىتلار بۇ خىل يۇقىرى ئېغىرلىقتىكى ئېلىمىنىتلارنى ياساپ چىقىشتىكى بىر قەدەم،كېيىنكى قەدەمدە بۇئېلىمىنىتلاردىن پايدىلىنىپ 120-،126-نۇمۇرلۇق ئېلىمىنىتلارنىڭ ياسىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مەنبە: «يېڭى ئالىملار»ژورنىلى تورى
ئېنگىلىسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئويلان
ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.
http://muttakiyn.blogbus.com/
دوستلىشىش
taranqi217
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6350
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 603
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە603دانە
ئۆسۈش: 380 %
مۇنبەر پۇلى: 6381 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-03
ئاخىرقى: 2012-01-05

خىمىيەدىن ..................ھىشنىمىنى بىلمەيمەن ................
مەكتەپ ھاياتىمدىكى تۇنجى خىمىيە دەرىس سائەتىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانمەن ........
شۇ تەرىقىدە ئۇدا بىر مەۋسۇم خىمىيە دەرىسىگە قاتناشمەي .................
مانە...................... ھەي .............  نىمىشقىمۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىغا دىققەر قىلمايدىغاندۇ.....
چاپىنىڭنىڭ سىرىتمىسىنى ئەتمەپسەن دەپ دەرىستىن چىقىرۋەتكىنىگە.......ئىچىنىمەن....
قىززىق ئوقۇتقۇچىتى ............. تەسەرەك دەرىسلەر بولسىلا بىرەر بالىدىن  خۇسۇر تىپىپ شۇ بىر سائەتنى تەنقىتلەش تىللاش بىلەن ئۆتكۇزۋىتەتتى .......
مۇنۇ تىمىنى كۆرۇپ ..................... كۆز ئالدىمغا ھەجەپ ...كىلۋالدا ئۇ ئالۋاستى....جىن........
دوستلىشىش
مەنزىرە
ئۆلمىگەن جاندا ئۈمۈد بار......................
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7036
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 449
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە449دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 4692 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-12
ئاخىرقى: 2011-12-08
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-10 16:19

ئېلمېنتلار دەۋرى جەدىۋىلىگە يېڭى ئېلمېنت قوشۇلۇپتۇ_ دە؟
ئوقۇغۇچىلارغا بېسىمدىن 2 سى قوشۇلۇپتۇ.

ئۇنۇنچۇادىي +ئۇنۇنھەكسىي =بېسىم
ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ.......
ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى،بىغەملىك ھايۋاننىڭ&a ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7385
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 107
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە107دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 1275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-14
ئاخىرقى: 2011-06-29
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-10 22:01

2-قەۋەتتىكى مەنزىرەنىڭ يازمىسىغا:
بۇ ئېلىمىنىتلارنىڭ خېمىۋىي خۇسۇسىيتى ئېنىقلىنىپ،ئېنىق نام بېرىلىپ،جۇڭگۇنىڭ دەرىسلىك كىتابلىرىغا كىرىپ بولغىچىلىك 10_20 يىل ئۆتەر دەپ ئويلايمەن!
ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.
http://muttakiyn.blogbus.com/